توردىكى مائارىپ بايلىقلىرىمىز نېمىشقا كەمچىل؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بايقاش تور ئەھلى، ئەھۋالىڭلار ياخشىمۇ؟ يېڭى ئەزا شاختۇردىن سىزلەرگە ئوتلۇق سالام! مەن ئۆزۈم بىر ئاددى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى، مەن تور دۇنياسىغا قەدەم قويغىلى ئاز-كەم بەش يىل بۇلاي دەپ قاپتۇ. بۇ جەرىيانىدا مەن مائارىپ تورلىرىنى ئاساس قىلغان ئاساستا، باشقا ئونىۋىرسال، كىنو تور بېكەتلىرىنى زىيارەت قىلىپ، ئۆزۈمنىڭ مەنىيىۋىتىمنى تولۇقلاپ كەلدىم. بۇ بەش جەرىيانىدا شۇنى ھېس قىلدىمكى بىزنىڭ ئۇنۋېرىسال، كىنو، ناخشا تورلىرىدىن كۆپلۈكى، ئىچىدىكى مەزمۇنلارنىڭ يېڭىلىقى، سەرخىللىقى ئادەمنى خوش قىلسىمۇ، لېكىن بىزنىڭ مائارىپ، ئوقۇ-ئوقۇتۇش بىلىملىرى، ماتېرىياللىرىنىڭ كەمچىللىكى بىزنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ. قاراپ باقايلى قېرىنداشلار سىز بەيدۇغا كىرىپ مائارىپقا مۇناسىۋەتلىك بىرەر خەتنى يېزىپ ئىزدەپ بېقىڭ، شۇ سۆزگە مۇناسىۋەتلىك مائارىپ ماتىرىياللىرىنى كۆز يەتكۈسىز دەرىجىدە چىقىرىپ سىزنى ماتېرىيالغا تۇيغۇزىۋىتىدۇ. لېكىن بىزنىڭ ئۇيغۇرچە يېزىقتىكى ماتىرىياللارنى ئىزدەپ بېقىڭ، سىزگە لازىملىق ماتېرىيال قانچىلىك چىقىدىكىن؟ نەتىجە ئادەمنى بەكلا ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ. سىز ئويلاپ بېقىڭ، مائارىپ ماتىرىياللىرى ساقلاپ ئولتۇرساق ئاسماندىن ئۆزلىگىدىن چۈشەرمۇ؟ ياكى بىزنىڭ دېھقانلىرىمىز تورغا يوللاپ بىرەرمۇ؟ تىجارەتچىلىرىمىز بىزگە تۇلۇقلاپ بىرەرمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق بولمايدۇ، مائارىپ ماتىرىياللىرى بولغان ئىكەن چوقۇم بىز مائارىپچىلار تولۇقلىشىمىز كېرەك. ھازىر تور دۇنياسىدا ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى قىلچە ئويلاشماي، قىممەتلىك ۋاقتىنى، كۆپلىگەن زېھىنىنى سەرپ قىلىپ مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن پىدائىيلارچە خىزمەت قىلىۋاتقان بايقاشقا ئوخشاش تور بېكەتلىرى ئېچىلىۋاتىدۇ. ئۇلار بىزلەرگە ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز تولۇقلىشىمىز ئۈچۈن ياخشى شارائىتلار بىلەن تەمىنلەپ كىلىۋاتىدۇ. لېكىن بىز كۆپچىلىكىمىز نېمىش قىلدۇق. «ئۈجمە پىش، ئېغىزىمغا چۈش. بەرسەڭ يەيمەن، بەرمىسەڭ ئۆلىمەن. ئالسام يىسەم، بەرمىسەم» دېگەن نىيەتتە باشقىلاردىن ئېلىشنى بىلىپ ئۆزىمىزدىكى چىقالمايۋاتىمىز. بايقاشقا قاراپ باقسام تېما يوللاۋاتقانلارنىڭ كۆپىنچىسى كامىنا ۋاقتىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، كومپيۇتېر بىلەن ئۇچۇرشىشى ئەڭ تۈۋەن بولسا پىشقەدەم ئوقۇتقۇچىلار ئىكەن، بۇلارغا قاراپ ئۇچۇر -كومپيۇتېر دەۋرىدە تۇغۇلغان ياشلىرىمىز قانداق ئىشلار بىلەن ئالدىراش بۇلىۋاتقاندۇ دەپ بەزى ئويلارغا چۈكىدىكەنمىز. بايقاش چ چ توپىغا قاراپ باقسام ياردەم ئۇچۇرى ئادەمنىڭ بېشىنى يەيدىكەن، توردا تەييار بار ماتىرىياللارنى چۈشۈرۈشتىن ئىرىنىپ چۈشۈرۈپ ئىۋەتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىۋاتقان ياش مائارىپچىلىرىنىمۇ جېق كۆردۈم. بىرەرسىنىڭ مۇنداق ياخشى ماتىرىيال يوللىدىم پايدىلانغايسىلەر دەيدىغان بىر ئۇچۇرنىمۇ كۆرمىدىم. تورداشلار ئۇنداق شەخسىيەتچى بۇلۇپ كەتمەيلى، باشقىلاردىن نەپ ئالغان ئىكەنمىز باشقىلارغىمۇ ئازىراق نەپ يەتكۈزۈشنى بىلەيلى. مائارىپىمىز ئۆزىنى مائارىپلىرىغا ئۆزى بېغىشلىيالايدىغان مائارىپچىلارغا مۇھتاج. مائارىپ ماتىرىياللىرىمىز ئۆزىمىزنىڭ تولۇقلىشىمىزغا مۇھتاج. سىز ئەھمىيىتى يوق قاراپ تورغا يوللىمىغان بىر ماتىرىيال باشقىلارنىڭ كۆپ ۋاقىتلاردىن بۇيان ئىزدەپ كىلىۋاتقان قىممەتلىك ماتىرىيالى بۇلۇپ چىقىشىمۇ مۇمكىن. قېنى ئازىراق ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ مائارىپ ماتىرىياللىرىنى تولۇقلاشقا كۈچ چىقىرىپ قۇيۇڭ.
دوستۇم، قېنى كېلىڭ، خەلقىمىز ئارىسىدا ‹‹تاما-تاما كۆل تولار›› دەيدىغان ھېكمەت بار، ھەممىمىز ئۆز قابىلىيىتىمىز ۋە تىرىشچانلىقىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، مائارىپ ماتىرىياللىرىنىڭ تولۇقلىنىشى ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىشىچە ھەسسە قوشايلى. بايقاش مۇنبىرىنى قوللىغىنىڭىز _ ئۆزىڭىزنى قوللىغىنىڭىز بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ. بايقاش مۇنبىرىنى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىللىق ئائىلىسى، سىرداش دوستى، قابىل ياردەمچىسى ۋە مەنىۋى تۇرمۇشىنىڭ مۇھىم تەركىۋى قىسمىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن قولنى قولغا تۇتۇشۇپ، بىرلىكتە ھەركەتلىنەيلى! ئەگەر نېمە يوللاشنى بىلەلمىگەن بولسىڭىز بۇ تېمىغا دىققەت قىلىڭ: كۆرۈش |