قەلەم
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر
بەس قەلەم ، كۆرگەن مۇقامغا يورغىلاشتىن توختا سەن ، بارنى سۆزلە ، ھەقنى كۈيلە ، سەپسەتىلەر ساتما سەن .
نە كېرەك يوق نەرسىلەردىن باش قاتۇرماق شۇنچىلىك ، ساپلىغىڭنى بۇلغىتىپ ، ياشلار ئاققۇزماق شۇنچىلىك .
مەن سېنى كۈرەش ئۈچۈن قىيدىم بوۋامنىڭ تىغىدا ، بول ماڭا ئۆتكۈر قىلىچ ، ياتما مەزلۇملىق قېنىدا .
قەغىزىم ئۈستىدە ماڭساڭ كۈتكىنىمدىن ئىز ياسا ، ھەر چېكىتتە ھۆرىيەت _ ئىقبالىغا نېگىز ياسا .
كۈيلە تاغ باشىدا بولساڭ ، تاغۇ _ تاشلار تىتىرىسۇن ، ھەيۋىتىڭدىن ئەزگۈچى ھاكىم سىنىپ قان يىغلىسۇن .
قەغىزىم ئۈستىگە ئەمدى چۈشمىگەي ياش ئىزلىرىڭ ، خوش _ خوش ئېيتىپ ، كەتسۇن ئەمدى بۇ يىغىچان گەزلىرىڭ . مەن سېنى ماۋزۇ قىلىپ چوڭ جەڭ ئۈچۈن ئاتىدىم ، بىر كېچە گويا خىيالدا ياۋ كۆزىگە قادىدىم .
جەڭدە يەڭگەچ قەبرىمە « لەۋھە » بولۇپ ياتماقچىسەن ، تۈنلىرىمنى كۈن ياساپ ، گۆھەر كەبى يانماقچىسەن .
|