كۆرۈش: 9054|ئىنكاس: 25

يانفونىڭىزغا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قاچىلىۋېلىڭ

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
يانفونىڭىزغا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قاچىلىۋېلىڭ

تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن بايقاش يوللاندى.بۇ دېتالنى ئىشلىگەن ئالىپ تورىدىكى qarahan ئەپەندىمگە رەھمتىمىزنى بىلدۈرىمىز.


android بەيدۇ كىرگۈچىدە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ئۇسۇلى

                                              ئالىپ تورى ئۇيغۇرىيە يازمىسى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار ياخشىمۇسىلەر ،بۈگۈن سىلەرگە android بەيدۇ كىرگۈچىدە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچىمەن .
چۈشۈرۈش ئۇسۇلى:
1. بەيدۇ ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش دېتالىنى بايقاشتىن چۈشۈرۈش: چۈشۈرۈش

2. ئىككىلىك كود ئارقىلىق بىۋاسىتە يانفۇنغا چۈشۈرۈش.  ئۈندىدارنىڭ «扫一扫» ئىقتىدارى ئارلىق تېلفۇننىڭ كامىراسىنى  بۇ بەلگىگە توغرىلىسىڭىزلا بولىدۇ.
QQ截图20140305004558.png

بىرىنچى قەدەمدە android بەيدۇ كىرگۈچىنى بىۋاستە تېلفۇن ئارقىلىق  ياكى 360،91 قاتارلىق يانفۇن ياردەمچىسى ئارقىلىق .چۈشۈرۈپ يانفۇنىمىزغا قاچىلايمىز .

بەيدۇ كىرگۈچىنى يانفۇنىمىزغا چۈشۈرۈپ قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن ، يانفۇن تەڭشىكىدىن ئەسلىدىكى كىرگۈزگۈچنىڭ ئورنىغا بەيدۇ كىرگۈزگۈچىنى  ئالماشتۇرۇڭ


ئىككىنچى قەدەمدە ، قىسقا ئۇچۇريېزىش رايونىنى  ئېچىڭ ، ھەمدە تۆۋەندىكى رەسىمدىكى قارا كاتەكچە ئىچىگە ئېلىنغان يەرنى بېسىڭ



قارا كاتەكچە ئىچىگە ئېلىنغان بەيدۇنىڭ بەلگىسىنى باسسىڭىز تۆۋەندىكىدەك چىقىدۇ بۇ يەردىن ئاۋۇ (超级皮肤)دېگەن خەتنى بېسىڭ .


(超级皮肤)دېگننى باسسىڭىز بىرمۇنچە نەپىس تېرىلەر چىقىدۇ ،بۇ يەردىن ئەڭ ئاستىدىكى (点击进入皮肤布局商店)دېگەن خەتنى بېسىڭ :


(点击进入皮肤布局商店)دېگەن خەتنى باسسىڭىز تېخىمۇ كۆپلىگەن نەپىس تېرىلەر چىقىدۇ ،كۆزىڭىزنى يوغان ئېچىپ سەل ئاستىغا چۈشۈرسىڭىز (新疆维吾尔语默认布局) دېگەن تېرە بار تاپقانسىز ؟دەرھال شۇنى تاللاڭ ئەمسە :


مۇشۇ تېرىنى تاللاپ ئېچىڭ ھەمدە چۈشۈرۈڭ ،قارىسام چۈشۈرلۈش قېتىم سانى 43877قېتىمغا يىتىپتۇ ،قارىغاندا جىق ئادەم ئىشلەتكەن ئوخشايدۇ .
چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن (应用)دېگەننى تاللاپ بۇنى ئورنىتىڭ .
*
ئورنىتىپ بولغاندىن كېيىن ،بايانتىنقىدەك  قىسقا ئۇچۇرنى ئېچىڭ ،ھەم بىرسىگە خەت يازماقچى بولۇپ قارىسىڭىز يەنىلا خەنزۇچە كىرگۈزگۈچ پەيدا بوپ قالىدۇ ،بىراق ئەنسىرمەڭ ئەتراپىغا قارىسىز ئۇيغۇرچە خەتلەرمۇ بار ،مۇنداق:


  
ئەمدى ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈشنى باشلايلى ،قېنى يۇقۇرىدىكى رەسىمدىكى يەردىن ئاۋۇ (拼音) دېگەننى تاللاپ ئۇنىڭ ئىچىدىن (笔画)دېگەننى تاللاڭ :




نەتىجىسى قانداق بولدى ؟ئۇيغۇرچە ھەرپتاختا ئېچىلدىمۇ؟ئەگەر ئېچىلغان بولسا ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈشنى باشلاڭ :



مانا شۇنىڭ بىلەن android بەيدۇ كىرگۈچىدە ئۇيغۇرچە كىرگۈزەلىدۇق.
شۇنىڭ بىلەن ئىش تامام ۋەسسالام .
دوستانە ئەسكەرتىش :
يەنە بىر گەپ يانفۇنىڭىزنىڭ روت ھوقۇقىنى ئېلىشنى ئۇنۇتماڭ بولمىسا خەتلەر ئۇلاشماي چىقىۋېلىشى مۇمكىن .
مەنبە: http://alip.biz/thread-6755-1-1.html

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1قىزغىنلىق +5تىللا +3تۆھپە +3شۆھرەت +5يىغىشسەۋەبى
بەختىيار(بايقاش + 5 + 3 + 3 + 5ياخشى تېما.

باھا خاتىرىسى


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2013-5-14 21:43:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۇچنى مەن قاچىلاپ كۆردۈم ھەقىقەتەن ياخشىكەن . بۇ   ئارقىلىق  مۇنبەرنى بىمالال زىيارەت قىلىپ ئىنكاس ۋە تېما يوللىيالايدىكەنمىز .
رەھمەت سىزگە
ۋاقتى: 2013-5-14 21:48:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجەپ ياخشى ئىش بولدى،چۈشتە تىلغۇنۇمغا ‹‹بايقاش››ئەپنى قاچىلىغان،لىكىن يېزىق قاچىلانمىغاچقا تور بەتنى نورمال كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولالمىغانىدىم،تېما بويىچە سىناشقا ئاتلاندىم.
تىلغۇننىڭ روت ھوقۇقنى ئالمىغان دوستلارنىڭ 百度一键ROOTنى كومپيۇتېرىڭىزغا قاچىلاپ،ئاندىن روت ھوقۇقنى ئېلشىڭىزنى سەمىمىي تەۋسىيە قىلىمەن.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تىللا +2يىغىشسەۋەبى
بايقاش + 2ROOT توغرىسىدا ئەسكەرتى.

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2013-5-15 18:51:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجىر- مىھنىتىڭىزگە ھەشقاللا....
ۋاقتى: 2013-5-26 09:42:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە،بەك ياخشىكەن،مەن ئىشلىتىپ  باقاي
ۋاقتى: 2013-6-8 12:48:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە،بەك ياخشىكەن،مەن ئىشلىتىپ  باقاي
ۋاقتى: 2013-6-13 01:26:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بەكلا ئىھتىياجلىق ئىدىم ،لىكىن تازا چۈشۈنەلمىدىم ،ھەم تېلفۇنۇمغا روت ھوقوقىنى ئالالمىدىم،
ۋاقتى: 2013-7-15 21:39:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجىر- مىھنىتىڭىزگە ھەشقاللا!....
ۋاقتى: 2013-9-18 23:26:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاچىلاپ ئىشلىتىپ كۇرۇپ باقتىم.راستىنلا ياخشىكەن ،خېلى ۋاقىتلاردىن بىرى تېلفونىمغا ئۇيغۇرچە تۇنۇتالماي يۈرەتتىم. بەك ياخشى بولدى. بىراق،روت ھوقۇقىنى چۈشۈرەلمىدىم شۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم ھەرپلەر ئۇلاشماي چىقىۋالدى..روت ھوقۇقىنى قانداق چۇشۇرىمەن ،ياردەم قىغان بولسىڭىز؟!
ۋاقتى: 2013-9-19 16:22:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چۈشمىدىغۇ ؟چۈشۈرۈش ئادىرىسنى تەكشۈرۈپ باقسىڭىز .
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش