مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2076 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى باشقۇرغۇچىلار تېما يوللاشتا ھەر ۋاقىت سىزگە يول كۆرسىتىدۇ، تارتىنماڭ!

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى ئەزالار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى كەلگەن دوستلار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى كەلگەن دوستلار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • چىركىن 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن ماتىرىيال يوللىماقچى ئىدىم

  • شىرنە تۈنۈگۈن 20:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بىلمەسلىك ئەيىپ ئەمەس، تىرىشماسلىق ئەيىپ!

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللىغاندا تېما ھەققىدە قىسقىچە ئىزاھات بېرىپ يوللايلى!

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • ئەلەم تۈنۈگۈن 19:38 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك!

  • شاشتېكىن تۈنۈگۈن 18:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    «2-،3-،4-ۋە 5-يىللىقلارنىڭ خەنزۇتىلى دەرس تەييارلىقى»نىڭ چۈشۈرۈش ئادىرېسى يېڭلاندى.

كۆرۈش: 75|ئىنكاس: 2

گېپىڭ راست بولسا

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

46

تېما

0

دوست

647

جۇغلانما

ئەتتىرگۈل ئەزا

Rank: 3Rank: 3

قىزغىنلىق
122 سەر
تىللا
154 دانە
تۆھپە
76 سەر
شۆھرەت
121 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-9 23:00:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

   قاتناشقۇچىلار :
A : نىجات ، 18 ياش ، مودا يىگىت .
B : ئابدۇسەمى ، 18 ياش ، ئەدەپلىك يىگىت .
ئورۇن : شەھەر كوچىسى .
A : ( ئۇ يولدا تۇرۇپ Bنى چاقىرىدۇ) ھەي سەمى، سەمى ! ماڭمامساۋا ياغاچ قۇلاق .
B : مانا، مانا، مانا ، نېمانچە سەت ۋاقىرايدىغاندۇ، ئانىسىنى تاپالمىغان ئوغلاقتەك . ھە ؟ ( ئۇ A غا يېقىنلىشىدۇ) شەھەرنىڭ مەدەنىيىتى ئەمەس، توپىسىمۇ ژۇقمىغان نېمىكەنسەن.
A : ۋاي، ۋاي، ۋاي، كالىچى تېشىلىپ كەتكەن قېرى خوتۇندەك ماڭماي، ئوغوبالىدەك بىر گۈس،گۈس، گۈس دەسسەپ ماڭە، يولنىڭ دۈمبىسى ئاغرىپ كەتمەيدۇ .
B : ماڭساممۇ ماڭاي، شۇ نەگە ماڭىدىغانلىقىمنى بىر دېۋىتە، خاتىرجەم ماڭاي .
A : مانداغ گەپ ،
B : قانداغ گەپ ؟
A : سەن ماۋۇ ھاياتىڭنى مانداغ مەنىسىز ئۆتكۈزىۋەتمە، بۇگۈنكى يەكشەنبىمىزنى مەنىلىك ئۆتكۈزەيلى .
B : ياخشى گەپ، ئاداش ، كىتابخانىغا بارامدۇق،يا ... ؟
A : كىتابخانا ؟! ھەي ! مەن ساڭا بىر گەپنى دەي، ئانچە- مۇنچە ئوغۇرلىقچە تاماكا چېكىمەن ئەمەسما ، بىرنەچچە قېتىم مۇشۇ گېزىت – ژورناللاردىن، قايلا، تاماكا چېكىشنىڭ ئىنتايىن زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ئوقۇپ قالدىم. مانا شۇنىڭدىن كېيىن بىراقلا تاشلىدىم.  
B : نېمىنى تاشلىدىڭ ئاداش ؟
A : كىتاب ئوقۇشنى . بۇنىڭدىن كېيىن مەن بار يەردە كىتابنىڭ، كىتابخانىنىڭ گېپىنى قىمما ، بولمىسا، مېڭەمگە قان چۈشۈپ كېتىدۇ، ئۆلەپ كەتسەم، تۆلىيەلەمسەن ؟
B : ئىگىسى ساقلىسۇن، ئەمىسە ، نەگە بارىمىز ؟
A : دىباغا بارىمىز !
B : دىشاغا ؟
A : دىباغا بارىمىز، سەھرالىق، دىباغا .
B : دىسكو- پىسكو ئوينايدىغان، ياش باللا ياشايدىغان جەننەت !( ئۇ بەل، يانباشلىرىنى تولغايدۇ )
B : جەننەت ؟! جەننەتتە يانباشلىرىنى تولغاپ ئۇسسۇل ئوينايدىغانلارنى قوغلاپ چىقىرىۋېتىدۇ دەيدۇ. جەننەتكە بارىمىزدەپ، دوزاققا بېرىپ قاممايلى .
A : جەننەتمۇ، دوزاقمۇ، باغاندا بىلىسەن. ماڭە تېزرەك .
B : ئۇنداغ يەلىگە مەن بامايمىكى ( ئۇ كەينىگە داجىيدۇ )
A : بامايمىكى ؟ ئاۋۇ سىنىمىزدىكى ئوغۇل باللىنىڭ ئەركەكلىرى بارىدۇ. سەن بارامسەن ياكى قىزباللىنىڭ ياغلىقىدىن بىرنى ئارتىپ، ياتاقتا كىر ژۇيامسەن ؟
B : باراي، باراي، باراي، يائاللا ، زەھەر يەپلا چوڭ بوغان نېمىكەنسەن. يا بالدۇراق دەپ قويماپسەن، ئادەمنى ئالدىرىتىپ، مانا دوپپامنىمۇ كىيىۋالماپتىمەن.
A : كۆڭلەمنى بىر ئېلىشتۇرمىغىنە، نېمەئۇ دوپپا دېگەن ؟!
B : ئۇيغۇرنىڭ باش كىيىمى، ئۇيغۇرنىڭ بەلگىسى، ئۇيغۇرنىڭ پەخرى، ئۇيغۇرنىڭ دوپپىسى كۆڭلۈڭنى بىئارام قىلامدىكەن؟ دوپپىنى يالىمايسەن، بېشىڭغا كىيىسەن.
A : ئىناۋەتنى تۆكەپ دوپپىنىمۇ كىيەمدۇ دەيمەن، زامانغا باققان دانىشمەن دېگەن گەپ بار. ھېچ بوممىغاندا ، شىلەپە، كەپكە، شەپكە كىيمەمسەن ئاداش. سېنىڭ ماۋۇ بېشىڭغا شەپكە ياراشمايدۇ، باش دېگىلى بولامدۇ بۇنى؟ سۇلىياۋ داستىن بىرنى كىيىۋالامسەن يە؟ ھەي، ئۇمۇ ياراشمايدۇ، تاۋۇزنىڭ شاپىقىدىنلا بىرنى كىيىۋالە بوممىسا .
B : نىجات ئاداش، ھەجەپ سالاپەتلىك تۇغۇلۇپ قاپتىكەنسەن دەيمەن. ماۋۇ شەپكەڭ ھەجەپ يارىشىپتا، مانداغ قارىسا، قوناغلىقتىكى قارانچۇققا كونا چۈخەينى كىيدۈرۈپ قويغاندەك كۆرۈنىدىكەن ئەمەسمۇ. بۇ شەپكىنى 2 – دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ياپونلارنىڭ ئۆلۈكىدىن ئېلىۋالغاندەك قىلىسەن، ياپونىيەنىڭ ماللىرى داڭلىق كىيىۋاتىمەن دېگىنە.
A : ئابدۇسەمىجا...ن ، ئۆزەڭلىگە مانداغ بىر قارىۋېتىپ، ئاندىن مېنى مازاق قىساڭلىمىكى . ماۋۇ تايىنى يوق بېشىڭغا ئېشىق كېتىدۇدەپ، خۇدايىم چاچ بەمەي، تۈك بىرىپتىكەن. خۇدايىم بەگەن تۈكنىمۇ ئاياپ، بېشىڭدا تۇغۇزماپسەن. مۇۋۇ باشقا شەپكە ياراشمىغاچقا، كىيەممەي، قول يەتمىگەن شاپتۇل ئاچچىق بولاۋېتىپتۇ-دە،
B : قۇزۇققا ياراشقان شەپكە ماڭا نېمىشقا ياراشمايدىكەن ؟
A : يارىشامدۇ، ياراشمامدۇ، ما شەپكىنى كىيىپ باقە قېنى.
B : مەن دوپپا كىيىمەن ئاداش، ماۋۇ شەپكىگە ئالتۇندا ھەل بېرىپ ئەككەسەڭلىمۇ، كىيمەيمەن. سىنىپقا تاشلاپ قويە، باللا ئەخلەت ئالسۇن .
A : ھالىنى قارا ماۋۇ سەھرالىقنىڭ، ئىشتان كىيدىم دەپ، ئىككى خالتىنى جۇپلاپلا كىيىۋاپسەن، قەلەندەرلەرگە بېىۋىتە، دولىغا ئارتىپلا خۇرجۇن قىلىۋالسۇن.
B : ئەسلىدە، ئوغۇل بالا بولغاندىكىن، كىيىمنىڭ گېپىنى قىلىشمىساق بولاتتى، كونىلار : « گەپكە گەپ كەلگەندە داداڭدىن قالما » دەپتىكەن، ئاغىنە. گەپ يۈزدە ياخشى، ئۇسسۇل تۈزدە ياخشى. ماۋۇ ئۇچاڭدىكىسى بوۋاق ئۇكاڭنىڭ چاپىنىمۇ ياكى كىچىك بالىلاردىن تاتىۋالدىڭمۇ؟ ساڭا بىلىنمىگەن بىلەن تەخەيگە يوپۇق ئارتىپ قويغاندەكلا كۆرۈنىدىكەن. چاچلىرىڭغا قارىغىنە، ساتىراشقا پۇل تاپالمىغان بىچارىلەرگە ئوخشاپ قاپسەن. كورىيەنىڭ قىزلىرىدەك بوغۇۋالامسەن يە ؟
A : ھاي-ھۇي، سېغىزخان، گەپ قىممىسام، ھەجەپ سايراپ كەتتىڭا، «خانغا يارىغان ئېشىم تازغا يارىماپتۇ»دەپ، ياراتمايلا كەتتىڭا ؟ مەدەنىيەت دېگەننى بىلەمسەنوي،سەن ؟
B : مەدەنىيەتنى ھەرھالدا سەنچىلىك بىلەرمەن، مەدەنىيەتنىڭ ئىلغارلىرى، پاسسىپلىرى ؛ پايدىلىقلىرى، زىيانلىقلىرى بولىدۇ جۇمۇ، مىللىي مەدەنىيەت دېگەننىمۇ ئۇنتۇپ قالما، ئەگەر پۇلۇم جىق بولغان بولسا، مىراس كىيىملىرىنىڭ كاستۇم- بۇرۇلكىسىدىن ، مۆتىۋەرنىڭ خىرۇم ئايىغىدىن، كۆكبۆرىنىڭ كۆينىكىدىن، ئاتۇشنىڭ دوپپىسىدىن شۇنداق كىيدۈرۈدىغان بولسام، نىجات ئاداش، سالاپەتلىك شاھزادىلەرنىمۇ ھەيران قالدۇراتتىڭ دېگىنە، ئۇچاغدا مىللىي كىيىملىرىمىزنى ھاقارەتلىگەن ئاغزىڭغا كاچات ئۇراتتىڭ .
A : نېمانداغ خوش قىلىسەنوي مېنى، مىللىي كىيىملىرىمىز شۇنچىلا سالاپەتلىكما ؟
B : پاكىت ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. سىناپ باق .
A : جېنىم ئاداش، ئابدۇسەمىجان، گەپلىرىڭ راست بولسا، دىباغا چاچقان پۇلۇمنى شۇيەرگە خەجلەي، مېنى بىر باشلاپ بارغىنە. ساڭىمۇ بىرقۇر ئېلىۋېتەمدىمەن تېخى.
B : مۇشۇ بىرنېمىلىرىڭنى كىيمەيدىغان ئىشىڭ بولسا، يېنىمدىكى پۇلنىمۇ ساڭا قوشۇۋېتىمەن دەيمەن.
A : ماڭە ئەمىسە .
B : ماڭدۇق !
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

111

تېما

18

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

تەستىقسىز ئەزا

قىزغىنلىق
2278 سەر
تىللا
774 دانە
تۆھپە
2475 سەر
شۆھرەت
2112 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىبايقاش قىزىقچىسىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-10 12:10:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ نىمىگە تەۋە دەيمىز ؟ يىكايىمۇ ياكى ......................؟
كىم دەيدۇ ‹‹ ياۋرۇپالىق مەدەني››؟      
نە ئەدەپ بار،نە ھايا، قىپيالىڭاچ بەدەنى           
گەر مەدەنىيەت ، ئىچىش بولسا بەدەننى،
ئىيتىڭلارچۇ ،ھايۋانلار بىزدىن بەكرەك مەدەني.

7

تېما

29

دوست

2844

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

بايقاش

Rank: 6Rank: 6

قىزغىنلىق
579 سەر
تىللا
15 دانە
تۆھپە
615 سەر
شۆھرەت
671 سەر

مائارىپچىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-12 16:07:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ نىمىگە تەۋە دەيمىز ؟ يىكايىمۇ ياكى ......................؟
مەتتۇردى مەتتۇرسۇن
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-11 03:25, Processed in 0.175003 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش