مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2063 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • چىركىن 20 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن ماتىرىيال يوللىماقچى ئىدىم

  • شىرنە تۈنۈگۈن 20:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

  • نۇردۇن تۈنۈگۈن 11:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام،دوسلار بايرىمىڭىلارگە بۇبارەك بولسۇن!بايراملىق تىللا سوۋغا قىلمامسىلە؟

  • پۇرخۇن تۈنۈگۈن 00:18 [ئىنكاس(0)] [...]

    نېمە قىلىۋاتىسىز؟ دوستلىرىڭىز بېلەن ئورتاقلىشىڭ ...جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.

  • زەپەر 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىشچاندىن تەر چىقىدۇ،ھورۇنندىن ئۇھ چىقىدۇ.

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • خانىدان تۈنۈگۈن 14:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

  • زەپەر تۈنۈگۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • دىلكەش ئۈلۈشكۈن 09:24 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا موبارەك بولسۇن~

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشى بولماق مىڭ يىلچىلىك،يامان بولماق بىر دھمچىلىك.

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مقۋىلىك دەرەخنىڭ بېشى تۆۋەن،بىلىملىك ئادەمنىڭ يۇزى تۆۋەن.

كۆرۈش: 27|ئىنكاس: 0

چەت ئەللەردە بايلار ئىز باسارلىرىنى قانداق تەربىيەلەيدۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

111

تېما

10

دوست

2930

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

قىزغىنلىق
606 سەر
تىللا
298 دانە
تۆھپە
514 سەر
شۆھرەت
730 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-9 16:00:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چەت ئەللەردە بايلار ئىز باسارلىرىنى قانداق تەربىيەلەيدۇ؟

ئېلىمىزدە «بايلىق ئۈچ ئەۋلادتىن ئاشالمايدۇ» دەيدىغان گەپ بار. بۇ قەدىمدىن تارتىپ تەجرىبىلەر ئاساسىدا چىقىرىلغان يەكۈن.

غەرب ئەللىرىدە بۇنىڭ ئەكسىچە بولماقتا. غەرب ئەللىرىدىكى چوڭ كارخانىلارنىڭ كۆپىنچىسى پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەر بولغاچقا ، جەمەت شەكلىدىكى باشقۇرۇش ئەندىزىسى قوللىنىلمايدۇ. ئەگەر بايلارنىڭ پەرزەنتلىرى تىجارەتكە قىزىقسا ۋە باشقۇرۇش ئىقتىدارى بولسا، جەمەت كەسپىگە ۋارىسلىق قىلسا بولىدۇ؛ ئىقتىدارى بولمىسا ياكى تىجارەتكە قىزىقمىسا، كارخانا تىجارىتىگە كەسپىي باشقۇرغۇچى تەكلىپ قىلىدۇ.

ئون نەچچە يىل ئىلگىرى، ۋال كوچىسىدىكى مەلۇم ئاكسىيە شىركىتىدە ئىشلەيتتىم. بىر كۈنى شىركەت خوجايىنى سام مېنى لونگ ئارىلى (ئۇزۇن ئارال)دىكى ئۆيىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان يازلىق يىغىلىشقا تەكلىپ قىلدى. سام كىچىكىدە گوللاندىيەدىن ئامېرىكىغا كۆچمەن بولۇپ كەلگەن ھەم 20 نەچچە يىل ئىلگىرى شىركەت قۇرغان ئىكەن. سامنىڭ مانخاتتاندىكى ئۆيى نيۇ يورك شەھىرىنىڭ باشلىقىنىڭ ئۆيىنىڭ يېنىدا بولۇپ، قىممىتى 50 ~ 40 مىليون دوللار ئىدى؛ لونگ ئارالىدا ئۇنىڭ يەنە بىر سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى بار ھەشەمەتلىك داچىسى بولۇپ، قىممىتى 10 مىليون دوللاردىن ئاشاتتى، ئۇنىڭ بۇ ھەشەمەتلىك تۇرالغۇسى بايلار رايونىدا ئىدى.
سامنىڭ ئۆيىدە مېھمانخانا تېمىغا ئېسىلغان ماي بوياق رەسىم دىققىتىمنى تارتتى، بۇ ماي بوياق رەسىملەر چوقۇم ئىنتايىن قىممەت بولسا كېرەك، دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە. كېيىن

بۇ ماي بوياق رەسىملەرنى سامنىڭ يالغۇز ئوغلى جامىسنىڭ سىزغانلىقىنى بىلدىم. شۇ كۈنىدىكى كەچلىك تاماقتا مەن جامىسنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدۇم. ئۇ ئەمدىلا ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن بولسىمۇ، ئەدەپلىك بولۇپ، دادىسىنىڭ بايلىقى بىلەن ئۆزىنى چوڭ تۇتىدىغان ھاكاۋۇر بەگزادىگە ئوخشىمايتتى.

جامىس مەن تۇنجى ئۇچراتقان ئامېرىكىلىق باينىڭ بالىسى ئىدى، كېيىن سامنىڭ ئۆيىدىكى پائالىيەتلەرگە دائىم قاتنىشىدىغان بولدۇم ۋە جامىسنىڭ دوستلىرى بىلەن تونۇشتۇم، ئارىسىدا سەنئەتكار، يازغۇچىلارنىڭ پەرزەنتلىرىمۇ بار ئىدى. ئۇلار ئۆزلىرى ياقتۇرغان كەسىپنى ئۆگىنىپ، ئۆزلىرى ياقتۇرغان ئىشنى قىلىدىكەن، ئادەتتىكى ئامېرىكىلىقتىن پەرقلەنمەيدىكەن.

شىمالىي ئامېرىكىدا، بولۇپمۇ ئامېرىكىدا بايلارنىڭ پەرزەنتلىرى خۇسۇسىي مەكتەپلەردە ئوقۇيدۇ. خۇسۇسىي مەكتەپلەر بىلەن ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى مەكتەپلەر ئاساسىي دەرسلەر ۋە ئوقۇش سۈپىتى جەھەتتە پەرقلەنمەيدۇ، بەلكى ئوقۇغۇچى، ئوقۇتقۇچىلار ساپاسىنىڭ تەكىتلىنىشى ۋە ئەدەپ - قائىدىگە ئەھمىيەت بېرىلىش جەھەتتە پەرقلىنىدۇ، بۇ ئەدەپ - قائىدىلەر ئەنئەنىدىن كېلىدۇ. بۇ يەردە تۇنجى خۇسۇسىي مەكتەپ ئىتون مەكتىپىنى تىلغا ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئىتوندا كۆزگە كۆرۈنگەن مەكتەپداشلارنىڭ تىزىملىكى بار، بۇ مەكتەپ باش ۋەزىردىن 19 نى تەربىيەلەپ چىققان. لېكىن ئىتوننىڭ كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلىرى بۇلارلا ئەمەس، بۇ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنى جاپاغا چىدايدىغان، قىيىنچىلىققا باش ئەگمەيدىغان قىلىپ تەربىيەلەيدۇ. مەسىلەن، ئوقۇغۇچىلار ياغاچ كارىۋاتتا ئۇخلايدۇ، ھەركۈنى ئەتىگەن سائەت 5 تە ئورنىدىن تۇرۇپ ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك قىلىدۇ...

ئېلىمىزدىكى بىر باي بالىسىنى ئىتوندا ئوقۇتماقچى بولغان، لېكىن ئۇ دېئاننانىڭ كىچىك شاھزادىسىنىڭ ئىتوندا ياغاچ كېسىۋاتقان سۈرىتىنى كۆرۈپ بۇ نىيىتىدىن يانغان. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، جۇڭگولۇق بايلار بىلەن ئامېرىكىلىق بايلارنىڭ قىممەت قارىشىدا يەنىلا زور پەرق بار.
مەنبە ؛ بايقاش تورى
بايقاشنىڭ خاسلىقىنى ساقىلاڭ.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-11 01:47, Processed in 0.170082 second(s), 39 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش