كۆرۈش: 16151|ئىنكاس: 55

لېكسىيە: ھاياتىمىز مېھرى-مۇھەببەتكە تولسۇن !(تەۋىسىيە)

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
تۆۋەندىكى فىلىم خۇتەن قاراقاش ناھيىلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېىتىملىق لېكسىيەنىڭ نەق مەيدان كۆرۆنىشى ئىكەن.لىكسىيە ناھايتى ئۇتۇقلۇق چىققان بولۇپ كىشىنىڭ يۇرەك تارىنى چېكىدۇ،قايىل قىلىش كۈچى يۇقۇرى،يۇكسەك ئىلمى پۇزىتسىيە ۋە يۇكسەك غايە روھى بىلەن يۇغۇرۇلغان.زامانىمىزدىكى بىر ساھەنىڭ رىياللىغى  يارقىن ئەكىس ئەتتۇرۆلگەن.بۇ لىكسىيەنى ئائىلە ،مەكتەپ ،ياش-ئۇسمۇرلەر جازا ئۇتەۋاتقان ،تەربىيىلىنىۋاتقان ھەرقانداق سۇرۇندا قايتا-قايتا قويۇپ ئاڭلاشنىڭ ئالاھىدە ئۇنۇمى بار دەپ قارىدىم.مەن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ لىكسىيەنى ئۇيۇشتۇرغان ئورۇن ۋە ئالاقىدار رەھبەرلەرگە،لىكسىيە سۇزلىگۇچى گۇلباھار خانىمغا ئالاھىدە رەھمەت ئىتىمەن!.

گۇلباھار خانىم،سىز ئۇزلىكسىيىڭىزدە مول مەزمۇنلاردىن باشقا تەربىيىۋى مىتۇتنىڭ كۇپ خىللىغىدىن ،ئىجادىلىغىدىن خەۋەر بەردىڭىز. سىزنىڭ لىكسىيىڭىزدە ئىلمى جەۋھەرلەر،گۇزەل غايىلەر ،بۇرىچ تۇيغۇلىرى مۇجەسسەم بولۇپلا قالماي،دىداكتىك پائاليەتنى سەنئەت خۇرۇچلىرى بىلەن ئورگانىك ھالدا بىرلەشتۇرۇپسىز.مەن سىزنىڭ تېخمۇ تەكەممۇللىشىدىغىنىڭزغا،پىداگۇگىكا سەنئىتىنىڭ گۇزەل،ئىجادى يوللىرىدا تېخمۇ چوڭ زەپەر قۇچىدىغىنىڭزغا ئىشىنمەن ۋە تىلەكداشلىق بىلدۇرىمەن!.

ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بۇ فىلىمنى بىر قېتىم كۆرۈپ چىقىشىنى، چۈشۈرۈپ مەكتەپتىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا تەۋىسيە قىلىشىنى، ئۇلارنىڭمۇ ئۆز ئۆزىنى ئۆزگەرتىشى ئۈچۈن روھى ئىلھام ئاتا قىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.



دوستلار، بۇ فىلىمنى تۆۋەندىكى ئادرىستىن چۈشۈرگەيسىلەر:

http://pan.baidu.com/s/1hq8330K
مەخپى شىپىر: 8o2o

ئەسلى مەنبە: www.hotan.biz (خوتەن تورى)

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2قىزغىنلىق +10تىللا +10تۆھپە +10شۆھرەت +10يىغىشسەۋەبى
ئىلغار + 5 + 5 + 5 + 5ياخشىكەن..!
قاراقۇرۇم + 5 + 5 + 5 + 5ياخشى تېما.

باھا خاتىرىسى


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2013-5-16 00:53:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     تۈنۈگۈن بۇ فىلىمنى تەپسىلى كۆردۈم، راست پايدىلىنىش قىممىتى بار ئىكەن ، سىنىپ مودېرلىرى بىر قېتىملىق تېمىلىق سىنىپ يىغىنى ئىچىشتا پايدىلانسا ئۈنىمى ياخشى بولغىدەك دەپ قارىدىم .
ۋاقتى: 2013-5-16 02:40:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   گۈلزار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-16 02:43  

« ئاتا - ، ئانا جاپا چىكتىڭىز . رەھمەت سىلەرگە ، مەن سىلەرنى ياخشى كۆرۈمەن ، مەن سىلەرگە ئامراق » بۇ  ۋەدىلەرنى ئاڭلىغان ۋاقتىمدا ئۆزەم   بىر ئانا بولۇپ قالغان بولساممۇ يەنىلا ئۆزەمنىڭ بىر بالا ئىكەنلكىمى ئاتا - ئانامغا  ۋاپادارلىقىمى يەتكۈزۈپ بولالمىغانلىقىمنى ئەسلەپ كۆزلىرىمدىن تاراملاپ ياشلار تۆكۈلۈشكە باشلىدى . ھەم  كەچ بولۇپ كەتكىنىگە قارىماي ئاتا - ئانامنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۆزۈمنىڭ  كۆڭلىنى ئىپادىلىگۈم  كەلسە پەرزەنتلىرىمنى تەربىيلەش يولىدا تارتقان جاپالىرىم بىلەن ئۇلارغا ئاتا قىلىپ بولالمىغان مېھرى -مۇھەببەتلىرىمنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىپ يەتمەكتىمەن .
ئاتا - ئانا ھەم ئوقۇتقۇچى  دۇنيادىكى ئەڭ سۆيۈملۈك ، مېھرىبان ھەم ئۇلۇغ ئادەملەردۇر  . مەن مانا مۇشۇنداق شەرەپلىك نامغا ئىگە بولغان ئانىمەن ھەم ئوقۇتقۇچىمەن. ئاخىرىنى يېزىشقا قۇربۇم يەتمىدى . چۈنكى كۆزلىرىمدىكى ياشلار ئۈزۈلمەي تۆكۈلۋاتاتتى .
ۋاقتى: 2013-5-16 07:34:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ تېمىنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقتىم.ھەقىقەتەنمۇ بىزنى ئۆزىمىز ئۆستىدە ،كەلگۈسىمىز ئۆستىدە چوڭقۇر ئويلىنىشقا ئېلىپ بارىدىكەن.
ۋاقتى: 2013-5-16 11:01:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ھەربىر ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچى ۋە ئاتا-ئانىلار كۆرۈپ بىقىشقا ئەرزىيدىغان پىسخىكىلىق تەربىيىسى يوقىرى بولغان فىلىمكەن بولسا بارلىق تورداشلار كەڭ تەشۋىق قىلايلى !!!
ۋاقتى: 2013-5-16 11:47:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ  لىكسىيەنى باشتىن باشلاپ  كۈرۈپ  چىقتىم.    ھازىرقى جەمىيىتىمىزدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ  ئاتا- ئانا، ئۇستازلىرىغا بولغان قاراشلىرىنى تۈپتىن ئۆزگەرتەلمىسىمۇ ئەمما ئاق سۈت ئەمگەن باغرى يۇمشاق  پەرزەنت ئۈچۈن  مەلۇم  تەربىيىۋى ئەھمىيىتى بولۇدۇ.
  بىزنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىمىز   ۋە  پەرزەنتلىرىمىزنى ئەيىپلەشكە ھەققىمىز يوق،    بىز ئاتا-  ئانىلار  ۋە  ئوقۇتقۇچىلار  ئاشۇ  پەرزەنتلىرىمىزنى تەربىيىلەشكە،  ئۇلارغا مىھرى مۇھەببەت ئاتا قىلىشىمىز قانچىلىك بولدى؟   بىز  ھە  دىسىلا  « جەمىيەت بۇزۇلۇپ كەتتى.....» دەپلا   قاخشايمىزۇ  ئەمما  ئۈزىمىزنىڭ ئاشۇ جەمىيەتنىڭ بىر   تەركىۋى قىسمى ئىكەنلىكىمىز  ئېسىمىزگە كەلمەيدۇ.
ئوقۇتقۇچى ئۇستازلار  !  بىز  مىھرى  مۇھەببەتنى  باشقىلاردىن تەمە قىلماي  ئاۋۋال  ئۈزىمىز باشقىلارغا  ئاتا قىلايلى،  بىز  ئوقۇغۇچىلارغا   ئەمىلىيىتىمىز  ئارقىلىق  ئۆلگە بولساقلا    بىزدىنمۇ   ياراملىق، ئەخلاقلىق، ۋاپادار  يېڭى  ئەۋلات   يىتىشىپ  چىقىدۇ.
  مەن  بۇ  لىكسىيەنى   ھەر بىر  ئوقۇتقۇچى     ھەپتىدە  بىر قېتىم  كۈرۈپ  تۇرىشىنى ،   ئىمكان بولسا    ئاتا - ئانىلار يىغىنىدا    لىكسىيە  شەكلىدە  بىر نەچچە قېتىم  پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىنى  تەۋىسسىيە  قىلىمەن  (    بۇ  پىلىمنىڭ  ئۈزىنى    ئوقۇغۇچىلىرىڭىزغا   ھەرگىز  قۇيۇپ   بېرىپ سالماڭ،  مىنىڭچە   سىز  بۇ پىلىمنىڭ  ئۈزىنى قۇيۇپ بەرسىڭىز   ئوقۇغۇچىڭىزنىڭ  نەزىرىدىن  چۈشۈشىڭىز مۈمكىن،  چۈنكى  سىزمۇ  شۇنداق  تەربىيىلەرنى  بىرەلەيسىز  ئەمەسمۇ؟)
ۋاقتى: 2013-5-16 12:19:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن مۇ يوللاپ قۇياي دىگەنتىم بىراق ۋاختىم چىقماسلىق سەۋەبىدىن يوللىيالمىغان .  بۇ خۇتەندىكى ئۇققۇتقۇچىلارنىمۇ باشقا ئۇرۇنلاردىكى مائارىپچىلارمۇ بىلىشى كىرەك . خۇتەندىمۇ شۇنداق قابىلىيەتلىك ئۇقۇتقۇچىللىرىمىز بار . رەخمەت سىزگە
ۋاقتى: 2013-5-16 13:27:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى لىكسىيە بوپتۇ. تۇلۇق كۆردۇم. چۈشۈرىۋېلىپ، خىزمەتداشلىرىمغا كۆرسۇتۇش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىپ قويدۇم.
تىما يوللىغۇچىغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن.
ۋاقتى: 2013-5-16 15:13:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قاراقۇرۇم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-16 23:47  

ھەقىقەتەن ياخشى لىكسىيە ئىكەن ،بۇنى چۇشۇرۋىلىپ ئوقوغۇچىلىرىغا كۇرسەتسەم بۇلغىدەك ،بۇ تىمىنى كۇرۇشكە مۇيەسسەر قىلغىنىڭزغا رەخمەت .
ۋاقتى: 2013-5-16 19:27:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى لىكسىيەكەن ،مەن پەقەت چۈشۈرەلمىدىم .چۈشۈرەلىگەنلەر بارمۇ ؟
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش