مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2071 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • ئامان 2 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان 5 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان 8 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى ئەزالار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • خانىدان تۈنۈگۈن 14:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

  • زەپەر تۈنۈگۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • ئامان 2 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى كەلگەن دوستلار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • ئامان 6 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى كەلگەن دوستلار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • چىركىن يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن ماتىرىيال يوللىماقچى ئىدىم

  • شىرنە تۈنۈگۈن 20:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

  • نۇردۇن تۈنۈگۈن 11:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام،دوسلار بايرىمىڭىلارگە بۇبارەك بولسۇن!بايراملىق تىللا سوۋغا قىلمامسىلە؟

  • پۇرخۇن تۈنۈگۈن 00:18 [ئىنكاس(0)] [...]

    نېمە قىلىۋاتىسىز؟ دوستلىرىڭىز بېلەن ئورتاقلىشىڭ ...جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.

كۆرۈش: 57|ئىنكاس: 0

ستالىننىڭ ئاتوم بومبىسى ۋە ئۇيغۇرلار -تارىخنىڭ ئېچىلمىغان سىرلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

111

تېما

10

دوست

2930

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

قىزغىنلىق
606 سەر
تىللا
298 دانە
تۆھپە
514 سەر
شۆھرەت
730 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-22 20:24:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

(ستالىننىڭ ئاتوم بومبىسى ۋە ئۇيغۇرلار -تارىخنىڭ ئېچىلمىغان سىرلىرى(1

مۇندەرىجە
          مۇقەددىمە  ئورنىدا
     1.  ستالىننىڭ ئاتوم بومبىسى خىيالى  قانداق تۇغۇلدى ؟
     2. جاللاتلار ئارىسىدىكى 50 يىللىق كېلىشىم.
     3.  نەدە ئۇران بار؟
     4.  ستالىننىڭ قىلىچى-ئەيتىنگون  قانداق  ئۇچۇرغا ئېرىشتى ؟
     5.  كرېمىلدىن چىققان سادا:   شېڭ شىسەينى يىقىتىش كېرەك!
     6.  ناگاساكى ۋە غۇلجا
     7.  ئارشاڭ ۋە كۆكتوقايدىكى  قېزىش  
     8.  ستالىننىڭ ئۇران  پىلانىنى كىم پاش قىلىپ قويدى؟  
     9.  ئازادلىق ۋەدىسىگە ئالماشتۇرۇلغان بايلىقلار   
    10.   "سىز كۈچلۈك پارتلاش ئاۋازى ئاڭلىدىڭىزمۇ"؟ -ئامېرىكىلىقلار نېمىنى بىلمەكچى بولدى؟
    11.   ئەخمەتجان قاسىمى ئۆلگەن كۈننىڭ ئەتىسى پارتلىغان ئاتوم بومبىسى
   
     خۇلاسە ئورنىدا،  ئۈچ  ۋىلايەت ئىنقىلابى  خەلقئارالىق ئاتوم كۈرىشىدە مۇھىم رول ئوينىدى.



                    مۇقەددىمە ئورنىدا

    20-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ، گېرمانىيە، ياپونىيە، ئىتالىيە، سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ھەربىي تېخنىكىسىنى  راۋاجلاندۇرۇپ، قۇدرەتلىك ھەربىي كۈچكە ئىگە بولۇش ئۈچۈن زور  مەبلەغ سەرپ قىلدى. بولۇپمۇ، گىتلېر گېرمانىيىسى ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدە دۇنيانى بويسۇندۇرۇش پىلانىنى كۆڭلىگە  پۈككەنلىكى ئۈچۈن ھەربىي خامچوتىنى  يىلدىن-يىلغا كۆپەيتىپ،  ھەربىي تېخنىكىنى تېز سۈرەتتە راۋاجلاندۇرۇپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ قۇدرەتلىك ئارمىيە قۇرۇپ چىقىش ھەم ئەڭ ئۈستۈن ھەربىي قۇۋۋەتلەرگە  ئىگە بولۇش  ئارقىلىق كۆزلىگەن  پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشتى. 2-جاھان ئۇرۇشىنىڭ باشلىنىش ھارپىسىدىكى ئەنە شۇ قۇدرەتلىك كۈچلەر رىقابىتى ئەۋجى ئالغان پەيتلەردە  ئىلگىر-كېيىن  سوۋېت ئىتتىپاقى، گېرمانىيە، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە  ۋە باشقا دۆلەتلەر ئالىملىرى  ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ كۈچلۈك  پارتلىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە بومبا ياساپ چىقىش مۇمكىنلىكىنى تونۇپ يەتكەن بولۇپ، مەزكۇر  بومبىنى ياساش ئۈچۈن  تۈرلۈك چارە-تەدبىرلەر قوللىنىلدى.

ئامېرىكىدىكى ئاتوم تەتقىقاتى ۋە ئۇنى ياساش پىكرى ئالدى بىلەن 1939-يىلى گېرمانىيە پولشانى بېسىۋېلىپ، ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچقاندىن كېيىن مەيدانغا كەلدى. 1939-يىلى، گىتلېر گېرمانىيىسى  ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى خالىماي، ياۋروپادىن ئامېرىكىغا قېچىپ  كەلگەن بىر قىسىم ئاتوم ئالىملىرىدىن ۋېنگىرىيىلىك فىزىك كىلاد سېيو ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەردە گېرمانىيە ئاتوم بومبىسىنى بۇرۇن  ياساپ چىقسا ،ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ئىنتايىن ئېغىر بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. ئارقىدىنلا ئېينىشتەيىن  شۇ يىلى 8-ئايدا ئامېرىكا پرېزىدېنتى روزۇۋېلتقا خەت يېزىپ،  ئاتوم بومبىسى ياساش تەكلىپىنى سۇندى. 1940-يىلىغا كەلگەندە ئامېرىكا ئالىملىرى ئارىسىدا مەخسۇس ئاتوم بومبا ياساش مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىنغان بولۇپ، پەقەت 1941-يىلى، 6-دېكابىر كۈنى ياپونىيە دېڭىز ۋە ھاۋا قىسىملىرى ھاۋاي ئارىلىدىكى پرېل- خاربور پورتىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قوزغاشتىن بىر كۈن بۇرۇنلا  روزۇۋېلت ئامېرىكىنىڭ ئاتوم بومبىسى ياساش ۋە جىددىي تەرەققى قىلدۇرۇش لايىھىسىنى تەستىقلىدى. 1942-يىلى، 8-ئايدا ئاتوم بومبىسى ياساشنى مەقسەت قىلىدىغان " خامىلتون لايىھىسى" نى تەستىقلاپ، مەزكۇر لايىھە بويىچە ئاتوم قورالى ياساشقا  كىرىشتى. 1943-يىلى  7-ئايدا بولسا، ئاتوم تەتقىقات ئىنىستىتۇتى قۇرۇلۇپ، بۇ ساھەدىكى پۈتۈن تەتقىقاتلارنى مەركەزلەشتۈردى.(1)

  ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى 1940-يىلى ئاتوم بومبىسى  ياساشنى قارار قىلىپ، بىر مەخپىي كومىتېت  قۇردى. بۇ كومىتېتقا گېرمانىيىدە تۇغۇلغان كوممۇنىست ، ئەمما 1933-يىلى گېرمانىيىدىن  ئەنگلىيىگە  كېتىپ، شۇ يەردە ئوقۇپ يەرلىشىپ قالغان ، فىزىكا ئالىمى  كلائۇس فكۇسمۇ قاتناشتۇرۇلدى.  بۇ ئارىدا ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكا ئاتوم ياساش ساھەسى بويىچە يېقىندىن ھەمكارلاشقان بولۇپ، 1943-يىلى 12-ئايدا ئەنگلىيە ئاتوم ئالىملىرى ئامېرىكىنىڭ "خامىلتون پىلانى"غا قاتنىشىپ، ئىككى دۆلەت بىرلىكتە ئاتوم تەتقىقاتى ۋە ياساش ھەمكارلىقى ئېلىپ بارغاندا، فكۇسمۇ ئامېرىكىغا بېرىپ، مەزكۇر لايىھىگە قاتناشتى ھەمدە ئاتوم تېخنىكىسىغا ئائىت تېخىمۇ زور مەخپىيەتلىكلەرنى بىلىش ھەتتا ئاتوم بازىسىنىڭ فىزىكا تەتقىقاتىغا مەسئۇل بولۇش  ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدى.(2)

ناتسىستلار گېرمانىيىسىدىكى ئاتوم پىلانى 1939-يىلى باشلانغان بولۇپ،  گېرمانىيە ھەربىي تەييارلىقلار ۋە پىلان ئىدارىسى ئاتاقلىق فىزىكا ئالىملىرىدىن  ۋېرنا خەرسېنبېرگ بىلەن  ئوتتو گاننىڭ باشلامچىلىقىدا "ئۇران جەمئىيىتى" نامى ئاستىدا تەتىقىقات ئورگىنى تەسىس قىلىش بىلەن ئاتوم تەتقىقاتى ۋە ئاتوم بومبىسى ياساشقا جىددىي كىرىشتى. ئۇنىڭ ئالدىدا  ھامبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى   پوۋل ھاداك  گىتلېرگە  ئاتوم بومبىسى ياساش ، ئەگەردە گېرمانىيە ئاتوم بومبىسىنى ياساش مۇمكىنچىلىكىگە  ئىگە بولسا، ئۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ ئورۇننى ئىگىلەيدىغانلىقى ھەققىدە تەكلىپ سۇنغان ئىدى. 1940-يىلى شىمالىي ۋە شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، بىر قىسىم دۆلەتلەردە ئۇران كانلىرىنى تېپىپ ئۇران ئايرىش مۈمكىنچىلىكىگە ئېرىشتى ھەمدە 1940-يىلى 5-ئايدا نورۋىگىيىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن ، ئەينى ۋاقىتتا ياۋروپادىكى بىردىن بىر ئېغىر سۇ ئىشلەپچىقىرىدىغان  نورۋىگىيىنىڭ  ۋەيمونك زاۋۇتىنى  كونترول قىلدى شۇنىڭدەك يەنە بېلگىيىنىڭ  ئۇران كانىنى كونترول قىلىپ، گېرمانىيىنىڭ ئاتوم بومبىسى پىلانى ئۈچۈن ئىشلەتتى. شۇ يىلى، 12-ئايغا كەلگەندە ئۇران تاۋلاش تېخنىكىلىرىنى ئىگىلىدى. ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن، گېرمانىيە ئالىملىرى پۈتۈن كۈچى بىلەن  ئاتوم بومبىسى ياساشقا كېرەكلىك تېخنىكىنى ئۈزلۈكسىز تەتقىق قىلىپ ھەم تەرەققى قىلدۇرۇپ، مول تەجرىبىلەرنى توپلىغان بولسىمۇ، لېكىن گېرمانىيىنىڭ  يادرو قورالى ياساش پىلانى  ئىتتىپاقچى  دۆلەتلەرنىڭ  ئۈزلۈكسىز  ھۇجۇملىرى ۋە بۇزغۇنچىلىقلىرىغا ئۇچراپ، ناتسىسلارنىڭ  ئاتوم بومبىسىنى ياساپ پۈتتۈرۈش  ۋاقتى ئارقىغا سۈرۈلدى. مەسىلەن 1943-يىلى، 2-ئايدا ئەنگلىيە  ئالىي ھەربىي قوماندانلىق شىتابى گېرمانىيىنىڭ  نورۋىگىيىدىكى ۋەيمونك ئېغىر سۇ ياساش زاۋۇتىنى پارتلىتىش ئۈچۈن بىر زەربىدار ئەترەت تەشكىللىگەن بولۇپ، ئالتە كىشىلىك مەزكۇر گۇرۇپپا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بۇ زاۋۇتنى پارتلىتىۋېتىپ ، گىتلېرنىڭ ئاتوم بومبىسى ياساش پىلانىنى ئېغىر دەرىجىدە  بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتتى. بۇ زاۋۇت بىر يىلغا يېقىن ۋاقىت  ئاتوم بومبىسىغا كېرەكلىك ئېغىر سۇ ئىشلەپچىقىرىش مۇمكىنچىلىكىدىن مەھرۇم قالغان بولۇپ، بۇ ئەھۋال  گېرمانىيىنىڭ ئاتوم بومبىسىنى بۇرۇن ياسىشىنى كېچىكتۈرۈپ، ئىتتىپاقچىلارنىڭ ئاخىرقى غەلىبىسى ئۈچۈن  ئىمكانىيەت يارىتىش رول ئوينىدى. ئەلۋەتتە،   گىتلېر گېرمانىيىسىنىڭ  نېمە ئۈچۈن  ئاتوم بومبىسى ياساشقا ئەڭ بۇرۇن كىرىشىپ، يەنىلا ئۇنى ياساپ چىقىشقا ئۈلگىرەلمىدى؟  دېگەن سوئال ھازىرغىچە مۇنازىرە قوزغاۋاتقانلىقى مەلۇم بولۇپ،  بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرى  سۈپىتىدە تۆۋەندىكى ئامىللارنى  ئەسلەپ ئۆتۈش مۇمكىن.  

بىرىنچىدىن،  ئىتتىپاقچى ئارمىيىنىڭ ناتسىسلارنىڭ  ئاتوم ياساش بازىلىرىغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغاپ، ئۇلارغا تۈرلۈك بۇزغۇنچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىشى، گېرمانىيە  ھۆكۈمىتىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا كۆپ سەپلەردە ئۇرۇش قىلىشى نەتىجىسىدە ماددى ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىيىنچىلىققا يولۇقۇپ، ئاتوم پىلانىغا سېلىنغان مەبلەغدە  كەمچىللىك كۆرۈلۈشى.

ئىككىنچىدىن ، ئاتوم تەتقىقات تارماقلىرىنى تارقاقلاشتۇرىۋېتىپ، بىر مەركەزگە يىغىنچاقلىنالماي، ئالىملار ئارىسىدا دائىم پىكىر ۋە تەتقىقات ئىختىلاپلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى شۇنىڭدەك يەنە ناتسىسلارنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى ئىرقىچىلىك سىياسىتى يۈرگۈزۈپ،  ئېينىشتەيىن قاتارلىق كۆپلىگەن يەھۇدىي ۋە باشقا مىللەتلەردىن كېلىپ چىققان ئاتوم ساھەسىگە مۇناسىۋەتلىك   ئالىملارنى  چەتكە قېقىشى ھەمدە ئۇلارنى  زەربە بېرىشى ئوبېيكتى قىلىش تۈپەيلىدىن، ئۇلارنىڭ  گىتلېر گېرمانىيىسى ئۈچۈن ئىشلەشتىن باش تارتىپ، ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيىنىڭ ئاتوم بومبىسى پىلانى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى.

ئۈچىنچىدىن ،  گىتلېر گېرمانىيىسىنىڭ ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچلىرىدا ئۆزلىرىنىڭ ھەربىي قۇدرىتىگە ھەددىدىن زىيادە ئىشىنىپ كېتىپ، ئاتوم قورالى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدىكى مەۋجۇت ھەربىي كۈچىگە تايىنىپمۇ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ غەلىبىگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىغا بولغان ھەددىدىن زىيادە ئىشىنىشتىن كېلىپ چىققان  ئۆزلىرىنى كۈچلۈك چاغلاش ھەمدە ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇنچىۋالا تېز ئارىدا ئاتوم بومبىسى ياسىيالىشىغا ئىشەنمىگەنلىكى قاتارلىق  خاتا ھۆكۈملىرىمۇ  ئەڭ مۇھىم ئامىللاردىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
     ئىككىنچى  جاھان ئۇرۇشنىڭ باشلىنىشى ۋە كۈنسايىن جىددىيلىشىشى ھەمدە ئۇرۇش سەپلىرىنىڭ كېڭىيىشى شۇنىڭدەك  سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق ئىتتىپاقچى دۆلەتلەرنىڭ  1944-يىلىدىن تارتىپ گېرمانىيە ئارمىيىسىگە قارشى  ھەربىي ھەرىكەتلىرى ھەل قىلغۇچ باسقۇچقا ئۆتۈش  جەريانىدا  ئاتوم قورالىغا ئىگە بولۇش ۋەزىيەتنىڭ مۇھىم تەقاززاسىغا ئايلانغان بولۇپ،  سوۋېت ئىتتىپاقى، گېرمانىيە، ئەنگىلىيە  ۋە ئامېرىكا  مەزكۇر قورالغا تېز ئىگە بولۇش ئۈچۈن  تېخىمۇ جىددىي ھەمدە مۇتلەق مەخپىي تەدبىرلەرنى ئالدى. چۈنكى، مەزكۇر قورالنىڭ ئالدى بىلەن كىمنىڭ قولىدا بولۇش ئەينى ۋاقىتتىكى دۇنيا ۋەزىيىتى ۋە تەرتىپىنى بەلگىلەشتىكى  ئۈستۈنلۈككە باغلىنىشلىق مەسىلە بولغاچقا، ئەگەردە مەزكۇر قورال گىتلېر گېرمانىيىسى تەرىپىدىن بۇرۇن ياسىلىپ، ئىشلىتىش پۇرسىتىگە ئېرىشىلسە، ناتسىستلارنىڭ  پۈتۈن سەپلەر بويىچە ئىتتىپاقچىلارنى ( سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى، ئەنگىلىيە )  مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىشى، بەلكى گىتلېرنىڭ   دۇنيانى بويسۇندۇرۇپ، 3-ئىمپېرىيە قۇرۇش چۈشىنى  ئەمەلگە ئاشۇرغان بولار ئىدى. شۇ سەۋەبتىن 2- جاھان ئۇرۇشى داۋامىدا ئاتوم بومبىسى گېرمانىيىدىن بۇرۇن ياساپ چىقىش ۋە ياكى گىتلېر گېرمانىيىسىنىڭ بۇ پىلانىنىڭ ئىشقا ئېشىشىغا يول قويماسلىق  ئىتتىپاقچى دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي -سىياسىي ئىستراتېگىيىسىنىڭ مۇھىم كۈن تەرتىپىگە قويۇلغان بولسىمۇ، ئەمما  ئاتوم پىلانى ۋە تېخنىكىسى مۇتلەق مەخپىي تۇتۇلدى جۈملىدىن  ئامېرىكا بىلەن ئەنگىلىيە بۇ ساھەدە ھەمكارلاشسىمۇ، بىراق ئۇنى ئۆز ئىتتىپاقىچىسى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ھەمدە ئورتاق رەقىبى  گىتلېر  گېرمانىيىسىدىن مۇتلەق مەخپىي تۇتقان بولۇپ، ئامېرىكا-ئەنگىلىيە  مەيلى سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ياكى گېرمانىيە بولسۇن ھەر ئىككىلىسىنىڭلا بۇ قورالغا ئۆزلىرىدىن بۇرۇن ئىگە بولۇشىنى خالىمىغان ئىدى. چۈنكى، بۇ قورالغا مەزكۇر ئىككى دۆلەتنىڭ قايسىسى ئۆزلىرىدىن بۇرۇن ئىگە بولسا، ئوخشاشلا ئۇلارنىڭ مەنپەئەتلىرىگە خىلاپ بولۇپ، ئەگەر گېرمانىيە بۇرۇن ئىگە بولسا، 3-ئىمپەرىيىنىڭ قۇدرىتى ئىتتىپاقچىلارنى ۋەيران قىلىپ، دۇنيا سىياسىي تەرتىپىنى  گىتلېر گېرمانىيىسىنىڭ بەلگىلەش ئۈستۈنلۈكى بولاتتى. بۇ ئەلۋەتتە، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە  ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەنپەئەتلىرىگە ئورتاق زىيانلىق بولسىمۇ،  بىراق، ئامېرىكا-ئەنگىلىيىنىڭ ئوخشاشلا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇ قورالغا ئۆزلىرىدىن بۇرۇن ئىگە بولۇشىنى خالىماسلىقىدىكى سەۋەب، ئەگەر ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشى گىتلېر گېرمانىيىسىنىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن ئاخىرلاشقان تەقدىردىمۇ، 30 يىلدىن بېرى غەرب كاپىتالىزم دۇنياسى بىلەن رىقابەتلىشىپ ھەم دۈشمەنلىشىپ كەلگەن، دۇنيانى ئىدىئولوگىيە جەھەتتىن ئىككىگە بولۇپ، ئۆزلىرىگە كۈچ توپلاپ، ئاخىرىدا كوممۇنىزم لوزۇنكىسى ئاستىدا پۈتۈن دۇنيادىكى رەھبىرى دۆلەتلىك سالاھىيەتكە ئېرىشمەكچى بولغان  سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاتوم قورالىغا تايىنىپ، 2-دۇنيا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشتا زور ھەسسە قوشقان، ئەڭ غالىپ ۋە قۇدرەتلىك مەملىكەت سۈپىتىدە قەد كۆتۈرۈپ، خۇددى گىتلېر گېرمانىيىسىگە ئوخشاشلا  ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە باشقا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ  مەنپەئەتلىرىنى زەربىگە ئۇچرىتاتتى. ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، فرانسىيە ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا مەيلى ناتسىسىزم، مەيلى كوممۇنىزم بولسۇن ھەر ئىككىلىسى ئوخشاشلا خەتەرلىك ئىدىئولوگىيە بولۇپ، غەربنىڭ دېموكراتىك، ئەركىن ئىدىيىسى ۋە باشقا تۈرلۈك مەنپەئەتلىرىگە تامامەن خىلاپ ئىدى. نەتىجىدە، ئۇرۇشتىن كېيىنكى دۇنيا تەرتىپىنى قايتىدىن بېكىتىشتە يالغۇز سوۋېت ئىتتىپاقىلا ئەمەس، بەلكى ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە   بىر تەرەپ، سوۋېت ئىتتىپاقى بىر تەرەپ  بولۇپ، رول ئوينىدى. زاتەن، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىمۇ ئەنە شۇ مەنپەئەتلەر توقۇنۇشىنىڭ خۇلاسىسىدىن ئىبارەت ئىدى خالاس.

ئۇنداقتا ، سوۋېت ئىتتىپاقى ئاتوم بومبىسى مەسىلىسىگە قانداق پوزىتسىيە تۇتتى ھەمدە بۇ ساھەدە قانداق ھەرىكەت قوللاندى؟ نېمە ئۈچۈن  سوۋېت ئىتتىپاقى ئامېرىكىدىن  تۆت يىل كېيىن مەزكۇر قورالغا ئىگە بولالىدى ؟ دېگەن سوئالنىڭ تۇغۇلۇشى تەبىئىي. ئومۇمەن، بۇ ھەرگىزمۇ يېڭى سوئال ئەمەس، بەلكى مەزكۇر سوئاللار 50 يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ  ئارىسىغا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاتوم بومبىسىغا ئىگە بولۇشىدا ئۇيغۇرلار ، جۈملىدىن 20-ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدىكى دۇنيا سىياسىي تارىخىدىكى بىر مەزگىللىك قىستۇرما كۈي بولغان  "شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى" ۋە ياكى  "ئۇچ ۋىلايەت  ئىنقىلابى  ھۆكۇمىتى "  قانداق  رول ئوينىدى؟ دېگەن سوئالنى قوشقاندا مەزكۇر تېما بىراز يېڭىلىنىدۇ ھەمدە تولۇقلىنىدۇ.


1.    ستالىننىڭ ئاتوم بومبىسى خىيالى  قانداق تۇغۇلدى؟


  بۈگۈنكى رۇسىيە تارىخچىلىرى سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ  ئاتوم ياساش ئىدىيىسىنىڭ پەيدا بولۇشى ھەمدە بۇ ساھەدە مەخسۇس پىلان تۈزۈپ، ئىشقا كىرىشىنىڭ  گېرمانىيە، ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكىدىن كېيىن بولغانلىقىنى ھۆكۈم قىلسىمۇ، لېكىن پەرەز قىلىشقا بولىدۇكى، گىتلېر گېرمانىيىسىنىڭ   ھەربىي خامچوتىنىڭ يىلدىن-يىلغا كۆپەيتىپ، ھەربىي تېخنىكىسىنى تېز سۈرەتتە راۋاجلاندۇرۇپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ قۇدرەتلىك ئارمىيە قۇرۇپ چىقىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ دۇنياغا زومىگەرلىك  قىلىش پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنۇشى ھەتتا  1939-1940-يىللىرىدا  پولشا ھەم باشقا بۇر قىسىم شىمالىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنى بېسىۋېلىشى   ئەينى ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقى، ئەنگىلىيە  قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئوخشاشلا ئەندىشىگە سالغان.  گەرچە،  1939-يىلى، 23-ئاۋغۇست كۈنى گېرمانىيە پولشاغا ھۇجۇم قىلىش بىلەن 2-دۇنيا ئۇرۇشىنى باشلاشقا بىر ھەپتە قالغاندا موسكۋادا  " سوۋېت ئىتتىپاقى-گېرمانىيە ئۆزئارا ئۇرۇش قىلماسلىق كېلىشىمى"  تۈزگەن بولسىمۇ، بىراق موسكۋا يەنىلا  ھەربىي جەھەتتىن گېرمانىيىدىن خاتىرجەم ئەمەس ئىدى . بولۇپ، گىتلېر پولشانى ۋە ئارقىدىنلا باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرىنى ئارقىمۇ-ئارقا ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، ھەربىي جەھەتتە  گېرمانىيىدىن ئاجىز قېلىشنى تېخىمۇ خالىمىدى. ئۇرۇش ئوتلىرىنىڭ ئۇچقۇنلىرى چاقناۋاتقان ئەشۇ كۈنلەردە   گېرمانىيە ئالىملىرىدىن  ئوتتو گان، فرانسىيە ئالىمى فرېدېرىك زھولىيو كيۇرى  قاتارلىقلار 1938-يىلى، ئۇران-235 نى پارچىلاش ئارقىلىق ،ئۇنىڭدىن كۈچلۈك بىر ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسى چىقىرىش  مۇمكىنلىكىنى سەزدى. بۇ زور قىزىقىش قوزغىدى.  ئارقىدىنلا رۇسىيە ئالىملىرىدىن  گېئورگىي فلېروۋ بىلەن يۇلىيا خارتىنوۋ 1939-يىلى، ئۇران-235 رېئاكسىيىسىدىن   كۈچلۈك پارتلاتقۇچ ياساش مۇمكىنلىكىنى بىلدى.  1939-1940-يىلى بولسا، ئاتوم بومبىسى ياساش مەسىلىسى ئامېرىكا ئالىملىرى ئارىسىدا ھەتتا  مەتبۇئاتلىرىدا  پەيدا بولۇشقا  باشلىدى.  قىسقىسى ئاتوم بومبىسىدىن ئىبارەت پارتلىتىش ئىقتىدارى ئەڭ كۈچلۈك قىرغۇچى بومبا ئۈچۈن ئۇران-235نىڭ  ھەل قىلغۇچ ماتېرىيال قىلىنىدىغانلىقى  ئېتىراپ قىلىنىپ بولۇنغان ئىدى.

ستالىن ھۆكۈمىتىنىڭ  ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەتراپىدا يۈز بېرىۋاتقان بۇ بىر قاتار زور ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىشلەرگە شۇنىڭدەك گېرمانىيە، ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكىنىڭ  ئاتوم بومبىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان  ھەربىي پەن-تېخنىكىسىغا  مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارغا دىققەت قىلماسلىقى ھەمدە بۇنىڭغا جاۋابەن  سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي ۋە ئېغىر سانائىتىنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇشنى تېزلىتىشنى ئويلاشماسلىقى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.  ئەنە شۇ سەۋەبلەردىن  سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى ئۆز دۆلىتى تەۋەسىدىلا ئەمەس، بەلكى ئەينى ۋاقىتتىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەسىرى ئاستىدىكى رايون ("بۇففەر زونى")  ھېسابلانغان   شىنجاڭ ئۆلكىسىدىمۇ  گېئولوگىيىلىك  تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، يەر ئاستى بايلىقلىرىنى جۈملىدىن ئۇران ، ۋولفرام قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە   ئالغان تۈرلۈك  كەم ئۇچرايدىغان مېتال بايلىقلىرىنى  تېپىپ چىقىپ  ۋە  قېزىپ، ئۇنى  سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك سانائەت پىلانلىرى  ئۈچۈن ئىشلىتىشنى قارار قىلغان ئىدى.(3)

1941-يىلى، 6-ئايدا گېرمانىيە ئارمىيىسى سوۋېت ئىتتىپاقىغا  ھۇجۇم قوزغاپ، سوۋېت -گېرمان ئۇرۇشى باشلانغاندىن كېيىن،  سوۋېت ئالىملىرى ئارىسىدا ئاتوم بومبىسى ھەققىدىكى مۇنازىرىلەر مەيدانغا چىقتى ھەتتا 1941-يىلى "ھەقىقەت"  گېزىتىنىڭ 13-ئۆكتەبىردىكى سانىدا ئاكادېمىك پ. ل.كاپىتسېنىڭ   "بىر شەھەرنى ھەتتا مىليونلاپ ئادەمنى بىراقلا قىرىۋېتىش مۇمكىن بولغان ئاتوم بومبىسى ھەققىدىكى ئىنكاسى ئېلان قىلىندى " (4). قىسقىسى، بۇ ۋاقىتتا سوۋېت فىزىكا ۋە خىمىيە ئالىملىرى ئارىسىدا ھەقىقەتەن مۇنداق بىر قورالنىڭ ئىجاد قىلىنىشى مۇمكىنلىكىگە بولغان ئىشەنچ شەكىللىنىپ بولغان ئىدى.  سوۋېت ئىتتىپاقى قوشۇنلىرىنىڭ گېرمانىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن  زور مەغلۇبىيەتلەرگە ئۇچرىتىلىپ،  دۆلەت  تەقدىرى ئېغىر تەھدىتكە دۇچ كېلىۋاتقان 1941-يىلىنىڭ   ئۆكتەبىر ئېيىدا  سوۋېت  ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چاقىرغان  بىر يىغىنىدا  سوۋېت ئىتتىپاقى  خەلق ئىچكى ئىشلار كومىسسارىياتىنىڭ كومىسسارى  لاۋرېنتى بېرىيا  دوكلات بېرىپ،  ئەنگىلىيىنىڭ ئاتوم  قورالغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن  ئۇران پىلانى تۈزگەنلىكى ، ئامېرىكىنىڭ بولسا ئاتوم بومبىسىنى ياساشقا جىددىي تۇتۇش قىلىۋاتقانلىقىنى   رازۋېتكا ئارقىلىق  ئىگىلەنگەنلىكىنى مەلۇم قىلغان(5).  بۇ ماتېرىيالنى  ئەنگىلىيىنىڭ ئۇران تەتقىقات كومىتېتىدا ئىشلەۋاتقان فىزىكا ئالىمى . سوۋەت  جاسۇسى  فكۇس مەخپىي تۈردە تەمىنلىگەن بولۇپ، ئۇ ئەنگلىيىنىڭ بەلكى ئىككى يىل ئىچىدە ئاتوم بومبىسى ياساپ چىقىشى مۇمكىنلىكىنى يەتكۈزگەن(6). ئارقىدىنلا مەزكۇر جاسۇس يەنە ئۇران-235 نىڭ تۈزۈلۈشى ۋە ئايرىلىش ھەققىدىكى تېخنىكىلىق ئۇچۇرلارنى، ئۇزۇن ئۆتمەي، بېرىتانىيە ھەربىي كابىنېتى  تەييارلىغان ئاتوم بومبىسى ھەققىدىكى مەخپىي دوكلاتىنىڭ تولۇق تەكىستىنى موسكۋاغا  يەتكۈزدى. بېرىيا بۇ ئۇچۇرلارنى ستالىنغا مەلۇم قىلدى. لېكىن، مەزكۇر ماتېرىياللارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى مۇرەككەپ بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى پەقەت كەسپىي  ئاتوم ئالىملىرىلا چۈشىنەلەيتتى. شۇ سەۋەبتىن بۇ ماتېرىياللار تاكى 1943-يىلىغىچە بىر يېرىم يىل مەخپىي ساقلىنىلدى.(7)

شۇنى ئەسكەرتمەي بولمايدىكى،  ئەينى ۋاقىتتا ئۆزىنى پرولېتارىياتنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ داھىيسى، خەلقئارا كوممۇنىزم ھەرىكىتىنىڭ داھىيىسى دەپ ھېسابلىغان يوسىف ستالىننىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن قىممەتلىك، كەم ئۇچرايدىغان، ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە رەڭلىك مېتاللار جۈملىدىن "مۇناسىۋەتلىك يەر ئاستى بايلىقلىرى" نى تەكشۈرۈپ تېپىشقا ئۆزى بىۋاسىتە ئارىلىشىشى ھەم رەھبەرلىك قىلىشى، مەزكۇر پىلاننىڭ پەقەت ئاددىي ھالدا  گېئولوگىيە ۋە رەڭلىك مېتال ساھەسىنىڭ خىزمىتى ئەمەسلىكى، بەلكى دۆلەتنىڭ ھەربىي-سىياسىي قۇدرىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك پىلان ئىكەنلىكىنى كۆرسەتسە كېرەك.


2.  جاللاتلار ئارىسىدا تۈزۈلگەن 50 يىللىق كېلىشىم


     گرۇزىيىدىن چىققان يوسىف ستالىن بىلەن مانجۇرىيىدىن چىققان شېڭ شىسەينىڭ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىكى ئىنسانىيەتنىڭ پاجىئەلىك تارىخىدا جاللاتلىق بىلەن مۇھىم ئىز قالدۇرغانلىقى تارىخ سوتى تەرىپىدىن ئاللىبۇرۇن ھۆكۈم قىلىنىپ بولۇنغان. ئۇلارنىڭ بىرى ئۇستا يەنە بىر شاگىرت بولۇپ، بىراق رەھىمسىزلىكتە  ھەر ئىككىسىلا ئوخشاش. ئۇستىسى ستالىن ئۆز ئايالىنى ھەم ئەڭ يېقىن دوستلىرى، ئۆزىنى قوللىغان مەسلەكداشلىرىنى ئۆلتۈرگەن بولسا،  شاگىرتى شېڭ شىسەيمۇ ئوخشاشلا بىر قوساقتىن تۇغۇلغان ئۆز ئىنىسىنى ھەمدە ئەڭ يېقىن دوستلىرىنى ئۆلتۈرگەن . ئالدىنقىسىنىڭ قولىدا مىليونلىغان ئىنسانلار ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە خانىۋەيران بولغان بولسا، ئوخشاشلا كېيىنكىسىنىڭ قولىدىمۇ يۈزمىڭلىغان ئىنسانلار ئۆلدى ۋە خانىۋەيران بولدى. يەنە كېلىپ، بۇ ئىككى شەخسنىڭ قولىدا ئۆلگەن ھەم  ۋەيران بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى ھېسابلاپ چىقىش تېخىمۇ قىيىن.  ستالىننىڭ نەزىرىدە شېڭ شىسەي رەھبەرلىكىدىكى شىنجاڭ ئۆلكىسى ئۆز تەۋەلىكىدىكى جاي بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ  17-  ۋە ياكى 18-جۇمھۇرىيىتىگە ئوخشىتىلغان، چۈنكى ئەينى ۋاقىتتا غەرب سىياسىيونلىرى تاشقى موڭغۇلىيىنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 16-جۇمھۇرىيىتىگە ئوخشاتقان ئىدى. بىراق، موسكۋانىڭ 15 ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاشقىرىسىدىكى ، ئۆزى بىلەن چېگرا مەزكۇر ئىككى رايوننىڭ موسكۋا ئۈچۈن ئوخشىمىغان دەرىجىدە  ئىستراتېگىيىلىك  ئەھمىيىتى، كۆزلەنگەن مەقسىتى بار ئىدى. ئۇلارنىڭ بىرى  تاشقى موڭغۇلىيە پەقەتلا  سوۋېت ئىتتىپاقى تەرىپىدىنلا ئېتىراپ قىلىنغان مۇستەقىل دۆلەت بولۇپ، ئەمما، شىنجاڭ ئۆلكىسى  نامدا جۇڭگونىڭ بىر ئۆلكىسى دەپ ئېيتىلسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە بۇ يەر نەنجىڭگە  ئەمەس، بەلكى موسكۋاغا بېقىناتتى(8). ستالىن ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇ يەردە مەيلى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن  ۋە ياكى باشقا مىللەتلەر ھەتتا مىلىتارستلار تەرىپىدىن   مۇستەقىل بىر دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇشىغا  قەتئىي يول قويماسلىق قارارىغا كەلگەن بولۇپ،  ھەتتا شېڭ شىسەينىڭ ئۇدا بىر قانچە قېتىم شىنجاڭنى مۇستەقىل سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەت قىلىش ۋە ياكى  ھېچ بولمىغاندا  سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىر ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتىگە ئايلاندۇرۇش  تەلىپىنى رەت قىلىپ،(9) شېڭ شىسەينىڭ " 6 بۈيۈك سىياسىتى" نىڭ تەركىبىگە "شىنجاڭنى ئەبەدىي جۇڭگونىڭ بىر ئۆلكىسى قىلىش" دېگەن ماددىنى كىرگۈزگىزدى (10). ئەينى ۋاقىتتىكى مەزكۇر ئۆلكە ستالىن ئۈچۈن ئۆز ئېغىر سانائىتىنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى  سانائەت خام ئەشياسى ھەم  چارۋىچىلىق، دېھقانچىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىسى  شۇنىڭدەك يېنىك سانائەت ماللىرىنى ئوڭچىۋاشقا سېتىپ، زور سودا-ئىقتىساد كاپىتالى يارىتىدىغان مەخسۇس بازىرى ئىدى.   غەرب دۇنياسىدا پەيدا بولغان ئاتوم قورالى ياساش پىلانىدىن ئارقىدا قېلىشنى خالىمىغان سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى  بۇ جايدا   گېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، قىممەتلىك، كەم ئۇچرايدىغان مېتاللار ۋە باشقا يەر ئاستى بايلىقلىرى، قىسقىسى  رادىئاكتىپلىق مېتاللارنى  قىدىرىپ تەكشۈرۈش ھەم ئۇنى قېزىش پىلانىنى ئاللىبۇرۇن بېكىتىپ بولغان ئىدى. ئەنە شۇ پىلان بويىچە،  1940-يىلى 26-ئۆكتەبىر كۈنى  سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى ۋە   سوۋېت ئىتتىپاقى خەلق كومىسسارىياتلىرى  كېڭىشى يىغىن ئېچىپ،  " شىنجاڭدا قەلەي  ئىزدەش ھەم ئېلىش" ھەققىدە بىر مۇتلەق مەخپىي قارار قارارى قوبۇل قىلغان.(11)  "مۇتلەق مەخپىي" دەپ بېكىتىلگەن مەزكۇر قارار  رۇسىيە دۆلەتلىك ئارخىپخانىسىدىكى  "ستالىننىڭ ئالاھىدە پاپكىسى" دا ساقلانغان بولۇپ، بۇ ھۆججەت ھازىر  تەتقىقاتچىلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئېچىۋېتىلگەن .(12)

  ھۆججەتنىڭ تولۇق تېكىستى مۇنداق :

سوۋېت ئىتتىپاقى خەلق كومىسسارىياتلىرى   كېڭىشى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى بولشېۋىكلار  پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى    شىنجاڭ ئۆلكىسىدە قەلەي ۋە  ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بولغان كەم ئۇچرايدىغان پايدىلىق يەر ئاستى بايلىقلىرىنى ئىزدەش ھەققىدە تۆۋەندىكى قارارنى چىقىرىدۇ؛

1.          سوۋېت ئىتتىپاقى  رەڭلىك مېتال خەلق كومىسسارىياتى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان كېلىشىم  لايىھىسىنى تەستىقلاش
2.           خەلق رەڭلىك مېتال كومىسسارىياتىغا شىنجاڭ ئۆلكىلىك  ھۆكۈمىتى بىلەن 50 يىللىق مۆھلەت بىلەن   شىنجاڭ  تېررىتورىيىسىدە قەلەي  ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك پايدىلىق يەر ئاستى بايلىقلىرىنى ئىزدەش ھەم  مەنبەلەرنى  تەكشۈرۈش ۋە  ئىشلىتىش  ھوقۇقىغا ئېرىشىش ھەققىدە  كونسېسسىيە  كېلىشىمى تۈزۈش ھوقۇقى بېرىش.

3.             شىنجاڭدا قەلەي  ئىزدەش، مەنبەلەرنى تەكشۈرۈش ھەم ئىشلىتىش   ئىشلىرى بويىچە كونسېسسىيە باشقارمىسىغا تۆۋەندىكى تەركىبنى بەلگىلەش
1)      باشقارما باشلىقى. يولداش كارپېنكو فېدور ئاگېيەۋىچ
2)       مۇئاۋىن باشلىقى  يولداش شىبايېۋ پېتس ئاندرېيېۋىچ
3)       باش ئىنجېنېر يولداش شىمانوۋ كونستانتىن ئىۋانوۋىچ
4)       باش گېئولوگ يولداش لوزھېچكىن مىخائىل پاۋلوۋىچ

4.           ف.ئا كارپېنكوغا   ئۈرۈمچىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ باش كونسۇلى يولداش باكۇلىن ئىۋان  نىكولايېۋىچنىڭ قاتنىشىشى بىلەن شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت بىلەن كونسېسسىيە ھەققىدە كېلىشىم  ئۈچۈن سۆزلىشىش ئېلىپ بېرىشنى تاپشۇرۇش
5.          خەلق   رەڭلىك مېتال كومىسسارىياتى 1940-يىلى دېكابىردىن بۇرۇن 1941-يىللىق كونسېسسىيە خىزمەت پىلانىنى سوۋېت ئىتتىپاقى خەلق كومىسسارىياتلىرى كېڭىشى ۋە  كوممۇنىستلار پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنۇشى كېرەك.
6.           سسسر خەلق كومىسسارىياتلىرى كېڭىشى يېنىدىكى  ئىقتىسادى كېڭەش  خەلق رەڭلىق مېتال كومىسسارىياتى  تەلەپ قىلغان بارلىق كېرەكلىك ماتېرىياللار،  ماددىي بۇيۇملار ۋە پۇلنى 1940-يىلىنىڭ  4- كۋارتالىغىچە ئاجرىتىپ بولۇشى كېرەك .

س س س ر خەلق كومىسسارىياتلىرى كېڭىشىنىڭ رەئىسى ۋىچېسلاۋ مولوتوۋ.
  كومۇنستلار پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى يوسىف ستالىن (13)

سوۋېت كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىدا ئېلىنغان ئەنە شۇ مەخپىي قارار بويىچە شۇ يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۇنى   باكۇلىن، كارپېنكو باشچىلىقىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى ۋەكىللىرى بىلەن شېڭ شىسەي ئارىسىدا 50 يىللىق مۆھلەتلىك" سوۋېت  ئىتتىپاقى-شىنجاڭ كونسېسسىيە كېلىشىمى" ئىمزالىنىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى 50 يىلغا قەدەر بۇ زېمىننىڭ يەر ئاستى بايلىقلىرىنى ئېچىش، سودا-ئىقتىسادىي ۋە باشقا جەھەتلەردە ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە بولۇش ھوقۇقىنى قانۇنلاشتۇردى. شېڭ شىسەي بىلەن ستالىن ئارىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىم  مۇتلەق مەخپىي بولۇپ، بۇنى ئەينى ۋاقىتتا جۇڭگو  مەركىزىي ھۆكۈمىتى بىلمەيتتى(14). سوۋېت ئىتتىپاقى مەزكۇر كونسېسسىيە كېلىشىمى ئارقىلىق  گېئولوگىيە خادىملىرىنى خالىغانچە، ئەركىن ھالدا شىنجاڭدا پائالىيەت قىلدۇرۇش، يەر ئاستى بايلىقلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە قېزىش ئىمتىيازلىرىنى قولغا كەلتۈردى. ستالىننىڭ مۇنداق زور ئىمتىيازغا ئىگە بولۇشى، ئەمەلىيەتتە، ستالىننىڭ 1934-يىلى خوجا نىياز ھاجىم باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر قوزغىلاڭچىلىرىنى ئىندەككە كەلتۈرۈپ،  شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، شېڭدۇبەن باشچىلىقىدىكى ئۈرۈمچى ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتۈن ئۆلكىنى كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىشى، خوجا نىياز ھاجىمنى  مۇئاۋىن  ئۆلكە رەئىسى قىلىپ، قىلتاققا چۈشۈرۈپ بېرىشى، "ئالتايسكى" نامىدىكى قىزىل ئارمىيە كۈچلىرىنى ئەۋەتىپ، 1934-يىلى ما جوڭيىڭنى ئۈرۈمچى ئەتراپىدا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىشى شۇنىڭدەك  ئاخىرىدا يەنە  1937-يىلى  تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇبىغا قايتىدىن قوشۇن كىرگۈزۈپ، ئابدۇنىياز بەگ ۋە  ما خۇسەن باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر-تۇڭگان قوشۇنلىرىنىڭ  كەڭ كۆلەملىك قوزغىلاڭلىرىنى  باستۇرۇپ، لەپپەڭشىپ قالغان شېڭشىسەي ھۆكۈمىتىنى قۇتۇلدۇرۇپ قالغانلىقىغا بېرىلگەن تۆلەم ۋە ياكى بەدەلدىن ئىبارەت بولۇپ، پۈتۈنلەي دېگۈدەك موسكۋانىڭ ئىسكەنجىسىگە چۈشۈپ قالغان شېڭ شىسەينىڭ مۇنداق قىلمايمۇ ئامالى يوق ئىدى.

    3.    قەيەردە ئۇران بار؟

   ستالىن،  ئەينى ۋاقىتتىكى چۈشەنچە بويىچە ئالغاندا، دۇنيانىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەشتىكى "ئەنگۈشتەر" ھېسابلىنىدىغان ئاتوم بومبىسىنى ياساپ چىقىش ئىدىيىسىگە كەلسىمۇ، لېكىن بۇ قورال ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان  ئاساسلىق كەم ئۇچرايدىغان  رادىئاكتىپلىق ماددا ئۇران زاپىسىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى تېررىتورىيىسىدە  تېخى تېپىلمىغانلىقىنى، موسكۋانىڭ قولىدا ئازراقمۇ ئۇراننىڭ يوقلىقىنى بىلگەندىن كېيىن،  دەرھال ئۇنى ئىزدەش ھەمدە قېزىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەن بولۇپ،  ئاتوم يادرو پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ھەمدە كېرەك بولغان يەر ئاستى  بايلىقلىرىغا ئېرىشىش  ۋەزىپىسى  سوۋېت ئىچكى ئىشلار خەلق كومىسسارى ۋالەنتىنە بېرىياغا تاپشۇرۇلغان ئىدى.
ئۇنداقتا  نەدە ئۇران بار؟  بىر دانە ئاتوم  بومبىسى ئۈچۈن زادى قانچىلىك ئۇران كېرەك؟  بۇ ئۇراننى قانداق ئۇسۇل بىلەن تاۋلاپ، ئاخىرىدا ئۇنى قورالغا ئايلاندۇرۇش مۇمكىن؟ دېگەندەك يۈز مىڭلىغان سوئاللار  سوۋېت ئىتتىپاقى ئۈچۈن تېخى ھەل قىلىنمىغان ھەم ھەل قىلىنىشى  ناھايىتى مۇشكۈل بىر سىر ئىدى.  لېكىن، سوۋېت ئىتتىپاقى  بولشېۋىكلار پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ستالىن باشلامچىلىقىدا شېڭ شىسەي بىلەن كونسېسسىيە كېلىشىمى تۈزۈپ،  شىنجاڭدا قەلەي كانلىرىنى ئىزدەش ۋە قېزىش ھەققىدە  قارار قوبۇل قىلىشىنى قانداقتۇر، ئاددىلا قەلەي ئىزدەش دەپ  ھۆكۈم قىلىش توغرا ئەمەس.  چۈنكى، بۇ بىر كۆرۈنۈشتىكى شەكىل بولۇپ، ھەقىقىي  مۇددىئا ئەسلىدىن چاررۇسىيە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىملىرى تەرىپىدىن يەر ئاستى بايلىقلىرى ئىنتايىن  مول دەپ ئالدىن ھۆكۈم قىلىنىپ  بولۇنغان  بۇ زېمىندا ئۇران كانلىرىنىڭ بولۇشىنىڭ ئېھتىماللىقى نەزەرگە ئېلىنىپ، ئۇران قاتارلىق كەم ئۇچرايدىغان ، قىممەتلىك يەر ئاستى مىنېراللارنى  ئىزدەشتىن ئىبارەتتۇر.  سوۋېت ئىتتىپاقى گېئولوگىيە ئالىملىرى  ستالىن رەھبەرلىكىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىۋاسىتە ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن  1941-يىلىنىڭ بېشىدا   ئۇيغۇر ئېلىغا كىرىپ، كەڭ كۆلەمدە  ئۇران قاتارلىق يەر ئاستى بايلىقلىرىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى باشلىغان . ئەينى ۋاقىتتىكى بۇ تەكشۈرۈشكە قاتناشقان، كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاتاقلىق گېئولوگىيە  ئالىمى بولغان ئاكادېمىك بورىس سوكولوۋ ئۆزىنىڭ 1941-يىلى  ۋەتەن ئۇرۇشى باشلىنىشتىن بىر قانچە ئاي ئىلگىرى  ئۇيغۇر ئېلىدە گېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانلىقى، ئۇنىڭ  تاكى 1943-يىلىغىچە شىنجاڭدا رەڭلىك مېتاللار ۋە نېفىت مەنبەلىرىنى تەكشۈرۈش ھەم گېئولوگىيىلىك سۈرەتكە ئېلىش بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى" ئەسلەپ ئۆتكەن. ( 13) سوۋېت گېئولوگىيە ئالىملىرى بىر قانچە گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ،  تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمال تەرەپلىرى، ئالتاي، پامىر ۋە قارار قورۇم تاغلىق رايونلىرىدا  تاكى 1943-يىلىنىڭ بېشىغىچە قىدىرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.  ئەمەلىيەتتە بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈش سوۋېت ئىتتىپاقىنى  ئۇيغۇر تۇپراقلىرى ھەققىدە ئەڭ ئەتراپلىق ماتېرىياللارغا ۋە چۈشەنچىلەرگە  ئىگە قىلغان بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا مەيلى جۇڭگو، مەيلى ئەنگلىيە ۋە ياكى باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئېكىسپېدىتسىيىچىلىرىنىڭ ھېچ قايسىسى مەزكۇر ئۆلكە توغرىسىدا بۇنچىلىك چۈشەنچىلەرگە ئىگە ئەمەس ئىدى.
   ئۇيغۇر مەنبەلىرىدىمۇ  1941-1942-يىللىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىملىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدا گېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشلەر ئېلىپ بارغانلىقى ھەققىدە مەلۇماتلار بار. ھەتتا،  رۇس تىلىنى ياخشى بىلگەن ئاتاقلىق ئۇيغۇر شائىرى لۇتفۇللا مۇتەللىپنىڭ 1941-يىلىدىن تاكى 1942-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا   سوۋېت ئىتتىپاقى گېئولوگىيە ئالىملىرىغا تەرجىمان بولۇپ، تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇبىدا بىر يىل ئەتراپىدا   تەكشۈرۈشكە قاتناشقانلىقى ھەققىدە تولۇقسىز مەلۇماتلار مەۋجۇت. شۇ تەكشۈرۈشتە  قەشقەردىن قېتىلىپ، يول باشلىغۇچى بولغان قىرغىز ئاق يولبەگنىڭ  ئەسلىشىچە، ل. مۇتەللىپ ۋە ئۇنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سوۋېت گېئولوگىيە تەكشۈرۈش خادىملىرى 1941-يىلى 6-ئايلاردا قەشقەر  تەۋەسىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ ھەمدە  تاشقورغان، قىزىل تاغ، قوشراپ، يەركەنت قاتارلىق جايلاردىن ئۆتۈپ، خوتەننىڭ يورۇڭقاش دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېمىغا جايلاشقان قاراڭغۇ تاغ  دېگەن  يەرگىچە بارىدۇ. ( 14) بىراق، مەزكۇر سوۋېت گېئولوگىيە ئەترىتى 10-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا قايتىپ، 11-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا قەشقەردىن ئۈرۈمچىگە كېتىدۇ.  لۇتفۇللا   مۇتەللىپ دوستى ئاق يولبەگكە  تۇيۇقسىز قايتىشنىڭ  سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ، بۇنىڭ سەۋەبىنىڭ گىتلېر گېرمانىيىسىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قوزغىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۇرىدۇ. ( 15). ئەمما، پەرەز قىلىشقا بولىدۇكى،  ل. مۇتەللىپ،  1942-يىلىنىڭ باشلىرىدا ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ چاغدا شېڭ شىسەي بارا-بارا سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى تۇرۇپ،  گومىنداڭ بىلەن ئالاقە ئورنىتىۋاتقان بىر پەيت ئىدى.  ل. مۇتەللىپ تەرجىمانلىق قىلغان  سوۋېت گېئولوگلىرىنىڭ  مەزكۇر تەكشۈرۈش پائالىيىتى ئەمەلىيەتتە   ئەشۇ ستالىن بىۋاسىتە بۇيرۇق بېرىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇران  قاتارلىق رادىئاكتىپلىق ماددىلارنى ئىزدەشنى ئاساسىي مەقسەت قىلغان بولۇپ، ئەلۋەتتە، سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ  شېڭ شىسەينىڭ  رازىلىقىنى ئالغان بۇ تەكشۈرۈشنىڭ تۈپ مەقسىتىنىڭ موسكۋانىڭ مۇتلەق  مەخپىي  ئاتوم بومبىسى ياساش ئىستراتېگىيىلىك پىلانىنىڭ مۇھىم   بىر قىسىمى ئىكەنلىكىنى قەتئىي  مەخپىي تۇتۇپ، پەقەت يەر ئاستى بايلىقلىرى ۋە نېفىت مەنبەلىرىنى ئىزدەش ھەم تەكشۈرۈش دەپلا ئاتىغانلىقى ئۈچۈن  19 ياشلىق ئاددىي تەرجىمان  ل. مۇتەللىپلا ئەمەس ھەتتا  1938-يىلىدىن تارتىپ سوۋېت بولشېۋىكلار پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى، ستالىننىڭ ئىشەنچىلىك مۇرىتى بولغان، ئۆلكىنىڭ ئەڭ ئالىي ھۆكۈمرانى شېڭ شىسەينىڭمۇ   مەزكۇر تەكشۈرۈشنىڭ  تۈپ مەقسىتىنى   بىلمەسلىكى  تەبىئىي ئەھۋال بولسا كېرەك.  شۇ قېتىم جەنۇپ تەرەپتە   پامىر ئېگىزلىكىنى ئاساسىي تەكشۈرۈش نۇقتىسى قىلغاندا سوۋېت ئالىملىرىنىڭ ئۇران زاپىسى بەلۋېغىنى بايقىغانلىقىنى نەزەردىن قالدۇرۇشقىمۇ بولمايدۇ. ئۇلار ئۇران زاپىسىنى بايقىغاندىن كېيىنلا سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئۈرۈمچىگە قايتقان بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، سوۋېت ئىتتىپاقى 1947-يىلى ئەشۇ سوۋېت گېئولوگىيە ئالىملىرى تاشقورغان بىلەن تۇتاشقان پامىر ئېگىزلىكىنىڭ تاجىكىستان تەۋەسىدىن زور مىقداردا ئۇران كانى تېپىپ، ئۇنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىشنى باشلىغان  ھەمدە   پامىر ۋە تەڭرى  تاغ سىستېمىسى تۇتۇشۇپ كەتكەن ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان  ۋە قازاقىستاننىڭمۇ  ئۇيغۇر ئېلىغا يېقىن بەلۋاغلىرىدىن  ئۇران زاپاسلىرىنى تاپقان ئىدى.(16)

سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، ستالىن گەرچە دەسلەپكى بىر قانچە ئايلار ئىچىدە گاڭگىراپ قالغان، پۈتۈن دىققىتى قانداق قىلىپ، گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ شىددەتلىك ھۇجۇملىرىنى توسۇپ قېلىش ۋە موسكۋا، لېنىنگراد  ھەم ستالىنگراد قاتارلىق مەركىزىي شەھەرلەرنى مۇداپىئە قىلىشقا قارىتىلغان  بولسىمۇ، بىراق  شىنجاڭدا يەر ئاستى بايلىقلىرىنى ئىزدەش خىزمەتلىرىنى بىراقلا بوشاشتۇرۇپ قويمىغان. سەۋەب شۇكى،  ئۇرۇشنىڭ دەسلىپىدە سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى ئاساسلىق ئېغىر سانائەت  بازىلىرىنى ئۇرال تاغلىرىنىڭ شەرقىدىكى سىبىرىيە، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيەتلىرىگە يۆتكىگەن بولۇپ، بۇ زاۋۇتلار  ھەربىي قوراللارنى ئىشلەپچىقىرىشقا جىددىي كىرىشىپ كەتكەن. بۇ مەزگىلدە سوۋېت ئىتتىپاقى ئۈچۈن  يەر ئاستى بايلىقلىرى تېخىمۇ كېرەك بولۇپ، خام ئەشياغا بولغان ھاجەت ئۇرۇشنىڭ ئالدىنقى ۋاقتىدىن ھەسسىلەپ ئېشىپ كەتكەن. شۇڭا ستالىننىڭ  بۇ ئۆلكىنى ئۆزىنىڭ خام ئەشيا ئېھتىياجىنى ھەل قىلىشتىكى ئارقا سەپ خەرىتىسىگە كىرگۈزگەنلىكى تەبىئىي.

1942-يىلىنىڭ بېشىغا كەلگەندە   سوۋېت ئارمىيىسى موسكۋا بوسۇغىسىدا گىتلېر ئارمىيىسىنى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىپ،  موسكۋانى قوغداپ قالغاندىن كېيىن، ئۇرۇش ۋەزىيىتىدە سوۋېت ئىتتىپاقىغا پايدىلىق ئۆزگىرىشلەر كۆرۈلۈشكە  باشلىدى. مانا شۇنىڭدىن كېيىن،  سوۋېت ئىتتىپاقى ئاتوم پىلانىنى جىددىيلەشتۈردى. شۇ يىلى، 30-ئىيۇن كۈنى  دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ  گېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ۋە ئۇران قېزىشنى تەشكىللەش ھەققىدىكى قارارى تەستىقلانغان بولسا،  28-سېنتەبىر كۈنى   يوسىف ستالىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ 2352- نومۇرلۇق " ئۇران خىزمىتى تەشكىللەش ھەققىدە" ناملىق بۇيرۇقىنى تەستىقلىدى (17). مەزكۇر بۇيرۇقتا سوۋېت ئىتتىپاقى  پەنلەر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە ئالاھىدە  ئاتوم يادروسى لاباراتورىيىسى قۇرۇش قارار قىلىنغان.  ۋ. مولوتوۋ  دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ  نىڭ 2542- نومۇرلۇق " ئۇران قېزىش"  قارارىنى تەستىقلىغان (18).
1942-يىلى ئىچىدە سوۋېت ئىتتىپاقى تاشقى رازۋېتكىسى  ئۇران مەسىلىسى بويىچە ئەنگلىيىنىڭ كۆپلىگەن مەخپىي ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشىپ تۇردى.  ئامېرىكىنىڭ ئاتوم پىلانى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارمۇ  داۋاملىق تۈردە  ئىتالىيىلىك سوۋېت جاسۇسى بۇرنو ئونتېكورۋو تەرىپىدىن  يەتكۈزۈلۈپ تۇردى (19).  كلائۇس فۇكىس ۋە بۇرنو ئونتېكورۋو قاتارلىق مەزكۇر سوۋېت جاسۇسلىرى  ئامېرىكا  بىلەن ئەنگىلىيىنىڭ ئاتوم تېخنىكىسىدا قولغا كەلتۈرگەن ھەر بىر يېڭى ئىلگىرىلەش ۋە نەتىجىلەر ھەتتا پىلانلارنى  ۋاقتى-ۋاقتىدا سوۋېت ئىتتىپاقى رازۋېتكا ئورگانلىرىغا  يەتكۈزۈپ تۇرغان بولسىمۇ، بىراق بۇ ۋاقىتتا گېرمانىيىنىڭ ئاتوم تېخنىكىسىغا ئائىت ئۇچۇرلار ئاساسەن كەلمىگەن.( 20) . ستالىن 1943-يىلى 11-فېۋرالدا  سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ "ئاتوم بومبىسى ياساش ھەققىدىكى پروگراممىسى ۋە قارارى"نى تەستىقلىدى ھەمدە ئاكادېمىك كۇرچاتوۋنى  "2-نومۇرلۇق لابوراتورىيە"  يەنى  "مەخپىي ئاتوم ياساش ئىنستىتۇتى"نىڭ دىرېكتورى  قىلىپ  قىلىپ تەيىنلىدى . سوۋېت ئاتوم ئالىملىرى   چەتئەللەردىن ئېرىشكەن ئاتوم تېخنىكىسىغا ئائىت ئۇچۇرلاردىن پايدىلىنىپ، بۇ ساھەگە جىددىي كىرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن  بۇ ساھەدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىلگىرىلىشى ناھايىتى ئاستا بولدى(21). سەۋەب شۇكى، بۇ ۋاقىتقىچە سوۋېت ئىتتىپاقى زېمىنىدا ئۇران كانلىرى تېخى تېپىلىپ، ئۇران قېزىش  باشلانمىغان ھەمدە ھۆكۈمەتنىڭ ئىسكىلاتىدا  ئۇران يوق بولۇپ، "2-نومۇرلۇق لاباراتورىيى"دە پەقەت  بىر قانچە كىلوگراملا  ئۇران بولغان(22). دېمەك، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ  زور مىقداردا ئۇرانغا ئېرىشمەي تۇرۇپ، ئاتوم بومبىسىنى ياسىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئەمما، بۇ ۋاقىتتا  ئەنگىلىيە، ئامېرىكا ۋە گېرمانىيىنىڭ ھەممىسىنىڭ مەلۇم دەرىجىدە ئۇرانلىرى  بار  بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىشلىرىدا ئىلگىرىلەشلەر داۋاملاشماقتا ئىدى
بايقاشنىڭ خاسلىقىنى ساقىلاڭ.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-11 01:58, Processed in 0.183962 second(s), 39 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش