مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2062 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • خانىدان تۈنۈگۈن 14:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

  • زەپەر تۈنۈگۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • دىلكەش ئۈلۈشكۈن 09:24 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا موبارەك بولسۇن~

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشى بولماق مىڭ يىلچىلىك،يامان بولماق بىر دھمچىلىك.

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مقۋىلىك دەرەخنىڭ بېشى تۆۋەن،بىلىملىك ئادەمنىڭ يۇزى تۆۋەن.

  • شىرنە تۈنۈگۈن 20:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

  • نۇردۇن تۈنۈگۈن 11:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام،دوسلار بايرىمىڭىلارگە بۇبارەك بولسۇن!بايراملىق تىللا سوۋغا قىلمامسىلە؟

  • پۇرخۇن تۈنۈگۈن 00:18 [ئىنكاس(0)] [...]

    نېمە قىلىۋاتىسىز؟ دوستلىرىڭىز بېلەن ئورتاقلىشىڭ ...جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.

  • زەپەر 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىشچاندىن تەر چىقىدۇ،ھورۇنندىن ئۇھ چىقىدۇ.

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    دىلىڭدا نېمە بولسا تىلىڭدا شۇ.

كۆرۈش: 60|ئىنكاس: 2

بىر قىسىم ئاز سانلىق مىللەتلەردىكى پەرھىزلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

111

تېما

10

دوست

2930

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

قىزغىنلىق
606 سەر
تىللا
298 دانە
تۆھپە
514 سەر
شۆھرەت
730 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-11 20:23:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر قىسىم ئاز سانلىق مىللەتلەردىكى پەرھىزلەر

موڭغۇللار:蒙古族
     قارا رەڭنى يامان كۆرىدۇ، ئۇنى كېلىشمەسلىكنىڭ بەلگىسى دەپ بىلىدۇ. يېمەك-ئىچمەكتە راك، بېلىق قاتارلىق دېڭىز تەملىك يېمەكلىكلەرنى يېمەيدۇ.
     باشقىلار (مېھمانلارمۇ شۇنىڭ ئىچىدە) نىڭ ئات مىنىپ موڭغۇل ئۆيلىرىنىڭ ئالدىغىچە كېلىپ ئاتتىن چۈشۈش قىلمىشىنى، ئاتلىق ھالدا قوي پادىلىرى ئارىسىغا كىرىپ كېتىشىنى يامان كۆرىدۇ. قولىدا قامچا تۇتقانچە كېگىز ئۆيگە كىرىشنى يامان كۆرىدۇ. مېھمانلار موڭغۇل ئۆيلىرىگە ئۆي ئېگىسىنىڭ رۇخسىتىسىز ئىختىيارىچە كىرىپ كېتىشىگە بولمايدۇ. موڭغۇل ئۆيلىرى ئىچىدە خالىغانچە ئولتۇرۇشقا بولمايدۇ، زوڭزۇيۇپ ئولتۇرۇشقا بولمايدۇ، پۇتىنى غەربىي-شىمال تەرەپكە ياكى ئوچاققا قارىتىپ سۇنۇپ ئولتۇرۇشقا بولمايدۇ. ئۆي ئېگىسىنىڭ باش كىيىمى، يوتقان-كۆرپىلىرى، ياستۇقى قاتارلىقلاردىن ئاتلاپ ئۆتۈشكە بولمايدۇ. ئۆينىڭ ئىچىدە تۈكۈرۈشكە بولمايدۇ، ئۆيدىن چىقىدىغان چاغدا تاپسىنى دەسسەشكە بولمايدۇ. موڭغۇللار يەنە باشقىلارنىڭ تاماكا خالتىسى ياكى قۇتىسى(قېپى)، پىچاق(刀剪)، چوكا قاتارلىقلار بىلەن باش قىسمىنى كۆرسىتىشنى ئېغىر ئالىدۇ.

     زاڭزۇلار:藏族  
     زاڭزۇلار بېلىق، راك، قېچىر، ئات، ئېشەك، ئىت گۆشلىرىنى يېمەيدۇ. ئادەتتە دېڭىز تەملىك يىمەكلىكلەرنىمۇ يەپ كەتمەيدۇ. توخۇ، غاز، ئۆردەك قاتارلىق ئۆي قۇشلىرىنىمۇ يېمەيدۇ. چۈنكى زاڭزۇلارنىڭ ئەنئەنىسى بويىچە يەيدىغىنى جۈپ تۇۋاقلىق ھايۋانلارنىڭ گۆشلىرى بولۇپ، باشقا ھايۋانلارنىڭ گۆشلىرىنى سەت كۆرىدۇ. توخۇ، غاز، ئۆردەك قاتارلىق ئۆي قۇشلىرى بولسا بەش بارماقلىق بولۇپ تاق سان بولغاچقا بۇ گۆشلەرنىمۇ يېمەيدۇ.
     زاڭزۇلار بۇددا دېنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، بۇددا چېركاۋى ئىچىدە قوڭغۇراق چالىدۇ. ئادەتتە كىشىلەر تاقىۋالغان بۇددا مارجانلىرى ئىلاھىي بويۇملار بولۇپ، تۇتۇشقا بولمايدۇ. بۇددا چېركاۋى ئەتىراپىدىكى دەرەخلەرنى كېسىشكە بولمايدۇ، بۇددا چېركاۋى ئەتىراپىدا يۇقىرى  ئاۋازدا ناخشا توۋلاشقا، بېلىق تۇتۇشقا بولمايدۇ. چارۋىچىلىق رايۇنلىرىدا چېركاۋغا كىرگەندىن كېيىن، ئەرلەر سول تەرەپتە، ئاياللار ئوڭ تەرەپتە ئولتۇرىدۇ، ئورۇننىڭ ئارلىشىپ كېتىشىگە بولمايدۇ. ئۆيىنىڭ ئالدىغا ئوت قالاپ قويسا، قىزىل لاتا ئېسىپ قويسا، دەرەخ شېخىنى ئېسىپ قويسا ياكى ياغاچنى تەتۈر قويۇپ قويسا ئۆيىدە كېسەل ياكى تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ، باشقىلارنىڭ كىرىشى چەكلىنىدۇ. شىزاڭدا خەلق ئارىسىدا ھاۋاغا دەپىنە قىلىش بىر قەدەر كۆپ ئۇچىرايدىغان دەپىنە قىلىش شەكىللىرىنىڭ بىرى. ھاۋاغا دەپىنە قىلىشقا قارىتا  خەلق ئارىسىدا نۇرغۇن چەكلىمىلەر بار، مەسىلەن، مۇناسىۋەتسىز ئادەملەرنىڭ كۆرۈپ قېلىشى چەكلەنگەن. ھاۋاغا دەپىنە قىلىش ساياھەتچىلەرنىڭ قىزىقىشىنى قوزغايدۇ، ساياھەتچىلەرگە تولىمۇ سىرلىق، غەلىتە تۇيىلىدۇ. لېكىن ساياھەتچىلەر ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ-ئادىتىنى ھۆرمەت قىلىشى، ھاۋاغا دەپىنە قىلىش مەيدانلىرىغا بېرىپ تاماشا كۆرمەسلىكى كېرەك.
     مىياۋزۇلار:苗族
     مىياۋزۇلار باشقا مىللەتلەرنىڭ ئۇلارنى مىياۋ سۆزى بىلەن چاقىرىشىنى ياقتۇرمايدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئەسلى ئاتىلىشى بولغان مېڭ(蒙)سۆزى بىلەن چاقىرلىشىنى ياقتۇرىدۇ. شەرقىي-جەنۇب بەلۋاغدىكى مىياۋزۇلار (东南等一带的苗族) باھار كېلىپ بىرىنچى قېتىملىق باھار چاقمىقى چېقىلغاندا ئۈچ كۈنگىچە سىرتقا ئىشقا چىقمايدۇ. شىياڭ شى مىياۋزۇلىرى قەمەرىيە كالىندارى بويىچە ھەر ئاينىڭ بىرىنچى، ئونبەشىنچى كۈنلىرى قىغ چىقارمايدۇ (湘西苗族在阴历每月初一、十五忌讳挑粪). مىياۋزۇلار قوي گۆشى يېيىشنى ياقتۇرمايدۇ، ئىت گۆشى يېمەيدۇ. ئىتنى ئۇرۇشنى ۋە ئۆلتۈرۈشنى چەكلەيدۇ. مىياۋزۇلار بىلەن ئوينىغاندا ئۇلارنى ئاغامچا بىلەن باغلاشقا بولمايدۇ. مىياۋزۇلار ئىشىك ئالدىغا چىغ قالپىغىنى ياكى يېشىل يوپۇرماقنى ئېسىپ قويسا ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كىرىشكە بولمايدۇ. يولدا يېڭى توي قىلغان بىر جۈپ ئۇچرىسا ئۇلارنىڭ ئارلىقىدىن ئۆتۈپ كېتىشكە بولمايدۇ.
     دەيزۇلار: 傣族
     دەيزۇلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنىڭ كۆپۈنچىسى بۇددا دېنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مەسىلەن، كىچىك راھىپنىڭ بېشىنى سىلىماسلىق، ئىبادەتخانىغا كىرىپ ئېكىسكۇرسىيە قىلغاندا چوقۇم ساپما كەش كىيىش، دەيزۇلارنىڭ ئۆيىگە كىرگەندە ئۆي ئېگىسىنىڭ ھوجرىسىغا ئوغۇرلۇقچە قارىماسلىق.
     جۇاڭزۇلار:壮族
     ئۆيىدە تۇغۇتلۇق ئاياللار بولسا ئىشىك بېشىغا چىغ قالپاق ئېسىپ قويىدۇ، باشقىلارنىڭ كىرىشى مەنئى قىلىنىدۇ. مەيلى ئۆي ئىگىسى ياكى مىھمانلار بولسۇن تاپسىدا ئولتۇرۇشقا بولمايدۇ. پالتا-كەتمەنلەرنى كۆتۈرۈپ ئۆيگە كىرىشكە بولمايدۇ. ئىككىنچى ئاينىڭ دەسلەپكى ئىككى كۈنىدە دەرەخ كېسىشكە، تاغلاردا چوڭ-كىچىك تەرەت قىلىشقا بولمايدۇ. باشقىلارغا چاي قۇيغاندا قوش قوللاپ تۇتۇش كېرەك، بىر قولدا سۇنۇشقا بولمايدۇ، سەي يېگەندە تولا مالتىلاشقا بولمايدۇ.
     چاۋشەنزۇلار:朝鲜族
     غاز گۆشى، قوي گۆشى، سېمىز چوشقا گۆشى يېيىشنى ياقتۇرمايدۇ. چاۋشەنزۇلاردا قېرىلارنىڭ ئورنى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، قېرىلارغا ئادەتتە ئايرىم تاماق قىلىنىدۇ. ئوغۇللىرى ئاتىسىنىڭ ئالدىدا تاماكا چېكىشكە، ھاراق ئىچىشكە بولمايدۇ. چاۋشەنزۇلاردا ئىشىك چېكىش مەنئىي قىلىنغان، ئۆيگە كىرمەكچى بولسا ئۆي ئىگىسىنى توۋلايدۇ.
     ئۇيغۇرلار:维吾尔族
     ئۇيغۇرلار ئۆينىڭ سىرتىدا كۇسار كىيىشنى ئەڭ ئېغىر ئالىدۇ. ئاخشىمى ئۇخلىغاندا بېشىنى شەرققە پۇتىنى غەربكە قىلىپ يېتىشقا ياكى پۇت-قوللىرىنى تۆت تەرەپكە كېرىپ يېتىشقا بولمايدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولغاندا، قول يۇغاندىن كېيىن قولدا قالغان ساقىندى سۇلارنى سىلكىشكە بولمايدۇ. چوڭلار ئورۇن ئېلىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن ئولتۇرۇشقا بولىدۇ، پولو يىگەندە پولۇنىڭ ھەممە يېرىنى قالايمىقان تۇتۇشقا ياكى تۇتۇپ قويغان گۆشنى تەخسىگە ياندۇرۇپ قويۇپ قويۇشقا بولمايدۇ. يەپ بولغاندىن كېيىن ئېشىپ قالغان سۆڭەكلەرنى قالايمىقان تاشلاشقا بولمايدۇ، ئۆزىنىڭ ئالدىدىكى ئۈستەلگە قويۇپ قويۇشى كېرەك. تاماق ۋاقتىدا سىرتقا چىقماقچى بولغاندا داستىخاندىن ئاتلاپ ئۆتۈشكە ياكى مېھمانلارنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈشكە بولمايدۇ، مىھماندارچىلىق سورۇنلىرىدا باشقىلارنىڭ كۆز ئالدىدا تۈكۈرۈشكە بولمايدۇ.
تەرجىمە قىلغۇچىدىن قوشۇمچە: ئەتتىگىنى تۇرغاندا يۈزىنى يۇماي تۇرۇپ تاماق يېيىشكە بولمايدۇ. تاماق ئەڭ ئاۋال مېھمانغا، مېھمان يوق چاغدا ئائىلە باشلىقىغا كەلتۈرۈلىدۇ. بىر قاچا تاماقنى بىللە يېمەكچى بولسا ياكى بىر قاچا سۇنى بىللە ئىچمەكچى بولسا ئەڭ ئاۋال ئەر كىشىنىڭ چوڭى، ئاندىن كىچىكلىرى، ئارقىدىن ئاياللار ئېغىز تېگىدۇ. سۇ ئىچىۋېتىپ ئاغزىنى قاچىدىن تارتماي تۇرۇپ سۇغا تىنىپ قويۇشقا بولمايدۇ، ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالسا بۇ سۇنى قايتا ئىچىشكە بولمايدۇ دەپ قارايدۇ. تاماق يېۋېتىپ ھۆ بولۇپ كەتسە، ھۆ بولغاندا ياندۇرغان تاماق چاچراندىلىرى تاماق قاچىسىغا چۈشۈپ كەتسە «بۇ تاماقنى يېگىلى بولمايدۇ، بۇلغۇنۇپ كەتتى» دەپ قارايدۇ. تەرەت قىلىۋاتقاندا بىر نەرسە يېيشتىن، قولىدا يەيدىغان نەرسىنى تۇتۇپ تۇرۇشتىن ياكى يانچۇقىدا يەيدىغان نەرسە بولۇشتىن ساقلىنىدۇ. گۆش ئىستىمالىدا جۈپ تۇۋاقلىق ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى يەيدۇ. بېلىق گۆشى يەيدۇ. قۇشلاردىن توخۇ، غاز، ئۆردەك، ياۋا كەپتەر گۆشلىرىنى يەيدۇ. قان، ھايۋانلارنىڭ جىنسىي ئەزاسى، بەز  قاتارلىقلارنى يېمەيدۇ. نان ياكى تۇزغا دەسسەشكە بولمايدۇ، يولدا نان ئۇچۇراپ قالسا ئادەم دەسسىمەيدىغان ئېگىز جايلارغا ئېلىپ قويىدۇ. تاماقنى سول قولدا يېگەننى ياقتۇرمايدۇ. كۈنگە، ئايغا، سۇغا قاراپ تۈكۈرۈشكە بولمايدۇ. ئېرىق-ئۆستەڭلەرگە چوڭ-كىچىك تەرەت قىلىشقا بولمايدۇ. ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتىن كېيىن بويىنى سۇغا سالماي تۇرۇپ غىزالىنىشقا، سىرتقا چىقىشقا، باشقىلار بىلەن كۆرۈشۈشكە بولمايدۇ. ئاياللار تۇغۇت ئۈستىدە تۇرغاندا مۇناسىۋەتسىز كىشىلەرگە بىلدۈرسە تۇغۇت قىيىنلىشىپ كېتىدۇ دەپ قارايدۇ. يەڭگىپ 40 كۈن توشقىچە ئانا بىلەن بوۋاق يېتىۋاتقان ئۆيگە شۇ ئائىلە ئەزالىرىدىن باشقىلارنىڭ كىرىشىگە بولمايدۇ. يولدا ئۇچۇرۇشۇپ قالغاندا چوڭلار كىچىكلەرگە ئاۋال سالام قىلىدۇ، ئاتلىقلار پىيادىلەرگە ئاۋال سالام قىلىدۇ. ئۆيگە كىرگەندە ياشتا چوڭلار ئاۋال كىرىدۇ، ئۆيگە تاپسىدىن  ئوڭ پۇتنى ئاۋال ئېلىپ كىرىدۇ. ئائىلىلەردە  ئولتۇرغاندا ئالاھىدە ئەھۋال بولمىغان ئەھۋالدا،  بىر-بىرىگە ئارقى بولۇپ قالسا ياكى پۇتى سۇنۇلۇپ قالسا ھۆرمەتسىزلىك دەپ قارىلىدۇ. ئۆيدە مېھمان بار ۋاقىتتا ئۆينى سۈپۈرمەيدۇ. مەيلى مېھمانلار ياكى ئائىلە ئەزالىرى بولسۇن ئۆيگە ئادەم پاتقان ئەھۋالدا ئىشىك تاپسىسغا دەسسەپ تۇرۇشقا، تاپسا ئۈستىدە ئولتۇرۇشقا بولمايدۇ. مېھمان ئۇزىغاندا ئۆي ئېگىسى مېھماننى دەرۋازا ئالدىغىچە ئۇزۇتۇپ چىقىدۇ. ئاتا-بالا ياكى بىر تۇققانلار ئالدىدا تاماكا چېكىشكە، ھاراق ئىچىشكە بولمايدۇ.
     مانجۇلار:满族
     ئىت گۆشى يىمەيدۇ، ئىت تېرىسىدىن ياسالغان باش كىيىمىنى كىيمەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولغاندا خالىغانچە كاڭنىڭ غەربىي تەرپىدە ئولتۇرۇشقا بولمايدۇ.

     تاتارلار: (塔塔尔族(鞑靼族  
     تاتارلار ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات داۋامىدا خىلمۇ خىل تەبىئى شارائىت ۋە ئىجتىمائىي مۇھىت ۋە تارىخىي سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن، بەزى مەھەللىۋى پەرقلەرگە ئىگە بولسىمۇ، لېكىن ئولتۇراق ئۆي، يىمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك، توي-تۆكۈن، ھېيت-بايرام، قائىدە-يوسۇن قاتارلىق جەھەتلەردە يەنىلا ئۆزىنىڭ ئەنئەنىسىنى ساقلاپ كەلگەن، شەھەرلەردىكى تاتارلارنىڭ كۆپىنچىسى ئايرىم قورالىق، پىشايۋانلىق بىر قەۋەتلىك ئۆيلەردە ئولتۇرىدۇ.   
     بەزىلىرىنىڭ ئۆيىدە قاڭالتىردىن ياسالغان تام مەش بولىدۇ، ئۆيگە گىلەم ئېسىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ھويلا-ئاراملىرى ئازادە كېلىدۇ، ئەتراپىدا گۈلزارلىق ۋە مىۋىلىك بېغى بولىدۇ، چارۋىچىلىق بىلەن شوغۇللىنىدىغان تاتارلار يايلاق تۇرمۇشىغا ماس كېلىدىغان كىگىز ئۆي چېدىرلاردا ئولتۇرىدۇ. تاتارلار يىمەك-ئىچمەككە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ، كۆپرەك بۇغداي ئۇنىدىن قىلىنغان يىمەكلىكلەرنى ئاساسىي ئوزۇق قىلىدۇ، گۈش، كۆكتات ۋە مىۋە-چىۋىلەرنى قوشۇمچە قىلىدۇ، تاتارلارنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي تائاملىرى قورداق، ئېت بەلش، گۇبەيدې، گۆش نان قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ تائاملىرى ئۆزگىچە مىللىي پۇراققا ئىگە.     
     تاتارلارنىڭ ئەرلىرى ئۇچىسىغا كانۋايلىق ئاق كۆڭلەك كىيىپ، ئۆستىگە قارا جىلىتكە قاپلىۋالىدۇ؛ بېشىغا يازلىقى گۈللۈك تەقىيە، قىشتا قارا كۆرپە تۇماق كىيىدۇ؛ پۇتىغا ئۆتۈك كىيىپ كالاچ قاپلىۋالىدۇ.   
     ئاياللىرى ئۇچىسىغا پىلاتى - يوپكا ۋە كەشتىلەنگەن ئۇزۇن ئاق ياكى سېرىق، جىگەررەڭ كۆڭلەك، بېشىغا تۇتقان گۈللۈك دوپپا كىيىپ ياغلىق سېلىۋالىدۇ؛ ھالقا، زىرە، مارجان، مېدالىيون قاتارلىق زىننەت بويۇملىرى تاقاپ يۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ.     
   
  تاتارلارنىڭ توي-تۆكۈن، ئۆلۈم-يىتىم ئىشلىرى ئىسلام دىنى قائىدىسى بويىچە بېجىرىلىدۇ، تاتارلاردا يىگىت-قىزنىڭ توي مەرىكىسى ئادەتتە قىز تەرەپتە ئۆتكۈزۈلۈپ بەكمۇ قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئاياغلىشىدۇ، يىگىت قىز تەرەپتە بىر مەزگىل تۇرىدۇ، بەزى جايلىرىدا يېڭى كېلىن بىر بالىلىق بولغاندىن كېيىن قېيىنئانىسىنىڭ ئۆيىگە كۆچۈرۈلۈپ كېتىلىدۇ.     
  تاتارلاردا قۇربان ھېيت، روزا ھېيت، مەۋلۇد قاتارلىق ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەتلەرنىڭ ئورتاق دىنىي بايراملىرىدىن باشقا، نۇرۇز ۋە << سابان >> قاتارلىق مىللىي ئەنئەنىۋى بايراملىرى بار .     
     تاتارلار خۇشخۇي ۋە قائىدە-يوسۇنلۇق كېلىدۇ، تاتارلار ئۆزئارا ئۇچراشقاندا تەبەسسۇم بىلەن سالام بېرىپ ئۆتىدۇ، ياشانغان مويسىپىت كىشىلەرنى بەكمۇ ھۆرمەت قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا ھاراق ئىچمەيدۇ، تاماكا چەكمەيدۇ، مىشقىرمايدۇ. تاتارلار ئاق كۆڭۈل، سىلىق سىپايە، خۇشپېئېل ۋە ئۆم ئىناق كېلىدۇ .  

تاتارلارمۇ يىمەكلىكلەرنى << ھالال >> ، << ھارام >> دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىيدۇ، ھارام گۆش ۋە يىمەكلىكلەرنى يىمەيدۇ. تاتارلار 7 ساننى خاسىيەتلىك سان، كۆك كەپتەرنى بەخت قۇشى دەپ بىلىپ ئۇنى ئەتىۋارلايدۇ
بايقاشنىڭ خاسلىقىنى ساقىلاڭ.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

263

تېما

45

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
2838 سەر
تىللا
1105 دانە
تۆھپە
3233 سەر
شۆھرەت
2525 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش باتۇرىجەۋھەر ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-11 21:24:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ باشلانغۇچ مەكتەپلەردە شىنجاڭ يەرلىك دەرسى ئۆتىدىغان يولداشلارغا بەكمۇ ياخشى ماتېرىيال ئىكەن.
تېمىڭىزغا كۆپتىن-كۆپ رەھمەت.مۇمكىن بولسا تېما يوللىغاندا تېمنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويارسىز...
ھىكمەت: ‹‹سۇ ئېچكەندە،قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇما››.           باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش...

574

تېما

30

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
7207 سەر
تىللا
2942 دانە
تۆھپە
7889 سەر
شۆھرەت
5849 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-11 23:36:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئۈزىنىڭ قىزىدىغان ئۆرپە ئادەتلىرىنى بەك ياخشى چۈشەندۈرۈپسىز . رەخمەت سىزگە مەن ئويلاپ باقمىغان ئىشلاركەن بۇ . بىلىۋالدىم .  ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ ئۈزىگە چۈشلۇق قىزىقىشى بۇلۇدۇدە
ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-11 00:52, Processed in 0.470443 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش