مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2062 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • خانىدان تۈنۈگۈن 14:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

  • زەپەر تۈنۈگۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • دىلكەش ئۈلۈشكۈن 09:24 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا موبارەك بولسۇن~

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشى بولماق مىڭ يىلچىلىك،يامان بولماق بىر دھمچىلىك.

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مقۋىلىك دەرەخنىڭ بېشى تۆۋەن،بىلىملىك ئادەمنىڭ يۇزى تۆۋەن.

  • شىرنە تۈنۈگۈن 20:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

  • نۇردۇن تۈنۈگۈن 11:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام،دوسلار بايرىمىڭىلارگە بۇبارەك بولسۇن!بايراملىق تىللا سوۋغا قىلمامسىلە؟

  • پۇرخۇن تۈنۈگۈن 00:18 [ئىنكاس(0)] [...]

    نېمە قىلىۋاتىسىز؟ دوستلىرىڭىز بېلەن ئورتاقلىشىڭ ...جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.

  • زەپەر 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىشچاندىن تەر چىقىدۇ،ھورۇنندىن ئۇھ چىقىدۇ.

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    دىلىڭدا نېمە بولسا تىلىڭدا شۇ.

كۆرۈش: 282|ئىنكاس: 15

نەتىجىگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەكمۇ ياكى ئەتراپىلىق يېتىلىشكە ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

14

تېما

4

دوست

1870

جۇغلانما

مائارىپ ئاۋاڭگارتى

Rank: 5Rank: 5

قىزغىنلىق
327 سەر
تىللا
363 دانە
تۆھپە
307 سەر
شۆھرەت
312 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-1 14:27:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   salkin11 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-1 14:29  

نەتىجىگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەكمۇ ياكى ئەتراپىلىق يېتىلىشكە ؟
گەرچە بۇ تېما كۆچۈرۈلمە تېما بولسىمۇ ، ھەمىمىزنىڭ بىر قېتىم ئويلۇنۇپ كۈرۈشكە تىگىشلىك ۋە پىكىر يۈرگۈزۈشىنى كۈتۈپ تۇرىۋاتقان مۇھىم تېما ئىكەن ... مائارىپىمىزدا بىز نېمىلەرنى كۈتىمىز ؟ بۇ ھەمىمىزنىڭ كۆز ئالدىدىكى مۇھىم مەسىلە بوپ قالدى .

يېقىندا توردىن مۇنداق بىر خەۋەرنى كۆرۈپ قالدىم: ‹‹ ئەليۇلئەلا ›› بولۇپ بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئۆتكەن يېزىلىق بىر ئوقۇغۇچى مەكتەپكە كەلگەندىن كېيىن ئىلگىرى يولۇقمىغان نۇرغۇن باش قېتىنچىلىققا دۇچ كەلگەن. ئۇ ئۆزىدىكى تاپشۇرۇق ئىشلەش، ئىمتىھان بېرىش جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقلارنىڭ بۇ يەردە ئەسقاتمايدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ناخشا ئېيتالمايدىغان، ئۇسسۇل ئوينىيالمايدىغان، پۇتبول تېپەلمەيدىغانلىقىنى، ئىنگلىزچە ناخشا – مۇزىكىلارنى، تولغىما ئۇسسۇلنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ باقمىغانلىقىنى، ھەتتا چەت ئەللىك مەشھۇر يازغۇچىلارنىڭ بىرەر داڭلىق ئەسىرىنىمۇ ئوقۇپ باقمىغانلىقىنى ھېس قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئوقۇغۇچى غەزەپلىنىپ: ‹‹ مېنى ئىمتىھان مائارىپى مۇشۇنداق ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇپتۇ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە، ساۋاقداشلىرىم دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا كۆپ كىتاپ ئوقۇيدىغانلىقىم، بىلىمىمنىڭ بىر قەدەر موللۇقىنى ئېتىراپ قىلاتتى. بىراق، كۆزۈم ئېچىلغاندا، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئۆتكەن چاغدىكى ئىمتىھان نەتىجەمنىڭ ھەقىقەتەن ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوقلۇقىنى ھېس قىلدىم، قاتمال ئوقۇتۇش ئۇسۇلى بىلەن تولغان دەرسلىكلەردىكى مەزمۇنلارنى ئۆلۈك يادقا ئېلىش بىلەن پەقەت تۆۋەن قاتلاملىق ھەم ئەمەلىي ئۈنۈمى بولمىغان مەسىلىلەرنى يەشكىلى بولىدىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا نېمىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ؟ ›› دېگەن.
   ئىلگىرى ئاتا – ئانىسىنى ۋە يۇرتداشلىرىنى ئىپتىخارلاندۇرغان بۇ ئەلاچى ئوقۇغۇچى 12 يىللىق ئوقۇش ھاياتىدا ھەقىقىي قىممىتى بار تۈزۈكرەك بىر نەرسە ئۆگىنەلمىگەنلىكىگە ھەيران قالغان ھەم ئۆزىدىن قاتتىق ئۆكۈنگەن، ھەتتا ئۆزىنى كارغا كەلمەس بىر نېمە ئوخشايمەن، دەپ ھېس قىلغان. بۇ خەۋەر مېنى چوڭقۇر ئويغا سالدى. بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ غەزىپى دەل مائارىپىمىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەنىدى. دېمىسىمۇ كىشىلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەلگۈسىدىكى تەرەققىياتىغا ئەمەس، بەلكى ئىمتىھان نەتىجىسىگە بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئېلىمىز ساپا مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خېلى بۇرۇنلا ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما ‹‹ يۇقىرى نەتىجە بىلەن ئالىي مەكتەپلەرگە ئۆتۈش ›› يەنىلا كۆپ سانلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىنتىلىش نىشانى بولماقتا. كىشىلەر ھەمىشە ‹‹ ئىمتىھان نەتىجىسى ھەممىدىن مۇھىم ›› دېگەن سۆزنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدۇ، ئوقۇغۇچىنىڭ ئىستىقبالىنىڭ قانداق بولۇشى كەلگۈسىدىكى ئىش بولغانلىقتىن، بۇنىڭغا كىشىلەر ئانچە ئېرەن قىلىپ كەتمەيدۇ.
   بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرۈش، ئوقۇغۇچىنىڭ كەلگۈسىدىكى تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلمەسلىك ئىمتىھان مائارىپىدىكى ئۆلۈك تۈگۈندۇر. ئېلىمىزدىكى كىتابىي بىلىملەرنى ئۆلۈك يادقا ئالىدىغان جاپاكەش ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا سېلىشتۇرغاندا، ئامېرىكىدىكى ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى كىتابىي بىلىملەرنى ئىگىلەش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، ئاسترونومىيە تېلىسكوپلىرىدا ۋېنېرا، يۇپىتېر، مارس، ساتۇرن ۋە ئاقار يۇلتۇزلارنى كۆزىتىشكە، تەبىئەتتىكى سىرلارنى چۈشىنىشكە؛ ‹‹ ئىت نېمىگە تايىنىپ ئويۇنچۇق تاللايدۇ ›› ، ‹‹ مۈشۈك سولخايمۇ، ئوڭخايمۇ؟ ›› ، ‹‹ كىلاسسىك مۇزىكا، ئاممىباب مۇزىكا، تولغىما ئۇسسۇل مۇزىكىلىرى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈشىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ ›› قاتارلىق مەسىلىلەرنى يېشىشكە ئۇرۇنۇپ باقىدۇ. ئۇلار بالىلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ياغاچ ئورۇندۇق ياسىشىنى ساپا مائارىپى، دەپ قارايدۇ. ھازىر ئامېرىكىدىكى ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ياغاچچىلىق، مېخانىكا، باغۋەنچىلىك، قۇرۇلۇش لايىھەسى قاتارلىق دەرسلىكلەر تەسىس قىلىنغان. ئەمما بىزدىچۇ؟ بىزنىڭ مائارىپىمىز ‹‹ يېپىق ›› مائارىپ، ئوقۇغۇچىلىرىمىز كىتابتىن باش كۆتۈرەلمەيدۇ، سوئال دېڭىزىغا غەرق بولغان، دەرسلىكلىرىمىز بىلىم قاچىلانغان ھارۋا، دەرسخانىلىرىمىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىلىم ساتىدىغان دۇكىنىغا ئايلانغان. بۇنىڭدىن بىز ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ ئۆزلىرىگە لايىق كەلمىگەن ئېغىر سومكىلارنى ئېسىشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقىنى، يېشىغا ماس كەلمىگەن كۆزەينەكلەرنى بالدۇرلا تاقىغانلىقىنى، تەن ساغلاملىقىنىڭ كۈنسېرى تۆۋەنلەۋاتقانلىقىنى بايقايمىز. مۇشۇنداق تەرەققىي قىلىۋەرسە، بالىلىرىمىزنىڭ، مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسىدىن ئۈمىد كۈتكىلى بولارمۇ؟
   شۇڭا ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى شۇنچە ياخشى تۇرۇپ، نېمە ئۈچۈن ئىختىرا قىلىش ئىقتىدارى ئاجىز بولىدۇ؟ جۇڭگولۇقلار شۇنچە ئەقىللىق تۇرۇپ، نېمە ئۈچۈن بىزدىن تا ھازىرغىچە يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى ئىختىساسلىقلار، نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىدىغانلار چىقمايدۇ؟ دەپ ئاغرىنىپ يۈرمىسەكمۇ بولىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى، ئەلۋەتتە، مۇرەككەپ بولۇشى مۇمكىن. ئەمما بىر نۇقتىنى مۇئەييەنلەشتۈرگىلى بولىدۇ، يەنى، مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەسىلە يېشىش ئىقتىدارىنىلا يېتىلدۈرۈشكە ئېتىبار بېرىپ، باشقا جەھەتلەردىكى ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە كۆڭۈل بۆلمەيمىز. ئوقۇغۇچىنىڭ مەسىلە يېشىش ئىقتىدارىنىلا يېتىلدۈرىدىغان مائارىپ بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرىدىغان مائارىپتۇر، ئۇ ئوقۇغۇچىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ، ئوقۇغۇچىنىڭ ئومۇمىي ساپاسىغا تېخىمۇ ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.
   بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بۇ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئۆكۈنۈشىنى ئۇنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نومۇرىدىن پەيدا بولغان تەسىراتى، دېيىشكە بولىدۇ. ناۋادا ‹‹ سەرخىل ›› لىرىمىز مۇشۇنداق ئۈمىدسىزلەنسە، ئۇنداقتا، ئىمتىھاندا تۆۋەن نومۇر ئالغان تېخىمۇ كۆپ ئوقۇغۇچىلىرىمىز قانداق قىلىدۇ؟ ئوتتۇرا مەكتەپ مەزگىلىدە مەسىلە يېشىشنىلا ئۆگىنىپ، مۇشۇ ئىقتىدارىغا تايىنىپ ئالىي مەكتەپلەرگە ئۆتكەن ئوقۇغۇچىلىرىمىزچۇ؟ بىلىم قۇرۇلمىسى ناچار، نەزەر دائىرىسى تار، ئىجتىمائىي ئالاقە ئىقتىدارى ئاجىز ھەم پىسخىك ساپاسى تۆۋەن بۇنداق ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىرىكچىلىك يولى قانداق بولار؟ بىز ئۇلارغا ھەقىقىي قىممىتى بار قانداق نەرسىلەرنى ئۆگىتەلىدۇق؟
مەنبە : تەرمىلەر تورى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

15

تېما

0

دوست

1341

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
257 سەر
تىللا
154 دانە
تۆھپە
232 سەر
شۆھرەت
243 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-1 17:25:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      نەتىجىگە ئەھمىيەت بېرىشنى تەكىتلەش، ئۈستىقۇرۇلمىدىن تارتىپ تاكى يەسىلى مائارىپىگىچە ئومىمىيلاشقان قاراش ،بۇنى پات ئارىدا ئۆزگەرتىش ياكى ئۆزگىرىشىنى كۈتۈش مۈمكىن بولمايدىغان ھادىسە .  چۈنكى بىزدە جوڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە مائارىپ قارىشى بولۇپ بۇنىڭ ئاساشى بەك چوڭقۇر ، قەدىم زاماندا «ئەلىيولئەلا»(شۇسەي) تاللاش خانلىق ئىمتىھانىدىن بۈگۈنكى ئالى مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغىچە بولغان تارىخى جەرياندىن قارىساقلا چۈشىنەلەيمىز ،
     يۇقۇرى نومېر ئالالىسىڭىز ئالى مەكتەپكە بارالايسىز، يۇقۇرى نومېر ئالالىسىڭىز ئاسپىرانتلىققا ئۆتەلەيسىز، يۇقۇرى نومېر ئالالىسىڭىز دولەت مەمۇرىللىرى ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ ئاتا-ئانىڭىزنىڭ ھاردۇقىنى چىقىرالايسىز ..... يەنە شۇ يۇقۇرى نومېر .
     گەچە دۆلىتىمىز خېلى بۇرۇنلا «ساپا مائارىپىنى ئومۇمىييۈزلۈك ئومۇمىيلاشتۇرۇش »پىكىرىنى تارقارقان بولسىمۇ ،مەكتەپلەر دەرىستىن سىرتقى ۋاقىتلاردىن پايدىلىنىپ (بەكمۇ تەستە ۋاقىت چىقىرىپ) ئارقان تارتىش مۇسابىقىسى ،ئارقان ئاتلاش، تەپكۈش تېپىش، بىرنەچچە غىچىلداپ قالغان پارتا -ئورۇندۇقلارغا مىق قېقىش، مەكتەپ كۈتۈپخانىسىدىكى توپا بېسىپ كەتكەن «غېرىپ» كىتالارنى، ژورناللارنى ئايدا-يىلدا بىر قېتىم ئوقۇتۇپ قويۇش.... ۋاھاكازالار ئارقىلىق ساپا مائارىپىنى «ئومۇمىيلاشتۇردى» ھەم مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرىنىڭ تەكشۈرۈشلىرىدىن ئوڭشلۇق ئۆتتى .مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلەشتۈرۈش نىسبىتى ،«بەش بىر تۇتاش ئىمتىھان» نەتىجىسى ، ئالى مەكتەپكە ئۆتۈش نىسبىتى ... ئارقىلىق مەكتەپلەر خىزمىتىگە باھا بەردى .  دىمەكچىمىزكى ئومۇمىي ئاتموسپىرا شۇ تۇرسا  نەتىجىگە ئەھمىيەت بەرمەي مۈمكىنمۇ ؟!
      داۋامىنى نۆۋەتتە يازاي......

      

باھا سۆز

salkin11 تولىمۇ ئورۇنلۇق پىكىرنى ئوتتۇرغا قويۇپسىز ... كىشىنىڭ كۆڭلىدىكى بىلىدىغاندەكلا ... رەھمەت سىزگە ... تەپسىلاتىئىنكاس يوللىغان ۋاقتى 2013-5-1 20:39
گۈلزار سىزنىڭ دانا پىكىرلىرىڭىزنىڭ داۋامىنى ساقلاۋاتىمىز . تەپسىلاتىئىنكاس يوللىغان ۋاقتى 2013-5-1 18:30

293

تېما

106

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
6765 سەر
تىللا
1727 دانە
تۆھپە
10811 سەر
شۆھرەت
5784 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-1 18:29:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساپا مائارىپىنى ئىمتىھان مائارىپىغا سېلىشتۇرغاندا ، ساپا مائارىپى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشىغا ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىرگە ، ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ پەزىلەت ، ھېسىيات ، ئىندىۋىدۇئال ئالاھىدىلىكى ، ۋەزىيەتكە ماسلىشى ئىقتىدارى، تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىقتىدارى ، مۇستەقىللىق ئېڭى ، رىقابەت ئېڭى ، كىشىلىك قەدىر قىممەت ئېڭى قاتارلىق جەھەتلەردىن ئوموميۈزلۈك يوقۇرى كۆتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ .   يەسلى مائارىپىدىن تارتىپ تولۇق ئوتتۇرا مائرىپىغىچە ئوقۇغۇچىلارنى باھالاشتا ئۇلارنىڭ ئاخلاقى ئەقلى ، ۋە جىسمانى جەھەتلەردىكى ئارتۇقچىلىقلىرىغا قارىتا باھالاشنى يولغا قويغان بولسىمۇ ئەمما بىر قىسىم ئوقۇتقۇچى ۋە ئاتا - ئانىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسىگىلا ئېتىبار بەرگەنلىكى ئۈچۈن يوقۇردا ئېيتىپ ئۆتكەندەك قولىدىن ھېچ ئىش كەلمەيدىغان ، كىتابى بىلىملەردىن باشقا مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈش ۋە ھۆكۈم قىلىش، ئاددىسى سىرتقى دۇنيانى چۈشەنمەيدىغان ئوقۇغۇچىلار يېتىشىپ چىقماقتا . بۇ مەسئۇليەتنى كىم ئۈستىگە ئېلىش كېرەك ؟  مائرىپ نازارىتىمۇ ؟ ئوقۇتقۇچىلارمۇ ؟ ياكى ئاتا - ئانىلارمۇ ۋە ياكى ئوقۇغۇچىلارمۇ ؟
  مەسئۇليەتنى كىمگىلا ئارتسىڭىز بولىۋېرىدۇ  . ئەمما ئەڭ مۇھىمى  ھەممىممىز  مەسئۇليەتنى ئۆزىمىزدىن ئىزدىشىمىز ھەم تولۇقلىشىمىز كېرەك .
  ئويغان ، ئىزدەن ، تىرىش

باھا سۆز

salkin11 ئويلىغانلىرىڭىز ئورۇنلۇق ... تەپسىلاتىئىنكاس يوللىغان ۋاقتى 2013-5-1 20:39
ئادەم ئەتكەنگە تەزىم ئەت .

293

تېما

106

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
6765 سەر
تىللا
1727 دانە
تۆھپە
10811 سەر
شۆھرەت
5784 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-1 18:30:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Qol~Ogli يوللىغان ۋاقتى  2013-5-1 17:25
نەتىجىگە ئەھمىيەت بېرىشنى تەكىتلەش، ئۈستىقۇرۇلمىد ...

سىزنىڭ دانا پىكىرلىرىڭىزنىڭ داۋامىنى ساقلاۋاتىمىز .
ئادەم ئەتكەنگە تەزىم ئەت .

14

تېما

4

دوست

1870

جۇغلانما

مائارىپ ئاۋاڭگارتى

Rank: 5Rank: 5

قىزغىنلىق
327 سەر
تىللا
363 دانە
تۆھپە
307 سەر
شۆھرەت
312 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-1 20:39:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Qol~Ogli يوللىغان ۋاقتى  2013-5-1 17:25
نەتىجىگە ئەھمىيەت بېرىشنى تەكىتلەش، ئۈستىقۇرۇلمىد ...

تولىمۇ ئورۇنلۇق پىكىرنى ئوتتۇرغا قويۇپسىز ... كىشىنىڭ كۆڭلىدىكى بىلىدىغاندەكلا ... رەھمەت سىزگە ...

14

تېما

4

دوست

1870

جۇغلانما

مائارىپ ئاۋاڭگارتى

Rank: 5Rank: 5

قىزغىنلىق
327 سەر
تىللا
363 دانە
تۆھپە
307 سەر
شۆھرەت
312 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-1 20:39:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈلزار يوللىغان ۋاقتى  2013-5-1 18:29
ساپا مائارىپىنى ئىمتىھان مائارىپىغا سېلىشتۇرغاندا ،  ...

ئويلىغانلىرىڭىز ئورۇنلۇق ...

25

تېما

10

دوست

6645

جۇغلانما

ئاق سۈڭەك ئەزا

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1018 سەر
تىللا
474 دانە
تۆھپە
2283 سەر
شۆھرەت
1046 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-1 21:52:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇقۇردىكى تورداشلار بۇ توغۇرلۇق ياخشى ئىنكاسلارنى يېزىپتۇ،ئۇقۇغۇچىلارنى ئەتراپلىق تەربىيلەش مۇھىم،لىكىن ھازىرقى ۋەزيەتتە نەتىجە قوغلىشدىغانلار كوپ،بۇنۇڭ سەۋەبى بارلىق كىشلەر شەخسىيەتچى بۇلۇپ كەتتى،ئۇزنىڭ مەنپەتى ئۇچۇن باشقىلارنى قۇربان قىلىش كوپ.        

باھا سۆز

salkin11 ھازىرقى شۇ كىشىلەرنىڭ شەخسەتچى بولۇپ كېتىشىدىكى سەۋەپ نېمە ؟ تەپسىلاتىئىنكاس يوللىغان ۋاقتى 2013-5-8 23:52

15

تېما

0

دوست

1341

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
257 سەر
تىللا
154 دانە
تۆھپە
232 سەر
شۆھرەت
243 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-2 14:02:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      قىسمەن مەكتەپلەردە نەتىجىگە ئەھمىيەت بېرىشنى ھەدىدىن ئاشۇرىۋېتىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۈت : مەسىلەن - ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەۋسۈملۈك  ، يىللىق خىزمەتلىرىگە نەتىجىگە قاراپ باھا بېرىش، يىللىق سىناپ تەكشۈرۈش، ئۈنۈم مۇئاشىنى بېكىتىش، ئىلغارلارنى بېكىتىش، ئىنۋان باھالاشلاردا نەتىجىنى ئالدىنقى شەرت قىلىۋالىدىغان دىگەندەك  . مانا بۇ چېكىدىن ئاشقان «دانىشمەنلىك»تە .
        مائارىپنىڭ تۈپ مەخسىدىدىن ئېيقاندىمۇ ھەر تەرەپتىن ئونۋېرسال تەرەققى قىلغان ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاھىدىلىگى گەۋدىلەنگەن ، مائارىپ يۆلىنىشى بويىچە ئېيقاندىۇ «ئەقلى ، ئەخلاقى، جىسمانى ، گۈزەللىك جەھەتلەردىن ئەتىراپلىق تەرەققى قىلغان قۇرغۇچىلارنى تەربىيەلەش»تىن ئىبارەت شوئارىنىڭ مەزمۇنىدىن ئېيتقاندىمۇ يۆلىنىش «نەتىجىگىلا ئەھمىيەت بېرىش» ئەمەس ئىدى ،ئەپسۇس چوڭقۇر يىلتىز تارتقان ئەنئەنىۋى مائارىپ ئىدىيەسى  يېڭىچە مائارىپ ئەندىزىسىگە يول بەرمەيۋاتىدۇ ، يەنە خېلى ئۇزۇن بىر مەزگىل يول بەرمەسلىكى كۆرۈنۈپلا تۇرغان مەسىلە .
          مائارىپىمىز قاچان نەتىجىگە ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىرگە ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ پەزىلەت ، ھېسىيات ، ئىندىۋىدۇئال ئالاھىدىلىكى ، ۋەزىيەتكە ماسلىشى ئىقتىدارى، تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىقتىدارى ، مۇستەقىللىق ئېڭى ، رىقابەت ئېڭى ، كىشىلىك قەدىر قىممەت ئېڭى قاتارلىق جەھەتلەردىن ئوموميۈزلۈك يوقۇرى كۆتىرىشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ ؟بۇنىڭ ئۈچۈن يەنە قانچىلىك ۋاقىت سەرىپ قىلىنىدۇ ؟ ئوخشىمىغان قاراشلارنى ئاڭلىغۇمىز بار ....

باھا سۆز

مەرىپەت پىكرىڭىزنى قوللايمەن.  يوللىغان ۋاقتى 2013-5-9 16:18
salkin11 توغرا دەيسىز ، ھازىر مەكتەپلەردىلا ئەمەس ، بەلكى مائارىپ ئىدارىسى تارماقلىرىدىمۇ ئۈنۈم ئەمەس بەلكى نەتىجىنى تەپسىلاتىئىنكاس يوللىغان ۋاقتى 2013-5-8 23:51

14

تېما

4

دوست

1870

جۇغلانما

مائارىپ ئاۋاڭگارتى

Rank: 5Rank: 5

قىزغىنلىق
327 سەر
تىللا
363 دانە
تۆھپە
307 سەر
شۆھرەت
312 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-8 23:51:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Qol~Ogli يوللىغان ۋاقتى  2013-5-2 14:02
قىسمەن مەكتەپلەردە نەتىجىگە ئەھمىيەت بېرىشنى ھەدى ...

توغرا دەيسىز ، ھازىر مەكتەپلەردىلا ئەمەس ، بەلكى مائارىپ ئىدارىسى تارماقلىرىدىمۇ ئۈنۈم ئەمەس بەلكى نەتىجىنى قوغلىشىدىغانلار بەكلا كۆپ ...

باھا سۆز

گۈلزار «سۇ بېشىدىن لاي »دىگەن شۇدە . تەپسىلاتىئىنكاس يوللىغان ۋاقتى 2013-5-8 23:57

14

تېما

4

دوست

1870

جۇغلانما

مائارىپ ئاۋاڭگارتى

Rank: 5Rank: 5

قىزغىنلىق
327 سەر
تىللا
363 دانە
تۆھپە
307 سەر
شۆھرەت
312 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-8 23:52:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەييارە0 يوللىغان ۋاقتى  2013-5-1 21:52
يۇقۇردىكى تورداشلار بۇ توغۇرلۇق ياخشى ئىنكاسلارنى يېز ...

ھازىرقى شۇ كىشىلەرنىڭ شەخسەتچى بولۇپ كېتىشىدىكى سەۋەپ نېمە ؟
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-11 01:11, Processed in 0.511014 second(s), 39 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش