كۆرۈش: 11969|ئىنكاس: 39

ئامرىكىدىكى ئۇيغۇر بىئولوگىيە ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپ بىلەن سۆھب...

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ezizks-sc تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-3 17:23  

ئامرىكىدىكى ئۇيغۇر بىئولوگىيە ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپ بىلەن سۆھبەت

رادىئو زىيارىتى تەپسىلاتى :    بۇيەردىن ئاڭلاڭ.

تېلېۋېرزور زىيارىتى تەپسىلاتى :  

                                                    شۆھرەت مۇتەللىپ
                                             1363945383VznGoOR2_s.jpg
   

      ئىسمى: شۆھرەت مۇتەللىپ (شوكرات مىتالىپوۋ)
      ئىنگلىزچە: Shoukhrat Mitalipov  
      1961-يىلى 8-ئاينىڭ 19-كۈنى قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى ئالمۇتا شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1989-يىلىدىن 1993-يىلىغىچە موسكىۋا تىببىي ئىرسىيەت ئىلىمى تەتقىقات مەركىزىدە دوكتۇرلۇق ئوقۇپ، ئىرسىيەتشۇناسلىق يۆنىلىشى بويىچە دوكتۇرلۇق ئۇنىۋانىغا ئېرىشكەن. 1993-يىلىدىن 1995-يىلىغىچە موسكىۋا تىببىي ئىرسىيەت ئىلىمى تەتقىقات مەركىزىدە تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلىگەن. 1995-يىلىدىن 1998-يىلىغىچە ئامېرىكا ئۇتا ئۇنىۋېرسىتېتى ھايۋانات، مال دوختۇرلۇق ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرى بۆلۈمىدە دوكتور ئاشتى تەتقىقاتچى بولۇپ خىزمەت قىلغان.
     1998-يىلىدىن 2006-يىلىغىچە ئورىگون شىتاتى ساغلاملىق ۋە ئىلىم-پەن ئۇنىۋېرسىتېتى، ئورىگون شىتاتى دۆلەتلىك پرىماتلار تۈرىدىكى ھايۋاناتلار يادرو كۆچۈرۈش ۋە غول ھۈجەيرە تەتقىقات مەركىزىدە تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلىگەن.
     شۆھرەت مۇتەللىپ ۋە ئۇنىڭ تۆرەلمە غول ھۈجەيرە تەتقىقاتى
      2007-يىلىدىن ھازىرغىچە ئامېرىكا ئورىگون شىتاتى ساغلاملىق ۋە ئىلىم-پەن ئۇنىۋېرسىتېتى، ئورىگون شىتاتى دۆلەتلىك پرىماتلار تۈرىدىكى ھايۋاناتلار يادرو كۆچۈرۈش ۋە غول ھۈجەيرە تەتقىقات مەركىزىدە مۇئاۋىن مۇدىر، تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. ئۇ ھازىر مايمۇن تۈرىدىكى ھايۋانلارنىڭ گېن تەرەققىياتى، تۆرەلمە غول ھۈجەيرە (ئەس ەلل) قاتارلىق تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ. غول ھۈجەيرە: توقۇلما ۋە ئىچكى ئورگانلارغا تەرەققىي قىلىش ئالدىدىكى دەسلەپكى ھۈجەيرىدۇر. يەنى بىر تال ھۈجەيرە نۇرغۇن ھۈجەيرىگە كۆپىيىش جەريانىدا ئۆزگىرىپ كەتمەي ئەسلىدىكى ماھىيىتىنى ساقلاپ تۇرىدىغان ھۈجەيرىدىن ئىبارەت. تۆرەلمە گەۋدە ھۈجەيرىسى: ھەرقانداق توقۇلمىغىمۇ تەرەققىي قىلالايدىغان، كۆپىيىش ئىقتىدارى يۇقىرى بولغان ھۈجەيرە بولۇپ، ئۇرۇق قوبۇل قىلغان تۇخۇمدا پەيدا بولىدۇ. بۇ ئەس ھۈجەيرە ھەر خىل ھۈجەيرىگە تەرەققىي قىلالايدىغانلىقى ئۈچۈن، ئىقتىدارىنى يوقاتقان ئىچكى ئەزالار ۋە ھۈجەيرىلەرنىڭ ئورنىنى تولۇقلاش ناھايىتى مۇھىم دەپ قارىلىپ، تەتقىقاتلار ئىشلەنمەكتە. لېكىن كلىنىكىدا رەسمى ئىشلىتىشكە تېخى ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن.
      ئۇنىڭ تەھرىردىن ئۆتكەن (خەلقئارادا ياكى ئامېرىكىدىكى يىغىنلاردا ئوقۇغان ماقالىسىدىن سىرت) ماقالىسى 26 پارچە، 4 پارچە كىتاب يازغان. بىر پاتېنتى بار. ھازىر 6 تەتقىقات تۈرىنى ئىشلەۋاتىدۇ. 3 تەتقىقاتقا ئىلتىماس قىلىپ قويۇقلۇق. بىر تەتقىقاتنى ئىشلەپ پۈتتۈرگەن. دوكتور شوئۇكھرات مىتالىپوۋ ھايۋانلارنىڭ گېن تەرەققىياتى ۋە تۆرەلمە گەۋدە ھۈجەيرە تەتقىقاتىدا دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرماقتا.ئۇنىڭ ئايالى گۈلنۇر ناسىروۋامۇ ئالمۇتىلىق بولۇپ، ئۇلارنىڭ لىندا ۋە نەرگىز ئىسىملىك ئىككى قىزى ۋە پائۇل ئىسىملىك بىر ئوغلى بار. بىز ئالىمىمىز شوئۇكھرات مىتالىپوۋنىڭ تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشمىز.
      ئامېرىكىلىق ئالىم، دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ 10 نەچچە يىلدىن بۇيان تۆرەلمە غول ھۈجەيرە ئىلىمىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، ئۇ رەھبەرلىك قىلىۋاتقان تەتقىقات گۇرۇپپىسى ھۆجەيرە يادروسىنى كۆچۈرۈش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ مايمۇن تۆرەلمىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك كىلونلاپ چىققان. بۇ ئالىملارنىڭ تۇنجى قېتىم پرىماتلار تۈرىدىكى ھايۋاناتلارنىڭ تۆرەلمىسىنى كىلونلاپ چىقىشىدۇر. (ئەنگىلىيە «تەبىئەت ژۇرنىلى» 2007-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى).
      كورىيە ئالىمى خۇاڭ يۈشى ئىلگىرى ئىنسانلار تۆرەلمىسى تەتقىقاتىدا ساختىلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، سانلىق مەلۇماتلارنى ئانالىز قىلىش، كەسىپداشلىرىنىڭ باھالاش پىكىرىدىن باشقا يەنە ئەنگلىيە «تەبىئەت» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمى ئاۋىسترالىيە مۇناش ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالىمى دېۋىد.كىلام ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرىدىن گۇرۇپپا تەشكىللەپ، شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىنى تەكشۈرگەن. ئۇلار ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن تەجرىبە ئىشلەپ تۆرەلمىنى يېتىشتۈرۈپ ئىسپاتلاپ چىققان.
       چاشقاندىن پرىماتلار تۈرىدىكى ھايۋانات-مايمۇننى كىلونلاپ چىقىش، بۇ ھەقىقەتەنمۇ چوڭ بۆسۈش بولۇپ، ئامېرىكا ھۈجەيرە يۇقىرى تېخنىكا تەتقىقات مەركىزىدىكى ئالىم لوبېرت يۇقىرى باھا بېرىپ مۇنداق دەيدۇ. «پرىماتلار تۈرىدىكى ھايۋاناتلارنى كىلونلاش چىقىش، ئىنتايىن چوڭ توسالغۇدىن بۆسۈپ ئۆتكەن بىلەن باراۋەر».
       تۆرەلمە غول ھۆجەيرىسى «ئۇنىۋېرسال ھۈجەيرە» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ ھەرقانداق تۈزۈلۈشتىكى ھۈجەيرىلەرنى پارچىلىيالايدىغان بولغاچقا، تىببىي ساھەدە ئىنتايىن زور قوللىنىشچانلىققا ئىگە. «تەبىئەت» ژۇرنىلى باھا بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: ئالىملارنىڭ پرىماتلار تۈرىدىكى ھايۋاناتلارنى كىلونلاپ غول ھۈجەيرىسىنى ئايرىپ چىقىشى، داۋالاش تۈرىدىكى كىلونلاش تېخنىكىسىدا يېڭى بىر سەھىپە ئاچتى



baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2013-6-3 16:43:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئالدىنقى قېتىم ئالىم شۆھرەت مۇتەللىپ توغرىسىدىكى بىر قىسىم فىلىملارنى يوللىغان ئىدىم. سىز بۈگۈن رادىئو زىيارىتى ۋە ئۇنىڭ تەرجىمھالىنى يوللاپ ئالىم  شۆھرەت مۇتەللىپغا مۇناسىۋەتلىك تېخىمۇ ياخشى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىن ئىتىپسىز. كۆپ رەھمەت سىزگە! ئالىم  شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ ئىشلىرىغا تېخىمۇ زور ئۇتۇقلارنى تېلەيمەن!
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-6-3 17:11:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بايقاش يوللىغان ۋاقتى  2013-6-3 16:43
مەن ئالدىنقى قېتىم ئالىم شۆھرەت مۇتەللىپ توغرىسىدىكى  ...

شۇنداق ئۇلۇغ ئالىمىمىزدىن پەخىرلەنمەي تۇرالمايمىز.
ۋاقتى: 2013-6-3 21:20:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىم  شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئۇڭۇشلۇق بۇلشىنى تېلەيمەن!
ۋاقتى: 2013-6-3 22:43:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇنياۋى مەشھۇر ئالىمىمىز شۆھرەت مۇتەللىپ بىلەن ئۆتكۈزگەن رادىئۇ زىيارىتىنى يوللاپ بەكمۇ خالىس ئىش قىلىپسىز،رەھمەت سىزگە!
ۋاقتى: 2013-6-3 23:31:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىمنىڭ  ئىشلىرىغا ئۇتۇق  تىلەيمەن.
ۋاقتى: 2013-6-4 00:08:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىم شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ بۇندىن كىيىنكى ئىجادىيتىگە تېخىمۇ ئۇتۇق تىلەش بىلەن بىرگە بۇندىن كىيىنمۇ تېخىمۇ ياخشى بولغان ئۇتۇق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرشىگە تىنىڭ ساق -سالامەت . ئۆمۈرىنىڭ ئۇزۇن بۇلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .
ۋاقتى: 2013-6-6 18:26:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇنياۋى مەشھۇر ئالىمىمىز شۆھرەت مۇتەللىپ بىلەن ئۆتكۈزگەن زىيارىتىنى يوللاپ بەكمۇ خالىس ئىش قىلىپسىز،قۇلىڭىزغا دەرەت تەگمىسۇن .شۆھرەت مۇتەللىپ ھەممە بىلىشى زورۇر دەپ قارايمەن.
ۋاقتى: 2013-6-7 17:40:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا مۇشۇنداق ئۇيغۇر ئالىملىرىمىزنىڭ ئىش - ئىزلڭرىدىن پەخىرلەنمەي تۇرالمايمىز، مەن شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ شىنجاڭغا كىلىپ سۆھبەت ئېلىپ بارغانلىقىغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن ! ھەم ئالىم شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ بۇندىن كىيىنمۇ مۇشۇنداق قىممەتلىك ۋاختىنى چىقىرىپ پات- پات كەپ تۇرىشىنى ئۈمىد قىلىش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق ئۆمۇرىنىڭ ئۇزۇن بۇلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .
    تىما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت ...............................!
ۋاقتى: 2013-6-20 21:26:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇيۈك ئالىمنىڭ ئىشلىرىغا ئوتۇق تىلەيمەن.ئىشلىرى تىخىمۇ رۇناق تاپسۇن.

باھا سۆز

بىزگە شۇنداق ئالىملار كېرەك.  ۋاقتى: 2014-4-21 22:28
بىزگە ئەنە شۇنداق ئالىملار كېرەك.  ۋاقتى: 2014-4-21 22:27
شۆھرەت مۇتەللىپ توغرىسىدىكى ماتىرىيالنى يوللىغىنىڭلارغا رەھمەت...  ۋاقتى: 2014-4-21 22:26
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش