بۇ يازمىنى ئاخىرىدا زەپەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-11 10:26
نەۋرۇز ھېكمىتى ( غەزەل) گۇلنۇر باھار كەلدى،قۇياش كۈلدى،يۈرەك ياشنار مۇھەببەتتە، كۆتۈردى باش جېمى جاندار،يوقالدى جۇت ھارارەتتە.  ھېدايەتلىك بۈيۈك نەۋرۇز ئويغاتتى كەڭ جاھانىمنى، جېنىڭغا جان،قېنىڭغا قان بەخىش ئەتتى ساخاۋەتتە.  ئۈمىدسىزلىك چىرايلاردىن ئۇچۇپ كەتتى ئۇزاقلارغا، ھاياجاندا كۆڭۈل يايراپ بۇ كۈن ئۆتكەي سائادەتتە.  پەلەك كۆپكۆك،يېشىل ۋادا،زېمىن تولدى زىيا-نۇرغا، مانا مەشرەپ،ئەنە بەيگە،ھايات قاينار ھىدايەتتە.  ئەجەپ تاتلىق پۇراپ كەلدى دىماقلاغا نورۇزلۇق ئاش، قىزىپ كەتتى چېلىش، ئوغلاق، باھادىرلار بەھەيۋەتتە.  كۆرۈڭ،دېھقان چاپار كەتمەن،ياراملىق ئەر ئەزەلدىن ئۇ، ۋەتەن-ئەلگە بېغىشلاپ جان،ئۆتەر رۇستەم شىجائەتتە.  يېڭىڭنى تۈر،بېلىڭ باغلا،باغاشلا نەۋ باھارىڭنى، ئۆزۈڭنى «ئەر»ئاتار بولساڭ،تەرىڭ ئاقسۇن جاسارەتتە. |