كۆرۈش: 408|ئىنكاس: 1

سەنشىڭ I9300 نى Root لاش ئۇسۇلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!

بۈگۈن ئەتىگەندە ئۈرۈمچى جۇڭسەن خەلقئارا خەۋەرلىشىش مەيدانى 7- قەۋەتتىن SAMSUNG I9300 دىن بىرنى سېتىۋالغان ئىدىم. مۇشۇ يانفۇننى Root لاش جەريانىنى ئۆزۈم سىنىغان ھەم مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان ئۇسۇلنى سىلەرگە تونۇشتۇرماقچىمەن. مۇشۇنداق يانفۇنى بارلار پايدىلىنارسىلەر.

1. يانفۇننى ئىتىۋېتىپ Download ھالىتىدە قوزغىتىمىز (ئاۋاز تۆۋەنلىشىش كونۇپكىسى + باش بەت كونۇپكىسى + توك مەنبە كونۇپكىسى) نى بېسىپ تۇرۇپ قوزغاتسىڭىز Volume تاللاش تۈرىدىن ئىككى خىل تاللاش تۈرى چىقىپ قوزغىلىدۇ. بۇنىڭدىن ئاۋاز يۇقىرىلىتىش كونۇپكىسىنى باسسىڭىز Download ھالىتىدە قوزغىلىدۇ.

تۆۋەندىكى ئادېرىستىن SAMSUNG I9300 نىڭ قوزغاتقۇچ پىروگراممىسىنى كومپيۇتېرغا چۈشۈرۈپ قاچىلايمىز:

SAMSUNG I9300 نى قوزغاتقۇچ دېتال-سېرلىق.

ئەگەر بۇ قوزغاتقۇچ پىروگراممىسى ئارقىلىقمۇ يانفۇننى كومپيۇتېر تونۇمىسا 驱动精灵 نىڭ يېڭى نەشىرىنى قاچىلاپ شۇ ئارقىلىق قاچىلىسىڭىز بولىدۇ.

. Odin بىلەن Odin دىن پايدىلىنىپ قاچىلىماقچى بولغان tar ھۆججىتىنى چۈشۈرىمىز:

I9300_روت ئىلېش دېتالى-سېرلىق

I9300_Root.rar دېگەن بۇ پېرىس ھۆججەتنى يايغاندىن كېيىن ئىچىدە تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك 5 دانە ھۆججەت كۆرۈنىدۇ:
1.jpg

بۇنىڭدىن Odin3 v3.07.exe دېگەن قورالنى ئىجرا قىلىمىز ھەم PDA ناملىق كونۇپكا ئارقىلىق Galaxy3_ROOT.tar ناملىق ھۆججەتنى كۆرسىتىپ بېرىمىز:
2.jpg

يانفۇن بىلەن كومپيۇتېر نورمال ئۇلانغان بولسا بۇ ئورۇندا ئىنكاس بولىدۇ. ئاندىن PDA ناملىق كونۇپكىدىن مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتنى كۆرسىتىپ بېرىپ ئاستىدىكى Start دېگەن كونۇپكىنى باسساق بىر ئازدىن كېيىن يانفۇن قايتا قوزغىلىدۇ. يانفۇن قايتا قوزغالغاندىن كېيىن يانفۇننىڭ ئىقتىدار تىزىملىكىگە قارايدىغان بولسىڭىز Root باشقۇرغۇچمۇ قاچىلىنىپ بولدى.

ئەمدى 甜椒刷机助手 دېگەن قورال ئارقىلىق يانفۇننى كۆرگەندىن كېيىنكى كۆرۈنۈشى:

3.jpg

بۇ روتلىنىپ بۇلغاندىن كىيىنكى يانفۇن نىڭ ئېكرانى.

serlik4.jpg

تېلېفوننى Root لاپ بولغاندىن كېيىن خەت نۇسخىسىنى ئالماشتۇرۇپ ھوقۇق بېرىۋەتكەندىن كېيىن ئۇيغۇرچە ئەپلەرنى قاچىلاپ ئىشلەتسەكلا ئۇيغۇرچە خەتلەر شۇنداق چىرايلىق كۆرۈنىدۇ.



[ئەسكەرتىش] بۇ تولۇق سىناقتىن ئۆتكەن جەريان بولۇپ، مەن مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق بىر قېتىمدىلا مۇۋەپپەقىيەتلىك قىلدىم.  (millitim)

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1قىزغىنلىق +5تىللا +3تۆھپە +4شۆھرەت +2يىغىشسەۋەبى
بايقاش + 5 + 3 + 4 + 2ياخشى تېما.

باھا خاتىرىسى


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2013-3-1 11:08:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ قىسىم تورداشلىرىمىز يۇقىرى نەشىردىكى تېلفۇنلارنى سېتىۋالغان بولسىمۇ قانداق ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشنى بىلەلمەي، تېلفۇننىڭ ئىقتىدارىدىن تولۇق پايدىلىنالماي كىلىۋاتىدۇ. بۇ  SAMSUNG I9300 ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى دەرسلىك بوپتۇ. تېلفۇن ۋە كومپيۇتېر توغرىسىدىكى دەرسلىكلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي!
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش