مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2076 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • ئامان 14 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان 16 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى باشقۇرغۇچىلار تېما يوللاشتا ھەر ۋاقىت سىزگە يول كۆرسىتىدۇ، تارتىنماڭ!

  • ئامان 21 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان 24 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان 27 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى ئەزالار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • ئامان 15 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان 17 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان 21 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى كەلگەن دوستلار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • ئامان 25 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى كەلگەن دوستلار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • چىركىن يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن ماتىرىيال يوللىماقچى ئىدىم

  • شىرنە تۈنۈگۈن 20:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

  • ئامان 15 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بىلمەسلىك ئەيىپ ئەمەس، تىرىشماسلىق ئەيىپ!

  • ئامان 20 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللىغاندا تېما ھەققىدە قىسقىچە ئىزاھات بېرىپ يوللايلى!

  • ئامان 22 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان 25 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • ئەلەم تۈنۈگۈن 19:38 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك!

  • شاشتېكىن تۈنۈگۈن 18:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    «2-،3-،4-ۋە 5-يىللىقلارنىڭ خەنزۇتىلى دەرس تەييارلىقى»نىڭ چۈشۈرۈش ئادىرېسى يېڭلاندى.

كۆرۈش: 35|ئىنكاس: 0

ئائىلە تەربىيىسىدىكى 100 خىل ئۇسول

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

111

تېما

10

دوست

2930

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

قىزغىنلىق
606 سەر
تىللا
298 دانە
تۆھپە
514 سەر
شۆھرەت
730 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 00:02:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئائىلە تەربىيىسىدىكى 100 خىل ئۇسول تەلىم تەربىيە
تەلىم–تەربىيە :

1. ھەركۈنى يېرىم سائەت ۋاقىت چىقىرىپ، بالىڭىز بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇڭ.

2. ئائىلدە بالىڭىزغا مەدەنىي سۆزلەرنى ئىشلىتىڭ.

3. بالىڭىزدا تازلىققا رىئايە قىلدىغان ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈڭ.

4. بالىڭىزنىڭ پىكىرىنى سەۋرىچانلىق بىلەن ئاڭلاڭ.

5. بالىڭىزغا نەسىھەت قىلغاندا، ئۇنىڭ ئەيىۋىنى ئاچماڭ.

6. خاتالىقنى كۆرسىتىپ بېرىڭ.

7. بالىڭىزئالدىدا چىرايىڭىزنى تۈرۈۋالماڭ، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە كۈلۈڭ.

8. بالىڭىزغا سەۋرچانلىق بىلەن ھىكايە سۆزلەپ بېرىڭ.

9. ئۆزىڭىزنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان غايىسىنى بالىڭىزغا تاڭماڭ.

10. بالىڭىزغا كۆڭۈل بۆلۈڭ، ئەمما مۇۋاپىق ۋاقىتتاجازالاشنى، كەمچىللىكىگە يول قويماسلىقنى بىلىڭ.

11. تەربىيە بەرگەندە داۋلى سۆزلەشنىلا ئاساس قىلىۋالماي، مۇۋاپىق ھالدا قاتتىق ۋاستە قوللىنىشنىمۇ بىلىڭ.

12. بالىنىڭ ئىپادىسىگە بىرلەشتۈرۈپ، ھەر كۈنى بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئائىت ئاز دىگەندە بىردىن مەسلىنى ئويلىنىڭ.

13. بالىلارغا گۈزەل-سەنئەت تەربىيىسى بېرىش، ئۇلارنىڭ گۈزەللىك قارىشى، قىزىقىشىنى يېتىلدۈرۈش، ھېس-تۇيغۇسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ناھايىتى پايدىلىق.

14. بالىلارنىڭ ئۇزۇن ۋاقىت ئاتا-ئانىسى بىلەن بىللە تۇرۇش تەربىيلەشكە پايدىسىز.

15.بالىنى ئاق كۆڭۈل قىلىپ تەربىلەش مۇھىم.

16.بالىغا تۇرمۇشقا ، ھاياتقا كۈلۈمسىرەپ قاراشنى ئۆگىتىش كېرەك.

17.بالىڭىزغاخالىغانچە ۋەدە بەرمەڭ، ۋەدە قىلغان ئىشىڭىزنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇڭ.

18.بالىڭىزنىڭ قىلغان ئىشى ۋە ئويلىرىغا قارىتا، بالىنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ تەھلىل قىلىپ بېقىڭ.

19.بالىڭىزغاچوقۇم مۇۋاپىق بوشلۇق ۋە ئەركىنلىك بېرىڭ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە مەسولىيەتچان قىلىپ تەربىلەڭ.

20.بالىڭىزغا ئۆزىنىڭ ئوماق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇڭ.

21.بالىڭىزنى ھەرگىز باشقا بالىلاردىن ناچار دىمەڭ.

22.بالىڭىزنى سەۋەپسىز تىللىماڭ ۋە جازالىماڭ.

23.بالىڭىزنىڭ قىلغان ئىشلىرىدىن ئىمكانقەدەر ئۇنى مەدھىلەشكە تىگىشلىك يەرلىرىنى ئىزدەڭ.

24.بالىڭىزنى قورقۇتماڭ ، بالىڭىزنىڭ قورقۇنچاق بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىڭ.

25.باشقىلار ئالدىدا بالىڭىزنى تەنقىدلىمەڭ ، مەسخىرە قىلماڭ.

26.بالىڭىزغا زىيادە قاتتىق تەلەپ قويۇۋالماڭ.

27.بالىڭىزنى زىيادە ماختىماڭ.

28.بالىڭىزغا ئۆزىڭىز سەزمىگەن ھالدا يامان ئىشلارنى ئۆگىتىپ قويۇشتىن ساقلىنىڭ.

29.بالىڭىزنىڭ قەلبىدىكى چوقۇنغۇچىسىنى توغرا تاللاتقۇزۇڭ.

ئۆسۈپ–يىتىلىش باسقۇچى

1. بالىڭىزغاشەخسىي بوشلۇق بېرىڭ.

2. بالىڭىزغا تاللاش پۇرسىتى ۋە مۇۋاپىق ھوقۇق بېرىڭ.

3 . بالىڭىزنىڭ دوست تاللاش ئەركىنلىكى بېرىڭ. دوستلىرىنى ئىختىيارى تاللىشىغا يول قويۇڭ.

4. بالىڭىزنىڭ ئۆزى خالىغان مەلۇم ئىشلىرىنى قىلىشىغا يول قويۇڭ.

5. بالىڭىزنىڭ قولىدىن كېلدىغان ئىشلارنى مۇۋاپىق قىلدۇرۇڭ، ئۇلارغا ئائىلىنىڭ بىر ئەزاسى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇڭ.

6. بالىڭىز ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلە ۋە قاراشلارغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىڭ.

7. بالىڭىزغاچوڭلارغا ئوخشاش دوستانە مۇئامىلە قىلىڭ.

8. بالىڭىزنىڭ كىچىككىنە ئىلگىرلىشىنىمۇ بايقاڭ ۋە ھوزۇرلۇنۇڭ.

9. بالىڭىزغا دائىم ‹‹سىز بەك ئوماق، مەن سىزگە بەك ئامراق›› دىگەندەك سۆزلەرنى دەپ تۇرۇڭ.

10. بالىڭىزنى دائىم ئەركىلىتىڭ ، ئۇنىڭغابولغان مۇھەببىتىڭىزنى ھېس قىلدۇرۇڭ.

11. بالىڭىز ھەر ۋاقىت ئۆزىدىكى ئىلگىرلەشنى ھېس قىلسۇن.

12. بالىڭىز بىلەن كۆپرەك پىكىرلىشىڭ ، ئۇنى چۈشىنىشكەتىرىشىڭ .

13. بالىڭىزنى ھەرگىز دۆت دىمەڭ.

14. بالىڭىزنىڭ كۆڭۈل پاراكەندىچىلىكلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ قويۇڭ .

15. بالىڭىزنى سەمىمىيلىك بىلەن ماختاڭ.

16. بالىڭىزغا تەڭ قۇرداشلىرى بىلەن بىرگە بولىدىغان پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بېرىڭ.

17. بالىڭىزنىڭ سالامەتلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈڭ .

18. ئاۋال ياخشى ئادەم بولۇش، ئاندىن ئىقتىساس ئىگىسى بولۇش دىگەننى ئۇنتۇپ قالماڭ.

19. تۇرمۇشتىكى بەزى قىيىنچىلىقلارنى بالىڭىزبىلەن بىرگە ھەل قىلىڭ.

20. بالىڭىزنى چوڭلارغا يۆلىنىۋالماسلىققا ئىلھاملاندۇرۇڭ.

21. بالىڭىزنىڭ دوستلىرىنى چۈشىنىڭ. بۇ ئەڭ مۇھىم.

تۇرمۇش

1.بالىڭىزغاپۇل بېرىپ ئىقتىساد باشقۇرۇشنى ئۆگىتىڭ.

2.بالىڭىزنىڭ رۇخسىتىسىز كۈندىلىك خاتىرسى ۋە باشقا خەت چەكلىرىنى كۆرمەڭ.

3.دائىم بالىڭىز بىلەن شەھەر سىرتلىرىغا چىقىڭ.

4.ئۇخلاشتىن بۇرۇن بالىڭىزغا ھىكايە ئېيتىپ بېرىڭ.

5.بالىڭىزغا مەخسۇس ئايرىمخانا قىلىپ بېرىڭ.

6.شارائىت يار بەرسە ئاخشىمى تاماقتىن كېيىن بالىڭىز بىلەن بىرگە سەيلە قىلىڭ.

7.بالىڭىز بىلەن بىرگە خوشاللىقتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇڭ.

8.بالىڭىزغا كۈلۈپ بېقىڭ.

9.بالىڭىزنىڭ ئوخشىمىغان مەدىنيەت قاتلىمىدىكى بالىلار بىلەن ئالاقىلىشىشىغا ياردەم قىلىڭ.

10.بالىڭىزنىڭھەر خىل ياش قورامىدىكىلەر بىلەن ئالاقىلىشىشىغا ياردەم قىلىڭ.

11.بالىڭىزنىڭ كۆڭۈللۈك ئوينىشى ئۈچۈن ۋاقىت چىقىرىپ بېرىڭ.

12.ھەر كۈنى سەھەردە بالىڭىز بىلەن سالاملىشىڭ، ئۇنىڭغا گۈزەل بىر كۈننىڭ كەلگەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇڭ.

13.بالىڭىزغاسۇ ئۈزۈش ، ۋېلىسپىت مىنىشنى ئۈگىتىڭ.

14.ئەر-ئاياللارنىڭ تاكاللىشىپ قالغانلىقىنى بالىلار كۆرۈپ قالمىسۇن.

15.ھەركۈنى ئىشتىن چۈشۈپ بالىڭىزنى كۆرگەندە ئاۋال كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ : « سىز بۈگۈن خوشالمۇ؟ »دەڭ.

16.بالىڭىزغاماددىي مىراس قالدۇرماستىن ، ئۇنىڭغا ساغلام بەدەن، ساغلام پىسخىكا، خوشال ھايات تەقدىم ئېتىڭ.

17.بالىڭىزنىڭ تۇرمۇش ئىقتىدارى ۋە ھەركەت ئىقتىدارىنى يېتىلدۇرۈڭ.

18.پەقەت ئىجادچانلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا ئۇلارنىڭ ئۆينى قالايمىقان قىلغىنىنى ئەيىپلىمەڭ.

19.ئاتا-ئانىلار بالىلارغا ئائىلە مىھرىبانلىقىنى ھېس قىلدۇرۇشى ،ئۇلارغا ئۈلگە بولىشى لازىم.

20.ئاتا-ئانىلارئۆز-ئارا بىر بىرىنى كەچۈرۈش ۋە يول قويۇشنى بىلىشى كېرەك.

21.بالىڭىزغا« ئۆزۈڭنىڭ ئىشىنى ئۆزۈڭ قىل » دەپ تۇرۇۋالماڭ. بالىڭىزدا ئۆزىنى مەركەز قىلىش ئادىتى يېتىلىپ قېلىشىدىن ساقلىنىڭ.

22.بالىڭىزغاھەددىدىن زىيادە يېقىنچىلىق قىلماڭ، تەڭ قۇرداشلىرى بىلەن ئارلىشىشىغا يول قويۇڭ، جىمخورلۇق، يالغۇزلۇقنى خالاش خاراكتىرنىڭ يېتىلىشىدىن ساقلىنىڭ.

23 . بالىڭىز نىمىنى دىسە شۇنى قىلىپ بەرمەڭ . ئۇنىڭغا ئەمگەك بىلەن نەتىجە ، ھوقوق بىلەن مەجبورىيەت مۇناسىۋىتىنى بىلدۈرۈڭ.

24.بالىغا بولغان مۇھەببىتىڭىز تۇراقلىق بولسۇن. بىردەئۇچۇق بىردە تۇتۇق مۇئامىلە قىلماڭ.

ئۆگىنىش قىسمى

1. بالىڭىز بىلەن بىرگە كىتاپ ئوقۇڭ . ئائىلە باشلىقى گېزىت ئوقۇسىمۇ بولىدۇ.

2. بالىڭىز ئۆگىنىش قىلغاندا ئۆيدە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى قىلماڭ. بالىڭىزغا ياخشى ئۆگىنىش مۇھىتى يارىتىپ بېرىڭ.

3. بالىڭىز ئۆگىنىشنى خالىمىغان نەرسىنى ئۆگىنىشكە مەجبورلىماڭ.

4. بالىڭىزنىڭ نەتىجىسىنى دەپ بالىڭىزنى ئەيىپلىمەڭ.

5. بالىڭىزنىڭ نەتىجىسى تۆۋەن بولسا ، بالىڭىزنى « كارغا كەلمەس » دىمەڭ.

6. بالىڭىزغا ئۇتۇق تۇيغۇسى بېرىدىغان بىلىملەرنى ئۆگىتىڭ.

7.بالىڭىزغا ياخشى كىتاپلارنى ئوقۇش تەربىيىسى بېرىڭ.

8.بالىڭىزنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىگىلا كۆڭۈل بۆلىدىغىنىڭىزنى ئىپادىلەپ قويماڭ.

9. بالىڭىزنىڭ نەتىجىسىنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرماڭ، تۈۋەن بولۇش سەۋەبىنى ئانالىز قىلىڭ. ئۆزىڭىزدە مەسئۇلىيەت بارمۇ - يوق، ئويلىنىڭ.

10. بالىڭىزنىڭ ھوجرىسىدا كىتاپ ئۈستىلى بولسۇن، ئۈستەل ئۈستىدە بالىڭىز ياقتۇردىغان كىتاپلار بولسۇن.

11. بالىڭىز بىلەن بىرگە ئۇ ياخشى كۆرىدىغان كارتۇن فىلىملەرنى كۆرۈڭ.

12. بالىڭىز بىلەن بىرگە ئويناڭ، بەدەن چېنىقتۇرۇڭ.

13. بالىڭىزنىڭ تېلېۋىزور كۆرىدىغان ۋاقتىنى تىزگىنلەڭ. ھەر كۈنى يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچەبولسۇن.

14. بالىڭىزغا كۆپرەك بالىلار پىروگىراممىسىنى كۆرسىتىڭ.

15. بالىلار تېلېۋىزور كۆرگەندە ئۇلار بىلەن بىرگە بولۇڭ. كۆرگەن فىلىملەرگە قارىتا چۈشەندۈرۈش ۋەمۇزاكىرە ئېلىپ بېرىڭ.

16. ئەتىيازدا بالىڭىز بىلەن بىرگە ۋېلىسپىتلىك شەھەر ئەتراپىغا سەيلىگە چىقىڭ، يازدا سۇ چۆمۈلگىلى بېرىڭ.

17. كۈزدە بالىڭىز بىلەن بىرگە دالا تامىقى يەڭ. قىش كۈنلىرى بىرگە قار ئويناڭ.

18. بالىڭىزنىڭ كېرەكسىز نەرسىلەرنى يىغىشىغا يول قويۇڭ.

19. بالىڭىزنىڭ دوستلىرى مېھمان بولۇپ كەلگەندە قارشى ئېلىڭ.

20. بالىڭىز بىلەن بىرگە شاھمات ئويناڭ، بەزىدە بالىڭىزغا ئۇتتۇرۇپ بېرىڭ.

بايقاشنىڭ خاسلىقىنى ساقىلاڭ.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-11 02:18, Processed in 0.169602 second(s), 39 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش