ئەسسالمۇ ئەلەيكۇم ! بايقاش مۇنبىرىدىكى بارىلىق جاپاكەش ، ئوت يۈرەك قېرىنداشلىرىمىز ، ئۇلۇغ ئايىمىڭلارغا مەرھابا ... ئۇلۇغ ئايەم ئۈزىنىڭ خاسىيىتى بىلەن گۈزەلدۇر . ئۇ ئىناقلىق ۋە ئىتتىپاقلىق ، گۈزەل ئەخلاقنىڭ جارچىسىدۇر . بۇنىڭ بەركاتىدىن ئىنسانىيەت تىنىچ – خاتېرجەملىكنى ، ئىناق – ئىتتىپاق بولغان گۈزەل ھايات يولىنى باشلىغاي ، كۈڭۈللەردىكى بارىلىق ئازارچىلىق تولۇق يۇيلۇپ كەتكەي ... مۇنبەرنىڭ تېخىمۇ ياخشى ۋە جانلىق كەيپىياتتا بىزلەرگە خۇشاللىق ئېلىپ كىلىشىنى چىن كۆڭلىمىن سەمىمىي ئۈمۈت قىلىمەن . ئاخىرىدا بارىلىق ئەزىزلىرىمىزنىڭ تىنىگە سالامەتلىك ،ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن ... مۇبارەك بولسۇن ... خۇش مۇبارەك بۇ ئايەم كەلدى كۈلۈپ ، چالغا ياتلىق خۇش مۇبارەك بۇ ئايەم ، دىلغا شاتلىق ، قەلىب ئاتلىق خۇش مۇبارەك بۇ ئايەم . تەنگە قۇۋۋەت ، تىلغا تاتلىق خۇش مۇبارەك بۇ ئايەم ، قىرىپ چىقتى ، تۈگىدى سەتلىك خۇش مۇبارەك بۇ ئايەم ، بەردى ئىناق ، دىيانەتلىك خۇش مۇبارەك بۇ ئايەم .
نەگە بارساق سۈرىمىز ھەم خۇشاللىقنىڭ پەيزىنى ، ئىتتىپاقلىق گۈللىرىنىڭ تاراپ كەتكەن جۇلاسىنى . شۇڭا دەيدۇ كونىلار ھەم ئاڭلىغايمىز نىداسىنى ، تاشلىغايمىز نەدە بولساق ئىناقسىزلىق كۇلاسىنى ، دوسىتنى قىلغان قىيامەتلىك خۇش مۇبارەك بۇ ئايەم . مەنبەسى : «سەلكىن » ھىسلىرى |