مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2062 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • pari 2 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 4 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • خانىدان 9 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

  • زەپەر 22 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • دىلكەش تۈنۈگۈن 09:24 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا موبارەك بولسۇن~

  • 1چىچەك ئۈلۈشكۈن 18:05 [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشى بولماق مىڭ يىلچىلىك،يامان بولماق بىر دھمچىلىك.

  • 1چىچەك ئۈلۈشكۈن 18:00 [ئىنكاس(0)] [...]

    مقۋىلىك دەرەخنىڭ بېشى تۆۋەن،بىلىملىك ئادەمنىڭ يۇزى تۆۋەن.

  • شىرنە 3 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 4 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

  • نۇردۇن 12 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام،دوسلار بايرىمىڭىلارگە بۇبارەك بولسۇن!بايراملىق تىللا سوۋغا قىلمامسىلە؟

  • پۇرخۇن 23 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    نېمە قىلىۋاتىسىز؟ دوستلىرىڭىز بېلەن ئورتاقلىشىڭ ...جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.

  • زەپەر ئۈلۈشكۈن 23:39 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • 1چىچەك ئۈلۈشكۈن 18:03 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىشچاندىن تەر چىقىدۇ،ھورۇنندىن ئۇھ چىقىدۇ.

  • 1چىچەك ئۈلۈشكۈن 17:56 [ئىنكاس(0)] [...]

    دىلىڭدا نېمە بولسا تىلىڭدا شۇ.

كۆرۈش: 80|ئىنكاس: 2

قىزى ئۈچۈن ئۆلىۋالغان ئانا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

15

تېما

1

دوست

874

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

قىزغىنلىق
181 سەر
تىللا
92 دانە
تۆھپە
162 سەر
شۆھرەت
171 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-10 09:12:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار ، مەن بۇ ئەسەرنى ياقتۇرۇپ قېلىپ ، مۇنبەرگە يوللىدۇم ، مۇنبەردە بار يوقلىنى بىلمەيمەن ، ئەيىپكە بۇيرىماڭلار .

بۈگۈن ئانا قىزى بىلەن ئۈچىنچى قېتىم سۆزلەشتى.
سىم - سىم يامغۇر يېغىۋاتاتتى، ئۇلار يول بويىدىكى قۇرۇپ كەتكەن چىملىقتا ئۆرەتۇرۇشاتتى. سوغۇق ئانىنى ئوبدانلا دۈگدەيتىپ قويغان ئىدى.
- رەيھان خانىم مەكتىپىڭ بىلەن سۆزلەشتى. ئۇلار سېنىڭ ئوقۇشۇڭنى داۋاملاشتۇرۇشۇڭغاماقۇل بولدى.
بۈگۈن ئانىنىڭ تەلەپپۇزى تولىمۇ ئاجىز، ئاۋازى يىغلامسىرىغاندەك، يالۋۇرغاندەكچىقاتتى.
- مەن ساڭا يەنە نەچچە قېتىم دېسەم ئىشىنىسەن؟ مەن ئەمدى ئوقۇمايمەن.
قىزنىڭ جاۋابى قەتئىي، چىرايى شەھەرنىڭ يامغۇرلۇق ھاۋاسىدەك سوغۇق ئىدى.
- خوش بولاي جېنىم قىزىم، مېنى بۇنداق داغ ــ ھەسىرەتتە قېينىما. ماقۇل،ئوقۇمىساڭمۇ ئوقۇما، بۇ شەھەردىن ئايرىلمىساڭمۇ ئايرىلما. ئەمما ئاشۇ قىلىۋاتقانمەينەت ئىشىڭدىن قول ئۈز.
ئانىنىڭ كۆزىدىن تاراملاپ ياش تۆكۈلدى.
مېنى نېمە قىل دەيسەن؟
قىزنىڭ سوغۇق نەزىرى پەرۋاسىز ئىدى. ئانىنىڭ كۆز ياشلىرى ئۇنىڭغا قىلچىلىك تەسىرقىلمىغاندەك قىلاتتى.
- رەيھان خانىم ساڭا خىزمەت ئىزدەۋاتىدۇ. پاكىزە، يەڭگىل خىزمەتتىن تېپىپ بىرىمەن،بىر تەرەپتىن ئىشلىگەچ، بىر تەرەپتىن كەچ كۇرسلاردا ئوقۇغۇدەك شارائىت ھازىرلاپبىرىمەن دەيدۇ. ئويلاپ باق قىزىم، رەيھان خانىم بىزنىڭ ھېچنىمىمىز ئەمەس، ئۇ سەنئۈچۈن ئاشۇنداق جان كۆيدۈرۋاتىدۇ، بىلەمسەن شۇنى. خانىمنىڭ مەقسىتى پەقەت بىرلا.قىزلىرىمىز ئىنساندەك غورۇر بىلەن ياشىسۇن، مىللەتنىڭ گۈزەل - ئەخلاق پەزىلىتىنىقوغدىسۇن دىمەكچى.
- كۆردۇڭمۇ؟ - دېدى قىز ئانىسىغا يول بويىدىكى كۆككە بوي سوزغان ئېگىز بىنالارنىكۆرسىتىپ، - سەنمۇ، مەنمۇ ئاشۇ بىنالاردا ياشىغان ئادەملەرگە ئوخشاشلا ئىنسان.ئەمما بىزگە ئۇ يەردە ئورۇن يوق، ئۇلار شۈنچىلىك پوچى ھەم ھاكاۋۇر، ئۇلار ئاشۇنداقيەردە ياشىغانلىقى ئۈچۈنلا ئۆزلىرىنى ئەخلاقلىق، پەزىلەتلىك قىلىپ كۆرسىتىدۇ.ھېچكىم ئۇلارنىڭ ئەخلاق پەزىلىتىدىن گۇمانلانمايدۇ. بىلدىم، رەيھان خانىم ئېسىلئايال ئىكەن. ھەممە ئادەم ئۇنىڭدەك بولسا ئىدى، سەن بىلەن مەن بۇنداق دە - تالاشقىلىپ ئولتۇرماس ئىدۇق. بىلەمسەن ئانا، مېنى ئاشۇ ئېگىز، ھەشەمەتلىك بىناداياشايدىغان، پوزۇر كېيىنگەن سالاپەتلىك كىشىلەر مۇشۇ تۇرمۇش يولىغا قىستاپئەپچىقىپ قويدى. ئۇلار مېنىڭ ساددىلىقىمدىن، شەھەرگە، شەھەرلىكلەرگە ھەۋەسقىلىشىمدىن پايدىلاندى. قولىدىكى تۇتام - تۇتام پۇللىرى ئارقىلىق ھەممەھايۋانلىقلىرىنى يۇشۇرماقچى بولدى. مەن ئاخىرى چۈشەندىم. پۇل بولسىلا ھەممە ئىشنىقىلغىلى بولىدىكەن. ئىپلاسلىقلارنى، رەزىللىكلەرنى يۇشۇرغىلى بولىدىكەن.ئەخلاقلىق، پەزىلەتلىك بولغىلى بولىدىكەن، ئالۋاسىتىدىن پەرىشتىگە ئۆزگەرگىلىبولىدىكەن، كوچىدىكى ھېلىقى ئېلانلارنى كۆرگەنسەن؟ سەندىن نومۇس قىلماي دەپ بىرەي:بىر قىزلىق پەردىسىنىڭ قىممىتى ئاران ئىككى - ئۈچ يۈز كوي. پەقەت ئاشۇنچىلىك پۇلبولسىلا، ئادەم يەنىلا يۈزى ئېچىلمىغان، مەسۇم قىز بولۇۋالغىلى بولېۋىرىدۇ، مېنىڭمەقسىتىمنى چۈشەنگەنسەن، شۇڭا پۇل تاپىمەن. بۇ پوچى، سۆلەتۋاز، ھاكاۋۇرشەھەرلىكلەرنىڭ پۇللىرىنى پاك - پاكىزە سۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، ئاشۇ پۇل بىلەنئۇلاردىنمۇ ئەخلاقلىق، پەزىلەتلىك، ئۇلاردىنمۇ سۆلەتۋاز، ھاكاۋۇر بولۇپ ياشايمەن،ئۇلارنى كۆزۈمگە ئىلماي ياشايمەن. سەنمۇ بىر ئۆمۈر بالا ئوقۇتتۇڭ، ياشلىقىڭ، گۈزەلجامالىڭ بور توزۇندىلىرى ئاستىدا كۆمۈلۈپ كەتتى. تارتمىغان جاپالىرىڭ قالمىدى،مەكتەپ مۇدىرىدىن، ئوقوغۇچىلىرىڭنىڭ ئاتا - ئانىلىرىدىن ھاقارەت ئىشتىپ تۇردۇڭ.ئۇلار پەقەت ئاغزىدىلا ئوقۇتقۇچى ئۇلۇغ دەپ قويدى. شۈنچىلىك تارتقان جاپايىڭغاچۇشلۇق قانچىلىك پۇل تاپتىڭ، قانچىلىك ھالاۋەت كۆردۈڭ؟ قارا، تۇرقۇڭ مومايغىلائوخشاپ قاپتۇ. سەندىن رەيھان خانىم ياش كۆرۈنىدۇ. مەن ئۇنداق جاپانى تارتمايمەن،ماڭا ھازىر پۇل بولسىلا بولدى...
شۈنچە نەسىھەت قىلىپمۇ قىزىنى قايىل قىلالمىغان ئانا قىزىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپلاقالدى. قىزنىڭ پۇتىنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ يېلىندى:
- سەندىن ئۆتۈنەي قىزىم، گېپىمگە كىرگىن.
- ھەرقانچە يالۋۇرغىنىڭ بىكار، - دېدى قىز قەتئىيلىك بىلەن، - سەن خىيالىڭدا مېنىيۈزۈمنى تۆكتى دەپ ئويلايسەن، مەنمۇ تېگىدىن بۇ ئىشنى قىلىشنى خالىمايمەن، ئەمماقىلماي ئىلاجىم يوق، مەن ئۈچۈن بۇ پۇل تىپىشنىڭ، كەلگۈسى مەقسەتلىرىمگە يېتىشنىڭئەڭ ئاسان يولى، نېمانچە كۆزۈمگە كىرىشىۋالىسەن؟ پەقەت كۆڭۈل توختىتالمىساڭ مېنىئۆلدىگە چىقىرۋەتسەڭلا بولمىدىمۇ؟ زادى نىيىتىمدىن يانمايمەن دىسەڭ مېنى ئۆلتۈرۈپئۆلۈكۈمنى ئەپ كەت. تىرىكلا بولىدىكەنمەن، ئۆزۈمنىڭ دېگىنى بويىچە ياشايمەن.
قىزىنىڭ جاۋابىنى ئاڭلاپ ئانىنىڭ ۋۇجۇدىنى دەھشەتلىك بىر خىيال چۇلغىۋالدى، ئانابۇ خىيالدىن ئۆزىمۇ چۆچۈپ كەتتى. ئۇنىڭ ئاجىز يۈرىكى ئانىلىق ۋىجدانىنى توختىمايئەيىپلەيتتى. سەنمۇ ئانا بولدۇڭمۇ؟ بىر قىزنى ياراملىق ئادەم قىلىپتەربىيىلىيەلمىگەن، كۆرۈپ بىلىپ تۇرۇپ يامان يولدىن توسۇيالمىغان، قايتۇرالمىغانئادەمنىڭ ئانا بولۇش سالاھىيىتى بارمۇ؟ ئوقوتقۇچى بولۇشچۇ؟ ئۆز پەرزەنتىگەتەربىيىسى يۇقمىغان ئانىنىڭ باشقىلارنىڭ پەرزەنتىنى تەربىيىلەش سالاھىيىتى قانچلىكبار؟ ئۇنىڭ ئاشۇ يىراق سەھرادىكى سەبىيلەرگە ئەخلاق، پەزىلەت، ئادىمىيلىك ھەققىدەيۈزى چىمىلدىماي گەپ قىلىشقا تىلى بارارمۇ؟....
ئانا قىزىنى گەپكە كىرگۈزۈش ئۈمىدىنى پۈتۈنلەي ئۈزگەن ئىدى. ئۇنىڭ تۈنۈگۈن رەيھانخانىم بىلەن قىلىشقان سۆزلىرى قۇلاق تۈۋىدە قايتا جاراڭلىدى:
- قىزىمنى پەقەت گەپكە كىرگۈزەلمىدىم، - دېگەن ئىدى ئانا ھەسىرەتلەنگەن ھالدا، -قانۇن ئورۇنلىرىدىن ياردەم سورىساق قانداق بولار؟
- قانۇندىن ياردەم سورىساق تامامەن بولىدۇ، - دېگەن ئىدى رەيھان خانىم، - مەنقانۇننىڭ ئاشۇ ئازغان بەڭباش قىزنى روھىي جەھەتتىن پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىپچىقالايدىغانلىقىغا ھۆددە قىلالمىساممۇ، ئەمما ئۇنىڭ قىلمىشلىرىنى تېگىشلىك جازاغاتارتالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
- سىلىچە قىزىمغا قانداقراق جازا بىرەر؟
- ئىپپەت نومۇسىنى سېتىش، شەھۋانىيلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىپلەنسە، يېنىكرەكبولغاندا جەرىمانە تۆلەپ توختىتىلىدۇ. ئېغىرراق بولغاندا ئىككى - ئۈچ يىل ئەمگەكبىلەن ئۆزگەرتىلىدۇ.
- ئۇنداقتا قانۇننى ئارىلاشتۇرمىغان ياخشىدەك قىلىدۇ، - دېدى ئانا ئۈمىدسىزلەنگەنھالدا.
- قانداق دەيسىز؟ - دىدى رەيھان خانىم ئانىنىڭ مۇددىئاسىنى چۈشەنمەي.
- ئەگەر قانۇننىڭ جازاسى سىلى دىگەننىڭ سىرتىغا ئۆتەلمىسە، ئۇ چاغدا ئىككى خىلئاقىۋەت يۈز بىرىدۇ: بىرى، بەلكىم قىزىم گۇناھىنى تونۇپ ئادەم بولۇش يولىغامېڭىشى، ھاياتىنى قايتىدىن باشلىشى مۇمكىن. بۇنىڭ ئېھتىماللىقى يۈزدە ئونپىرسەنتكىمۇ يەتمەيدۇ. يەنە بىرى، ئۇ تېخىمۇ بەك تاپتىن چىقىپ كېتىشى، پاتقاققاتېخىمۇ بەك پىتىپ كېتىشى مۇمكىن. چۈنكى مەن قىزىمنىڭ خاراكتېرىنى ئوبدانچۈشىنىمەن.
- ئەمىسە قانداق قىلاي دەيسىز؟ قاراپ تۇرۇپ ئۇنى بۇنداق ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتسەكبولماس.
- مەن يەنە ئويلىنىپ باقاي - دېدى ئانا ئۇلۇغ - كىچىك تېنىپ، - جېنىم تېنىمدىلابولىدىكەن، مەن ئۇنى بۇ يولدىن توسقىنىم توسقان...
ئانا ئانچە ئۇزاق ئويلىنىپ كەتمىدى. ئۇ بىر قارارغا كېلىپ بولغاندەك قىلاتتى. ئاناقىزنىڭ پۇتىنى قويۇۋىتىپ دەرھال ئورنىدىن تۇردى - دە، خاتىرجەملىك بىلەن قىزغايۈزلەندى.
- بوپتۇ، سېنىڭ دېگىنىڭچە بولسۇن. مەن كەتسەم كېتەي، ئەمما بىر شەرتىم بار، شۇنىئورۇنداپ بىرىسەن.
قىز خاتىرجەملىك بىلەن تىندى. يەلكىسىدىن ئېغىر بىر يۈك دومىلاپ چۈشكەندەكچىرايىغا تەبەسسۇم يۈگۈرتتى.
- قېنى دە، نېمە شەرت ئۇ؟
- شەرت دەپكەتكىلىمۇ بولمايدۇ، - دېدى ئانا خىيالچانلىق بىلەن، - سىنى ئىزدەپ بۇشەھەردە ئىككى ئايغا يېقىن تۇرغان بولساممۇ، تۈزۈك بىر تاماشا قىلماپتىمەن. بۈگۈنمېنى كوچا ئايلاندۇر.
