كۆرۈش: 818|ئىنكاس: 4

بايراق چىقرىش مۇراسىم نۇتۇقى

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بايراق چىقرىش مۇراسىم نۇتۇقى


ئۆزىمىزنى باشقۇرۇشنى ئۆگىنەيلى

ھەممە ئاتا – ئانا پەرزەنتىنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇلار بالىلىرىغا كىچىكىدىن باشلاپ مۇھىتنى ئاسراشنى ئۆگىتىپ مەدەنىي ئوبراز تىكلەپ بېرىشى كېرەك. ئاتا – ئانىلار مۇنداق ئىككى ئىشنى قىلىشى كېرەك: بىرى، ئۆزىنى باشقۇرۇشتا باشلامچى بولۇشى، مەدەنىيەتسىز ئىشلارنى قىلماسلىقى كېرەك. مەسىلەن، يولدىن ئۆتكەندە رېشاتكىدىن ئاتلىماسلىقى، قىزىل چىراغنى بۆسۈپ ئۆتمەسلىكى، ئاممىۋى سورۇنلارنىڭ قائىدە – تۈزۈملىرىگە رىئايە قىلىشى، نەرسە – كېرەك سېتىۋالغاندا ئۆچرەتتە تۇرۇشى، قوپال سۆزلەرنى قىلماسلىقى، ئاچچىقلانماسلىقى، قالايمىقان تۈكۈرمەسلىكى، ھەممە تەرەپتە بالىلارغا ئۈلگە بولۇشى كېرەك. يەنە بىرى، بالىلارنى ئۆز – ئۆزىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرۇشى كېرەك.
      گېرمانىيەنىڭ بىر كۆڭۈل ئېچىش مەيدانىدىكى چىملىقتا رەڭگارەڭ توپلار تولۇپ ياتىدىكەن. چىملىقنىڭ بىر تەرىپىگە ‹‹چىملىققا دەسسىمەڭ›› دېگەن خەت يېزىلغان بولۇپ توپ ئوينىغانلارنىڭ توپى ئېھتىياتسىزلىقتىن چىملىققا كىرىپ كەتسە ئۇلار توپنى ئېلىش ئۈچۈن ساقلاپ تۇرىدىكەن، ھېچكىم چىملىققا دەسسىمەيدىكەن. ياپيېشىل چىملىق ئۈستىدە تۇرغان رەڭگارەڭ توپلار ناھايىتى چىرايلىق مەنزىرە ھاسىل قىلىدىكەن.
      بۇنىڭدىن مەدەنىيەت كىشىلەرنىڭ ئاڭلىق ھەركىتىگە ئايلانسا غايەت زور كۈچ بولىدىغانلىقىنى، بۇ كۈچنىڭ ئىنسانلار ۋە مۇھىتنى ناھايىتى گۈزەللەشتۈرىدىغانلىقىنى بىلىۋالالايمىز.


مۇھىتىمىز گۈزەل بولسۇن

ساۋاقداشلار، يەردە بىرەر پارچە قەغەز پارچىسىنى كۆرسەڭلار ئېلىۋىتەمسىلەر؟ بىر قېتىم ئەيسا پەيغەمبەر شاگىرتىنى ئېلىپ سەپەرگە چېقىپتۇ. يولدا ئۇلارغا بىر كونا تاقا ئۇچراپتۇ. ئەيسا پەيغەمبەر شاگىرتىغا ئۇنى ئېلىۋىلىشنى ئېيتقان بولسىمۇ شاگىرتى يەرگە ئېڭىشىپ تاقىنى ئېلىشقا ھۇرۇنلۇق قىپتۇ – دە، ئاڭلىمىغانغا سېلىپ مېڭىۋىرىپتۇ. ئەيسا پەيغەمبەر ئۆزى تاقىنى ئېلىپ تۆمۈرچىگە سېتىپتۇ ۋە ئون نەچچە تال گىلاس سېتىۋاپتۇ. شەھەردىن چىققاندىن كېيىن ئۇلار توختىماي مېڭىپتۇ. ئەيسا پەيغەمبەر شاگىرتىنىڭ بەك ئۇسساپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ يېڭىگە يۇشۇرۇلغان گىلاستىن بىر تالنى يەرگە تاشلاپتۇ شاگىرتى دەرھال گىلاسنى ئېلىپ ئاغزىغا ساپتۇ. ئەيسا پەيغەمبەر ماڭغاچ گىلاسنى تاشلاپتۇ. شاگىرتىمۇ ئېرىنمەي ھەربىر تال گىلاسنى يېيىش ئۈچۈن بىر قېتىم ئېڭىشىپتۇ. ئەيسا پەيغەمبەر كۈلۈپ كېتىپ: ‹‹بايا بىرلا قېتىم ئېڭىشكەن بولساڭ ھازىرقىدەك جاپا تارتمىغان بولاتتىڭ، باشتا كىچىك ئىشنى قىلمىساڭ ئۇنىڭدىنمۇ كىچىك ئىشلار ئاۋارە قىلىدۇ›› دەپتۇ.
      بىر تال قەغەز پارچىسىنى تېرىۋېتىش كىچىك ئىشتەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن بۇ يۈكسەك ئەخلاق ۋە ياخشى ئادەتنىڭ ئىپادىسى. سىز ئېڭىشىپ ئەخلەتنى تېرىۋاتقىنىڭزدا ئېيتقۇسىز خوشاللىققا چۆمىسىز، ساۋاقداشلىرىڭىزنىڭ ماختاش ھەم تەرىپلەش سۆزلىرى تېخىمۇ كۆپ ساۋاقداشلارنى سىزدەك قىلىشقا ئلھاملاندۇرىدۇ. پەقەت ھەممەيلەن ئېڭىشىپ ئەخلەت تېرىشنى خالىساقلا مەكتەپتە مۇھىت گۈزەللىكىلا ئەمەس قەلب گۈزەللىكى جىلۋە قىلىدۇ.


سوراش

  كۇڭزى 10 – 15 يېشىدا ئۆگىنىش ئىرادىسىنى تىكلەپ، ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش يولىغا ماڭغان. ئۇ جاپالىق ئۆگىنىپلا قالماستىن يەنە كەمتەرلىك بىلەن سوراپ نۇرغۇن بىلىملەرنى بىلىۋالغان. ئۇ داڭلىق ئەدىبلەردىن، ئاددىي دېھقانلاردىن سوراپ ئۆگەنگەن؛ بىلىم سەۋىيىسى ئۆزىدىن تۆۋەن كىشىلەردىن سوراپ ئۆگەنگەن. ئۇ ‹‹خىجىل بولماي سورىغاندا ئۈچ كىشى ئىچىدە ئۇستاز بولغىدەك بىرى تېپىلىدۇ›› دەپ قارىغان.
       كۇڭزى بىر قېتىم لۇگودىكى خان ئىبادەتخانىسىغا كىرىپ بىلمەيدىغانلىرىنى يېنىدىكى ئادەمدىن سوراپ بىلىۋالغان؛ تىزىپ قۇيۇلغان قەدىمىي چالغۇلارنى قانداق چېلىشنى سوراپ ئۆگىنىۋالغان. پائالىيەت ئاخىرلاشقاندا ئۇ چۈشەنمىگەن جايلىرىنى باشقىلاردىن توختىماي سورىغان. ئۇنىڭ بۇ ئىشى بەزىلەرگە ياقمىغان، ئۇلار: ‹‹بۇ بالا تازىمۇ ئەدەپسىزكەن، خان ئىبادەتخانىسىدىمۇ ھەممە نەرسىنى سورىغان بارمۇ!›› دېگەندە كۇڭزى: ‹‹بىلمىگەننى سوراش كېرەك، بۇنىڭ ئۆزى ئەدەپ›› دېگەن.
      بىز كۇڭ فۇزىنىڭ ‹‹كۆپ سوراشتەك›› پەزىلىتىنى ئۆگىنىشىمىز، ‹‹ئەستايىدىل تەپەككۇر قىلىش، سوراشقا ماھىر بولۇش، تىرىشىپ ئۆگىنىش››تىن ئىبارەت ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈپ، ئىزدىنىش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ بىلىملەرنى ئىگىلىشىمىز كېرەك.



سەۋرچان بولۇش

كىشىلىك مۇناسىۋەتتە تۈرلۈك زىددىيەتتىن خالىي بولغىلى بولمايدۇ. سىز ناھەقچىلىككە ئۇچرىغاندا دەرھال ئېتىراز بىلدۈرەمسىز ياكى يول قويامسىز؟
     مۇنداق بىر ھېكايە بار: ياڭ جۇنىڭ قوشنىسىنىڭ مېكيىنى يېتىپ كېتىپ ئۇنى ياڭ جۇدىن كۆرۈپتۇ. ياڭ جۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۇ بۇنى ئاڭلىسا چوقۇم ئاچچىقلايدۇ دەپ ئويلاپتۇ، لېكىن ياڭ جۇنىڭ ئاچچىقى كەلمەپتۇ. ئۇ ‹‹جاھاندا ياڭ فامىلىلىكتىن مەنلا بارمىدىم؟ تىللىسا تىللاۋەرسۇن›› دەپتۇ. بىر قوشنىسى دائىم يامغۇر ياغقاندا ھويلىسىغا يىغىلىپ قالغان يامغۇر سۇلىرىنى ياڭ جۇنىڭ ھويلىسىغا قۇيۇۋېتىدىكەن. ياڭ جۇنىڭ ھويلىسى پاسكىنا سۇغا توشۇپ پۇراپ كېتىدىكەن. ئائىلىسىدىكىلەر ياڭ جۇغا بۇ ئىشنى ئېيتقاندا ئۇ ‹‹ھاۋا ئۇچۇق بولىدىغان كۈنلەر ئۇزۇن، يامغۇر ياغىدىغان كۈنلەر قىسقا بولىدۇ›› دەپ ئۇلارغا تەسەللىي بېرىدىكەن. كۈنلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن قوشنا – قولۇملار ئۇنىڭ سەۋرچانلىقىدىن تەسىرلىنىپتۇ. بىر يىلى قوشنىلار ياڭ جۇنىڭ ئۆيىگە ئوغرى كىرمەكچى بولغانلىقىنى بىلىپ، كېچە – كۈندۈز ئۇنىڭ ئۆيىگە قاراپ ئۇنى بالا – قازادىن ساقلاپ قاپتۇ.
     كەڭ قورساقلىق گۈزەل ئەخلاق، بىز ئالدىراقسانلىق، ئۆزىمىزنى تۇتالماسلىقتىن ساقلىنىپ سەۋرچان، كەڭ قورساق بولۇشىمىز كېرەك. ئەگەر سىزمۇ ياڭ جۇدەك كەيپىياتىڭىزنى تەڭشەپ ئۆزىڭىزنى كونترول قىلالىسىڭىز سەۋرچانلىقنىڭ ئازابىنى يەڭگىللىتەلەيسىز، كەڭ قورساقلىقنى يېتىلدۈرۈپ، ساغلام، ئىناق ياشاش مۇھىتى شەكىللەندۈرۈپ، ياخشى ئجتىمائىي كەيپىيات يارىتالايسىز.


گۇمانلىنىش روھى

  ئىلىم – پەن دېگەن نېمە؟ ئىلىم – پەن مەلۇم مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ چارىلىرىنى ئىزدەش جەريانىدۇر. 18 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياۋرۇپادا چېچەك تارقىلىپ نۇرغۇن كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان، ھايات قالغان كىشىلەرنىڭمۇ يۈزى چوقۇر بولۇپ قالغان. بىراق، ئەنگىلىيەلىك يېزا دوختۇرى ئېدۋارد جېننىر كالا فېرمىسىدىكى ئايال ئىشچىلارنىڭ چېچەك بىلەن يۇقۇملانمىغانلىقىنى بايقىغان، ئۇ بۇنىڭدىن ئەجەبلىنىپ كالا فېرمىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. ئەستايىدىل تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇ سېغىن كالىلاردا كالا چېچىكى بارلىقىنى، فېرمىدىكى ئاياللارنىڭ كالا چېچىكى بىلەن يوقۇملانغانلىقىنى بايقىغان. ئۇ ‹‹كالا چېچىكى بىلەن يۇقۇملانغانلارغا چېچەك يۇقمامدىغاندۇ، ئەگەر ئادەملەرگە كالا چېچىكى ۋاكسىنىسى ئۇرساق چېچەك چىقماسمۇ؟›› دەپ ئويلىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ رەسمىي سىناقنى باشلىغان. چېچەك يەنە بىر قېتىم كەڭ كۆلەملىك تارقالغاندا ئېدۋارد جېننىر كالا چېچىكى ۋاكسىنىسىنى سىناق تەرىقىسىدە ئۇرغان 2000دىن ئارتۇق يېزا ئاھالىسىگە چېچەك يۇقمىغان. ئەمەلىيەت ئۇنىڭ ھۆكۈمىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلىغان.
      ئېدۋارد ھېكايىسىدىن بىز ئالىملارنىڭ ئىنچىكە تەپەككۇر يولى ۋە گۇمانلىنىش روھىنى كۆرۈۋالالايمىز.   
     ساۋاقداشلار، ئەگەر سىلەرنىڭمۇ ئىلىم – پەن خادىمى بولغۇڭلار بولسا ھازىردىن باشلاپ ئۆزۈڭلاردا يېتىلىۋاتقان گۇمانلىنىش روھىڭلارنى بوغۇپ قويماڭلار.


ئانا مېھرى

ئانا ۋە ئانا مېھرى ھەققىدە گەپ بولسا ۋۇجۇدىمىزغا ئىللىق سېزىم تارايدۇ.
      سىچۇن ۋېنچۇەندە يەر تەۋرەشتە يۈز بەرگەن ھېلىقى تەسىرلىك ۋەقە ھېلىمۇ ئېسىمىزدە بولسا كېرەك. 2008 – يىلى 5 – ئاينىڭ 15 – كۈنى چۈشتە قۇتقۇزۇش خادىملىرى خارابىلىكتە بىر ياش ئايالنىڭ تىزلانغان، ئىككى قولى بىلەن يەرگە تايانغان ھالەتتە تىنىقى توختاپ قالغانلىقىنى كۆردى. ئۇلار يەنە بىر خارابىلىككە ماڭماقچى بولغاندا ئەترەت باشلىقىنىڭ كۆڭلىگە بىر ئىش كەلگەندەك تۇيۇقسىز كەينىگە بۇرۇلۇپ ھېلىقى ئايالنىڭ قوينىدا بىر بوۋاقنىڭ بارلىقىنى، ئۇنىڭ تېخى ھاياتلىقىنى بايقىدى. ئۇلار بۇ بوۋاقنى ناھايىتى تەستە قۇتقۇزۇۋالدى. ئۈچ – تۆت ئايلىق بولغان بۇ كىچىك جاننى ئانىسى بەدىنى بىلەن قوغداپ قالغانىدى. دوختۇر تەكشۈرۈش جەريانىدا بالىنىڭ قوينىدا بىر يانفوننىڭ بارلىقىنى بايقىدى. يانفون ئېكرانىدا تۆۋەندىكىدەك ئۇچۇر بار ئىدى: ‹‹ئوماق قوزام، ئەگەر ھايات قالساڭ ئاپاڭنىڭ سېنى ئىنتايىن ياخشى كۆرۈدىغانلىقىنى ئېسىڭدە تۇت!››. ئاپەت رەھىمسىز بولسىمۇ مېھىر – مۇھەببەتنى سۇسلىتالمايدۇ. ئاپەت ئالدىدا بۇ ئانا بارلىق ئۈمىدىنى بالسىغا باغلاپ، ئۆز بەدىنى ئارقىلىق ئۇنى ئاپەتتىن ساقلاپ قالىدۇ. شۇڭا، بۇ ئۇچۇر 2008 – يىلىدىكى ئەڭ تەسىرلىك ئۇچۇر بولۇپ قالدى.
       ‹‹8 – مارت›› ئاياللار بايرىمى يېتىپ كەلدى. ساۋاقداشلار، ئاپاڭلارغا ئۇچۇر يوللاش، قىزىق بىر پىيالە چاي تۇتۇش، بەدىنىنى تۇتۇپ قويۇش ئارقىلىق ئۇلارغا بولغان مىننەتدارلىقىڭلارنى بىلدۈردىڭلارمۇ؟ ئانا مېھرى، ئانا – بالا مېھرى مەڭگۈ دەريا بولۇپ ئاقسۇن!


ئۆزىڭىزنى تۇتۇۋېلىڭ

   ئامېرىكىلىق مەشھۇر پىسخولوگ ۋالتېر مىچېل بىر توپ بالىلار ئۈستىدە مۇنداق قىزىقارلىق تەجىرىبە ئىشلىگەن: ئۇ ھەربىر بالىغا بىردىن كەمپۈت تارقىتىپ بەرگەن. ئاندىن ئۆزىنىڭ ئازراق ئىشى چىقىپ قالغانلىقىنى، قايتىپ كەلگۈچە كەمپۈتنى يېمەي تۇرغان بالىلارغا ئىككى تالدىن كەمپۈت مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ چىقىپ كەتكەن. بىر نەچچە بالا كەمپىتنى دەرھال يەۋەتكەن. پىسخولوگ بۇ بالىلارنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەن. نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن ئەينى ۋاقىتتىكى ھېلىقى تاقەتسىز بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى ھېچقانداق ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمىغان، ئۇلۇغۋار ئىشلارنى قىلالىغانلار سەۋر – تاقەتلىك بالىلار بولغان.
       تۇرمۇشتا بۇنداق ‹‹كەمپۈت››لەر ھەممە جايدا ئۇچراپ تۇرىدۇ. ئالىي كىيىملەر، ھەشەمەتلىك داچىلار، توردىكى ئۇيۇنلار، باي چولپانلار، كۆڭۈل ئىچىش سورۇنلىرى، ھەتتا زەھەر، قىمار دېگەندەك ‹‹كەمپۈت››لەر ھەمىشە مەيلىمىزنى تارتىپ تۇرىدۇ. مۇشۇنداق رەڭگارەڭ دۇنيادا قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ بۇلارغا بويسۇنىمىزمۇ ياكى رەت قىلىمىزمۇ؟ ئەلۋەتتە كېيىنكىسىنى يەنى قەتئىي تەۋرەنمەس ئىرادە بولغاندىلا ‹‹كەمپۈت›› ئالدىدا ئۆزىمىزنى تۇتۇۋالغىلى، ھالقىلىق پەيتتە ۋاز كەچكىلى بولىدۇ.
      ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش ئۈچۈن ئىشەنچ ۋە ئىرادە، جاپا تارتىش ئۈچۈن قەيسەرلىك كېرەك. ئۆزىنى تۇتۇۋالغاندا، جاپا تارتقاندا تېخىمۇ تاتلىق ‹‹كەمپۈت››كە ئېرىشكىلى بولىدۇ

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-2-21 05:00:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يوللانغان ماتىرياللار  پەقەت ئۇگىنىش  ئۇچۇنلا   پۇچەككەن دەپ زاڭلىق قىلمىغايسىلەر

باھا سۆز

ھەرگىز زاڭلىق قىلىنمايدۇ خاتىرجەم بولۇڭ ، مۇشۇنداق مائارىپچىلارغا ئەسقاتىدىغان تېمىلارنى داۋاملىق يوللاپ ت تەپسىلاتىئىنكاس ۋاقتى: 2013-2-21 20:33
ۋاقتى: 2013-2-21 20:33:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇمەر يوللىغان ۋاقتى  2013-2-21 05:00
يوللانغان ماتىرياللار  پەقەت ئۇگىنىش  ئۇچۇنلا   پۇچەكك ...

ھەرگىز زاڭلىق قىلىنمايدۇ خاتىرجەم بولۇڭ ، مۇشۇنداق مائارىپچىلارغا ئەسقاتىدىغان تېمىلارنى داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ .
ۋاقتى: 2014-3-17 11:53:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىكەن،مەن ياقتۇرۇپ قالدىم
ۋاقتى: 2015-9-19 16:38:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راست ئييتىسىز  ئاتا-ئانىلار بالىلار ئۇچۇن  توغرا يول كورسىتەيلى
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش