دۇنيا بۇيۇنچە ئەڭ بۇرۇنقى كۈتۈپخانا

ئىككى دەريا ۋادىسى ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى ئەڭ بۇرۇن بارلىققا كەلگەن جايلارنىڭ بىرىدۇر . « ئىككى دەريا » ئىراقنى كېسىپ ئۆتىدىغان ئېفرات دەرياسى بىلەن دەجىلە دەرياسىنى كۆرسىتىدۇ . 1849 – يىلى ئەنگىلىيە ئارخېئولوگلىرى ئىككى دەريا ۋادىسىدىكى نىنىۋىيە شەھىرى خارابىسىدىن نۇرغۇن لاي تاختا يېزىقىنى قېزىۋالغان . لاي تاختىغا ئويۇلغان يېزىقلارنىڭ باش قىسمى تومراق ، ئاياغ قىسمى ئىنچىكىرەك يېزىلغانلىقى ، شەكلى مىخقا ئوخشاپ كېتىدىغانلىقى ئۈچۈن ، مىخ يېزىق دەپ ئاتالغان . لاي تاختلارغا تارىخىي داستان ، دۇئا – ئىبادەت ، باج سېلىق تىزىملىكى ، مەمۇرىي پەرمان ، ئاستىرونومىيىگە دائىر ماتېرىيال قاتارلىقلار ، شۇنداقلا يۇقىرىقىلارنىڭ ئىگىسىنىڭ ئىمزاسى ئويۇلغان ، يەنە بەزىلىرىگە ئۇنىڭ مەنبەسى ئېلىنغان لاي تاختا 25 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ ، بۇلارنىڭ 2000 نەچچە پارچىسى ھازىر ئەنگىلىيىدىكى برېتانىيە مۇزېيىدا ساقلانماقتا . ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ، بۇلارنىڭ مىلادىيدىن ئىلگىرىكى 7 – ئەسىردە سېلىنغان خان ئوردىسى كۈتۈپخانىسىدىكى يادنامىلەر ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان ، بۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ بورۇنقى كۇتۇپخانىنىڭ بۇنىڭدىن 2700 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرىلا بارلىققا كەلگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ .
|