قىز بۇ شەرتلەرگە رازىمەنلىك بىلەن قوشۇلدى. ئۇلار بىر قانچە سودا سارايلارنىئايلاندى. قىز ئانىسىغا كېيىم - كېچەك ئېلىپ بەرمەكچى بولغان بولسىمۇ، ئانا قەتئىيرەت قىلدى. ھەشەمەتلىك بىر تېز تاماقخانىغا كىرىپ خالىغانچە غىزالاندى. بۇجەرياندا ئانا قىزىغا پەقەتلا گەپ قىلمىدى. ئۇ رايىدىن، ئانا نىيىتىدىن پۈتۈنلەييانغاندەك قىلاتتى. تاماق پۇلى تۆلەيدىغان چاغدا، ئانا - بالا سەل قىزىرىشىپقالدى.
- پۇلنى مەن بىرەي، - دېدى قىز ئانىسىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ.
- ياق، ئۆزۈم بىرىمەن، - دېدى ئانا قەتئىيلىك بىلەن.
- ماقۇل دېسىڭىزچۇ ئانا، - دېدى قىز يېلىنغان ھالدا، - سىزگە بىرەر ۋاخ تاماقئېلىپ بەرگۈچىلىكىم بار.
- بۇنى بىلىمەن، - دېدى ئانا قىزىغا يول قويماي، - ئەمما ئۇ پۇللار پاكىزە ئەمەس.مەن ھالال مېھنەت بىلەن كەلگەن پۇلغا تاماق يەيمەن. سېنىڭ پۇلۇڭغا ئېلىپ يىگەنتاماق مەن ئۈچۈن ئېشەك گۆشى بىلەن باراۋەر.
قىز لام - جىم دېيەلمىدى. ئانىنىڭ قورسىقى سەل بوشىغاندەك بولدى. قىزنىڭ يانفۇنىتوختىماي جىرىڭلاپ تۇراتتى. ئۇ كىملەرگىدۇ بىرەر سائەتتىن كېيىن كۆرۈشۈشكە ۋەدەبىرەتتى - دە، ئانىسىغا پات - پات قاراپ قوياتتى. قارىماققا ئانىسى بىلەنخوشلىشىشقا ئالدىراۋاتقاندەك قىلاتتى.
- كۆرگەنسەن، مەن مۇشۇنداق ئالدىراش، - دېدى قىز ئانىسىغا يانفۇنىنى كۆرسىتىپ، -مېنى كەچۈرگىن ئانا. مەن بۇ تۇرمۇش يولۇمدىن ھەرگىز قايتالمايمەن. ئەگەر بۇشەھەرگە يەنە كەلسەڭ مېنى ئىزدىگىن، بولسا تېلېفۇن قىلىپ تۇر، ناۋادا كېينچەكاللاڭدىن ئۆتۈپ قالسا، پېنسىيىگە چىقىپلا بۇ شەھەرگە يېنىپ كەل، ئاشۇنداقھەشەمەتلىك بىنالاردىن ئۆي ئېلىپ بىرىمەن. ئۆمرۈڭنىڭ ئاخىرىدا بولسىمۇ، چوڭشەھەردە راھەتتە ياشايسەن.
ئانا قىزىنىڭ ئاخىرقى سۆزىنى ئاڭلاپ، ئاچچىق كۈلۈپ قويدي.
- شۇ تاپتا مەن خوشلىشىشقا ئالدىراۋاتىسەن - ھە!
- ھامان خوشلىشىدىغان گەپتە، - دېدى قىز مېڭىشقا ئالدىراپ تاقەتسىزلىك بىلەن.
- مەندىن ھەر قانچە بېزار بولۇپ كەتسەڭمۇ، بۈنچە ئالدىراپ كەتمە، - دېدى ئانا، -يەنە بىردەم بىللە بولايلى.
قىز ئۈن - تېنسىز ئانىسىغا ئەگەشتى. بۇ ئارىلىقتا ئۇنىڭ يانفونى بىر نەچچە قېتىمسايرىدى.
- بۇ شەھەردىكى ئەڭ ئېگىز بىنانىڭ ئۈستىگە چىققىلى بولامدۇ؟، - تۇيۇقسىز سوراپقالدى ئانا.
قىز ئانىسىنىڭ بۇ سۇئالىدىن بىر ئاز ئەجەپلەندى.
- قانداق دەيسەن؟
- بۇ شەھەرنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئېگىزدىن كۆرۈپ باققۇم بار. بۇ تەلىپىم بەك ئېشىپكەتمىگەندۇ؟
قىز بىر ئاز ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن، ئانىنى ھەشەمەتلىك بىر مېھمانساراينىڭئالدىغا باشلاپ كەلدى.
- بۇ بىنا بولامدىكەن؟ - دېدى قىز ئانىسىغا قاراپ، - گەرچە بۇ بىنا شەھەردىكى ئەڭئېگىز بىنا ھېسابلانمىسىمۇ، ئېگىزلىكى 23 قەۋەت كېلىدۇ. ئۆگزىسىگە چىقساق شەھەرنىتولۇق كۆرگىلى بولىدىغۇ دەيمەن.
- قېنى، ئەمىسە يول باشلا.
مېھمانساراينىڭ خىزمەتچلىرى بىلەن قىز تونۇشتەك قىلاتتى. ئۇ خىزمەتچى قىزلار بىلەنباش لىڭشىتىپ سالاملاشتى. ئۇلار لېفىت بىلەن ئەڭ ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىقىشتى.
بىنانىڭ ئۆگزىسىگە ھەر خىل گۈل - تەشتەكلىرى تىزىلغان بولۇپ، ئۇ يەر - بۇ يېرىگەبەدەن چېنىقتۇرۇش ئەسلىھەلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى. بۇ ئۆگزە شۇنداقلا قارىغان كىشىگەكىچىكرەك بىر گۈللۈكنى ئەسلىتەتتى. مېھمانساراي بۇ يەرنى مېھمانلارنىڭ ياز كۈنلىرىشامالدىشى ئۈچۈن مۇشۇنداق ئالاھىدە ياساپ قويغان ئىدى. ھازىر ھاۋا خېلىلا سوۋۇپكەتكەن بولغاچقا، بۇ يەر چۆلدەرەپ قالغان ئىدى.
ئانا ئۆگزىنىڭ لېۋىگە كىلىپ، شەھەرگە ئۇزاق نەزەر تاشلىدى. بۇ يەردىن قارىغاندائادەملەر چۆمۈلىدەك، ماشىنىلار قوڭغۇزدەك كۆرۈنەتتى. شەھەرنىڭ كىشىنى بىزارقىلىدىغان شاۋقۇن - سۈرەنلىرى تولىمۇ ئاجىز ئاڭلىناتتى. ئانا مەڭزىگە دومىلاپچۈشكەن ياشلارنى قىزىغا كۆرسەتمەي سۈرتىۋەتتى. قىزى بولسا نېمىگىدۇر بىتاقەت بولغانھالدا تاماكۇ چېكىۋاتاتتى. ئۇنىڭ يانفونى توختىماي جىرىڭلايتتى. كىملەرگىدۇئەركىلەپ، كىملەرگىدۇ تەنبىھ بىرىپ، كىملەر بىلەندۇ كۇسۇلدىشىپ سۆزلىشەتتى. پات -پات ھاياسىزلىق بىلەن ھىجىياتتى.
- قىزىم، يېنىمغا كەل، دېدى ئانا قىزىنى يېنىغا شەرەتلەپ.
قىز خوشياقمىغان ھالدا ئانىسىنىڭ قېشىغا كەلدى.
- ئېيتە، بىر ئۆمۈر ئاشۇنداق ياشارسەنمۇ؟
قىز تۈزلا جاۋاپ بەردى:
- بۇ تەرىپىنى ئويلاپ باقمىدىم.
- بىلىپ قوي، ئادەمنىڭ گۈلدەك ياشلىقىمۇ ئۈنچە ئۇزۇن تۇرمايدۇ. ئەتراپىڭدا پەرۋانەبولۇۋاتقان ئەركەكلەرگە بۈگۈن گۈل كۆرۈنگىنىڭ بىلەن تەڭلا كۈندە تېزەك كۆرۈنىسەن،ئەنە شۇ چاغدا قانداق قىلارسەن قىزىم.
- بېشىمغا كەلگەننى كۆرىمەن.
- سەن ئىنسان بولۇش سۈپىتىڭ بىلەن ئەخلاق، پەزىلەت، قىزلىق نازاكەت مىزانلىرىغارېئايە قىلىشنى ھەم ئۆزۈڭنى ئاشۇ دائىرىدە چەكلەپ تۇرۇشنى پەقەتلا ئويلاپ باقمىدىڭمۇ؟ئادەم - ئادەم بولۇپ ياشاش ئۈچۈن تۈرلۈك ئەخلاق ئۆلچەملىرىگە رېئايە قىلىشىكېرەك.ئۇنداق قىلمايدىكەن، كوچىدىكى ئەخلەتتىن ھېچقانداق پەرقى بولمايدۇ.
- ئەگەر ئاشۇنداق ئويلىساڭ، مېنى ئاشۇ ئەخلەت قاتارىدا كۆرۈۋەر، - قىز جىرىڭلاپكەتكەن يانفوننى بىزارلىق بىلەن قۇلىقىغا تۇتتى - دە، زەردە بىلەن ۋارقىرىدى، -ساقلاپ تۇر دېدىمغۇ، مانا ھازىر بارىمەن، - ئۇ ئەمدى ئانىسىغا يۈزلەندى، - قانداق،قايتىپ كېتەمدۇق؟ ئەڭ ياخشىسى سەن ماڭا نەسىھەت قىلىمەن دەپ ئاۋارە بولما.
- سەن بۇ يىل 23 ياشقا كىردىڭ. ئاشۇنداق ياشىغان ئۆمرۈڭگە ئۆكۈنمەمسەن؟
- نېمانچە ئۇششاق سۆز بولۇپ كەتتىڭ بۈگۈن؟ بولدى قىلە.
ئانا ئۇلۇغ - كىچىك تىندى. ئۇنىڭ شۇ تاپتىكى تۇرقى ھەممە ئارزۇ - ئۈمىدلىرىدىنئايرىلىپ، ئىشەنچىسىنى يوقۇتۇپ قويغان ئادەمگە بەكمۇ ئوخشايتتى. ئانا قىزىغا،قىزىنىڭ كەلگۈسىگە ھەم ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى پۈتۈنلەي يوقۇتۇپ قويغان ئىدى.
- بوپتۇ، ئۇنداق بولسا مېنى قۇچاقلاپ قوي. ئاخىرقى قېتىم سېنى قېنىپ باغرىمغابېسىۋالاي.
- ئەجەپ گېپىڭ جىقكەن سېنىڭ.
قىز غۇدۇرىغان ھالدا ئانىسىنى قۇچاقلىدى. ئانا قىزىنى شۇنداق قاتتىق باغرىغاباستىكى، ئورۇقلاپ بىر تېرە - بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغان قىز تىنالمايلا قالدى.ئانا قىزىنى مەھكەم قۇچاقلىغان پېتى سۆزلەشكە باشلىدى:
- بىلەمسەن قىزىم، سەن قاتتىق گۇناھ قىلدىڭ. شۇ تاپتا سەندىن توققۇز ئاي، توققۇزكۈن قورساق كۆتۈرۈپ تۇغقىنىمنىڭ، ئاق سۈت بېرىپ باققىنىمنىڭ، نۇرغۇن ئارزۇ -ئارمانلارنى تىلەپ ئوقۇتقىنىمنىڭ ھەققىنى قايتۇرۋالماقچىمەن. سەن بايا ماڭا مېنىئەخلەت قاتارىدا كۆرسەڭ كۆرۈۋەر دېدىڭغۇ. شۇنداق، سېنىڭ ھازىر كوچىدىكى ئەخلەتتىننېمە پەرقىڭ؟ سېنىڭ ئەل - يۇرتقا زىيىنىڭ تەگسە تېگىدۇكى، پەقەتلا پايداڭتەگمەيدۇ. سەندەك ئەسلىنى ئۇنۇتقان، ئادىمىيلىك غورۇرىنى يوقاتقان، ئەخلاقئۆلچەملىرىنى دەپسەندە قىلغان، تاپتىن چىقىپ كەتكەن قىزنىڭ جازاسىنى مەندەك شورپىشانە ئانىسىمۇ تەڭ تارتىشى كېرەك. مېنى كەچۈرگىن قىزىم. شۇ تاپتا سېنىمۇ،ئۆزۈمنىمۇ تەڭ جازالىماقچى مەن.
ئانا شۇنداق دېدى - دە، بىرەر خەۋپنى سېزىپ تىپىرلاپ تۇرغان قىزىنى مەھكەمقۇچاقلىغان پېتى بىنانىڭ ئۆگزىسىدىن ئۆزىنى پەسكە ئاتتى.
بىنا 23 قەۋەت ئىدى. ئانىنىڭ قۇچىقىدىكى قىزمۇ 23 ياشقا كىرگەن ئىدى. ئانا شۇقىزىنى ئادەم قىلىش ئۈچۈن 23 يىل قانداق جاپا تارتقان بولسا، ئۇنى يامان يولدىنقايتۇرۇش ئۈچۈن بىر ھەپتە ئىچىدە، يەنە شۈنچىلىك دەرد تارتقان ئىدى.
ئانا بىلەن قىز بىنا ئۆگزىسىدىن ئۇچۇۋاتقاندەك چۈشۈۋاتاتتى. ئانا قىزىنىزەخمىلىنىپ كەتمىسۇن دېگەندەك مەھكەم قۇچاقلىۋالغان ئىدى. ئۇنىڭ دەردلىك كۆزلىرىشۈنچىلىك خاتىرجەم ئىدىكى، گويا بۈك - باراقسان چىمەنلىكتە بىر تال توم، ئۆرىمەچېچى تېقىمىدا سويلاپ تۇرغان قىزى بىلەن خۇشال - خۇرام سەيلى قىلىۋاتقاندەك...
ئانا تۆۋەنگە ئۇچۇپ چۈشۈۋىتىپ، شەھەرگە ئاخىرقى قېتىم نەزەر تاشلىدى. ئەنە ئۇكۆردى، كۆككە بوي سوزغان ھاكاۋۇر بىنالار خۇددى سەرەڭگە قېپىدەك كىچىكلەپ كەتكەنئىدى. شەھەر تولىمۇ مەيۈس شاۋقۇنلايتتى. شەھەر غېرىب، تەنھا ئانىغا ئوخشاپ قالغانئىدى.
ئەسلى مەنبە
http://bbs.tograk.com/forum.php?mod=viewthread&tid=1654

ياسىنجان سادىقنىڭ "تەنھا شەھەر" ناملىق پوۋېستىدىن ئېلىندى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

263

تېما

45

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
2838 سەر
تىللا
1105 دانە
تۆھپە
3233 سەر
شۆھرەت
2525 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش باتۇرىجەۋھەر ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-11 09:53:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن تەسىرلىك ھەم ئىبرەتلىك ھېكايە ئىكەن،ئوقۇپ تولىمۇ ھاياجانلاندىم.ياراتقان ئىگىمىز ھەممىمىزگە ۋە پەرزەنتىلىرىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن...بولۇپمۇ پەرزەنىتلەرنى تەربيىلەشتە ئۇنى ‹‹كۆچەت››چېغىدىن باشلاپ،ياخشى تەربىيىلىشىمىز،ئەكسىچە بولغاندا، ئۇ بىز ئۈچۈن بالا ئەمەس،بەلكى بېشىمىزغا تۈرەلگەن ‹‹بـــالا››بولىدۇ.تېمىڭىزغا كۆپ رەھمەت بۇرادەر.
ھىكمەت: ‹‹سۇ ئېچكەندە،قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇما››.           باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش...

25

تېما

1

دوست

597

جۇغلانما

ئەتتىرگۈل ئەزا

Rank: 3Rank: 3

قىزغىنلىق
105 سەر
تىللا
72 دانە
تۆھپە
149 سەر
شۆھرەت
101 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-11 13:52:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۈرەكنى ئەزگۈدەك تەسىرلىك ئىكەن،بىچارە ئانىلارنىڭ جاپاسى ھەقىقەتەنمۇ ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز.بارلىق مەرھۇم ئانىلارغا  جەننەتتىن ئورۇن تىلەيمەن.
تېمىڭىزغا كۆپ رەھمەت
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-10 23:44, Processed in 0.219525 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش