- تىزىملاتقان
- 2011-10-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-5-24
- ھوقۇقى
- 0
- جۇغلانما
- 1108
- نادىر
- 0
- تېما
- 15
- يازما
- 150
 
- يوقلىما
- 24
قىزغىنلىق- 231 سەر
تىللا- 278 دانە
تۆھپە- 218 سەر
شۆھرەت- 230 سەر
   
| گۈزەللىكنىڭ ماھىيتى
ھەممە ئادەم گۈزەللىكنى سۆيىدۇ . ئەمما ،گۈزەللىك نېمە ؟ دېگەن سوئالغا ھەممىلا كىشى جاۋاب بېرەلمەيدۇ . گۈزەللىكنىڭ ماھىيتى جەھەتتىن ئېيتىلغاندا ، گۈزەللىك كونكىرېت سەزگىلى بولىدىغان ئوبراز ، كۆڭۈلگە ياقىدىغان ئوبراز ، ئادەمىنىڭ ئەقىل – پاراسىتى ۋە كۈچىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان ئوبرازدۇر . گۈزەللىك كونكىرېت سەزگىلى بولىدىغان ئوبراز . گۈزەللىكلار بولىدىكەن ، كىشىلەرنىڭ سەزگۈ ئەزالىرى بىۋاستە ئىدراك قىلالايدۇ ھەم كونكرېت بولدۇ . تەبىئەت دۇنياسىدىكى كۆپكۆك تاغ – دەريالار ، رەڭگارەڭ گۈللەرنىڭ گۈزەللىكى ئۇلارنىڭ ئوبرازى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ . ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى گۈزەللىك ، مەسىلەن ، مەدەنىي ھەركەت ، يارىشىملىق كىيىم ، ئالىيجاناپ ئىدىيە قاتارلىقلارمۇ كونكىرېت ھەركەت ، شەكىل ، نەتىجىلەردە گەۋدىلىنىدۇ . بەدىئىي گۈزەللىك تېخىمۇ ئوبرازلىق بولىدۇ ، مۇزىكا ، ئۇسسۇل ،گۈزەل – سەنئەت ، دراما ، كىنو قاتارلىقلاردا كىشىلەر روشەن ،جانلىق ۋە كونكىرېت ئوبرازلار ئارقىلىقلا گۈزەللىكنى ھېس قىلالايدۇ . گۈزەللىك كىشىنىڭ كۆڭلىگە ياقىدىغن ئوبراز . ھەممىلا ئوبراز گۈزەل بولىۋەرمەيدۇ ، كۆرۈمسىز ئوبرازلار كىشىنى بىزار قىلىدۇ . كىشىگە شادلىق تۇيغۇسى بېغىشلايدىغان ئوبرازلارلا گۈزەل بولىدۇ . كىشىلەر مەنزىرە شەيئى ، سەنئەتنىڭ گۈزەللىكنى ھېس قىلغاندن كىيىن كۆڭلىدە تىل بىلەن ئىپادىلىگۈسىز بىر خىل شادلىق تۇيغۇسى زاھىر بولىدۇ . مەسىلەن ، بەخىت تۇيغۇسى ،خۇشاللىق تۇيغۇسى ، سۆيۈنۈش تۇيغۇسى ،مەنىۋى ھاياجان ، روھىي ئازادىلىك دېگەندەك ، مانا بۇلار گۈزەللىك ئادەمگە ئېلىپ كەلگەن شادلىق تۇيغۇسىدۇر . دۈشمەننى باتۇرلۇق بىلەن قىرغان ئوبرازلار كىشىنى قايىل قىلىدۇ ، ھاياجانلاندۇرىدۇ ؛ ئەكسىچە ، لۈكچەك – جېدەلخور ئوبرازلار كىشىنى بىزار قىلىدۇ . گۈزەل ئوبراز ئادەمنىڭ ئەقىل – پاراسىتى ۋە كۈچىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ . شۇڭا كىشىدە شادلىق تۇيغۇسى قوزغايدۇ . كىشىلەر ھەيۋەتلىك سەدىچىن سېپىلى ، كۆركەم ئەلئېھرام ،نەپىس ھۈنەر – سەنئەت بۇيۇملىرىنى ئۇلار ئادەمنىڭ ئىجادىيىتىنى ئەكىس ئەتتۈرگەنىكى ،كىشىلەرنىڭ ئەقىل – پاراسىتى ۋە كۈچىنى ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەنلىكى ئۈچۈن ياقتۇرىدۇ . شۇڭلاشقا ، ئەمگەك ھەممىنى يارتىدۇ . ئادەم ئەمگەك جەريانىدا گۈزەللىكنى ياراتقان . گۈزەللىك ئادەمنىڭ ئەقىل – پاراسىتى ۋە كۈچىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان ، كۆڭلىگە شادلىق بەخىش ئېتىدىغان ئوبرازدۇر .
|
ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 2 تىللا + 2 تۆھپە + 2 شۆھرەت + 2 باھا خاتىرىسى
|