مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2076 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى باشقۇرغۇچىلار تېما يوللاشتا ھەر ۋاقىت سىزگە يول كۆرسىتىدۇ، تارتىنماڭ!

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى ئەزالار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى كەلگەن دوستلار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى كەلگەن دوستلار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • چىركىن 2 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن ماتىرىيال يوللىماقچى ئىدىم

  • شىرنە تۈنۈگۈن 20:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بىلمەسلىك ئەيىپ ئەمەس، تىرىشماسلىق ئەيىپ!

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللىغاندا تېما ھەققىدە قىسقىچە ئىزاھات بېرىپ يوللايلى!

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • ئەلەم تۈنۈگۈن 19:38 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك!

  • شاشتېكىن تۈنۈگۈن 18:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    «2-،3-،4-ۋە 5-يىللىقلارنىڭ خەنزۇتىلى دەرس تەييارلىقى»نىڭ چۈشۈرۈش ئادىرېسى يېڭلاندى.

كۆرۈش: 129|ئىنكاس: 7

ئانىڭىز ۋە ئايالىڭىز ئوتتۇرىسىدىكى سىز....

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

448

تېما

73

دوست

4 تۈمەن

جۇغلانما

ئاتامان

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
6161 سەر
تىللا
12307 دانە
تۆھپە
9296 سەر
شۆھرەت
4513 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-18 01:53:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانىڭىز ۋە ئايالىڭىز ئوتتۇرىسىدىكى سىز....

ana.jpg

ئانا-مەنىۋىي تۈۋرۈك، ئايال- ھىسسي ھەمراھ؛ ئانا- روھىي ئۇزۇق، ئايال- روھىي مەدەت؛ ئانا مەنىۋىي داھى، ئايال-سۆيگۈ سۇلتانى؛ ئانا-ئۈن تۈنسىز قۇربان بەرگۈچى، ئايال- مىننەتلىك تۆھپە قوشقۇچى؛ ئانا جاپا مۇشەققەتتىمۇ تىزىمايدىغان پەرشتە، ئايال ھىسياتنى دەسمى قىلىپ ھاردۇرىغىغان يۈك؛ ئانا جاننى سېلىپ سىزنى يۆلىگۈچى يۆلەنچۈك، ئايال سىزنى يامان ئىشلاردىن قوغدۇغۇچى؛ ئانا مۇھتاج كۈنلەردىكى مەدەت، ئايال-خۇشال، باياشات كۈندىكى ھەمراھ؛ ئانا ھاياتنىڭ راڭدارلىق بىلەن تولغان سۈيقەست ۋە ھىسيات ئالدامچىلىرى، شەيتانلىرى بىلەن تىغمۇ-تىغ ئېلىشىپ سىزنى قوغداشنى مۇقەددەس بۇرۇچ قىلغان پەرىشتە، ئايال سىزنى دۇنيانىڭ رەڭلىك سورۇن، ئىچىم–چىكىملىك، رەزىل كېسەل ۋە ئۈچىنجى شەخستىن قوغداشنى بۇرۇچ قىلغان قوغدىغۇچى؛ ئانا سىزنى غورۇرلۇق، ۋىجدانلىق، ۋاپادارلىققا يىتەكلىگۈچىدۇر، ئايال سىزنى ياخشى سۆلەت ۋە  باي-باياشات دۆلەتكە ئىنتىلدۈرگۈچىدۇر.... ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ھەم ئىنچىكە ھەم نازۇك بولۇپ، ياخشى ھەل قىلىنمىسا سىزنى خىجالەت قاسقانلىرىغا دۇملەيدۇ.... تويدىن كېيىن بۇ خىل مۇناسىۋەتنى توغرا ھەل قىلىپ، خۇشال ياشاي دىسىڭىز توۋەندىكىلەرگە ھەر ۋاقىت دىققەت قىلىڭ:


1.ئانا بىلەن ئايال ئوتتۇرىسىدىكى ياخشى كۆۋرۈك بولۇڭ. ئايالىڭىز ئەتىۋارلاپ ياخشى ياماننى، ئەدەپ ئەخلاقنى ئۈگەتمىگەن ئانا قوينىدىن سىزنىڭ مۇھاببەتلىشىپ دىگىننى قىلىپ كۆندۈرۈپ قويغىنىڭزدىن  ھايات دۇلدۇلىنى ئەركە – نايناقلىق چۆللىگىگە قويىۋەتكەن يېرىدىن كېلىپ، سىزنىڭ ئائىلىڭىزدە سىز ئۈچۈن ھەممىنى نۆلدىن باشلاپ جاپا چىكىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئەجرى ۋە تىرىشچانلىغىنى ماختاشنى ئۇنۇتماڭ،  ناتۇنۇش مۇھىتقا ماسلاشقۇچە ئاستىرىتتىن مەدەت بولۇڭ، قوغداڭ ، ئەيىۋىنى يېپىڭ، بۇ ئۇنىڭ جاپالىرى  ۋە قېيىن ئانا قىرقىغان ھارام شاخلاردىن چىققان ئاھ- پەرياتلىرىغا  تەسەللى بولسۇن، ئائىلىدىكى جاپاسىغا مەدەت بولسۇن. بىرسى بىرسىگە ئۇچراشتۇرماي ئۆز-ئارا بىر بىرىنى تەرپلىگىنىنى،  ماختىغىنىنى قارشى تەرەپكە يەتكۈزۈپ تۇرۇڭ . ھەر ئىككىسىنى يالغۇزلۇقتا غىرىپسىندۇرماڭ، بىر-بىرىگە ئۆچ بولۇپ كەتكەندە ئۆرگەرتىپ بولالمايسىز.


2. تويدىن كېيىن باشقۇرۇپ كۆندۈرىۋېلىشنى ئاساس قىلماي تەربىيە بىلەن ماسلاشتۇرۇشنى ئاساسىي ئورۇنغا قويۇڭ. ئانا بىلەن ئايال ئوتتۇرىسىدا جىدەل چىقىشتىن بۇرۇنلا سىز ئايالىڭىزغا ئانىڭىزنىڭ ئائىلىدىكى رولى ۋە بىسىپ ئۆتكەن جاپاسىنى چۈشەندۈرۈپ، ئانىڭىزنى ھۆرمەتلەش، يول قويۇش ۋە لەۋزىنى ئېلىشنى ئۈگىتىڭ. ئانىڭىزنىڭ كۆزگە سىغمىغان ئادەت ۋە خاتالىقلىرىگە نىسبەتەن ئايالىڭىزدا بىر سەۋرىچان كەڭ قوساق ھالەت بەرپا قىلىڭ. توقۇنۇش بولغاندا  ئايالىمنىڭ توغرا تۇرسا دەپ ئىسلىپ تۇرۋالماڭ. راست، سىز دىگەندەك ئايالىڭىزنىڭ توغرىدۇر، لېكىن سىز چوپ-چوڭ بىر ئادەم بىلەن كىچىك بالا ئوتتۇرىسىدا توغرا-خاتانى ئايرىيمەن دىسىڭىز بۇ تولىمۇ كۈلكىلىك ئەمەسمۇ؟ ئانىڭىز سىزنى باقىمەن دەپ كۆنۈپ قالغان تىجەشلىك ئادىتىنى ئۆزگەرتەلمەيۋاتقىنىنى ياكى سىزنى بىقىپ ياشىنىپ دىۋەڭ بولغانلىغىنى ۋە ياكى كوپ يىللىق سىزنى قوغداش ئادىتىنىڭ قان- قىنىگە سىڭىپ كەتكىنىنى ۋە ياكى سىزنى ئايالىڭىزغا تارتقۇزۇپ قويۇپ يالغۇزلۇقنىڭ غىرىپچىلىغىدىن قورقۇپ كاجلىق قىلىۋاتقانلىغىنى قورۇقماي يۇشۇرماي تۇرۇپ چۈشەندۇرۈپ، ئايالىڭىزنىڭ  ياش بولغانلىقتىن يول قويۇپ، جاۋاپ ياندۇرماي سۈكۈت قىلسىلا  ئۆتۇپ كېتىدىغىننى ئەسكەرتىڭ.


3.ئانا بىلەن ئايال ئۆتتۇرىسىدا ئاسىي، ئىككى يۈزلىمىچى ساتقىن بولماڭ. بىرسى بىرسىنىڭ سۆزىنى ئۆز ئارا ئېيتىپ قويۇپ زىددىيەت سالماڭ، مۇۋاپىق يالغان سۆزلەش ئارقىلىق كۆڭۈل ئۇتۇشنى ئۈگىنىڭ. مەسىلەن، ئايالىڭىزغا كىيىم ئېلىپ بەرمەكچى بولسىڭىز: مەن ئاددىراقنى ئىلىپ بىرەي دىگەن، ئانام ياخشىراقنى ئىلىپ بەر دىگەن دىگەندەك سۆزلەرنى ئايالىڭىزغا دەڭ. ئانىڭىزغا : ئايالىم ساڭا بەك ئامراق، سەن ئۇنى يامان دىسەڭمۇ لېكىن ئۇ سىنى يامان دەپ باقمىدى دەڭ.


4. ئايالىڭىزغا پاكىز، تەرتىپلىك، رەتلىك، دىيانەتلىك، سەمىمى تەقۋادار ئايال بولۇپ ئانىڭىزنىڭ تۇرلۈك سىناقلىرىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتكەندىلا سىزنى خاتىرجەم ھالدا ئۇنىڭغا تاپشۇردىغىنى چۈشەندۈرۈڭ. ھەممىمىزگە مەلۇمكى ئەر قېيىنئانىنىڭ كېلىنگە بەرگەن سوغىسى. ئانىڭىز سىزنى ئايالىڭىزغا تاپشۇرۇشتىن بۇرۇن ئايالىڭىزدىن ئەخلاق-پەزىلەت، ۋاپا-دىيانەت جەھەتلەردە ماڭدامدا سىناق ۋە ئىمتاھان ئالىدۇ. مەسىلەن، ئۇ بار يەرگە پۇل ۋە ئالتۇنلارنى نىشانلىق قويۇپ باقىدۇ، يۇيغان كىر ۋە قاچىسىنى تەكشۈرۈپ باقىدۇ، ئىجتىمائى مۇناسىۋەت دائىرسى ۋە يۇرۈش تۇرشىغا زەڭ سالىدۇ، سىزگە بولغان ئىززەت ھۆرمىتىنى كۈزىتىدۇ.... قاتارلىقلار. ئايالىڭىز  ئىمتاھاندىن قانچە بۇرۇن ئۆتسە شۇنچە بۇرۇن خاتىرجەم ھالدا سىزنى پەخىرلىنىپ تۇرۇپ ئايالىڭىزغا تاپشۇرۇپ تۇرمۇشىڭىزدىن چىكىنىدۇ. ئىمتاھاندىن ئۆتەلمىسە ئايالىڭىزنىڭ ئائىلىدە  ئابرويى بولمايدۇ، تاكى شۇ تەلەپكە يەتكۈچە بېسىم بىلەن تەربىيلەيدۇ، زىددىيەت قۇرىمايدۇ. بۇ سىناقنى قوبۇل قىلغۇدەك پىسخىكىلىق روھىي ھالەت يىتىلدۈرۈڭ.


5.ئايالىڭىز بىلەنلا بولۇپ كېتىپ، ئانىڭىزنى تاشلاپ قويماي، ئانىڭىزغا ھەر ۋاقىت ۋاپادارلىغىڭىزنى يەتكۈزۈڭ. ئىگىزدە تۇرۇپ يىراقنى كۆرۈڭ. گەرچە ھازىر نامرات بولسىڭىزمۇ ئانىڭىزغا ئىلتىپات كۆرسىتىشنى ئۇنۇتماڭ. چۈنكى ئانا دۇنياغا تۈۋرۈك بولمايدۇ، سىز كۆپ پۇل تىپىپ ‹‹زەم-زەم قۇيۇپ بىرەي دىسەم سەن يوق›› دەپ مىليونىر بوغاندا چېكىدىغان ئازاپ-ھەسرەتلىرىڭىزگە ھاياتتىن ئورۇن بەرمەڭ. ئايالىڭىزنىڭ ئائىلىگە قەدەم بېسىشى بىلەن سىزدە بولغان ياخشى ئۆزگىرىشلەردىن ئانىڭىز ئايالىڭىزدىن سۆيىنىدۇ.


6.ئىززىتىڭىز بىلەن غورۇرلۇق كۈلۈپ ياشاپ، ئانىڭىزغا خاتىرجەملىك ئاتا قىلىڭ. ئانىڭىز سىزنىڭ يىغلىغىنىڭىزنى ئەمەس، كۈلگىنىڭزنى كۆرسۇن، سىزنىڭ ئايالىڭىزغا ئەل بولغىنىڭزنى ئەمەس، غورۇرلۇق ھالدا قەدىرلەنگىنىڭىزنى، تۇرمۇشتا چېچىلىپ خارلانغىنىڭىزنى ئەمەس، ھۆرمەتلىنىپ ئەركەكلەرچە ياشىغىنىڭىزنى كۆرۈپ، ئايالىڭىزنىڭ ئېسىللىقىدىن سۆيۇنسۇن. بۇ ئارقىلىق ئانىڭىزغا خاتىرجەملىك، ئايالىڭىزغا بەخـت ئاتا قىلىڭ.


7.بۇرچىڭىز ۋە مەسئۇلىيىتىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ. ئانىنى بېقىش، ھالىدىن خەۋەر ئىلىش ۋە ئىغىرىنى كۆتۈرۈش بۇرچىڭىز ۋە ئايالىڭىزغا بەختلىك ئائىلە ئاتا قىلىش مەسئۇلىيىتىڭىز بارلىغىنى ئۇنتۇپ قالماڭ. ئەمىلىي ھەركىتىڭىز بىلەن ئايالىڭىزنىڭ ئائىلىگە قەدەم بېسىشى بىلەن ئائىلىنىڭ كەيپىياتىدا ئۆزگىرىش بولغىنىنى، سىزدەك شاتلىق تۇلپارىنى قامىلاپ ئانىغا بوي بەرمەي چوڭ بولغان قىران يىگىت پەرىشتە سۈپەت ياخشى ئايالغا ئىرىشىپ مۇكەممەل يىتىلگەن ئەركەك بولغىنىڭىزنى ئىسپاتلاڭ، شۇندىلا ئانىڭىز ئايالىڭىز بىلەن ئۇرۇشماقتا يوق، ئۇنى بېشىدا كۆتۈرىدۇ ئەمەسمۇ؟


8. ئايالىڭىزنىڭ ئورۇنسىز گەپ-سۆزلىرىگە سۈكۈت قىلماڭ. باشقىلارنىڭ ئاناڭغا تۇرامسەن، ماڭىمۇ دەپ يولدىشىنى قىستاۋاتقانلىغىنى ئۇچراتتىم. نەدىمۇ مۇشۇنداق تېتىقسىز سۇئال بولسۇن!!!.... بۇ خۇددى قەبىھ جىنايەتچىلەرنىڭ ئوڭ قولۇڭنى كېسەيمۇ، سول قولۇڭنىمۇ دىگىنىدىن نىمە پەرقى؟!!  ھەر ئىككىسىدىن ئوخشاشلا قان چىقمامدۇ؟ بەزىلەر تېخى ئاناڭ مەينەت، سىڭلىڭ پاسكىنا دەپ سۆزلەپ كەتكىنىنى كۆردۈم. سىز قەدىردانلىرىڭىزنى ھاقارەتلىگەن بىشەم ھازازۇللارنى بېشىڭىزدا كۆتۈرۈپ ياشىسىڭىز غورۇرىڭىز نەدە قالىدۇ؟؟؟... ئاخىرىدا سىز خار بولماي كىم خار بولىدۇ؟ بۇنى كۆرگەن ئانىڭىز سىزنىڭ تۇرمۇسىڭىزدىن خاتىرجەم بولارمۇ؟  ئايالىڭىزغا نەپرەت ياغدۇرماسمۇ؟.... ئەركەكلەرچە غورۇرلۇق ياشاڭ، ۋىجدانىڭىز يىغلىمىسۇن. يەنە توي قىلسام پۇلغا نەگە بارىمەن؟ ئوغلۇمنىڭ كۆڭلى بار مەندە نە ئامال؟ دەپ يۈرىگىدىن ھەسرەت ياشلىرىنى تۆكىۋاتقان ئانىلارنى يىغلاتماستىن غورۇرلۇق ياشاڭ. ئەركەك بولسىڭىز ئايالىڭىزنى تۈزەڭ، تۈزەلمىسىڭىز مەردانە ھالدا ۋاز كېچىشنىمۇ بىلىڭ. ئەۋلادىڭىزنىڭ ھايات شامى سىزنىڭ قولىڭىزدا ئۆچمىسۇن، ئەزەلدىنلا غالىپلارچە ياشاپ ئۆتكەن قەۋىمنىڭ غورۇرى سىزگە كەلگەندە دەپسەندە بولمىسۇن! سىز يىغلىمىغان بىلەن خارلىنىۋاتقان غورۇرىڭىز يىغلىمىسۇن!


سىز تاغدەك بۇيۈك يۈكنى ئۇستىڭىزگە ئالغان ئەركەك بولغاندىن كېيىن مىللىتىمىزنىڭ گۈزەل ئەخلاق پەزىلىتىنى ئايالىڭىزنىڭ قەلبىدە پارلىتىپ، ھەركەتتە كۆرسىتىپ، ئانىڭىزنى پەخىرلەندۈرۈپ ياشاڭ، شۇندىلا ئانىڭىز سىزنى خاتىرجەم ھالدا ئايالىڭىزغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ. شۇنداق قىلالىسىڭىزلا سىزنىڭ ئايالىم بىلەن ئانام ئارىسىدا قانداق قىلارمەن دەپ باش قاتۇرىشىڭىز ھاجەتسىز.


مەنبە: ساخاۋەتچىلەر مۇنبىرى

029.gif

باھا سۆز

گۈلنۇر پىكىرلەر بەكمۇ ئۇرۇنلۇق .  يوللىغان ۋاقتى 2013-6-18 12:56
كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

293

تېما

106

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
6765 سەر
تىللا
1727 دانە
تۆھپە
10811 سەر
شۆھرەت
5784 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-18 11:23:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېيىنئانا بىلەن كېلىن ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت ئىنتايىن  نازۇك مۇناسىۋەت بولۇپ بۇنى تېمىدا ئېيتىلغاندەك مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلمىسا بۇ ئائىلىنىڭ روناق تېپىشى ھەم ساقلاپ قېلىش مۈمكىن بولمايدۇ ھەم پۇتۇن جەمەتتىكىلەرگىمۇ تەسىر يېتىدۇ .
  « قېيىنئانا » دىگە ن سۆز بىلەن «كېلىن» دىگەن سۆزىنى تەھلىل قىلساقلا   ياد بىرسىگە ئانا بولماقنىڭ تەسلىكىنى ، ھەم  كىچىكىدىن تونۇمايدىغان ياد بىر ئائىلىگە كېلىپ قىز  ۋە ئانا بولماقنىڭ قېيىنلىقىنى  بىلىۋالغىلى بولىدۇ .  شۇڭا  قېيىنئانا بىلەن كېلىنمۇ بۇ رىئاللىققا يۈزلىنىپ ،  ئۆزىنىڭ مەسئۇليىتىنى ئېنىق بىلىشى قېيىنئانىمۇ ئۆزىنىڭ بۇرۇن كېلىن بولغانلىقىنى ، كېلىنمۇ ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدە قېيىنئانا بولىدىغانلىقىنى  ئويلىشى كېرەك . ئەگەر ئۇلار  ئوغلى ، ئېرىنى ياخشى كۆرسە ئۇنى تەڭقىسلىقتا قويماسلىقى ئىللىق ئائىلىسىنىڭ بەختى  ئۈچۈن  ئازراق سۈركىلىشلەرنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشى ھەم چۈشىنىشى كېرەك .شۇندىلا  بۇ بىر ئائىلە كىشىلىلىرى ئىناق ھەم بەختلىك ئائىلە قۇرالايدۇ .
ھەر بىر ئادەم ئويلىنىشقا ھەم ئۆزىدىكى ئىللەتلەرنى تۈگىتىشكە   ئۈلگە بولىدىغان ياخشى تېما ئېلىپ كېلىپسىز .   رەھمەت ئۇستاز .
ئادەم ئەتكەنگە تەزىم ئەت .

175

تېما

74

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
3190 سەر
تىللا
1447 دانە
تۆھپە
2070 سەر
شۆھرەت
1855 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبايقاش مەلىكىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-18 12:01:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يوللىغان تېمىڭىزنىڭ مەزمۇنى بەك ياخشىكەن، ھەر بىرىمىز ئوقۇپ تەربىيە ئېلىشقا تىگىشلىك ياخشى مەزمۇن ئىكەن.
ئەجرىڭىزگە رەھمەت...

11

تېما

7

دوست

974

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

قىزغىنلىق
192 سەر
تىللا
73 دانە
تۆھپە
179 سەر
شۆھرەت
206 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-18 12:19:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولىمۇ ياخشى تىما ئىكەن،دىمىسىمۇ بەك دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك
نىمانداق تۈگىمەيدىغان ئىمتھانلار بۇ،تەتىلدەMHK ئالىمى ...

263

تېما

45

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
2838 سەر
تىللا
1105 دانە
تۆھپە
3233 سەر
شۆھرەت
2525 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش باتۇرىجەۋھەر ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-18 14:43:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كېلىن بىلەن قېيىنئانا مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش ئوغۇل بولغۇچىنىڭ زېمىسىگە يۈكلەنگەن ئېغىر بۇرۇچ.
ئامان ئۇستاز تېمىسدا تەكتىلىگەن سەككىز نوقتىغا ئەھمىيەت بېرەلىسەكلا،ئائىلىمىز خوشاللىق ھەم خاتىرجەملىككە چۆمۈلىدۇ...
بۇ ساۋاتلار توي قىلىش ئالدىدىكى ياشلىرىمىز ئۈچۈن تولىمۇ قىممەتلىك بىلىملەر.رەھمەت سىزگە!
ھىكمەت: ‹‹سۇ ئېچكەندە،قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇما››.           باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش...

22

تېما

3

دوست

787

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

قىزغىنلىق
149 سەر
تىللا
40 دانە
تۆھپە
148 سەر
شۆھرەت
195 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-18 17:17:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى تېما يوللاپسىز، دېمىسىمۇ راست، قېيىنئانا بىلەن كېلىش ئوتتۇرىسىدا ئەرنىڭ ۋەزىپىسى ئىنتايىن مۈشكۈل ، ئەگەر ئەرنىڭ مەيدانى توغرا بولمىسا ئۇلار ئوتتۇرىدىكى كىچىك زىدىيەتمۇ ھەل قىلغىلى بولمايدىغان دەرىجىگە بېرىپ قالىدۇ. شۇڭا مەن ئەرلەرنىڭ بۇ جەھەتتە يۈكى ئېغىر دەپ قارايمەن.

25

تېما

10

دوست

6645

جۇغلانما

ئاق سۈڭەك ئەزا

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1018 سەر
تىللا
474 دانە
تۆھپە
2283 سەر
شۆھرەت
1046 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-18 20:23:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمىيەتلىك تېما ئىكەن،رەخمەت سىزگە.

7

تېما

5

دوست

1213

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

قىزغىنلىق
212 سەر
تىللا
99 دانە
تۆھپە
214 سەر
شۆھرەت
309 سەر

بايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-18 23:58:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە بۇ تېما ئەرلەرنىڭ ،ئانا بىلەن ئايالى ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى قانداق تەڭشەش ،قانداق بىر تەرەپ قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئېگە بولۇپلا قالماي ،بەلكى يەنە ئاياللارنىڭ ئىرى ۋە قېيىنئانىسى ئوتتۇرسىدىكى نورمال مۇناسۋەتنى  قانداق ساقلاش ،قېيىنئانىسىنىڭ قىلغانلىرىنى كەڭ قورساقلىق بىلەن ئىجابى جەھەتتىن قانداق  چۈشىنىش ،.....قاتارلىقلار توغرىسىدا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك مۇھىم بىلىملەر ئىكەن .
  رەھمەت ،ئامان مۇئەللىم ،كۆزلىرىم ھەر ۋاقىت يوللىغان تېمىلىرىڭىزدا!
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-11 03:43, Processed in 0.548484 second(s), 41 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش