مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2062 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • pari 2 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 4 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • خانىدان 9 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

  • زەپەر 23 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • دىلكەش تۈنۈگۈن 09:24 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا موبارەك بولسۇن~

  • 1چىچەك ئۈلۈشكۈن 18:05 [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشى بولماق مىڭ يىلچىلىك،يامان بولماق بىر دھمچىلىك.

  • 1چىچەك ئۈلۈشكۈن 18:00 [ئىنكاس(0)] [...]

    مقۋىلىك دەرەخنىڭ بېشى تۆۋەن،بىلىملىك ئادەمنىڭ يۇزى تۆۋەن.

  • شىرنە 3 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 4 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

  • نۇردۇن 12 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام،دوسلار بايرىمىڭىلارگە بۇبارەك بولسۇن!بايراملىق تىللا سوۋغا قىلمامسىلە؟

  • پۇرخۇن 23 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    نېمە قىلىۋاتىسىز؟ دوستلىرىڭىز بېلەن ئورتاقلىشىڭ ...جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.

  • زەپەر ئۈلۈشكۈن 23:39 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • 1چىچەك ئۈلۈشكۈن 18:03 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىشچاندىن تەر چىقىدۇ،ھورۇنندىن ئۇھ چىقىدۇ.

  • 1چىچەك ئۈلۈشكۈن 17:56 [ئىنكاس(0)] [...]

    دىلىڭدا نېمە بولسا تىلىڭدا شۇ.

كۆرۈش: 98|ئىنكاس: 5

رىزۋانگۇل

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

46

تېما

0

دوست

647

جۇغلانما

ئەتتىرگۈل ئەزا

Rank: 3Rank: 3

قىزغىنلىق
122 سەر
تىللا
154 دانە
تۆھپە
76 سەر
شۆھرەت
121 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-17 01:10:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رېزۋانگۈل

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىك قىزى ، مىللى قەﻫرىمان ، شەپقەت ﻫەمشىرىسى رىزۋانگۈل 1925 - يىلى قازاقىستاننىڭ ئالمائاتا ئوبلاستى چىلەك رايۇنىدا تۇغۇلغان . دادىسىنىڭ ئىسىمى ﻫاشىم ئاخون ، ئاپىسىنىڭ ئىسمى مەريەمخان بولۇپ ، دادىسى يۇڭ تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىناتتى .
1932 - يىلى رىزۋانگۈل 7 ياش ۋاقتىدا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن غۇلجا شەﻫىرىگە ( پۇشمان مەﻫەللىسىگە ) كېلىپ ئولتۇراقلاشقان . 1933 - يىلىدىن 1940 - يىلىغىچە غۇلجىدىكى شەرق مەكتەپ ۋە ئۈمۈت مەكتەپلىرىدە ئوقۇغان . 1940 - يىلى ئۈرۈمچى ئوتتۇرا دەرىجىلىك مىللى قىزلار مەكتەپ بوغالتىرلىق كەسپىي سىنىپىدا ئوقۇغان .1943 - يىلى ئوقۇش پۈتتۇرۈپ غۇلجىغا قايتىپ كەلگەن ۋە شۇ يىلى ۋىلايەتلىك پوچتا ئىدارىسىگە خىزمەتكە ئورۇنلاشقان .
رىزۋانگۈل مەرىپەتپەرۋەر ۋە تەرەققىيپەرۋەر ئائىلىدە چوڭ بولغان . ئۇ ئائىلىسىنىڭ بولۇپمۇ ئوقۇتقۇچى ئۇستازلىرىنىڭ تەسىرىدە كىچىكىدىن تارتىپلا تىرىشچان ، ئۆتكۈر پىكىرلىك ، كەمسۆز ، لېكىن دىگىنىنى قىلىدىغان ، خورلۇق ۋە ئادالەتسىزلىككە چىداپ تۇرالمايدىغان قەيسەر قىز بولۇپ يېتىشكەن . ئۇ ئەينى ۋاقىتتىكى ئۆكتەملەر ئاجىزلارنى بۆزەك قىلىدىغان ، نارسىدە قىزلارنى مەجبۇرى ئەرگە بىرىدىغان ، ئاياللارنى خورلايدىغان ئەﻫۋاللارنى كۆرگەندە ئۇ ئىشلارغا ﻫىچ ئىككىلەنمەي قارشى تۇراتتى .
رىزۋانگۇل پوچتا ئىدارىسىدە ئىشلەپ يۇرگەن كۈنلەردە ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋى باشلاندى . ئىنقىلاپ باشلىنىپ ئالتىنچى كۇنىلا رىزۋانگۈل بىرقانچە دوسلىرى بىلەن پىدائىي بولۇپ جەڭگە قاتناشتى . ئۇ پىدائىي سېپىگە كىرگەندىن كىيىن بىر تەرەپتىن قىسىمنىڭ شەپقەت ﻫەمشىرىسى بولۇپ قانلىق جەڭلەرگە قاتناشسا ، يەنە بىر تەرەپتىن ﻫەربى قائىدە ۋە قورال ئىشلىتىشنى قېتىرقىنىپ ئۈگەندى . ئۇ دائىم : << دۇشمەن بىلەن ئەرك ئۇچۇن جەڭ قىلىۋاتقان ۋەتەننىڭ ئوغلانلىرى بولسا ، بىز ۋەتەن قىزلىرى . قىزلارمۇ قولىغا قورال ئېلىپ ئالدىنقى سەپكە بېرىشى كېرەك >> دېسە ، ﻫەمىشىرە قىزلارغا :<< فاشىزىمغا قارشى كۇرەش قەﻫرىمانى روس قىزى زويادەك بولايلى >> دەيتى . رىزۋانگۇل جەڭ مەيدانلىرىدىكى جاپا مۇشەققەتنى يېڭىپ ، ئۆلۇمگە پىسەنت قىلماي ، مولدۇردەك يېغىۋاتقان دۇشمەن ئوقلىرى ئارىسىدا قەﻫرىمانلارچە يۈگۇرۈپ يۈرۈپ يارىدار جەڭچىلەرگە شەپقەت يەتكۈزدى . ئۇ جەڭلەردىكى ئاجايىپ جاسارىتى ۋە يارىدار جەڭچىلەرگە بولغان كۆيۈمچانلىقى بىلەن كوماندىر - جەڭچىلەرنىڭ قەلبىدىكى ئەڭ شەپقەتلىك ، مىﻬرىبان ﻫەمشىرىگە ئايلانغان ئىدى .
رىزۋانگۇل 1945 - يىلى 13 - يانۋاردا ﻫەرەمباغ ئەتراپىدىكى شىددەتلىك جەڭدە ۋىژىلداپ ئۇچۇۋاتقان ئوقلار ئارىسىدا يارىلانغان ئۇچ جەڭچىنىڭ يارىسىنى ئارقا - ئارقىدىن تېڭىپ بىخەتەر جايغا ئاپىرىۋېتىپ ، ئارقىغا قاراپ خەۋپلىك جايدىكى تۆتىنچى جەڭچىنىڭ يىنىغا كېتىۋاتقاندا دۈشمەن ئاتقان ئەجەللىك ئۇق بىشىغا تىگىپ قەخىرىمانلارچە قۇربان بولدى . ئۇ قۇربان بولغاندا ئەمدىلا 19 ياشقا كىرگەن ئىدى ، شۇڭا ئۇنىڭ ئۆلىمى كىشىنى بەكمۇ ئېچىندۇرىدۇ . ئۇنىڭ نامى ۋەتەن، مىللەت ئۇچۇن قان تۆككەن مىڭلىغان ئوت يۈرەك ئوغۇل -قىزلىرىمىز قاتارىدا تارىخ بېتىگە مەڭگۈلۈك يېزىلدى .

مىللى قەﻫرىمان رىزۋانگۈل باتۇرانە ئىش ئىزلىرى بىلەن ئەينى دەۋر جەڭ مەيدانىدىكى ﻫەر مىلەت ئوغۇل قىز جەڭچىلەرنىڭ ئۈگىنىش ئۈلگىسى بولۇپلا قالماي ، ﻫازىرقى دەۋرىمىز ياشلىرىنىڭمۇ ئۈگىنىش ئۈلگىسىدۇر . ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئۈچۈن جەڭگە كىرمەي شۇ چاغدىكى يۇقۇرى بىلىمى بىلەن ئارقا سەپتە تۇرۇپمۇ بۇ ئىنقىلاپتا ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئىمكانىيىتى بار ئىدى ، لېكىن ئۇنىڭدىكى مىللى غورۇر ، ۋەتەن ئانا زىمىن ئۇچۇن ياش تۆكەلەيدىغان ، خورلۇق ۋە ئادالەتسىزلىككە چىدىمايدىغان باتۇرانە روﻫى بۇنىڭغا يول قويمىدى . ئۇ بىر باتۇر ، قەھرىمان ، مەردانە ئۇيغۇر قىزى . ئۇ بۇرۇن ، ﻫازىر شۇنداقلا كەلگۇسىدىكى ﻫەر مىللەت ئوغۇل قىزلىرىمىز ئۇچۇن مەڭگۈلۈك ئۈگىنىش ئۈلگىسى ۋە بايراق بولغۇسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

263

تېما

45

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
2838 سەر
تىللا
1105 دانە
تۆھپە
3233 سەر
شۆھرەت
2525 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش باتۇرىجەۋھەر ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-17 08:43:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېقىنىدىن بىرى مۇنبەرگە پايدىلىنىش قىممىتى بار  يازمىلارنى يوللاۋاتىسىز،مۇمكىن بولسا تېما يوللىغاندا تېما مەنبەسنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى سەمىمىي ئەسكەرتىمەن...
ھىكمەت: ‹‹سۇ ئېچكەندە،قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇما››.           باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش...

574

تېما

30

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
7207 سەر
تىللا
2942 دانە
تۆھپە
7889 سەر
شۆھرەت
5849 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-17 08:45:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىللى قەﻫرىمان رىزۋانگۈل باتۇرانە ئىش ئىزلىرى بىلەن ئەينى دەۋر جەڭ مەيدانىدىكى ﻫەر مىللەت ئوغۇل قىز جەڭچىلەرنىڭ ئۈگىنىش ئۈلگىسى بولۇپلا قالماي ، ﻫازىرقى دەۋرىمىز ياشلىرىنىڭمۇ ئۈگىنىش ئۈلگىسىدۇر
ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

22

تېما

3

دوست

787

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

قىزغىنلىق
149 سەر
تىللا
40 دانە
تۆھپە
148 سەر
شۆھرەت
195 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-17 11:56:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رىزۋانگۈلنىڭ ئىش-ئىزلىرى ھەممىمىزنىڭ ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ، بولسا مەكتەپلەردە شۇ توغرىلىق تەشۋىق-تەربىيە پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلسا

25

تېما

10

دوست

6645

جۇغلانما

ئاق سۈڭەك ئەزا

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1018 سەر
تىللا
474 دانە
تۆھپە
2283 سەر
شۆھرەت
1046 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-17 15:29:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىك قىزى ، مىللى قەﻫرىمان ، شەپقەت ﻫەمشىرىسى رىزۋانگۈل ھەققىدە تەپسىلى چۇشەنچە بىرىپسىز،رەخمەت.مۇشۇنۇڭغا ئوخشاش تارىخى تىمىللىرڭىز ئۇزۇلۇپ قالمىسۇن.

15

تېما

0

دوست

1341

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
257 سەر
تىللا
154 دانە
تۆھپە
232 سەر
شۆھرەت
243 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-17 23:25:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


     مەرھۇم قۇربان بولغاندا ئاران 19 ياشتا ئىدى .
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-10 23:58, Processed in 0.456617 second(s), 39 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش