ياشلارغا ئون كۆرسەتمە
 1.ھەر بىر ئادەمنىڭ يالغۇز قالىدىغان ۋاقىتلىرى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن يالغۇزلۇققا بەرداشلىق بېرىشنى ئۆگىنىۋېلىش كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا پىشىپ يېتىلگىلى بولىدۇ. ياشلار خۇشال-خۇرام، ئەركىن-ئازادە ياشاپ كۆنۈپ قالغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ناتونۇش مۇھىتقا كىرگەندە، ھەر خىل ئادەم ۋە ئىشلار بىلەن ئۇچراشقاندا دەماللىققا نېمە قىلىشنى بىلەلمەي قالىدۇ. ھەتتا بەزى ۋاقىتلاردا يۈرەك سۆزىنى ئېيتىدىغان سورۇنمۇ تاپالمايدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا ھەرگىزمۇ يەڭگىلتەكلىك قىلماستىن، ئېغىر-بېسىق، تەمكىن بولۇشنى، يالغۇزلۇققا بەرداشلىق بېرىشنى ئۆگىنىۋېلىش كېرەك. يالغۇزلۇقتا تەپەككۈر قىلىش، تەپەككۈر جەريانىدا پىشىپ يېتىلىش ۋە شۇ جەريانىدا تەرەققىي قىلىش كېرەك. زېرىكىش تۈپەيلى ھەرگىزمۇ ئۆزىنىڭ نىشانىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتمەسلىك، ھەمدە پايدا-مەنپەئەتسىز ئىشلارنى قىلىپ قىممەتلىك ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىۋەتمەسلىك كېرەك.
2.بەختكە قاراپ ماڭغاندا، پېشكەللىككە تەييارلىق قىلىپ قويۇش كېرەك. بىر كۈنى تۈلكە ئۈزۈملۈك باغنىڭ يېنىغا كېلىپ قاپتۇ ۋە باغ ئىچىدىكى پىشقان ئۈزۈملەرنى كۆرۈپ شۆلگەيلىرى ئېقىپتۇ. بىراق، باغنىڭ ئەتراپى قاشالانغان بولغاچقا، ئىچىگە كىرەلمەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۈچ كۈنگىچە ھېچ نەرسە يېمەي ئورۇقلاپتۇ. ئورۇقلىغاندىن كېيىن قاشار رېشاتكىلىرى ئارىسىدىن باغ ئىچىگە كىرىپ ئۈزۈملەرنى راسا تويغۇچە يەپتۇ-دە چىقىپ كەتمەكچى بولۇپتۇ. بىراق، ئۇ بەك تويۇپ كەتكەچكە، رېشاتكا ئارىسىدىن پاتماي، ھەر قانچە قىلىپمۇ چىقالماپتۇ. ئىشىنىمەنكى، ھېچقانداق ئادەم تۈلكىدەك ئاقىۋەتكە قېلىشنى خالىمايدۇ. چېكىنىش يولىمۇ ئوخشاشلا مۇھىم. تامچە سۇ يىغىلىپ كۆلچەك ھاسىل قىلىدۇ. بەزى نەرسىلەرنىڭ بۈگۈن قىممىتى بولمىغىنى بىلەن بىر كۈنلەردە ئۇنىڭ قىممىتى ھەسسىلەپ ئېشىشى مۇمكىن.
3.ۋاقتىدا ئويغىنىش ئۈچۈن سائەت سېتىۋېلىش. ئۇيقۇخۇمارلىق، ۋاقىتقا رىئايە قىلماسلىق ھەر قانداق ۋاقىتتا سىزنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇشىڭىزدىكى كاشىلىغا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. مەسىلەن: سىز مەلۇم بىر جايغا بارماقچى بولۇپ ماڭدىڭىز ۋە ئەتراپىڭىزدىكى مەنزىرىلەرنىڭ ئىنتايىن چىرايلىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئىختىيارسىز توختاپ ھۇزۇرلىنىپ، ئاندىن ماڭدىڭىز. مەنزىلگىمۇ ۋاقتىدا بارالمىدىڭىز. ئېنىقكى، سائەت پەقەت بىر كۆرسەتكۈچ ۋە ئەسكەرتكۈچ. ئەمەلىيەتتە ھەقىقىي ئۈنۈملۈك ۋاقىت ھەر بىر ئادەمنىڭ ئىچكى دۇنياسىدا، ئىدىيەسىدە بولىدۇ.
4.ئەگەر ھازىرقى خىزمىتىڭىزنى ياقتۇرمىسىڭىز، دەرھال ئىستېپا بېرىڭ، يا بولمىسا چىداپ ئىشلەڭ. ھەرگىزمۇ نەزەرىڭىزنى ئۈستۈن قىلىپ، كىچىك ئىشلارنە ياراتماي، چوڭ ئىشنى قىلالماي يۈرمەڭ. تۇراقسىز تۇرمۇشقا كۆنۈپ قېلىش ياخشى ئىش ئەمەس. يامغۇر ياغقاندا كۈنلۈك تۇتۇۋېلىپ، كۈنلۈك ئالمىغاندا يامغۇر يېغىشتىن قورقۇپ يۈرمەڭ. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، قىلىشنى خالىمايدىغاندىن ۋاز كېچىڭ، قىلماقچى بولغاننى چوقۇم قىلىڭ.
5.پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويماڭ. سىز قولدىن بېرىپ قويغانغا، ئېنىقكى باشقىلار ئېرىشىدۇ. «ئۈجمە پىش، ئاغزىمغا چۈش» دەپ قۇرۇق خىيال سۈرۈپ ئولتۇرۇپ، ئارزۇ-ئۈمىدنى پۇرسەتكىلا باغلاپ قويماڭ. پۇرسەت پەقەت تولۇق تەييارلىق قىلىپ، ياخشى نىيەت بىلەن تىرىشقان ئادەمگىلا نېسىپ بولىدۇ. سىز پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويۇپ، پۇشايمان قىلىپ ئاغرىنىپ يۈرگەن ۋاقىتتا، پۇرسەتنى سىزگە ئوخشاش پالاكەت باسقان يەنە بىر ئادەم تۇتۇۋالغان بولۇشى مۇمكىن. پۇرسەت بولمىسا، ئۇنى يارىتىش كېرەك.
6.ئەگەر سىزگە تېلىفون كەلمىسە، سىز تېلىفون قىلىڭ. تېلىفون سىزگە كۈتۈلمىگەن ئۈنۈملەرنى ئېلىپ كېلەلەيدۇ. ئۇ پەقەت تىزىپ قويسىلا بولىدىغان گۈل تەشتىكى ئەمەس. يېڭى دوست تۇتقىنىڭىزدا، كونا دوستلىرىڭىزنى ئۇنۇتماڭ. دوست كۆپ بولسا، يولمۇ كۆپ بولىدۇ. ئالاقىنىڭ سىرى ئاكتىپ بولۇشتا.
7.ئەينەككە ئوخشاش ئاجىز بولۇپ قالماڭ. بەزى ئادەملەر پەقەت ئۆزىنىلا ئويلايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئېگىزگە ھەم يىراققا نەزەر تاشلىيالمايدۇ. دائىملا باشقىلاردىن ئاغرىنىپ، بىزار بولۇپ يۈرىدۇ. جاپا تارتماي، ھالاۋەت نەدە تۇرۇپتۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەينەككە ئوخشاش ئاجىز بولۇپ قالماي، بەلكى خىرۇستالدەك سۈزۈك، قۇياشتەك نۇرلۇق، قارىغايدەك قەيسەر بولۇڭ. ئەگەر كۆزىڭىزنى ئېچىپ، سالقىن شامالدىن ھۇزۇرلانغان بولسىڭىز، شامال ئۇچۇرۇپ كەلگەن قۇم دانچىلىرىدىن ئاغرىنماڭ.
8.ئاغزىڭىزغا ئىگە بولۇڭ. ئۆزىڭىزنى ماختاپ، باشقىلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلماڭ. ئۆزىنى ماختاش ئادەمنى مەغرۇرلاندۇرۇپ، خىيال ئىچىدە ئۆزىنى يوقىتىپ قويۇشقا سەۋەب بولىدۇ. باشقىلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلغاندا، دائىم باش-ئاخىرى ئېنىق بولمىغان ئەرزىمەس گەپلەر ئىچىگە غەرق بولىدىغان گەپ. ئومۇمەن، باشقىلارنىڭ كەينىدىن گەپ قىلىش ياخشى ئەمەس. بۇ قىلىق سىزنىڭ ئىناۋىتىڭىزنى چۈشۈرۈۋېتىدۇ.
9.ئۆز ھاياتىڭىزدا قىلماقچى بولغان ئىشلارنى يېزىپ چىقىڭ، ھەمدە يازغانلىرىڭىزنى پات-پات كۆرۈپ تۇرۇڭ. ھاياتتا نىشان، پىلان، ئەسكەرتكۈچ ۋە بىلىم بولۇشى كېرەك. ھاياتىڭىزدىكى چوڭ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن كىچىڭ-كىچىك نىشانلارنى تۇرغۇزۇۋېلىڭ. تۇرمۇشىڭىز پاراۋانلىشىپ، شارائىت ياخشىلانغاندا، ھېلىقى يازغانلىرىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ.
10.توي قىلش يېشىغا يېتىپ قالغانلىقىڭىز تۈپەيلى ھەرگىز ئالدىراپ توي قىلماڭ. توي ئىشىدا چوقۇم يۈرىكىڭىزدە ئىز قالدۇرالايدىغان، قولىڭىزغا قول، پۇتىڭىزغا پۇت بولالايدىغان جۆرە تېپىڭ. ئىچ پۇشىقى ھەم ئويۇننىڭ ئورنىدا مۇھەببەتلەشمەڭ. مۇھەببەتلىشىش خىزمىتىڭىزگە تەسىر يەتكۈزمىسۇن. بولمىسا، ئالدىراقسانلىق تۈپەيلى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان نىكاھ تۇرمۇشىڭىزغا توسالغۇ بولۇپ قالىدۇ. ھېسسىيات بىلەن ئىش قىلغاندا، كىچىك ئىش سەۋەبىدىن چوڭ مەغلۇبىيەت كېلىپ چىقىدۇ.

مەنبە: «شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلى
|