كۆرۈش: 1997|ئىنكاس: 6

ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ تەرجىمھالى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ تەرجىمھالى

abdukadir.jpg

ئابدۇقادىر جالالىدىن 1964-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان. 1982-يىلى 9-ئايدىن 1986-يىلى 7-ئايغىچە قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇغان. 1986-يىلى 7-ئايدىن 1988-يىلى 9-ئايغىچە شىنجاڭ تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولغان. 1988-يىلى 10-ئايدىن 1990-يىلى 7-ئايغىچە شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتى ئىلمىي تەتقىقات ئورنىدا ئىلمىي ژۇرنال مۇھەررىرلىكىنى ئۈستىگە ئالغان. 1990-يىلى 8-ئايدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتىنىڭ فىلولوگىيە شۆبە ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتىدۇ. 1993-يىلى 1-ئايدا لېكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1998-يىلى 11-ئايدا مۇئاۋىن پىروففىسورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.



2004-يىلى 11-ئايدا پروففىسورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 2005-يىلى 7-ئايدا شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتى فىلولوگىيە شۆبە ئىنىستىتۇتىنىڭ پەننىي ساھەدىكى باشلامچىسى بولۇپ باھالانغان. 2009-يىلى 11-ئايدا شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتىتىغا يۆتكىلىپ كىلىپ، ئاسپىرانت يىتەكچىسى بولغان.

  مۇكاپاتلىنىش ئەھۋالى

1998-يىلى شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتى تەرىپىدىن «ئىلغار شەخس» بولۇپ باھالانغان. 1999-يىلى خەنزۇ ئەدەبىياتى فاكۇلتىتىدىكى ئىلمىي ماقالە باھالاشتا 1-دەرىجىگە ئېرىشكەن. 2000-يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مۇنەۋۋەر كەسپىي تېخنىك خادىم بولۇپ باھالانغان.2000-يىلى مائارىپ ئىنىستىتۇتىنىڭ «ئۈچ مائارىپ» خىزمىتىدىكى ئىلغار شەخس بولۇپ باھالانغان. 2001-يىلى مائارىپ ئىنىستىتۇتىدىكى مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى بولۇپ باھالانغان. 2001-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى بولۇپ باھالانغان. 2002-يىلى ئۈرۈمچىدە ئۈتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك ناخشا توپلاش پائالىيىتىدە يازغان تېكىستى 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. 2003-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تارقاتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇتۇش نەتىجە مۇكاپاتىنىڭ 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2004-يىلى شىنجاڭ خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2005-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە ئىلغار خىزمەتچى بولۇپ باھالانغان. 2006-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر كەسپىي تېخنىك خادىم بولۇپ باھالانغان.

  ئەسەرلىرى

  2000-يىلى 10-ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىردىن چىققان «ئابدۇقادىر جالالىدىن ماقالىلىرى توپلىمى» ناملىق ماقالىلەر توپلىمى؛ 2005-يىلى 3-ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىردىن چىققان «ئۆزىنى ئىزدەش بۇسۇغىسىدا ناملىق ماقالىلەر توپلىمى»، 1995-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىردىن چىققان «ئەقىل - پاراسەت مىۋىسى ۋە شەيتان» ناملىق ماقالىلەر توپلىمى، 1993-يىلى شىنجاڭ ياش - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىردىن چىققان «سوقۇۋاتقان يۈرەك» ناملىق شېئىرلار توپلىمى، 2001-يىلى خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىردىن چىققان «بوشلۇق» ناملىق شېئىرلار توپلىمى قاتارلىقلار بار.



مەنبە: ئەلكۈيى تورى

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2012-3-20 22:46:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ ياخشى يازغۇچىلىرىمىزدىن بىرى .
ۋاقتى: 2012-3-24 22:28:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئابدۇقادىر جالالىدىنىڭ لىكسىيىلىرىنى ئاڭلاشنى بەك ياخشى كۆرىمەن. ئۆمىرى ئۇزۇن بولسۇن.
ۋاقتى: 2012-6-12 12:44:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدىقادىرجالالىدىن ماقالىرى ئۇيغۇر جەمئىيتنىڭ ھازىرقى ئەھۋالنى ئەينەن ئەكسى ئەتتۇرپ بىردىغان بولغاچقا ،ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغانلار شۇڭا كۆپ،بۇ يازغۇچىمىزنىڭ قولىغا دەرت بەرمىسۇن،داۋاملىق ئۇيغۇر جەمئيىتدىكى ناچار ئىللەتلەرنى قامچىلايدىغان ماقالىلەرنى ۋۇجۇتقا چىقىرشڭىغا تىلەكداشمەن
ۋاقتى: 2012-7-6 00:45:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندى مەن ئەڭ قول قويدىغان يازغۇچىلارنىڭ بىرى ،ئەپەندىمنىڭ قەلىمىنىڭ ئۆتكۇرلىكىگە بەك قايل
ۋاقتى: 2012-8-29 18:33:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىمىزدە ئالىم، ئىدىئولوگىيەشۇناس ئابدۇقادىر جالالىدىندەك زىيالىيلاردىن ئوندىن بىرى بولسا، نۇرغۇن ئىشلىرىمىزنىڭ ئۆزلىكىدىن ھەل بۇلىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىمەن!
ياشلىرىمىزنىڭ جۈملىدىن مەسئۇلىيەتسىز يازغۇچى، شائىرلىرىمىزنىڭ ئۇنىڭدىن ئۆرنەك ئېلىپ، قەلەمگە چۈشلۇق ئىمان، ۋىجدانغا ئىگە بولۇشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمەن!
ۋاقتى: 2012-10-7 14:29:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدىقادىر جالالىدىن ئەپەندىنى يازغۇچى، شائىر دەپلا تونىساق مۇۋاپىق بولماس. مەن بۇ كىشىنى مۇتەپەككۈر، ئالىم، پىداگوك دەپمۇ تونۇيمەن. رەھمەت!
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش