بۇ يازمىنى ئاخىرىدا گۇلزار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-13 12:04
7-يىللىق 2-قىسىم شىنجاڭ ئۇنىۋېرسال ئەمىلىيەت پائالىيەت دەرسى
سۇغۇرتا ۋە بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز ئۇقۇتۇش نىشانى: مۇھىم نوختىسى: ئوقۇغۇچىلارنى ‹‹سۇغۇرتا››غا دائىر ئاساسى بىلىملەردىن خەۋەردار قىلىش. قىيىن نوختىسى: ئۇقۇغۇچىلارغا خېيىم -خەتەردىن ساقلىنىش ۋە زىيان –زەخمەتنى ئازايتىشنىڭ چارە-تەدبىرلىرىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئىگىلىتىش. ھىسيات تەربىيىسى:ئۇقۇغۇچىلارنىڭ خېيىم -خەتەرگە بولغان چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش. نىشانغا يېتىش جەريانى : كۆپ ۋاستىلىك ئۇقۇتۇش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، لېكسىيە ئۇسۇلى ،سوئال سۇراش ئۇسۇلى ، ئىلھاملاندۇرۇش ئۇسۇلى ، كۆرسەتمىلىك ئۇسۇل ، يىتەكچىلىك قىلىش ئۇسۇلى،خۇلاسە قىلىش ئۇسۇلى قاتارلىقلار قولىنىلىدۇ. ئۇقۇتۇش جەريانى: يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش : بىر قانچە پارچە سۈرەتنى كۆرسۈتۇپ تۇۋەندىكى سوئال سۇرلىدۇ. -ھاياتىڭىز ياكى مال – مۈلكىڭىز زىيانغا ئۇچۇرسا زىياننى ئازايتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قانداق قېلىشىڭىز كېرەك؟ بۇ سۇئالنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى يىڭى دەرسكە باشلاپ كىرىمەن . -سىز بۇ بەلگىلەرنى تونۇمسىز؟ -سىز ئاساسلىق سۇغۇرتا تۈرلىرىدىن قايسىلارنى بىلىسىز؟ -سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئۇقۇغۇچىلار بارمۇ؟سىز قايسى خىل سۇغۇرتىغا قاتناشتىڭىز ؟ يۇقىرىقى سۇئاللارغا بىرلەشتۇرۇپ ھەرخىل سۇغۇرتىلارنىڭ ئەمىلى مىساللارنى ئىلىپ ئۇقۇغۇچىلارنىڭ سۇغۇرتىغا بولغان چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرمەن . ئاخىرىدا ئۇقۇغۇچىلارغا ئائىلە سۇغۇرتىلىنىش ئۇچۇر جەدىۋىلى تارقىتىلىپ تولدۇرۇشقا ئۇرۇنلاشتۇرۇلىدۇ . تاپشۇرۇق: سىز تەكشۇرۇش ئارقىلىق سۇغۇرتىدىن مەنپەئەتلەنگەن بىر ئائىلىنى زىيارەت قىلىپ يېزىپ كېلىڭ؟
دەرستىن كېينكى يەكۈن: ctrl+k |