كومپىيۇتېرنى ئاسراشنى ئۆگىنىۋېلىڭ! 1- خىل ئۇسۇل: كومپىيۇتېر ئېچىلغاندا بىۋاستە قوزغىلىدىغان دېتاللارنى ئازلىتىۋېتىش كىرەك. بىر قىسىم كىشىلەر، بىر دېتالنى تاپماق تەس بولۇپ قالىدىكەن، كومپىيۇتېر قوزغالدا تەڭلا قوزغالسۇن دەپ يېڭى ئورناتقان ۋاقىتتا، بىۋاستە ئېچىلىش بۇيرۇقىنى بېرىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل يېڭىچە بولغىنى بىلەن، ئەمما كومپىيۇتېرنىڭ نورمال ئېچىلىش سۈرئىتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭلاشقا ئامال بار بۇنداق دېتاللارنى بىۋاستە قوزغىلىدىغان قىلىپ تەڭشىمەسلىك كىرەك. 2 - خىل ئۇسۇل: ئامال بار نامەلۇم بولغان تور بەتلەرنى ئاچماسلىق، نامەلۇم بولغان ھۆججەتلەرنى قۇبۇل قىلماسلىق كېرەك. ئادەتتە ۋىروسلار توربەتلەر ۋە بىر قىسىم نامەلۇم ھۆججەتلەر ئارقىلىڭ تارقىلىدىغان بولغاچقا، ئەگەر سىز كومپىيۇتېرىڭىزنى ۋىروس قاپلاپ كەتمىسۇن دىسىڭىز، نامەلۇم توربەتلەرنى ئاچماڭ ۋە نامەلۇم ھۆججەتلەرنىمۇ، ئىلخەتلەرنىمۇ قۇبۇل قىلماڭ! 3 - خىل ئۇسۇل: كومپىيوتېرنى قەرەللىك تازلاپ تۇرۇش كېرەك. كومپىيۇتېردا سېستىمىنىڭلا نۇرغۇن ھۆججىتى ساقلىنىپ تۇرىدۇ، ئەگەر سىز بىر قىسىم ماتىرىياللىرىڭىزنى، يەنى كىرەكسىز ، ئىشلەتمەيدىغان ھۆججەت، دېتال ۋە باشقىلارنى تازلاپ تۇرمىسىڭىز، كومپىيۇتېرنىڭ ئىچكى سىغىمى ئېشىپ كىتىپ، كومپىيۇتېرنىڭ سۈرئىتى ئاستىلاپ قالىدىغان، قېتىۋالىدىغان ئىسلاپ كىلىپ چىقىدۇ. 4 - خىل ئۇسۇل: توغرا بولغان كومپىيۇتېر ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى بىلىشىڭىز كېرەك. بىر قىسىم كىشىلەر كومپىيۇتېرنى ئۆچۈرگەندە بىۋاستىلا توك مەنبەسىنى تارتىدىغان ياكى كومپىيۇتېرنىڭ بىۋاستە ئۆچۈرۈش كۇنۇپكىسىنى بېسىۋېتىدىغان بار بولۇپ، بۇنداق قىلغاندا كومپىيۇتېرنى ئاسانلا كىرەكسىز قىلىپ قۇيىمىز. توغرا بولغان كومپىيۇتېر ئۆچۈرۈش ئۇسۇلى :< ئالدى بىلەن 开始 تىزىملىكىنى ئاچىمىز، بۇنىڭ ئىچىدىن 关闭计算机 بۇ تۈرنى تاللايمىز، بىر قانچە سىكنۇتتىن كىيىن كومپىيۇتېر بىۋاستە ئۆچىدۇ. ئەگەر سىز كومپىيۇتېرنى كەچ سائەت 12 دە بىۋاستە ئۆزلىكىدىن ئۆچىدىغان قىلغاقچى بولسىڭىز: ئالدى بىلەن 开始 تىزىملىكىدىن 运行بويرۇقىنى بېرىسىز، 运行 بۇيرۇقى رامكىسىنىڭ 打开 دىگەن قىسمىغا يۇقىرىقى بۇيرۇقنى بېرىسىز ھەمدە 确定 كۇنۇپكىسىنى باسىسىز. يۇقارقى بۇيرۇق بولسا: at 24:00 /every:M,T,W,Th,F,S,Su shutdown -s -f -t 0 بۇنداق بولغاندا كومپىيۇتېر كەچ سائەت 12 دە ئۆزلىكىدىن ئۆچۈرۈلىدۇ. ئۆزىڭىز بىۋاستە ئۆچۈرىمەن دەپمۇ ئاۋارە بولمايسىز. 5 - خىل ئۇسۇل: كومپىيۇتېر قاتتىق دېتاللىرىنى ئاسراپ ئىشلىتىش كېرەك.
ئەگەر كومپىيۇتېرنى ئۇزۇن مۇددەت ئىشلىتىشنى ئويلىسىڭىز، كومپىيۇتېرنى ئاسراشنى چوقۇم ئۆگىنىۋېلىڭ. دېتال جەھەتتىن كومپىيۇتېرنى قوغدىماي، قاتتىق دېتاللىرىنىمۇ ئاسرىشىڭىز كېرەك. بىر - ئىككى ئايدا بىر قىتىم كومپىيۇتېر ئىچكى زاپچاسلىرىنى تازلاش كېرەك. كىچىك چوتكا ئارقىلىق كۇنۇپكا تاختىسىنى ۋە كومپىيۇتېر زاپچاسلىرىنىڭ ئىچكى قىسىمىنى پاكىزە تازلاپ تۇرۇش كىرەك، مۇشۇنداق قىلغاندا كومپىيۇتېرنى ئۇزۇن مۇددەت ئىشلەتكىلى ۋە ياخشى ئاسرىغىلى بولىدۇ. |