ئوتتۇرا مەكتىۋىنىڭ 29-قىتىملىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىغى تەربىيە ئىيى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش لاھىيەسى بۇ يىل 5- ئاي ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ29- قىتىملىق مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى تەربىيە پائالىيىتى ئىيى،شۇنداقلا مەركەزنىڭ شنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ۋەپۈتۈن مەملىكەتنىڭ شىنجاڭغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بىرىش خىزمىتى يىغىنى چاقىرىلغانلىقىنىڭ بىر يىللىقى،«12-بەش يىللىق»پىلاننىڭ يولغا قويولۇش يىلى بولۇپ ، بۇ يىلقى تەربىيە پائالىيتىنىڭ ئاساسى تېمىسى «ئۇلۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈپ ، گۈزەل يۇرت-ماكان بەرپا قىلىش» تىن ئىبارەت ، مەكتەپ پارتىيە ياچيكىسى مائارىپ ئىدارىسى پارتكومى ۋە يېزىلىق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىغا ئاساسەن دىڭ شىياۋپىڭ نەزەريىسى ، « ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش » مۇھىم ئىدىيسىنى يېتەكچى قىلىپ ،ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى ۋە مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى مۇھىم نىشان قىلىپ ، مائارىپ فاڭجىننى ئەستايىدىل ئىجىراقىلىپ ،ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىلەشنى مەخسەت قىلىپ «ئىناق مەكتەپ » ، «تىنىچ- ئامان زاڭگۇي» قۇرۇش ئۈچۈن مەكتەپ پارتىيە ياچىيكىسى مەكتەپتىكى ھەر قايسى فونكىسىيلىك تارماقلارنى سەپەرۋەر قىلىپ 29-قىتىملىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىغى تەربىيە پائالىيىتىنى مول مەزمۇن ،كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق قانات يايدۇرۇپ ئوقۇتقۇچى ، ئوقوغۇچىلارنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتيىسىنى قىزغىن سۆيۈش ، جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنى قىزغىن سۆيۇش، سوتسىيالىزىمنى قىزغىن سۆيۈشتىن ئىبارەت ئاڭلىقلىقىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ، « پارتىيىنىڭ مىھرى شەپقىتىنى ، ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۆرەش قىلغان شانلىق تارىخىنى ئەستىن چىقارماسلىق » تىن ئىبارەت مەسئۇلىيەت تويغۇسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش،پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90يىللىقىنى ياخشى نەتىجىلىرىمىز ئارقىلىق كۈتىۋىلىش ،شۇنداقلا بۇيىلقى «خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى»غا يىقىندىن ياندىشىش ئۈچۈن بۇ يىلقى تەربىيە پائالىيتىنى ئۇچۇن تۆۋەندىكىدەك پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرىمىز. 1) 5- ئاينىڭ 4- كۇنى « ئۇلۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۆيۇش ، گۇزەل شىنجاڭ بەرپا قىلىش » باش تىما قىلىنغان 29 – قىتىملىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيە ئىيى پائالىيتىگە سەپەرۋەرلىك قىلىش چوڭ يىغىنى ئىچىپ بارلىق ئوقۇتقۇچى ، خىزمەتچىلەرنى ، ئوقوغۇچىلارنى سەپەرۋەر قىلىمىز . 2) تەشۋىقات سالمىقىنى زورايتىپ بىردانە لوزۇنكا چىقىرىپ پۇتۇن ئاممىغا بۇ يىلنىڭ 29 – قىتىملىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيە ئىيى ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدۇرىمىز مەكتەپ ئىچى قارا دوسكا ، رادىئو تەشۋىقاتى ، ئەدەبىي ئىجادىيەت دوسكىلىرىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئاساسى مەزمۇن قىلغان تەشۋىقاتلارنى ئىلىپ بىرىش ئارقىلىق قويۇق بولغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىقات تۈسىنى ھاسىل قىلىمىز ،مەكتەپ گۇڭبوسىدا ياخشى ئىش ، ياخشى پائالىيەتلەرنى تەشۋىق قىلىش بىلەن بىرگە ئىنقىلاۋى قۇربانلارنىڭ ئىش ئىزلىرىنى تەشۋىق قىلىمىز . 3) پۈتكۈل مەكتەپ دائىرسىدە «6 ياخشى » تەربىيسىنى نىشان ، ماركىسىزىملىق « بەش قاراش » تەربىيسى ، « تۆتنى تونۇش » تەربىيسى ، «ئۇچ ئايرىلالماسلىق » تەربىيسىنى مۇھىم نوقتا ، « ئۇچنى ئەستىن چىقارماسلىق » تەربىيسىنى چىقىش قىلىپ ئوقوغۇچىلار ئارىسىدا مىللەتلەرئىتتىپاقىلىقىنى قوغداش مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىلىق ئىشلارنى قىلىش ، بىر ياخشى دوسىت تۇتۇش ، بىر ياخشى ئىش قىلىش ،ۋەتەنپەرۋەرلىك تىمىسىدىكى بىر پارچە ياخشى كىتاپ ئوقۇش ، بىر قىتىم نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىگە ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق ئەمەلىي تەربىيە ئىلىپ بارىمىز . 4) بۇ ئايدا مەكتەپ ئەخلاق تەربىيە بۆلۇم ، ئىتتىپاق كومتىتىنىڭ مەسئۇللىقىدا بىر قىتىم ۋەتەنپەرۋەرلىك تىمىسىدىكى لىكسىيە كۆرۇشكە ئۇيۇشتۇرۇپ ئوقوغۇچىلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھىسسىياتىنى يەنىمۇ يۇقۇرى كۆتۇرىمىز . شۇنداقلا ياش پىدائىلارنىڭ لىي فىڭدىن ئۇگۇنۇش پائالىيتىنى يولغا قويۇپ جەمئيەتكە پايدىلىق ياخشى ئىشلارنى قانات يايدۇرىمىز . ئاجىز مىيپلارغا ، قىيىنچىلىققا ئۇچرىغانلارغا يىقىندىن ياريۆلەك بولىمىز ۋە ئەمەلىي ھەركىتىمىز ئارقىلىق ئىپادىلەيمىز . 5) « شىنجاڭنىڭ تۈنۈگۈنى ، بۈگۈنى » تىمىسىدىكى ئاسما رەسىملەر كۆرگەزمىسى ئۆتكۆزۈپ ئوقوغۇچىلارغا پارتىيىنىڭ مىھرى شەپقىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ھىس قىلدۇرىمىز . شۇنداقلا ئوقوغۇچىلارنىڭ « مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ياخشى » تىمىسىدىكى رەسىم ، ھۆسنىخەت مۇسابىقە كۆرگەزمسىنى ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايدىغان ، بۆلگۇنچىلىككە قارشى تۇرىدىغان روھىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا يۇقۇرى كۆتۇرىمىز . 5) مەكتەپ ئەخلاق تەربىيە بۆلۇمنىڭ مەسئۇللىقىدا «ئون بىر » تەربىيسى پائالىيىتى بويىچە ئوقوغۇچىلار ئۆزلىرى ئوقۇغان ۋەتەنپەرۋەرلىك تىمىسىدىكى بىر ياخشى كىتاپنى ئوقۇشتىن ئالغان تەسىراتىنى ھىكايە قىلىپ سۆزلەشكە ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق بارلىق ئوقوغۇچىلارنى تەسىرلەندۇرۇپ ۋەتەنپەرلىك ھىسسياتىنى ، مىللەتلەر ئىتتىپالىقى ئىڭىنى يەنىمۇ يۇقۇرى كۆتۇرىمىز . 6) « مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى لۇڭقىسىنى تالىشىش »بويىچە 5- ئاينىڭ ئوتتورلىرى ئەتراپىدا يىنىك ئاتلىتكا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق ئوقوغوچىلارغا ئىتتىپاقلىقنىڭ غەلبە ئىكەنلىكىنى ، ئىتتىپاقلىق بولمىسا ھەرقانداق ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقارغىلى بولمايدىغانلىقىنى ھەققىي ھىس قىلدۇرىمىز. 7 ) سىنىپلارنى بىرلىك قىلغان ھالدا 5- ئاينىڭ ئاخىرلىرى ئەتىراپىدا « ۋەتەن مىنىڭ قەلبىمدە ، مەن پارتىيىنى سۆيىمەن » ئاساسى تىما قىلنغان ئەدەبىيات سەنئەت مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرۇپ پارتىيىنىڭ مىھرى شەپقىتىنى ، ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ئوقۇتقۇچى ، ئوقوغۇچىلارغا ھەققىي ھىس قىلدۇرىمىز . 9) بىر قىتىم ئاتا- ئانىلار سۆھبەت يىغىنى ئىچىپ ئائىلە باشلىقلىرى بىلەن ئوقۇتقۇچى . خىزمەتچىلەرنىڭ دوستلۇق پائالىيتىنى جانلاندۇرىمىز ، ھەمدە ئاتا – ئانىلارغا 29 – قىتىملىق مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى تەربىيە ئىيى پائالىيتىنى تەشۋىق قىلىمىز ، شۇنىڭدەك ئىتتىپاقلىققا ئەھمىيەت بىرىش ، قوغداش تەربىيسى ئىلىپ بىرىپ يىڭىدىن تۇزۇلگەن « مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نىزامى » بويىچە تەربىيلەش ئىلىپ بارىمىز . 10) ئوقۇتقۇچى ، ئوقوغۇچىلارغا ئىنقىلاۋى ئەنئەنە تەربىيسى، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيسى ئىلىپ بىرىش ، ناھىيىمىزدە بارلىققا كەلگەن يىڭى تەرەققىيات نەتىجىلىرى ، پارتىيە ۋە ھۆكۆمەتنىڭ رايۇنىمىزغا قىلغان غەمخورلىقىدىن خەۋەردار قىلىش ئۇچۇن ئوقۇتقۇچى ، ئوقوغۇچىلار ۋەكىللىرىدىن 40 نەپەر ئادەمنى تەشكىللەپ ناھىيىمىزنىڭ سەنشا سانائەت رايۇنى ۋە ئىنقىلاۋى قۇربان يولداش مۇتەللىپ ئۆمەر قەبرىگاھىنى ئىكىسكۇرسىيە قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيسى ، ئىنقىلاۋى ئەنئەنە تەربىيسى ئىلىپ بارىمىز . 11) مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار تىپلارنىڭ تەسىرلىك ئىش ئىزلىرىنى كەڭ تۇردە تەشۋىق قىلىپ ئوقوتقۇچى ، ئوقوغۇچىلارنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇش ، مىللى روھىنى ئەۋجى ئالدۇرۇشقا پۇختا ئاساس تۇرغۇزىمىز . 12) 5- ئاينىڭ 26 – كۇنى بۇيىلقى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيە پائالىيتى بىلىملىرىنى ئاساسى مەزمۇن قىلغان سىنىپلار ئارا زىھنى سىناش مۇسابىقە پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇپ زۆرۇر بولغان بىلىملەرنى ھەممە ئوقوغۇچىلارغا بىلدۇرۇپ ئەمەلىي تەربىيە ئىلىپ بارىمىز . 13) « قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە ئىلگىرلەيلى » تىمىسىدىكى دوسلۇق پائالىيتىنى ئىلىپ بىرىپ ، مەكتىۋىمىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ سىنىپلار ئارا دوسلۇق ئورنىتىش ، ساۋاقداشلار ئارا ئۆز ئارا دوسلۇق ئورنوتۇش ، « مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى نەمۇنىلىك سىنىپ »لاردىن بولۇشقا يىتەكچىلىك قىلىمىز ، شۇنداقلا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ئاسىراش توغىرسىدا ئەمەلىي تەربىينى قانات يايدۇرىمىز . 14) 5- ئاينىڭ 31- كۇنى 29 – قىتىملىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەبىيە پائالىيىتىدىن خولاسە چىقىرىپ ، خولاسە ماتىريالىنى مائارىپ ئىدارىسى سىياسىي بۆلۇمگە يوللايمىز .
مەكتەپ پارتىيە ياچىيكىسى 2013 – يىلى2- ئاينىڭ20 -كۇنى |