مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2064 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • ئامان 1 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى ئەزالار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • خانىدان تۈنۈگۈن 14:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

  • زەپەر تۈنۈگۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • دىلكەش ئۈلۈشكۈن 09:24 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا موبارەك بولسۇن~

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشى بولماق مىڭ يىلچىلىك،يامان بولماق بىر دھمچىلىك.

  • چىركىن 24 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن ماتىرىيال يوللىماقچى ئىدىم

  • شىرنە تۈنۈگۈن 20:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

  • نۇردۇن تۈنۈگۈن 11:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام،دوسلار بايرىمىڭىلارگە بۇبارەك بولسۇن!بايراملىق تىللا سوۋغا قىلمامسىلە؟

  • پۇرخۇن تۈنۈگۈن 00:18 [ئىنكاس(0)] [...]

    نېمە قىلىۋاتىسىز؟ دوستلىرىڭىز بېلەن ئورتاقلىشىڭ ...جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.

  • زەپەر 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىشچاندىن تەر چىقىدۇ،ھورۇنندىن ئۇھ چىقىدۇ.

كۆرۈش: 43|ئىنكاس: 0

ستالىننىڭ ئاتوم بومبىسى ۋە ئۇيغۇرلار -تارىخنىڭ ..............(2)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

111

تېما

10

دوست

2930

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

قىزغىنلىق
606 سەر
تىللا
298 دانە
تۆھپە
514 سەر
شۆھرەت
730 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-22 20:27:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ستالىننىڭ ئاتوم بومبىسى ۋە ئۇيغۇرلار -تارىخنىڭ ئېچىلمىغان سىرلىرى(2) - [نەبىجان تۇرسۇن ماقالىللىرى]
داۋامى:

4. ستالىننىڭ قىلىچى  -  ئەيتىنگون قانداق ئۇچۇرغا ئېرىشتى ؟

سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ك گ گېنېرالى، 40-يىللاردا  دۆلەت بىخەتەرلىك كومىسسارلىقىنىڭ ( كېيىنكى ۋاقىتتىكى  ك گ ب )سوۋېت ئىتتىپاقى دۈشمەنلىرىنى تازىلاش ۋە يوقىتىش ئوپېراتسىيە تارمىقىنىڭ مەسئۇلى ، گېنېرال لېيتېنانت پاۋل سۇدپلاتوۋنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئېلان قىلغان ئەسلىمىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلىشىچە، 1943-يىلى باﻫاردا ئۇنىڭ مۇئاۋىنى،  يوسىف ستالىننىڭ ئەڭ ئىشەنچىلىك ئادىمى گېنېرال مايور  نائۇم  ئەيتىنگون  شىنجاڭغا مەخسۇس ئەۋەتىلگەن (23). دۆلەت بىخەتەرلىك ساﻫەسىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن  گېنېرال مايورى  نائۇم ئەيتىنگون  ستالىننىڭ بىۋاسىتە بۇيرۇقى بويىچە،  مېكسىدا پاناﻫلىنىۋاتقان سوۋېت ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ دەسلەپكى رەﻫبەرلىرىدىن بىرى، لېنىننىڭ قوللىغۇچىسى ، ئەمما ستالىننىڭ ﻫوقۇق تالىشىش بويىچە  كونا رەقىبى لىۋ تروتسكىينى ئۆلتۈرۈش ئوپېراتسىيىسىگە قوماندانلىق قىلغان شەخس بولۇپ، ئۇ ئەينى ۋاقىتتىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دۈشمەنلىرىنى ئۆلتۈرۈشتەك دۆلەت تېررورلۇق ﻫەرىكەتلىرىنىڭ ئىجراچىسى بولۇش بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ك گ ب  تارىخىدا مۇﻫىم ئورۇنغا ئېرىشكەن(24).
گېنېرال  سۇدپلاتوۋ  " نائۇم ئەيتىنگون  1943-يىلى شىنجاڭدىن ئىبارەت مەزكۇر سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن چېگرىداش مۇﻫىم ئىستەراتېگىيىلىك جاينىڭ ئەڭ مۇﻫىم ﻫەربىي-سىياسىي ئەﻫۋالى ﻫەققىدىكى رازۋېتكا دوكلاتىدىنمۇ كۆپ مۇﻫىم ﻫېسابلىنىدىغان ئۇچۇرنى   سوۋېت ئىتتىپاقى  دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ رەئىسى يوسىف ستالىنغا ئېلىپ كەلدى." دەپ يازىدۇ  (24).ئۇنداقتا،   نائۇم ئەيتىنگون ستالىنغا ئېلىپ كەلگەن ئۇيغۇر دىيارى ﻫەققىدىكى   مەزكۇر ئىنتايىن مۇﻫىم ۋە مەخپىي ئۇچۇر زادى قانداق ئۇچۇر؟ بۇنىڭ ستالىننىڭ ئاتوم پىلانى بىلەن مۇناسىۋىتى بارمۇ يوق؟  دېگەن سوئالنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى تەبىئىي. گەرچە، ﻫازىرچە ئەيتىنگونننىڭ زادى قانداق قىممەتلىك ئۇچۇرنى ستالىنغا بىۋاسىتە يەتكۈزگەنلىكى ﻫەققىدىكى ئېنىق تارىخىي  ئارخىپ تېخى ئېلان قىلىنمىغان  بولسىمۇ، بىراق بۇ ﻫەقتە ﻫەر خىل پەرەزلەر مەۋجۇت. رۇس تارىخچىسى  ۋادىم ئوبۇخوۋ بۇ ئۇچۇرنىڭ سوۋېت گېئولوگىيە خادىملىرىنىڭ شىنجاڭدا ئۇرۇن كانىنى بايقىغانلىقى ﻫەققىدىكى مەلۇمات ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرىدۇ (25).  ئەمما،  شۇنداق ئېﻬتىماللىقنى چەتكە قېقىشقا بولمايدۇكى، ئۇنىڭ دوكلاتىدا بىرىنچىدىن سىياسىي جەﻫەتتە   ئۆلكىگە   ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيىنىڭ  سىڭىپ كىرگەنلىكى، بولۇپمۇ ئامېرىكىنىڭ  كونسۇلخانە قۇرۇش بىلەن بىرگە ئۈرۈمچى، غۇلجا ۋە باشقا جايلارنى ﻫەربىي ئىستراتېگىيىلىك دائىرىگە كىرگۈزۈپ، بەزى پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغانلىقى، جاڭ كەيشى ﻫۆكۈمىتىنىڭ بولسا ئامېرىكىنىڭ تەسىرىنى  بۇ جايغا ئېلىپ كىرىش تاكتىكىسى قوللىنىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەسىرىنى ئۈزۈل-كېسىل قوغلاپ چىقىرىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئارقا سېپىگە خاتىرجەمسىزلىك پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت سىياسىي  ئۇچۇر . ئىككىنچىدىن سوۋېت گېئولوگلىرىنىڭ   تارباغاتاي تاغلىرىنىڭ جەنۇبى  ۋە ئالتاي تاغلىرىدا ئۇران زاپىسى بارلىقى ﻫەمدە ئىلى ۋە ئالتاي تاغلىق رايونلىرىدىن تىتان، ۋولفرام، ئالتۇن ۋە باشقا رەڭلىك مېتال زاپاسلىرى ، ئۈرۈمچى رايونىدىن بولسا مول نېفىت  ۋە كۆمۈر زاپىسى بايقىغانلىقىدىن ئىبارەت ﻫەربىي سانائەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر بولۇشى مۇمكىن.  ۋادىم ئوبۇخوۋ ، ستالىننىڭ  ئەينى ۋاقىتتا   نائۇم ئەيتىنگوننىڭ  قوماندانلىقىدىكى  دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنىنىڭ مەخسۇس قوغداش ئەترىتىنىڭ ﻫىمايىسى ئاستىدا  سوۋېت گېئولوگىيە ئالىملىرى بىلەن بىرگە يەنە  گېئولوگىيە  رازۋېتچىكلىرىنىمۇ  ئۇيغۇر ئېلىغا ئۇران ئىزدەشكە  ئەۋەتكەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى، بەلكى ئۇنىڭ دوكلاتىنىڭ ئەشۇ ئۇران قاتارلىق قىممەتلىك  رادىئاكتىپلىق مېتال زاپاسلىرىنىڭ تېپىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىدۇ. (26)
شۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشلەردە   سوۋېت مۇتەخەسسىسلىرى  ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئالتاي تەۋەسىدىكى كۆك توقاي رايونىدىن ئۇران ماددىلىرىنى تاپقانلىقىنى، ئۇران قاتارلىق رادىئاكتىپلىق ماددىلار مەنبەلىرىنىڭ  گەرچە تارباغاتاي-ساۋۇر تاغلىرىنىڭ قازاقىستان تەۋەسىدىكى قىسىملىرىدىمۇ بارلىقى سېزىلگەن بولسىمۇ، لېكىن  كۆك توقاي كان مەنبەلىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى قاتلامغا جايلاشقانلىقى ۋە قېزىشقا ئاسان ئىكەنلىكىنى سەزگەنلىكى ئەﻫتىماللىققا يېقىن .

بىراق، پەرەز قىلىشقا بولىدۇكى، 1943-يىلى، نائۇم ئەيتىنگوننىڭ سوۋېت گېئولوگلىرىنىڭ  ئالتايدا ئۇران كانلىرىنى بايقاپ، ئۇنى دەرﻫال قېزىشقا بولىدىغانلىق ﻫەققىدىكى ئۇچۇرى ستالىننى خۇش قىلغان بولسىمۇ، لېكىن  ئۇنىڭ خۇشاللىقى غەزەپكە ئايلاندى. چۈنكى، بۇ ۋاقىتتا، شېڭ شىسەي ستالىندىن تولۇق يۈز ئۆرۈپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇ ئۆلكىدىكى بارلىق تەسىرىگە ۋە پائالىيىتىگە خاتىمە بېرىپ، ئاشكارا ﻫالدا ستالىن بىلەن دۈشمەنلەشتى ﻫەمدە  ئۆزىنى گومىنداڭ مەركىزىي  ﻫۆكۈمىتىنىڭ قوينىغا ئېتىپ،  تۇنجى قېتىم بۇ جايغا مەركەز قوشۇنلىرى يېتىپ كەلدى.  شىنخەي ئىنقىلابى يۈز بېرىپ، پەقەت 32 يىلىدىن كېيىنلا،  جۇڭخۇئا مىنگو مەركىزىي ﻫۆكۈمىتىنىڭ كۈچى يېتىشكە باشلىغان  بۇ ئۆلكىگە  ئاتوم بومبىسى ياساش ئۈچۈن جىددىي ﻫەرىكەت قىلىۋاتقان يەنە بىر قۇدرەتلىك دۆلەت ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ تەسىرىمۇ يېتىپ كەلدى (27). جاڭ كەيشىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئارقا ئىشىكى يېنىغا ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيىنىڭ  تەسىرىنى  ئېلىپ كىرىش تاكتىكىسى سوۋېت ئىتتىپاقىنى خاتىرجەمسىزلەندۈردى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ   ئوتتۇرا ئاسىيا چېگرىسى يېنىدا يۈز بېرىۋاتقان ، ئۇنىڭ   مەنپەئەتلىرىگە تەتۈر تاناسىپ  يېڭى سىياسىي ۋەزىيەت  ستالىننىڭ ئاتوم بومبىسى ياساش پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش جەريانىدا   تۇنجى قېتىم بايقىغان   ئۇران كانىنى قېزىش پىلانىغا توسقۇنلۇق قىلدى.

  ئىككىنچى جاﻫان ئۇرۇشى ﻫەل قىلغۇچ باسقۇچقا كىرىۋاتقان ،سوۋېت ئىتتىپاقى ستالىنگراد ئۇرۇشىدا ئەمدىلا غەلىبە قىلغان بولسىمۇ، لېكىن  تېخى گېرمانىيە ئارمىيىسى ئۈستىدىن غەلىبە قازىنىش ۋاقىت جەدۋىلى ئېنىق بولمىغان، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە ئىككىنچى ئۇرۇش سېپىنى تېخى ئاچمىغان ئەﻫۋال ئاستىدا ستالىن ئۆزىنىڭ 12 يىللىق " بۇفېر زونى"( تەسىر دائىرىسىدىكى رايون) دىن ئايرىلىپ قېلىشنى، ئۆز دۆلەت مەۋجۇتلۇقى بىلەن باغلىنىشلىق بولغان يادرو قورالى پىلانىغا كېرەك بولغان بىردىن بىر ئۇران مەنبەسىدىن ئايرىلىپ قېلىشنى خالىمايتتى. چۈنكى،  بۇ مەزگىلدە ئۇيغۇر دىيارى ئۇنىڭ بىردىن بىر تاپقان ئۇران مەنبەسى بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىپايان زېمىنلىرىدا  تېخى ئۇران كانلىرى بايقالمىغان ئىدى.  ئۇنداقتا نېمە قىلىش كېرەك؟  ئۇران بولمىسا، ئاتوم بومبىسىنى قانداق ياسايدۇ؟ ئەگەر ئۆزلىرىدىن بۇرۇن ئامېرىكا ۋە ياكى گېرمانىيە بۇ قورالغا ئېرىشىۋالسا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەقدىرى، ستالىننىڭ تەقدىرى نېمە بولۇپ كېتىدۇ؟  ئالتايدا تاپقان ئۇرانلارغا سوۋېت ئىتتىپاقى ئەمەس، بەلكى ئامېرىكا ئوڭچىۋاشقا ئېرىشىۋالسا قانداق قىلغۇلۇق؟   ستالىن كرېمىل سارىيىدىكى  ئازادە ئىشخانىسىدا  غاڭزىسىنى شوراپ، ئۇياقتىن -بۇياققا ئېغىر قەدەملىرىنى ئاستا تاشلاپ، مېڭىپ يۈرۈپ، پىكىر يۈرگۈزدى. ئۇنداقتا قانداق قىلىش كېرەك؟  ئۇنىڭ ئۈچۈن بىردىن ئۈنۈملۈك  يول، ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلقلەرنىڭ  قوزغىلاڭلىرىنى قوللاپ، شېڭ شىسەينى ئورنىدىن قالدۇرۇشتىن ئىبارەت.

  5.  كرېمىلدىن چىققان سادا: شېڭ شىسەينى يىقىتىش كېرەك !
  
   دېمەك ، 1943-يىلى  شېڭ شىسەي  موسكۋادىن يۈز ئۆرۈش ئارقىلىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ چېگرا سىرتىدىكى بىردىن-بىر مۇﻫىم تەسىر دائىرە ئاستىدىكى كولونىيىسىدىن ئايرىپ تاشلىدى. بۇ سوۋېت ئىتتىپاقى ئۈچۈن ﻫەر جەﻫەتتىن زەربە بولدى. ستالىن قاتارلىق سوۋېت رەﻫبەرلىرى ئۆزلىرىنىڭ   ئۇيغۇرلارنىڭ ئازادلىق ﻫەرىكەتلىرىنى  ﻫەمدە بۇ يولدا ئاققۇزغان قانلىرىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە تىكلىگەن مەزكۇر "ئىشەنچىلىك قونچىقىدىن " دەككىسىنى يەپ، ئالدىن  ئويلاپ باقمىغان  ماددىي ۋە مەنىۋى زەربىلەرگە ئۇچرىدى. چۈنكى،1931-يىلىدىكى قۇمۇل قوزغىلىڭىنىڭ تەسىرى ئاستىدا پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىنى قاپلىغان  ئىنقىلاب يالقۇنلىرى نەتىجىسىدە 1933-يىلى، 12-نويابىر كۈنى قەشقەردە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمﻬۇرىيىتى تەسىس قىلىندى. بۇ ۋاقىتتا پەقەت ئۈرۈمچىدىن باشقا جايلارنىڭ ﻫەممىسى   قوزغىلاڭچىلارنىڭ قولىغا  ئۆتكەن بولۇپ،  ئەمما،  1933-يىلى، 4-ئاينىڭ 12-كۇنىدىكى سىياسىي ئۆزگىرىشتە ئۆلكىنىڭ دۇبەنلىك ﻫوقۇقىنى قولغا ئالغان شېڭ شىسەي  ما جوڭيىڭ قوشۇنلىرىنىڭ قورشاۋىدا قېلىپ،  پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇش گىردابىغا كېلىپ قالغاندا، موسكۋانىڭ  ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل  ﻫۆكۈمىتىنى ئەمەس بەلكى مىلىتارىست شېڭ شىسەينى قوللاش  قارارى بويىچە "ئالتايسكىي" نامدىكى قىزىل ئارمىيە قوشۇنلىرى  چېگرىدىن كىرىپ، ماجوڭيىڭ قوشۇنلىرىنى تارمار قىلدى ﻫەمدە شېڭ شىسەي ﻫاكىمىيىتىنى  مۇستەﻫكەملىدى.
ئەلۋەتتە، سوۋېت ئىتتىپاقى بولشېۋىكلار پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شېڭ شىسەينى قوللاش قارارىغا كېلىشىمۇ ئاسانغا چۈشمىگەن بولۇپ،  ئەينى ۋاقىتتا  سوۋېت رەﻫبەرلىك قاتلىمىدا ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك ئېزىلگەن مىللەتلەرنىڭ ئازادلىق ﻫەرىكەتلىرىنى قوللاش بىلەن مىلتارىستلارنى قوللاشتىن  ئىبارەت  ئىككى خىل پىكىر ئېقىمى  مەۋجۇت بولغان(28).  3-ئىنتېرناتسىيونال قەتئىي تۈردە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئازادلىق ﻫەرىكىتىنى قوللاپ، ئۇلارنىڭ مۇستەقىل سوتسىيالىستىك ﻫاكىمىيەت بەرپا قىلىشىغا ياردەم  بېرىش  مەيدانىنى ئىپادىلىگەن  بولسىمۇ، لېكىن سوۋېت بولشېۋىكلار پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى ئاخىرقى ﻫېسابتا  مىلىتارىست شېڭ شىسەيگە ياردەم بېرىپ،  ئۇنىڭ ﻫاكىمىيىتىنى مۇستەﻫكەملەش قارارىنى قوبۇل قىلغان ئىدى.(29)

1934-يىلىدىن تارتىپ تاكى 1942-يىلىغىچە  بولغان ئارىلىقتا   شېڭ شىسەي سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ﻫىمايىسى ﻫەمدە تەسىرى ئاستىدا  پۈتۈن ئۆلكىنى ئۆز ئالدىغا ئىدارە قىلىپ، جۇڭخۇئا مىنگو مەركىزىي ﻫۆكۈمىتىنىڭ رايوندا ﻫۆكۈمرانلىق ئورنىتىشى ۋە ﻫەربىي قوشۇن تۇرغۇزۇشىنى چەكلىدى. شېڭ شىسەينى يۆلەپ تۇرغۇزغان سوۋېت ئىتتىپاقى ﻫۆكۈمىتى  سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە باشقا جەﻫەتلەردىن مەزكۇر ئۆلكىنى ئۆزىنىڭ تەسىر دائىرىسى ۋە كونتروللۇقى ئاستىدىكى نۇقتىغا ئايلاندۇرۇپ، تۈرلۈك ئىمتىيازلاردىن بەﻫرىمەن بولدى ﻫەتتا  1940-يىلى  شېڭ شىسەي   بىلەن تۈزگەن 50 يىللىق  مەخپىي كونسېسسىيە كېلىشىمى   ئاساسىدا  ئۇيغۇر دىيارىدا كەڭ كۆلەملىك  گېئولوگىيىلىك قىدىرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ  بېرىش نەتىجىسىدە تاپقان  ۋولفرام،  نېفىت ﻫەم باشقا يەر ئاستى بايلىقلىرىنى قېزىشقا باشلىغان ئىدى.   بىراق، سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچلىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پاجىئەلىك مەغلۇبىيەتلىرىنى كۆرگەن شېڭ شىسەي سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تامامەن تۈگەشتى دەپ ﻫېسابلاپ، ئاستا-ئاستا ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ، گومىنداڭ مەركىزىي ﻫۆكۈمىتى بىلەن ئالاقە ئورناتتى. 1943-يىلى، 3-ئايغا  كەلگەندە پۈتۈنلەي نىقابىنى يىرتىپ تاشلاپ، ئاشكارا ﻫالدا سوۋېت ئىتتىپاقىدىن  ياردەمگە كەلگەن ﻫەر كەسىپتىكى بارلىق خادىملارنى   ﻫەتتا قۇمۇلدىكى  8-پولك نامدىكى قىزىل ئارمىيە قوشۇنىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىشنى،  ئۈرۈمچى تۇدوڭخابادىكى ئايروپىلان ياساش  زاۋۇتىنى ﻫەم  مايتاغدىكى نېفىتلىكنى تاقاشنى تەلەپ قىلىپ، بۇنى ئىشقا ئاشۇردى (30). قىسقىسى، شېڭ شىسەي  ستالىننىڭ ئاگاﻫلاندۇرۇشلىرى ﻫەتتا مولوتوۋنىڭ مۇئاۋىنى   دېكانازوفنى ئەۋەتىپ، مەخسۇس شېڭ شىسەي بىلەن سۆﻫبەت ئۆتكۈزۇپ،  ئۇنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشىلىق ﻫەرىكەتلىرىنى توختىتىشقا دەۋەت  قىلىشىدىن قەتئىي نەزەر، ئۇ  سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى ئاشكارا قوپال  سىياسەت يۈرگۈزۈپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ  ﻫەربىي -سىياسىي ۋە  ئىقتىسادىي مەنپەئەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىشتىن يانمىدى . بۇ ۋاقىتتا ، سوۋېت ئىتتىپاقى شېڭ شىسەي تەرىپىدىن ئۇچرىغان بۇ زەربىلەرنى ئاساسلىقى  ئىككى نۇقتىدىن چۈشىنىش مۇمكىن. ئۇنىڭ بىرى  گېرمانىيىگە  قارشى ئۇرۇشنىڭ ئەڭ ئېغىر يىللىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقى ئۈچۈن مۇﻫىم  ئەﻫمىيەتلىك ﻫېسابلىنىدىغان شىنجاڭدىن ئالىدىغان نېفىت قاتارلىق  يەر ئاستى بايلىقلىرى، يېزا ئىگىلىك، چارۋىچىلىق ۋە باشقا يەرلىك مەﻫسۇلاتلار مەنبەسىنىڭ ئۈزۈۋېتىلىشى.  يەنە بىرى، يەنى   ئەڭ مۇﻫىم ئامىل   سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ  1943-يىلىغا كەلگەندە ئاتوم  قورالى ياساش  ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ئۇران قاتارلىق رادىئاكتىپلىق مېتاللارنى قېزىش پىلانىنىڭ شېڭ شىسەي تەرىپىدىن بىتچىت قىلىۋېتىلىشىدىن ئىبارەتتۇر.  مەزكۇر ئىككى نۇقتا، بولۇپمۇ ئۇران قېزىپ، ئاتوم بومبىسى ياساش ستالىنغا   ئەڭ كېرەك بولۇپ، سوۋېت گېئولوگلىرى مەخپىي تۈردە  ئالتاي قاتارلىق جايلاردىن تاپقان ئۇران كېنىنى قېزىش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان  توسالغۇلارنى يوقىتىپ، قىممەتلىك يەر ئاستى بايلىقىنى ئۆز ئىختىيارى بويىچە ئېلىشقا توسقۇنلۇق قىلمايدىغان ﻫەتتا ئۇنى قوللايدىغان بىر سىياسىي ئاتموسفېرا ۋە ياكى سىياسىي گەۋدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇلۇشى  كېرەك ئىدى.


گەرچە، شېڭ شىسەي ۋە جاڭ كەيشى بىلەن  بىرلىشىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى تۇرىدىغان  قوپال چارىلارنى ئەمەلگە ئاشۇرسىمۇ، لېكىن، بۇ ئۆلكىدە ئەمدىلا كونسۇلخانىسىنى ئېچىپ، ئۆز پائالىيەتلىرىنى باشلىغان، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياپونىيىگە قارشى ئۇرۇشقا قاتنىشىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىۋاتقان ئامېرىكا  ئۆلكىدە جىددىي ۋەزىيەت شەكىللىنىشىنى ﻫەمدە سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگو ئارىسىدا ، جۈملىدىن ئۆزى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئارىسىدا  قارشىلىشىشنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىنى خالىمايتتى. چۈنكى، مەيلى ئامېرىكا، مەيلى سوۋېت ئىتتىپاقى بولسۇن ، ﻫەر ئىككىلىسىنىڭلا بىر-بىرىگە ﻫاجىتى بار بولۇپ، ئۇلار فاشىزىمغا قارشى كۈرەشتىكى ئىتتىپاقچىلارغا ئايلانغان. ئامېرىكا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياپونىيىگە قارشى ئۇرۇشقا قاتنىشىپ،  ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ياپونغا قارشى ئۇرۇشلىرىغا يېنىكلىك پەيدا قىلىشىنى ئارزۇ قىلسا، سوۋېت ﻫۆكۈمىتىمۇ ئامېرىكىنىڭ تېزراق ئىككىنچى فرونت ئېچىپ، ياۋروپا قۇرۇقلۇقىغا چىقىپ، گېرمانىيە ئارمىيىسىگە قارشى ئۇرۇشقا قاتنىشىشى، بۇ ئارقىلىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ  گىتلېر ئارمىيىسىنى سوۋېت ئىتتىپاقى زېمىنىدىن تېزرەك قوغلاپ چىقىرىشىنى ئىلگىرىلىتىشنى ئۈمىد قىلاتتى. شۇ سەۋەبتىن ئامېرىكا شېڭ شىسەينىڭ تېزراق ﻫوقۇقتىن قېلىشىدا بەلگىلىك رول ئوينىدى ( 31).

مانا مۇشۇنداق بىر قانچە خىل ئامىل ۋە  ئېﻬتىياجدىن چىقىش قىلغان  ستالىن ئۆزىنىڭ قايتا-قايتا  نەسىﻬەتىنى ئاڭلىمىغان  ( 32)  شېڭ شىسەينى ئورنىدىن يوقىتىپ، يەرلىك مىللەتلەرنىڭ مىللىي ﻫاكىمىيىتىنى قۇرۇشتىن ئىبارەت ئۆزى ئۈچۈن پايدىلىق يېڭى سىياسىي ئاتموسفېرا يارىتىش قارارىغا كەلدى .  ئاخىرى بۇ قارار  1943-يىلى 16-ماي كۈنى قوبۇل قىلىندى. شۇ كۈنى كرېمىل سارىيىدا سوۋېت ئىتتىپاقى بولشېۋىكلار پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بۇيورىسى مەخسۇس  شىنجاڭ  مەسىلىسى ﻫەققىدە يىغىن چاقىردى. يىغىنغا  ستالىن، سوۋېت ئىتتىپاقى  خەلق ئىچكى ئىشلار كومىسسارىياتىنىڭ  كومىسسارى  لاۋرېنتىن  بېرىيا،  سوۋېت ئىتتىپاقى خەلق كومىسسارىياتلىرى كېڭىشىنىڭ رەئىسى  ئالېكسېي كوسىگىن ، سوۋېت ئىتتىپاقى مىللەتلىرى ئالىي كېڭىشىنىڭ رەئىسى مىخائىل سۇسلوۋ ۋە باشقا يۇقىرى دەرىجلىك رەﻫبەرلەر قاتناشقان  بولۇپ،  مەزكۇر يىغىندا تۆۋەندىكىدەك قارار قوبۇل قىلىندى؛

"شېڭ شىسەي  يۈزسىز  ۋە سەمىمىيەتسىز ئادەم ، گەرچە سوۋېت دۆلىتى  كۆپ يىللاردىن بۇيان كۆپ  ياردەملەرنى بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن  ئۇ، بۇ ياردەملەرنى قەدىرلىمەيلا قالماستىن  بەلكى،  يەنە سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئېغىر زىيان ئېلىپ كېلىدىغان ئىشلارنى قىلدى. بۇ سەۋەبتىن  شېڭ شىسەينى ئۆلكە ﻫاكىمىيىتىدىن قالدۇرىدىغان زۆرۈر  چارىلارنى قوللىنىش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن   شىنجاڭ تېررىتورىيىسىدە ياشاۋاتقان ئادەملەر  شۇنىڭدەك سوۋېت گراجدانلىقىدىكى يەرلىك مىللەت كىشىلىرىدىن "مىللى گۈللىنىش گۇرۇپپىسى"  قۇرۇشنى باشلاش . بۇلاردىن باشقا يەنە قازاقىستان ، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستانلاردا شىنجاڭ ئاﻫالىسى ئىچىدە  پائالىيەت ئېلىپ بېرىشى لازىم بولغان تەشۋىقاتاچىلارنى ﻫەم   بۇ گۇرۇپپىلارنىڭ كوماندىرلىرىنى تەييارلايدىغان بىر قانچە مەكتەپلەرنى قۇرۇش "   (33).

بولشېۋىكلار  پارتىيىسى   مەركىزىي كومىتېتى  سىياسىي بيۇروسى  بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر دىيارىدا مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى قوزغاش، بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن  يۇقىرىدا ئىسمى ئاتالغان يۇقىرى دەرىجىلىك رەﻫبەرلەردىن بىر ئالاﻫىدە گۇرۇپپا قۇرغان ﻫەمدە كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بارغان.  1943-يىلى ماينىڭ ئاخىرىدا سسسر خەلق ئىچكى ئىشلار كومىسساراياتى بېرىيانىڭ رەﻫبەرلىكىدە  دۆلەت بىخەتەرلىك، رازۋېتكا ئورگانلىرىنىڭ باشلىقلىرى ﻫەمدە ئۇيغۇر ئېلى بىلەن قوشنا ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمﻬۇرىيەتلىرىدىكى  يەرلىك ئىچكى ئىشلار، چېگرا قوغداش ﻫەم رازۋېتكا باشلىقلىرىنىڭ شۇنىڭدەك ئۈرۈمچى، قەشقەر،  غۇلجا، چۆچەك،  ئالتاي  قاتارلىق شەﻫەرلەردىكى سوۋېت كونسۇللىرى ﻫەمدە كونسۇلخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان   رازۋېتكا خادىملىرىنىڭ  قاتنىشىشى بىلەن يىغىن چاقىرىلىپ، كەلگۈسىدە ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان ﻫەرىكەتنىڭ كونكرېت چارە-تەدبىرلىرى مۇزاكىرە قىلىندى ( 34). يىغىن خۇلاسىسى  سۈپىتىدە  سسسر خەلق ئىچكى ئىشلار كومىسسارىياتىغا تەۋە قىزىل ئارمىيىنىڭ  ئارقا سەپنى قوغداش ئىشلىرىغا مەسئۇل قوشۇنلىرىنىڭ كوماندىرى  گېنېرال مايور  ۋلادىمىر  ئېگناروۋ  ۋە ئۇنىڭ كەسىپدېشى،  خەلق ئىچكى ئىشلار كوممىسسارىياتىنىڭ (ن ك ۋ د) 4-باشقارمىسىنىڭ باشلىقى گېنېرال لېيتېنانت   ئالېكساندىر لاڭفاڭ يېتەكچىلىكىدە بىر ﻫەرىكەت پىلانى تۈزۈپ چىقىلدى. مەزكۇر ئىككى گېنېرالنىڭ يېتەكچىلىكىدە "ئالاﻫىدە ﻫەركەت گۇرۇپپىسى" تەسىس قىلىندى شۇنىڭدەك پىلان بويىچە ئۆزبېكىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان  ئىتتىپاقداش جۇمﻬۇرىيەتلىرىنىڭ بىخەتەرلىك ئورگانلىرىغا كونكرېت ۋەزىپىلەر بېرىلدى (35) ۋە ئالمۇتا، تاشكەنت ۋە بىشكەك قاتارلىق شەﻫەرلەردە قوراللىق ﻫەرىكەت قىلىدىغانلار ئۈچۈن  كۇرسى ئېچىلىپ، مەخسۇس ئادەملەر تەربىيىلەندى.  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە  سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قەشقەر، ئالتاي، غۇلجا، چۆچەك قاتارلىق شەﻫەرلەردە تۇرىدىغان كونسۇلخانىلىرىدىكى ئالاﻫىدە خادىملارغا  قەيەردە ئىنقىلاپ قوزغىسا، مۇۋاپىق ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئۇچۇر  توپلاش ۋەزىپىسى بېرىلگەن بولۇپ، ئۇزۇن ئۆتمەي، ﻫەر قايسى جايلاردىكى كونسۇلخانا خادىملىرى موسكۋاغا دوكلاتلار يوللاپ، سوۋېت رەﻫبەرلىرىنىڭ مىللىي ئازادلىق ﻫەرىكەتنى باشلايدىغان ئورۇننى بېكىتىشىدە مۇﻫىم رول ئوينىدى . مەسىلەن، ئالتايدىكى سوۋېت كونسۇلى مىخايلوۋنىڭ  دوكلاتىدا " ئوسمان باشچىلىقىدىكى قازاقلارنىڭ گۇرۇپپىسى قولايلىق شارائىت ئاستىدا  ئالتايدا قازاقلارنىڭ يېڭى قوزغىلىڭىنى  تەييارلاش ۋە  ئېلىپ بېرىشتا ﻫەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ" دەپ كۆرسىتىلگەندىن سىرت يەنە "ئوسماننىڭ گۇرۇپپىسىدىن  باشقا   ئالتايدىكى مىللىي ئازادلىق كۈرەشنىڭ راۋاجلىنىشى جەريانىدىكى، ياخشى ۋەزىيەت شارائىتىدا ۋىلايەتنىڭ زور كوپ ساندىكى ئاﻫالىسى ئۇنىڭغا قاتنىشىشى مۇمكىن" (36) دەپ ﻫۆكۈم قىلىنغان.
   قەشقەردىكى سوۋېت كونسۇلى شېستېرىكوۋ بولسا، ئازادلىق ﻫەرىكىتىنىڭ مەركىزىنىڭ جەنۇپ بولسا مۇۋاپىق ئەمەسلىكىنى  جەزىملەشتۈرۈپ، دوكلات سۇنغان. ئۇ، بۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ، گەرچە خەلقنىڭ مۇستەملىكىچىلەرگە قاتتىق ئۆچمەنلىكى بولسىمۇ، بىراق  ئۇلارنىڭ ئىچكى كۈچىگە تايىنىپ، ئاكتىپ مىللىي ئازادلىق ﻫەرىكىتى ئېلىپ بارغىلى بولمايدىغانلىقىنى، چۈنكى " بۇنىڭ ئۈچۈن كېرەك بولغان ماددىي ئىمكانىيەتلەرنىڭ  پۈتۈنلەي يوقلىقى، ﻫەر قانداق بىر مىللىي ئازادلىق ﻫەرىكىتىنى تەشكىللەش مۇمكىنچىلىكى ﻫەم مىللىي ئازادلىق كۈرەشنى بىرلەشتۈرىدىغان ۋە  رەﻫبەرلىك قىلىدىغان كۈچلۈك ، ئابرويلۇق شەخسنىڭ يوقلىقى" نى شەرﻫىلىگەن (37). ئەمما، ئۇنىڭ ئەكسىچە، شىمالدىكى بارلىق سوۋېت كونسۇللىرى مىللىي ئازادلىق ﻫەرىكىتىنى باشلاشقا مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشكەن. ئومۇمەن، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ  1944-يىلىدىن 1949-يىلىغىچە داۋاملاشقان كەڭ كۆلەملىك مىللىي ئازادلىق ﻫەرىكىتىنى باشلاش ﻫەمدە ئۇنى قوللاش ۋە ياردەم بېرىشى ئەنە شۇ 1943-يىلى 16-مايدىكى سىياسىي بۇيورىنىڭ قارارىغا ئاساسەن تۈزۈلگەن ئىستراتېگىيە بولۇپ،  سوۋېت ئىتتىپاقى رەﻫبەرلىك قاتلىمى  ئۆزلىرىنىڭ بۇ پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا  ئۆلكە ئاﻫالىسىنىڭ ئاساسىي قىسىمى جايلاشقان ، ئۇنىڭ ئۈستىگە پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئۇيغۇرلار ئورۇنلاشقان تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇبى، جۈملىدىن قەشقەرنى مەركەز قىلىشنى تاللىماي، ئەكسىچە سوۋېت ئىتتىپاقىغا يېقىن ۋە كۆپ مىللەتلىك ﻫەمدە سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە رۇس مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئاﻫالىلار جايلاشقان، خېلى كۆپ ساندا رۇسلار ئولتۇراقلاشقان  ئىلى، تارباغاتاينى، بولۇپمۇ ئىلىنى تاللىۋالدى. ئەمما، قەشقەر ،ئاقسۇ، خوتەن قاتارلىق تەرەپلەردىكى  كىشىلەر  سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1934-يىلى ۋە 1937-يىلىدىكى مىللىي ئازادلىق ﻫەرىكەتلىرىنى باستۇرۇپ، شېڭ شىسەيگە ياردەم بېرىپ، خوجا نىياز ﻫاجىم، سابىت داموللا قاتارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتاقلىق كىشىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ  ﻫاياتىدىن ئايرىلىشى، مىڭلىغان بىگۇناﻫ ئادەملەرنىڭ  تۈرمىلەرگە چۈشۈپ، خانىۋەيران بولغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلاردا سوۋېت ئىتتىپاقىغا بولغان ئىشەنچ يوق  ۋە ياكى كەمچىل ئىدى.  بىراق، ئىلى تەرەپتە بولسا، سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئىشەنمەسلىك خاﻫىشى ئۇنچىۋالا ئېغىر ئەمەس ئىدى.  سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىمالنى قوزغىلاڭ مەركىزى قىلىپ بېكىتىشىگە سەۋەب بولغان يەنە بىر ئامىل  شۇكى،  غۇلجا ۋە چۆچەك ، ئالتاي قاتارلىق جايلاردا  شېڭ شىسەيگە قارشى يەر ئاستى ۋە قوراللىق پائالىيەتلەر ﻫەمدە تۈرلۈك شەكىلدىكى قارشىلىق كۆرسىتىشلەر ئاللىقاچان باشلىنىپ كەتكەن بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى بىخەتەرلىك خادىملىرى بۇ رايوندىكى ئىچكى ۋەزىيەت، مىللەتلەر مۇناسىۋىتى ﻫەم باشقا ئەﻫۋاللارنى يېقىندىن كۆزىتىپ تۇرغان ئىدى. ئۇچ ۋىلايەت ﻫۆكۈمىتى ﻫەربىي ئىشلار بۆلۈمىدە كاتىپ بولۇپ ئىشلىگەن سابىق كاپىتان ماخمۇت پارماشوپنىڭ  ئەسلىشىچە،  ئۇنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر گۇرۇپپا غۇلجا ياشلىرى 1943-يىلىنىڭ بېشىدىلا بىر قانچە  يەر ئاستى تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇپ، پائالىيەت ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئۇلار ئابدۇكېرىم ئابباسوف، ئابدۇللا زاكىروپ قاتارلىقلار بىلەن زىچ ئالاقىدا بولغان(38). ئۇلارنىڭ بۇ پائالىيىتى ئەمەلىيەتتە  ئەلىخان تۆرە  باشچىلىقىدىكى " ئازادلىق تەشكىلاتى" دىن بۇرۇن  باشلانغان بولۇپ، غۇلجىنىڭ ئۇيغۇر، تاتار ياشلىرى ئارىسىدا  دۈشمەنگە قارشى كەيپىياتلار كۈچىيىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلار ئازادلىق يوللىرىنى ئىزدەشكە باشلىغان ئىدى.  1942-يىلىنىڭ ئاخىرى، 1943-يىلىنىڭ بېشىدا چۆچەكتىكى ئابلىمىت ﻫاجىيوپ، مەتنىياز قارىم قاتارلىق ئۇيغۇرلار شېڭ شىسەيگە قارشى پائالىيەتلەرنى باشلىغان(39). ئالتايدا بولسا، 1940-يىلىدىن تارتىپ قازاقلارنىڭ قوراللىق ﻫەرىكەتلىرى داۋاملاشقان ئىدى.

سوۋېت ئىتتىپاقى ئىچكى ئىشلار خەلق كومىسسارىياتىنىڭ  ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە  گېنېرال ۋلادىمىر ئېگناروۋ بىلەن گېنېرال ئالېكساندىر لاڭفاڭ باشچىلىقىدىكى ئالاﻫىدە " ﻫەرىكەت گۇرۇپپىسى" نىڭ خادىملىرى غۇلجا، قورغاس، چۆچەك  ۋە باشقا جايلاردا پائالىيەتلىرىنى باشلىغان بولۇپ،  ئۇيغۇرلاردىن سوۋېت دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرى سالاﻫىيىتى بىلەن يۈرگەن   ﻫاكىم جاپپار يارۇللابېكوپ، رۇسلاردىن سوۋېت  كونسۇلى داباشىن، مۇئاۋىن كونسول  بورىسوۋ ( ئەسلى ئىسمى ئىگنات ستېپانكو)، 20-يىللاردا غۇلجىغا كېلىپ ماكانلاشقان ئاق گۋاردىيەچى رۇسلاردىن، كېيىنكى مىللىي ئارمىيە شىتاب باشلىقى، مازﻫاروۋ، كەڭ ساي تاش يول ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، كېيىنكى مىللىي ئارمىيە پولكوۋنىكى فاتىي لېسكىن ﻫەمدە كېيىنكى ئىچكى ئىشلار مۇئاۋىن مىنىستىرى پاۋل ماسكالىيېۋ، مالىيە مىنىستىرى مەسلىﻬەتچىسى گرىبېنكىن،  تۇڭگانلاردىن مەنسۇر لومىيېۋ  قاتارلىق ئونلىغان رۇسلار، تاتارلار، ئۇيغۇرلار ، ئۆزبېك ۋە تۇڭگانلار ﻫەم  باشقىلار  مەزكۇر "ئالاﻫىدە ﻫەرىكەت گۇرۇپپىسى" نىڭ تاپشۇرۇقلىرى بويىچە ئىش ئېلىپ باردى (40).
ئەنە شۇ، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بۇيورىسىنىڭ قارارىغا بىنائەن ئېلىپ بېرىلغان ئورۇنلاشتۇرۇشلار بويىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى موڭغۇلىيە تەرەپنى ئىشقا سېلىپ، ئوسمان بىلەن ﻫەمكارلىق ئورناتتى. ﻫەتتا، موڭغۇلىيە رەﻫبىرى چويبالسان 1943-يىلىنىڭ بېشىدا مەخپىي تۈردە ئالتايغا كېلىپ، ئوسمان ئىسلام بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ قوراللىق قوزغىلىڭىنى قوللايدىغانلىقى ۋە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئوسمان ئىسلام موڭغۇلىيە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن زور مىقداردا قورال-ياراق ياردەم ئالدى ﻫەتتا سوۋېت ئىتتىپاقى ﻫەمدە موڭغۇلىيە ۋەكىللىرى ئۇنىڭ ﻫەرىكەتلىرىگە ﻫەربىي-سىياسىي مەسلىﻬەتچىلىك قىلدى.( 41)
1944-يىلى 4-ئايدا غۇلجىدا ئەلىخان تۆرە باشچىلىقىدا 12 كىشىدىن تەركىپ تېپىپ قۇرۇلغان  " ئازادلىق تەشكىلاتى" مۇ ئەنە شۇ داباشىن، مۇئاۋىن كونسۇل بورىسوۋ  ۋە ﻫاكىم جاپپار يارۇللابېكوۋنىڭ  پائالىيەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ،   ئەلىخان تۆرە قاتارلىق  ئازادلىق تەشكىلاتى ئەزالىرى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ ۋەكىللىرى ئارىسىدا بىر قانچە قېتىم سۆﻫبەت بولغان.  مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئەزاسى ، كېيىنكى ۋاقىتلىق ﻫۆكۈمەت باش كاتىبى ئابدۇرەۋۇپ مەخسۇمنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە،  ئۇلار سوۋېت ئىتتىپاقى ۋەكىللىرىگە ئۆزلىرىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ بۇرۇن خوجا نىياز ﻫاجىمنى ئالداپ، ئۇنى شېڭ شىسەيگە تۇتۇپ بەرگەنلىكى،  شېڭ دۇبەنگە ياردەملىشىپ، 1933-1937-يىلىدىكى قوزغىلاڭنى باستۇرغانلىقىنى سۆزلىگىنىدە، سوۋېت ۋەكىللىرى " بىز بۇرۇن خاتا قىلغان، شېڭ شىسەينىڭ ماﻫىيىتىنى چۈشەنمىگەن  ئىكەنمىز، ئەمدى ئۇنداق بولمايدۇ، شېڭ شىسەينى ۋە گومىنداڭنى  يوقىتىشىڭلارغا ﻫەمدە قىزىل موڭغۇلىيىدەك  بولۇشىڭلارغا ياردەم بېرىمىز، بۇ قېتىم سىلەر چوقۇم ئازاد  بولۇسىلەر، قىزىل موڭغۇلىيىدەك بولۇسىلەر" (42) دەپ ۋەدە بەرگەندىن كېيىن، ئۇلار ئاكتىپ پائالىيەت باشلىغان ئىكەن.  ئەنە شۇ كرېمىلدا ئېلىنغان قارار بويىچە،  ئالمۇتا ئەتراپىدا مەخسۇس  سەيدۇللا سەيفۇللايېۋ بىلەن بىرگە تەربىيىلەنگەن   فاتىخ باتۇر قاتارلىق ئون نەچە كىشى نىلقا قوزغىلىڭىنىڭ ئوقىنى ئاتتى(43).ئابدۇرەۋۇپ مەخسۇمنىڭ ئەسلىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا سوۋېت تەرەپ فاتىخ باتۇرغىمۇ ئۆزلىرىگە ئوخشاش ۋەدە بەرگەن ئىكەن.
ئومۇمەن، سوۋېت ئىتتىپاقى  نىلقا قوزغىلىڭىدىن تارتىپ، غۇلجا شەﻫىرى، سۈيدۈڭ، كۈرەنى ئازاد قىلىش ئۇرۇشلىرىغا ﻫەر خىل سەۋىيىدە قاتناشتى. 1944-يىلى ،12-نويابىردا  شەرقىي تۈركىستان  جۇمﻬۇرىيىت ۋاقىتلىق ﻫۆكۈمىتى قۇرۇلۇپ، بىر ﻫەپتىلەردىن كېيىن، قورغاستا پائالىيەت قىلىۋاتقان ئالاﻫىدە ﻫەرىكەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقلىرى گېنېرال ئېگناروۋ ۋە گېنېرال لاڭفاڭ غۇلجىغا يېتىپ كېلىپ،  بۇ ﻫۆكۈمەتنىڭ ﻫەربىي-سىياسىي مەسلىﻬەتچىلىكىنى تاپشۇرىۋالدى.  ئۇلارنىڭ شەرتلىك نامى "2-دوم " بولۇپ،  ئۇلار جۇمﻬۇرىيەتنىڭ كۈندىلىك ﻫەربىي-سىياسىي، دۆلەت قۇرۇلۇش ﻫەم باشقا بارلىق ئىشلىرىغا مەسلىﻬەتچىلىك قىلدى(44).  سابىق باش كاتىپ ئابدۇرەۋۇپ مەخسۇم ئىبراﻫىمى " ئازاد بولساقلا، دۈشمەننىڭ قولىدىن قۇتۇلساقلا مەيلى، دەپ بىز بۇ ئىماملارنىڭ ئاغزىغا قاراپ ئولتۇردۇق، چۈنكى، بىز سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ۋەدىلىرىگە بەك ئىشىنىپ كەتكەن ئىكەنمىز، ئەمما ئۇلارنىڭ ئاخىرىدا بىزنى ئالداپ، ئۆزىمىزنىڭ يېغىمىزدا ئۆزىمىزنىڭ گۆشىنى قورۇشىنى نەدىن بىلەيلۇق؟" دەپ ﻫەسرەتلىك خىتاب قىلغان ئىدى.( 45)

سوۋېت ئىتتىپاقى ئەنە شۇ ستالىننىڭ قاتنىشىشى بىلەن كرېمىلدا ئېلىنغان قارار بويىچە ئىنقىلابنىڭ بىرىنچى كۈنىدىن تاكى 1949-يىلى 10-ئايدا  ئۈچ ۋىلايەت ﻫۆكۈمىتى ئۆز بايرىقىنى بەش يۇلتۇزلۇق بايراققا ئالماشتۇرغانغا  قەدەر بولغان ئالتە يىل ئىچىدە  مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنى  ﻫەربىي-سىياسى ، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە باشقا جەﻫەتلەردىن  قوللاپ ﻫەم ياردەم بېرىپ كەلدى. بولۇپمۇ، مىللىي ئارمىيىگە كۆرسەتكەن ياردەملىرى غايەت زور بولۇپ،  مىللىي ئارمىيىنىڭ تەشكىللىنىشى، ئۈچ فرونت بويىچە جەڭ قىلىپ، گومىنداڭنى يوقىتىشىدا مۇﻫىم ياردەم كۆرسەتتى. بۇ جەرياندا 500 دىن ئارتۇق ئوفىتسېر 2000 دىن ئارتۇق جەڭچى  ئەۋەتىلىپ(46) ، مىللىي ئارمىيە سەپلىرىدە ئۇرۇشقا قاتناشتى ﻫەمدە ئۇلارنىڭ خېلى كۆپ قىسىمى مىللىي ئارمىيىنىڭ يۇقىرى، ئوتتۇرا  دەرىجىلىك ئوفىتسېرلىك ۋەزىپىلىرىنى، ئەسكەرلەرنى تەربىيىلەش خىزمەتلىرىنى ئاتقۇردى.
بايقاشنىڭ خاسلىقىنى ساقىلاڭ.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-11 01:51, Processed in 0.179802 second(s), 39 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش