ئوقۇتقۇچى روھى ۋە مائارىپ
ئەگەر ئاتاڭ بىلەن ئوقۇتقۇچۇڭ بىرلا ۋاقىتتا تۈرمىگە تاشلىنىپ، ئۇلاردىن بىرىنىلا كېپىللىككە ئېلىپ چىققىلى بولسا، بالا بولغۇچى ئىكەنسەن، ئاۋۋال ئوقۇتقۇچۇڭنى كېپىللىككە ئېلىپ چىق!. _ يەھۇدىي ھېكمەتلىرىدىن ئوقۇتقۇچى_ بىر مىللەتنىڭ نادانلىقتىن ئىبارەت مەنىۋى كېسىلىنى شىپا تاپقۇزۇش يولىدا تىنىمسىز ئىزدىنىپ ھارمايدىغان خالىس تۆھپىكار. شۇڭا، بىزدە جاپالىق مېھنىتى بەدىلىگە ئىنسان قەلبىنى ئىلىم بېزەكلىرى بىلەن زىننەتلىگەن ئۇستازلارنى قەدىردان ئاتا- ئانىمىز بىلەن بىر قاتاردا، ھەتتا ئۇلاردىنمۇ ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇشتەك ئېسىل ئەنئەنە بار. بالىلىرىمىز كىچىكىدىن تارتىپ ئاغزىغا ئىلىم نېنىنى سالغان ئوقۇتقۇچىنى چوڭقۇر ھۆرمەتلەپ كەلگەن. كەڭ ئاتا- ئانىلارمۇ بىلىم-ئىستېدات نەمۇنىلىرى بولغان ئۇستازلارنى يۈكسەك ئورۇنغا قويغان. ئوقۇتقۇچىلار بولسا ئەمەل، شۆھرەت، ھۆرمەت تەمەسىدە بولماي، ھېكمەت دۇردانىلىرىنى ۋەتەننىڭ كېلەچىكى ھېسابلانغان ئەۋلادلار ئۈچۈن ئايىماي سەرپ قىلغان. قىسقىسى، مىللىتىمىزدە قايسى دەۋردە بولمىسۇن ئىلىمنى ئۇلۇغلاش، ئىلىمنىڭ خەزىنىسىنى بېيىتىش، ئۇنى كېيىنكىلەرگە يەتكۈزۈش خىسلىتى خۇددى ئۈزۈلمەس ئېقىندەك ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىپ كەلگەن. لېكىن بۈگۈنكى مائارىپ ئەھۋالىمىزغا سەمىمىيەت بىلەن دىئاگنوز قويىدىغان بولساق، ئىلگىرىكىگە ئانچە ئوخشاشمايدىغان ئەھۋاللارنى بايقايمىز. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بىر قىسىم ئاپتورلىرىمىز ھازىرقى مائارىپ ئەھۋالىمىز ھەققىدە بەزى سوغۇققان مۇلاھىزىلەرنى ئېلىپ باردى. بۇ مۇلاھىزىلەردە قايناش، ئاغرىنىش، خۇرسىنىش ۋە ئۈمىدسىز كەيپىياتلار كۆپ بولدى. بۇنداق بولۇشتىمۇ مەلۇم سەۋەپلەر بار، ئەلۋەتتە. ئەمما ئوبيېكتىپ ۋە سۇبيېكتىپ سەۋەبلەرنى تولۇق نەزەرگە ئېلىپ ئىنچىكىلىك بىلەن پىكىر يۈرگۈزسەك، ئاغرىنىشىمىزغا ھېچقانداق ئورۇن قالمايدۇ. چۈنكى، خۇرسىنىش، ئۈمىدسىزلىنىش ھاياتىي كۈچنىڭ ئاساسەن ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ ياكى ئۇ ئاجىزلارنىڭ ھايات مەنتىقىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنداقتا، قېنى كىم بىزنىڭ مائارىپىمىزنى ھاياتلىق ھۈجەيرىسى قۇرۇپ كەتكەن مۇردا دېيەلەيدۇ؟ مائارىپىمىز يتىشتۈرۈپ چىقىۋاتقان تەتقىقاتچى ئوقۇغۇچىلار، دوكتۇرلار، شائىر، ئەدىبلەر، سەنئەتكارلار نېمىنىڭ مەھسۇلى؟ ئۇ نەتىجە ئەمەسمۇ؟ بەلكىم بەزىلەر مائارىپىمىزدىن باشقىچىرەك نەتىجە كۈتىدىغاندۇ. ھاياتلىق بار يەردە ئارزۇ- تەلەپ بولىدۇ. ئەمما، تەلەپ سەۋەپ ئارقىلىق ئېرىشىش مۇمكىنچىلىكى بار نەرسە. بولمىسا، تەلەپ قىلغۇچى ئازاب بىلەن بارمىقىنى چىشلەپ قالىدۇ. شۇڭا، نېمىنى تەلەپ قىلىشنى بىلىشمۇ بىلىم ھېسابلىنىدۇ. ھازىر بىزنىڭ مائارىپىمىز ئۆزى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىۋاتىدۇ. ھايات ئۇنى ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلىۋاتىدۇ. بىز تەپەككۇر بار يەردە ھاياتلىق بار دەپ كېسىپ ئېيتالايمىز. بۇ نوقتىدىن ئېيتقاندا، بىزنىڭ مائارىپىمىز بار، بەلكى ئۇ ئاجايىپ زور يوشۇرۇن ئستىقبالغا ئېگە. چۈنكى، ئۇ پىكىر قىلىۋاتىدۇ. ئەگەر راستتىنلا ئاغرىنىشقا توغرا كەلسە مائارىپىمىزدىن ئەمەس، مائارىپ روھىمىزنىڭ يىگىلەپ كەتكەنلىكىدىن ئاغرىنىش كېرەك. مائارىپ روھى ئۆلگەن يەردە مائارىپ بولمايدۇ. بىر مىللەتنىڭ مائارىپ روھى شۇ مىللەتنىڭ مىللىي مەدەنىيىتى ۋە مىللىي ئېتىقادىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ بېرىشتە ئىپادىلىنىدۇ. مائارىپ روھى ئاساسلىقى ئۆگىتىش ۋە ئۆگىنىشدۇر. تېخىمۇ كەسكىنرەك قىلىپ ئېيتقاندا، پىكىر قىلىش ۋە ياشاش روھىدۇر. ئەگەر مائارىپ روھى بولمىسا، 100 قەۋەتلىك ئوقۇتۇش بىنالىرىنىڭ، مىليۇن كىشىلىك تەربىيىلىگۈچىلەر قوشۇنىنىڭ بولۇشى ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ. مائارىپ روھى ئۆلمىگەن جايدا ھەربىر ئائىلە مەكتەپكە، ھەربىر ئاتا- ئانا تەلەپچان ئۇستازغا ئايلىنىدۇ. بۇ جەھەتتە يەھۇدىيلاردىن ئۈلگە ئېلىشقا بولىدۇ. ئۇلار 2000 يىلدىن كۆپرەك سەرسان-سەرگەردانلىق ھاياتىدا، فاشىستلارنىڭ قانلىق قىلىچى ئاستىدا باشلىرى چېپىلسىمۇ، كۆزلىرى ئويۇۋېتىلسىمۇ، مىللىي روھىدىن ھەرگىز ئايرىلىپ قالمىدى. ئۇلارنىڭ مىللىي روھى بىلىم ۋە قابىلىيەتنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويىدىغان مىللىي ئېتىقاد ئىدى. ئۇلار ھەممىدىن بەك مائارىپقا ئەھمىيەت بەردى. مائارىپ ئارقىلىق بىلىم ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. غايە مەشئىلى توپتوغرا 2000 يىل لاۋۇلدىدى. ئۇلار ئاۋۋال ئەقىلغا سىغىندى، ئەقىل ئارقىلىق پۇل تاپتى، پۇل ئارقىلىق ئۆزىنى قۇتقۇزدى. ئۇلارنىڭ ھاياتى بىزگە مىللىي روھ (مائارىپ روھى)، بىلىم ۋە ئەقىل ھەم ئۇيۇشقاقلىق بولىدىكەن ھەممىگە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى جانلىق ئىسپاتلاپ بېرىشكە يېتەرلىك. يەر شارىدا بەزى مىللەتلەرگە ئەۋزەل جۇغراپىيىلىك ماكان ئاتا قىلىنغان. ئۇلار ئالتۇن ئۈستىگە دەسسەپ يۈرۈشكەن. ھەربىر كۈنىنى خۇددى بايرامدەك خۇشال- خۇرام ئۆتكۈزگەن. ئەمما تارىخنىڭ چاقى ئايلىنىپ، ھاياتنىڭ ئىككىنچى بىر يۈزىگە يۈزلەنگەندە، ئۇلاردا تۇيۇقسىز بىچارىلىك كۆرۇلگەن، ئۇلار ھاياتتىمۇ تۆت پەسىلنىڭ بولىدىغانلىقىنى ئالدىن كۆرۈپ يەتمىگەچكە، " بوران- چاپقۇن " ئالدىدا تېڭىرقاپ قالغان. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ھايات مەنتىقىسىدە جۇغراپىيىلىك ماكان ئەۋزەللىكىدىن پەيدا بولغان ھۇرۇنلۇق ۋە بىپەرۋالىق ئىزنالىرى بار. ئۇلار باشقا كۈن چۈشكەندە ئەسقاتىدىغان نەرسىگە سەل قارىغان. يۇقىرقى سېلىشتۇرمىدىن شۇنى بىلەلەيمىزكى، ئىنسانغا ھەقىقى ئەسقاتىدىغان نەرسە بىلىم، ئەقىل ۋە ھايات تەجرىبىسىدۇر. ماقالىنىڭ باش قىسمىدا دەپ ئۆتكەندەك، بىز بۇ جەھەتتە ئېسىل ئەنئەنىگە ئىگە. ئىجادىيەت ۋە يېڭىلىقنىڭ رەڭدار گۈللىرى ئەنە شۇ تۇپراقتا بىخلىنىدۇ، چېچەكلەيدۇ، مېۋە بېرىدۇ. ئۇنداقتا، ئەنئەنىنى نېمە دەپ چۈشىنىش كېرەك؟ ئەنئەنە ھەرگىزمۇ ئۆتمۈشتە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلەر ياكى مۇقەددەسلەشتۈرۈلگەن غەلبە-نۇسرەتلەر ئەمەس، بەلكى ئاشۇ مۇقەددەس غەلىبىلەرنى قانداق قولغا كەلتۈرۈش روھىدۇر. مانا بۇ ھەقىقىي ئەنئەنىدۇر. بىر مىللەتنىڭ مائارىپى شۇ مىللەتنى ئەنئەنىسىنى تېپىۋېلىشقا يېتەكلىشى، شۇ ئاساستا بۈگۈننىڭ تەلەپ- ئېھتىياجىغا جاۋاب ئىزدىشى كېرەك. ھازىر بىلىم ئىگىلىكى دەۋرى باشلىنىپ كەتتى. مەركەزنىڭ " غەربنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش " چاقىرىقى شىنجاڭدا بىر مەيدان كەسكىن كۈرەش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈۋاتىدۇ. بۇ كۈرەش دەل مىللەتنىڭ ئومۇميۇزلۇك ساپاسىنى ئۆستۈرۇش بىلەن ئىختىساسلىقلارنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈش كۈرىشىدۇر. ھازىرقى دەۋردە كىشىلەر ئۆز زامانىسىغا خاس بىلىم، قابىلىيەت ئىگىسىگە ئايلانمىسا، ھەتتا ئۆز قورسىقىنىمۇ باقالماي، ئاچ قالىدىغان ئەھۋال كۆرۈلىدۇ. بۈگۈنكى دەۋر_ كاللىسىدىكى بايلىق ئېچىلسا بەخت ئىشىكى ئېچىلىدىغان، "تاش" "ئالتۇن" غا ئايلىنىدىغان، كاللىسىنى دات باسسا، ئەقىل پىچىقى گال بولسا، "ئالتۇن" مۇ "تاش" قا ئايلىنىپ قالىدىغان دەۋر. شۇڭلاشقىمۇ مائارىپقا بولغان ئېھتىياج زورىيىپ كەتتى. نۆۋەتتە ھەر بىر ئوقۇتقۇچى بۇ نۇقتىنى چۈشەنمىسە، ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىلگىرىكى مائارىپ روھىغا ھەقىقىي ۋارىسلىق قىلىپ، ئۆزىنىڭ مىللەت ئالدىدىكى بۇرچىنى تونۇپ يېتىپ، بەختىيار كېلەچەككە ئۇل سالمىسا بولمايدىغان بولۇپ قالدى . "دۆلەتنىڭ ئۈمىدى مائارىپتا، مائارىپنىڭ ئۈمىدى ئوقۇتقۇچىلاردا." بۇ سۆز ناھايىتىمۇ جايىدا ئېيتىلغان. ئۇنى چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىپ، ئەمەلىيەتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكۈزۈپ بېقىشىمىزغا ئەرزىيدۇ! |