مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2071 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • ئامان 2 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان 6 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان 8 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى ئەزالار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • خانىدان تۈنۈگۈن 14:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

  • زەپەر تۈنۈگۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • ئامان 3 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى كەلگەن دوستلار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • ئامان 6 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى كەلگەن دوستلار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • چىركىن يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن ماتىرىيال يوللىماقچى ئىدىم

  • شىرنە تۈنۈگۈن 20:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

  • نۇردۇن تۈنۈگۈن 11:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام،دوسلار بايرىمىڭىلارگە بۇبارەك بولسۇن!بايراملىق تىللا سوۋغا قىلمامسىلە؟

  • پۇرخۇن تۈنۈگۈن 00:18 [ئىنكاس(0)] [...]

    نېمە قىلىۋاتىسىز؟ دوستلىرىڭىز بېلەن ئورتاقلىشىڭ ...جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.

كۆرۈش: 85|ئىنكاس: 8

ئابدۇبەسىر مۇئەللىم ھەققىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

46

تېما

0

دوست

647

جۇغلانما

ئەتتىرگۈل ئەزا

Rank: 3Rank: 3

قىزغىنلىق
122 سەر
تىللا
154 دانە
تۆھپە
76 سەر
شۆھرەت
121 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-12 11:36:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



ھەركىمنىڭ قانداق ياشاش يولىنى تاللىشى ئۆزىگە باغلىق. قانداقلا بولسۇن، كىشىلەرنىڭ لۇغىتىدە «مەسئۇلىيەت» دېگەن ئۇقۇم بولۇشى كېرەك. ھاياتلىقتا كۆپلەر ئۆزى ۋە جەمئىيەتكە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ، ھاياتىنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىدۇ ھەم شۇ تىرىشچانلىقلارنىڭ ھالاۋىتىنى كۆرىدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ ماڭغان يوللىرىدىن گۈللەر ئۈنىدۇ، خەلقنىڭ ھۆرمىتى، جەمئىيەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىدۇ، قەدىرلىنىدۇ. ئۇيغۇر ئەدەبىيات تەتقىقاتى ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن ياش، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى ئابدۇبەسىر شۈكۈرى ئەنە شۇنداقلارنىڭ بىرى. 
ئابدۇبەسىر شۈكۈرى 1964-يىلى پىچان ناھىيەسىنىڭ پىچان يېزىسىدا ئۇقۇمۇشلۇق دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. كىچىكىدە مومىسىنىڭ تەربىيەسىنى ئالغان. ئۇ باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىدىلا كونا يېزىقتا نەشر قىلىنغان كىتابلارنى ئوقۇشنى، بولۇپمۇ سوۋېت ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرى تاللاپ كىرگۈزۈلگەن «شېئىرلار» ناملىق كىتابنى ئوقۇشنى ياخشى كۆرەتتى. ئابدۇبەسىر تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىن باشلاپلا شېئىر يېزىشقا باشلىغان. مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە قەدىمكى ئۇيغۇرتىلى، چاغاتاي تىلىنى ئۆگىنىش بىلەن بىللە، كىلاسسىك ئەسەرلەر بىلەن تونۇشقان. ئۇ كىلاسسىك ئەدەبىياتنى ھەقىقىي چۈشەنمەي تۇرۇپ، ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنى يۈكسەلدۈرگىلى بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىپ، بۇ ھەقتىكى بىلىملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەتقىقاتقا كىرىشكەن.
ئۇ ھازىرغىچە مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى نوپۇزلۇق ژۇرناللاردا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى، تۈركولوگىيەگە مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات ماقالىلىرىدىن 72 پارچە ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ تەتقىقاتقا ئائىت ماقالىلىرىدىن «ئۇيغۇر خەلق داستانى ‹ئاق ئۈلۈمبەردىخان› ۋە شامان دىنى»، «تۇتېمنىڭ مەنىۋى ئاساسى ھەققىدە»، «‹ئوغۇزنامە› ۋە ‹ماناس›»، «يېڭى پلاتونىزم ۋە مىستىتىزم»، «شەرق ئەدەبىي ئويغىنىش دەۋرىنىڭ مەشھۇر تەسەۋۋۇپ شائىرى قۇل خوجا ئەھمەد يەسسەۋى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپەۋى قاراشلىرى»، «‹كۆزگۈ› نىڭ شامانىزىمدىكى مەدەنىيەت مەنىسى» قاتارلىقلار يۇقىرى ئىلمىي قىممەتكە ئىگە . ئۇ يەنە «قۇياش ۋە چۆچەك»، « ‹ئوۋ تاماشاسى›دىن تۇغۇلغان ئوي»، «سىرلىق ۋە مۇرەككەپ ئىنسانىي ھېسسىياتنىڭ يارقىن ئوبرازى»، «غورا خىياللار»، «پىنھان قەلب سىزغان سۈرەتلەر»، «پاكىز سەھرانىڭ بىغۇبار ناخشىسى»، «ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرىنىڭ پەلسەپەۋى ئىدىيەسى ۋە بەدىئىي ئالاھىدىلىكلىرى»، «ئەدەبىياتىمىز ھەققىدە ئويلىغانلىرىم» قاتارلىق 30 پارچىغا يېقىن ئوبزور - ماقالىلىرىنى يېزىپ، «ئەدەبىياتىمىز نېمە دەيدۇ» ناملىق ئەدەبىي ئوبزورلار توپلىمىنى نەشر قىلدۇرۇپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.
ئابدۇبەسىر شۈكۈرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە قەدىمكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىمىز ھەققىدە ئېلىمىز ۋە چەت ئەللەردە ئېلان قىلىنغان نادىر ئەسەرلەرنى خەلقىمىزگە تونۇشتۇرۇشنى ئۆزىنىڭ يۈكسەك مەسئۇلىيىتى دەپ تونۇپ، خەنزۇ تىلىدا يېزىلغان بىر قىسىم نادىر ئەسەرلەرنى، ئاتاقلىق رۇس تۈركولوگى كىلياشتورنىينىڭ «تۈرك - رونېك يېزىقىدىكى ئابىدىلەر» ناملىق قىممەتلىك ئەسىرىنى، مەشھۇر تۈركولوگ تالات تېكىننىڭ «ئورخۇن ئابىدىلىرى» ناملىق كىتابىنى تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇردى. 2000-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن «‹پالنامە› ۋە قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا قاراشلىرى» ناملىق تەتقىقات كىتابى نەشر قىلىندى. «نۇتۇق ۋە نۇتۇقشۇناسلىق» ناملىق كىتابى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىكى سۈپىتىدە ئىشلىتىلمەكتە. 
ئابدۇبەسىر شۈكۈرى 2002-يىلىدىن 2003-يىلىغىچە ياپونىيە شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن مەزكۇر ئىنستىتۇتتا ساقلىنىۋاتقان قەدىمقى ئۇيغۇرچە يازما يادىكارلىقلارنىڭ كاتالوگىنى ئىشلەشكە قاتناشتى، بۇ جەرياندا چەت ئەللەردىن كەلگەن نۇرغۇن تۈركولوگلار بىلەن تونۇشۇپ، كېيىن ئۇلارنى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىغا تەكلىپ قىلىپ لېكسىيە سۆزلەتتى. مۇشۇنداق تىرىشچانلىقلار بۇ تىنماس باغۋەنگە نۇرغۇن شان - شەرەپ ئاتا قىلدى. 1993-يىلى «مەمتىمىن ھوشۇر ھېكايىلىرىنىڭ بەدىئىي ئالاھىدىلىكلىرى» ناملىق ماقالىسى مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەت ئەدەبىياتى ئوبزور مۇكاپاتىغا، 1994-يىلى «غورا خىياللار» ناملىق ماقالىسى «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا، 1995-يىلى «قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئات مەدەنىيىتى ھەققىدە ئىزدىنىش» ناملىق ماقالىسى ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەن تەتقىقاتى بويىچە «نادىر تەتقىقات مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى. 
ئابدۇبەسىر شۈكۈرى ھازىر خەلقئارا ئالتايشۇناسلىق ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، تۇرپانشۇناسلىق ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، جۇڭگو ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە ئون ئىككى مۇقام ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

263

تېما

45

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
2838 سەر
تىللا
1105 دانە
تۆھپە
3233 سەر
شۆھرەت
2525 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش باتۇرىجەۋھەر ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-12 15:38:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئۇستازنىڭ نامىنى خىلى بۇرۇنلا ئاڭلىغاندىم،تەپىسلى تونۇشتۇرۇپسىز.مۇمكىن بولغان بولسا رەسىمىنى قوشۇپ يوللىغان بولسىڭىز كۆرۈلۈش ئۈنۈمى ھەقىقەتەن ياخشى بولاتتى!
ھىكمەت: ‹‹سۇ ئېچكەندە،قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇما››.           باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش...

7

تېما

29

دوست

2844

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

بايقاش

Rank: 6Rank: 6

قىزغىنلىق
579 سەر
تىللا
15 دانە
تۆھپە
615 سەر
شۆھرەت
671 سەر

مائارىپچىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-12 16:05:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئۇستازنىڭ نامىنى خىلى بۇرۇنلا ئاڭلىغاندىم،تەپىسلى تونۇشتۇرۇپسىز!
مەتتۇردى مەتتۇرسۇن

25

تېما

10

دوست

6645

جۇغلانما

ئاق سۈڭەك ئەزا

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1018 سەر
تىللا
474 دانە
تۆھپە
2283 سەر
شۆھرەت
1046 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-12 16:16:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇبەسىر شۈكۈرى ئەپەندىنىڭ ئىشلىرنىڭ ئۇڭۇشلۇق،تىننىڭ سالامەت بۇلشىنى تىللەيمەن.

23

تېما

15

دوست

2677

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
535 سەر
تىللا
359 دانە
تۆھپە
502 سەر
شۆھرەت
569 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-12 22:41:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىللەت ئۈچۈن ئاقىرىپتۇ چاچلىرى،
مائارىپقا بېشغىشلانغان يۈرىكى.
دەۋىر بىلەن توختاۋسىز ئىلگىرلەپ،
گۈللەندۈرۈش ئەلنى ئۇنىڭ تىلىكى.
مەكتەپتە ئۇ بىر كۇيۇمچان ئۇستازدۇر،
تەتقىقاتچى ھەمدە بىزگە يول باشچى ،
شۇنداق ئاددى  ھەم كىلىشكەن بىر زاتتۇر،
مۇنبەر ئۇنىڭ خۇشاللىقى ھەم بەختى!
ھۆرمىتىم كۆپ شۇ مۇبارەك ئۇستازغا،
قەلىمىگە بەرىكەتلەر تىلەيمەن.
يىللارئۆتۈپ سانجىلسىمۇ چاچقا ئاق ،
ئۇنى مەڭگۈ گۈللەپ ياشنىسۇن دەيمەن!
ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىقتىللاتۆھپەشۆھرەتيىغىشسەۋەبى
زەپەر + 2 + 2 + 2 + 2ياخشىكەن..!

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 2 تىللا + 2 تۆھپە + 2 شۆھرەت + 2  باھا خاتىرىسى

7

تېما

5

دوست

1213

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

قىزغىنلىق
212 سەر
تىللا
99 دانە
تۆھپە
214 سەر
شۆھرەت
309 سەر

بايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-12 23:14:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ياخشى تېما ئىكەن. ئىچىمىزدىن ئابدۇبەسىر شۈكىرى مۇئەللىمگە ئوخشاش پەخىرلىك ئوغلانلارنىڭ كۆپلەپ يېتىشىپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .ھەمدە ئابدۇبەسىر شۈكىرى مۇئەللىمنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى تەتقىقاتىغا زور مۇۋاپپىقىيەتلەر تىلەيمەن.

7

تېما

5

دوست

1213

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

قىزغىنلىق
212 سەر
تىللا
99 دانە
تۆھپە
214 سەر
شۆھرەت
309 سەر

بايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-12 23:17:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇمارى، شىئېر يېزىشقا ئۇستا ئىكەنسىز ،شۇنداق قاملاشتۇرۇپ يېزىپسىز.يەنىمۇ تىرشىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

574

تېما

30

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
7207 سەر
تىللا
2942 دانە
تۆھپە
7889 سەر
شۆھرەت
5849 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-13 00:46:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يېزىپسىز بىز ئۇيغۇرلار ئىچىدىمۇ مۇشۇنداق ئادەملەرنىڭ كۆپلەپ چىقىشىغا ئىشىنىمەن
ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

23

تېما

15

دوست

2677

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
535 سەر
تىللا
359 دانە
تۆھپە
502 سەر
شۆھرەت
569 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-21 21:47:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىلەرگە،ئابدۇبەسىر مۇئەللىم ھەقىقەتەن بىزنىڭ ئالقىش مەدىھيەلىرىمىزگە لايىق ئىختىساس ئىگىسى.مەن ئۇنۇڭغا چىن كۆڭلۈمدىن قايىل
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-11 01:59, Processed in 0.466209 second(s), 42 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش