baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

手机客户端
亲,还没下载论坛手机客户端?跟上潮流做时尚达人。掌中乐趣无处不在,快点下载吧。

كۆرۈش »

جەمئىي مىكروبلوگ 1189 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • زەھرا 3 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشى سۆزلەر گويا جەننەت ،ئاتا-ئانام،يامان سۆزلەر خۇددى دوزاق ياكى ھارام.

  • شىرنە تۈنۈگۈن 19:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    بىلىمگە ئامراق كىشى ھەركۈنى باھاردىكى يېڭى مايسىلاردەك ئۆسۈپ تۇرىدۇ.كۆڭلى خۇددى باھاردەك ئىللىق

  • خانىدان تۈنۈگۈن 12:46 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار!

  • 艾尼。艾买提 ئۈلۈشكۈن 12:34 [ئىنكاس(0)] [...]

    جەمئىيتىمىزدە ئادەم شەكىلگە كىرۋالغانلار خېلى كۇپتەك قىلامدۇ نىمە ؟

  • مەرىپەت 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئادەم بول!...لېكىن... ئادەم شەكلىگە كىرىۋالما!

  • دىلكەش 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بايقاش تورىدىكى بارلىق تورداشلار ،بايقاش ئەزاسى دىلكەشتىن سىلەرگە  ئوتلۇق سالام .

  • ئىلغار 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    سەھراغا چىقسا ئىشىكىنى تۇنۇمايدۇ،شەھەرگە بارسا دوستىنى (تونۇمايدۇ)

كۆرۈش: 401|ئىنكاس: 16

ئۈچ مىليون خەجلەپ ھەقسىز كۈتۈپخانا ئاچقان ساخاۋەتچى

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

93

تېما

40

دوست

5019

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1301 سەر
تىللا
302 دانە
تۆھپە
823 سەر
شۆھرەت
834 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزاتۆھپىكار باشقۇرغۇچىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-8 20:34:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېقىندا بىر تونۇشۇمنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «مەدەنىيەت بوستانى» پىروگراممىسىنىڭ بىر ئالاھىدە سانىنى كۆرۈپ قالدىم. بۇ ساندا خوتەن دىيارىدىكى پۇل تاپقاندا كۈتۈپخانا قۇرۇش ئارقىلىق، خەلقنىڭ مەنىۋىي تەشنالىقىنى قاندۇرۇشقا بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قوشقان بىر ساخاۋەت ئىگىسىنى تونۇشتۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ خىل ئېسىل پەزىلىتى مېنى قاتتىق تەسىرلەندۈردى ۋە چوڭقۇر ئويغا سالدى. شۇ ۋەجىدىن، بۇ پەزىلەت ئىگىسىنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى كۆپچىلىككە تونۇشتۇرۇش، بۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ قەلبىدە ئويلىنىش تەپەككۇرىنى ئويغىتىپ، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تېخىمۇ كۆپ ياخشى ئادەم، ياخشى ئىش ھەرىكەتلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىشنى لايىق تاپتىم.
فىلىمدە تونۇشتۇرۇلغان بۇ كىشىنىڭ ئىسمى تۇرسۇنتوختى ساۋۇر بولۇپ، ئۇ 24 يېشىدىن باشلاپ بېيجىڭ، خاڭجۇ قاتارلىق شەھەرلەردە يىپەك تىجارىتى بىلەن شۇغۇلللانغان ۋە تۈركىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە يىپەك مال ئېكىسپورت قىلغان.  تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا ئۇ نۇرغۇن تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرگە بارغان ۋە ئۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ ساپاسىنىڭ يۇقىرىلىقى ئۇنى قاتتىق ھەيران قالدۇرغان.
فىرانسىيەنىڭ بىر كوچىسىدا يۈز بەرگەن بىر كىچىك ۋەقە ۋە مېترودىكى كىشىلەرنىڭ كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقى ئۇنىڭغا قاتتىق تەسىر قىلغان ھەمدە ئۇنى چوڭقۇر ئويغا سالغان.  ئاخىرى ئۇ مۇنداق بىر ھەقىقەتنى، يەنى، ئىنساننىڭ ئەمەلىيەتتە ئوخشاش يارىتىلىدىغانلىقى، پەقەت مەدەنىيەت ساپاسىنىڭ ئوخشاش بولمايدىغانلىقىنى، جەمئىيەتتىكى نۇرغۇن ياخشى-يامان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەمەلىيەتتە كىشىلىك مەدەنىيەت ساپا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، پەقەت كۆپلەپ كىتاب ئوقۇش، بىلىم ئېلىش ئارقىلىقلا ئىنساندا مەدەنىيەت ھاسىل بولىدىغانلىقىنى  تونۇپ يەتكەن.  ئەستايىدىل ئويلىنىش نەتىجىسىدە ئۇ بىر كۈتۈپخانا قۇرۇشنى پىلانلىغان ۋە ئون يىل پۇختا تەييارلىقتىن كېيىن  2012-يىلى خوتەن  شەھىرى گۈلباغ سودا سارىيىغا 350 كىۋادرات مېتىرلىق «ئىنساب ۋە ئىزدىنىش» كۈتۈپخانىسىنى قۇرۇپ چىققان. كۈتۈپخانا قۇرۇلغاندىن كېيىن  كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن.
كۆزىتىش ئارقىلىق، تۇرسۇنتوختى ساۋۇر ئەپەندى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كىتاب ئوقۇشقا ئىنتايىن ئىشتىياقى بارلىقىنى ، لېكىن كىتاب سېتىۋېلىشقا قۇربى يەتمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلغان ۋە ئۇلارنىڭ كۈتۈپخانىدا ئەركىن ئازادە  كىتاب ئوقۇشى ئۈچۈن كۈتۈپخانىغا چاي ئېلىش ئورنى بەرپا قىلغان. كېيىن بىر ياشانغان كىشىنىڭ قاتتىق ناننى چاي بىلەن يەپ ئولتۇرۇپ  كىتاب كۆرۈۋاتلىقىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ ئىچى سىيرىلغان ۋە ئۆز ئاشخانىسىدىن بىر قاچا تاماق ئېلىپ چىقىپ بۇ كىشىگە سۇنغان، بۇ ئىش نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان ۋە شۇ كۈندىن باشلاپ كۈتۈپخانا خېرىدارلىرىنىڭ سانى ئاۋۇپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن تۇرسۇنتوختى ساۋۇر ئەپەندى ھەر كۈنى كۈتۈپخانىغا كېلىپ  ئىككى سائەتتىن ئارتۇق كىتاب ئوقۇغان ئادەمگە بىر ۋاق ھەقسىز تاماق ئورۇنلاشتۇرۇپ بەرگەن. ئۇنىڭ بۇ خالىسانە روھى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ روھىنى ئۇرغۇتقان. ئۇنىڭدىن باشقا تۇرسۇنتوختى ساۋۇر ئەپەندى خوتەن ۋە شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن قول يازما ۋە باشقا قەدىمكى ئەسەرلەرنى قىممەت باھادا سېتىۋېلىپ، كۈتۈپخانىغا جۇغلىغان ۋە خەلقنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنغان ھازىر كۈتۈپخانىدىكى كونا قول يازمىلارنىڭ سانى ئون مىڭ پارچىدىن ئارتۇق، يېڭى كىتابلارنىڭ سانىمۇ بەش مىڭ پارچىدىن ئاشقان. ئۇنىڭ كۈتۈپخانا قۇرۇش ۋە قول يازمىلارنى جۇغلاشقا سالغان مەبلىغى تۆت مىليون يۈەندىن ئارتۇق بولۇپ، خېرىدارلار ئۈچۈن ھەقسىز ئورۇنلاشتۇرغان تاماق بۇنىڭ سىرتىدا ئەلۋەتتە.
خوتەن «ئىنساب ۋە ئىزدىنىش» كۈتۈپخانىسىنىڭ قۇرۇلۇشى جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ھەر كەسپ كىشىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى ۋە تۇرسۇنتوختى ساۋۇر ئەپەندىنىڭ ئېسىل پەزىلىتى كىشىلەرنىڭ قايىللىقىنى قوزغىدى. يېقىندا خوتەنگە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا كەلگەن بارلىق يازغۇچى-شائىرلار ۋە تەتقىقاتچىلار بۇ كۈتۈپخانىىنى كۆزدىن كەچۈردى ۋە ئىنتايىن خۇرسەن بولۇپ ئۆزلىرىنىڭ ھاياجانلىق ھېسسىياتلىرىنى ئىپادىلەشتى.
بۇ كۈتۈپخانىنىڭ قۇرۇلۇشى، يەنە خېرىدارلارنى ھەقسىز تاماق بىلەن تەمىنلىشى خەلقنىڭ روھىنى كۆتۈرۈش، كىتاب ئوقۇش ئىشتىياقى ۋە قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇش ۋە كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشتە رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە بولغاندىن سىرت، قول يازمىلارنىڭ توپلىنىشى مىللىتىمىزنىڭ قەدىمىي ئەسەرلەرنى قوغداش ۋە تەتقىق قىلىشقا پايدىلىق شەرت-شارائىتلارنى يارىتىپ بەردى.
ئىلقۇت بلوگىنىڭ قۇرغۇچىسى 2000-يىلىدىكى <«كىتاب كۆرمەيدىغان ئۇيغۇرلار» دىن «كىتابخۇمار ئۇيغۇرلار»غىچە> دېگەن ماقالىسىدا، ئۆزىنىڭ <كىتاب كۆرمەيدىغان ئۇيغۇرلار> دېگەن ماقالىدىن ئالغان تەسىراتلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىتاب كۆرمەسلىكىدىكى سەۋەبنى تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا يىغىنچاقلىغان ئىدى..
بىرىنچىدىن، ئۇيغۇرلار كىتابقا نىسبەتەن پەرۋاسىز ھالەتتە يەنى، ئۇيغۇرلار كىتابقا قىزىقمايدۇ(كۆپ ساندىكى). ئۇلار كىتابنىڭ مۇھىملىقىنى تۇنۇپ يەتمىگەن. كۈنلىرى دېگۈدەك تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى(يېيىش، ئىچىش، كىيىش) بىلەنلا ئۆتۈپ كەتكەن.
ئىككىنچى، ئۇيغۇرلاردا پۇل يوق..
كىتاب تىلغا ئېلىنسا ھەممە ئۇيغۇرلارنىڭ پەرۋاسىزلىق قىلىشى ناتايىن. كىتاب كۆرىدىغانلار(بىر قىسىم)مۇ بار. ئۇلار كىتاب كۆرۈشكە شۇنچىلىك ھەۋەس قىلىدۇ، لېكىن ئۇلاردا كىتاب سېتىۋالغۇدەك پۇل يوق (شەخسەن ئۆزۈم مۇشۇ تۈرگە تەۋە). شۇڭا ئۇلار كىتاب سېتىۋېلىشقا پۇلى بولمىغاچقا كىتابخانىلارغا تىزىقلىق كىتابلارغا ھەۋەس بىلەن قارايدۇ لېكىن سېتىۋالالمايدۇ.
ئۈچىنچى، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئوقۇغىلى كىتاب يوق..
كىتابخانىلاردا تىزىقلىق كىتابلارنىڭ تۈرى ئاز، مەزمۇنى يېتەرسىز، سانى چەكلىك. يۇقىرىقى سەۋەبلەر تۈپەيلى، بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ كىتابقا بولغان ئېھتىياجى قاندۇرۇلمىغان. ئۇلارنىڭ باشقا تىللار (مەسىلەن خەنزۇ تىلى)دىن خەۋىرى بولمىغاچقا پەقەت ئۇيغۇرچە كىتابلارغىلا قاراشلىق بولۇپ قالغان. باشقا تىللاردىكى نادىر كىتابلاردىن پايدىلىنالمىغان. شۇڭا ئۇلار پەقەت باشقىلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ، مول مەزمۇنلۇق كىتابلارنى يېزىپ چىقىشىنى ياكى باشقىلارنىڭ باشقا تىللاردىكى نادىر كىتابلارنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ چىقىشىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈپ تەلمۈرۈپلا ئۆتىدۇ.
خالاس......
مانا بۈگۈن تۇرسۇنتوختى ساۋۇر ئاكىمىزدەك قەلبى ياخشىلىق، مەرىپەت ئۈچۈن سوققان  بىر ساخاۋەت ئىگىسىنىڭ مەيدانغا كېلىشى  ئۇيغۇرلاردىكى كىتاب ئوقۇغىلى پۇل يوق ياكى ئوقۇغىلى كىتاب يوق ئەھۋاللارنىڭ ياخشىلىنىشىدا چوڭ رول ئوينىدى.
ئەتراپىمىزغا نەزەر سالساق، ئۇيغۇرلارنىڭ كىتابقا نىسبەتەن ئەمەلىيەتتە ئۇنچە پەرۋاسىز ئەمەسلىكىنى، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كىتاب ئوقۇشقا ئىنتايىن ھېرىسمەن ئىكەنلىكىنى  بايقايمىز. ئۇنىڭدىن باشقا ئەتراپىمىزدا نۇرغۇن كىتابخانىلار ئېچىلىۋاتىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى خەلقىمىزنىڭ كىتاب ئوقۇش ئېڭىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېتىلىۋاتقانلىقى ۋە ئۆسۈۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۆزىمىزنىڭ كىشىلىك ساپايىمىزنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، جەمئىيەت ۋە دەۋرنىڭ بىزگە قويۇۋاتقان تەلىپىگە ماسلىشىش ئۈچۈن، بىز پايدىلىق كىتابلارنى، كىتابخانىلارنى تېخىمۇ كۆپەيتىشىمىز، ھەممىدىن مۇھىمى، كىتاب ئوقۇش ئېڭىمىزنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشىمىز كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر بىر كىشى ئۆزىنىڭ جەمئىيەت ئالدىدىكى بۇرچىنى تولۇق ئادا قىلىشى، تۇرسۇنتوختى ساۋۇر ئاكىمىزدەك ئالىيجاناپ كىشىلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ ياخشى ئىش-ئىزلىرىنى كۆپلەپ تەشۋىق قىلىپ، ياخشىلىقنى قوغلىشىپ تۇرۇپ قىلىدىغان، جەمئىيەت ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى مۇقەددەس بۇرچ دەپ بىلىدىغان ساخاۋەت ئىگىلىرىنىڭ بارلىققا كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى، بۇ ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، مەنىۋىي دۇنياسىنى بېيىتىش ۋە ئەقىل-پاراسىتىنى ئۇرغۇتۇشقا ئاز بولسىمۇ ھەسسە قوشۇشى كېرەك.  

مۇناسىۋەتلىك سىن ماتىريالى:


http://player.youku.com/player.php/sid/XNTA5OTY0NTI4/v.swf
مەنبە:ئىلقۇت كارخانچىلار مۇنبىرى
ۋاقىت-ئەڭ چوڭ يېڭلىغۇچى.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

529

تېما

26

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
6373 سەر
تىللا
2146 دانە
تۆھپە
7106 سەر
شۆھرەت
4954 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-8 20:40:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يارايسىز  ئەزىز ئەپەندىم
باسقۇچلۇق ئىمتاھانمۇ يېقىنلىشىپ قالغاچقا خىزمەتلەر بەك ئالدىراش بۇلىۋاتىدۇ

24

تېما

9

دوست

4405

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

قىزغىنلىق
605 سەر
تىللا
265 دانە
تۆھپە
1873 سەر
شۆھرەت
635 سەر

مائارىپچىتىرىشچان ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-8 20:52:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق ساخاۋەتچىلەر كوپەيسە،ئۇيغۇرلىرمىز كوپلەپ كىتاپ ئۇقۇش ئارقىلىق،ئۇزنىڭ ساپاسنى يۇقىرى كۇتۇرسە،نىمە دىگەن ياخشى.

210

تېما

24

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3484 سەر
تىللا
800 دانە
تۆھپە
8292 سەر
شۆھرەت
3303 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-9 01:14:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق  ،ەرىپەتۋەر كىشىلىرىمىز   ياشىسۇن.
مۇنبەرنىڭ  سەھرى جىمجىت  ئىدى ھازىر  كەچلىكىمۇ جىمجىت بوپ قالدىغۇ؟

186

تېما

3

دوست

3928

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
894 سەر
تىللا
347 دانە
تۆھپە
647 سەر
شۆھرەت
790 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-9 09:32:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ساخاۋەتچىمىزنىڭ ئىشلىرىغا ئاسايىشلىق تىلەيمەن  .
يېڭى يىلدا ھەممەيلەننىڭ يېڭى ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشمەن .

223

تېما

32

دوست

7581

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1606 سەر
تىللا
601 دانە
تۆھپە
2056 سەر
شۆھرەت
1232 سەر

مائارىپچىتىرىشچان ئەزابايقاش شائىرىكومپىيۇتىر ماھىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-9 11:17:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇ كىشى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە يۈز تاپقۇسى!پۇلنى ئەھمىيەتلىك ئىشقا سەرىپ قىلىپتۇ...
بەختىيار ئوبۇلقاسىم

15

تېما

1

دوست

564

جۇغلانما

ئەتتىرگۈل ئەزا

Rank: 3Rank: 3

قىزغىنلىق
153 سەر
تىللا
6 دانە
تۆھپە
171 سەر
شۆھرەت
61 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-11 11:41:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق ساخاۋەتچىلەر كوپەيسە،ئۇيغۇرلىرمىز كوپلەپ.......
     خەلقىمىز ساخاۋەتچىلەرگە ئەمەس، قۇزغۇتۇش خارەكتىردىكى تەشۋىقاتقا يەنى شائىر ،يازغۇچىلارنىڭ قەلىمىگە،ناخشىچىللىرىمىزنىڭ كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالدىغان ناخشىسگە(كويدۇم ،پىشتىم دىگەن ناخشىسى ئەمەس)......مۇھتاج، يەنە قاچانگىچە رۇھىيتىمىزگە سىڭىپ كىتىۋاتقان تاماخۇرلۇق .....چوۇرۇپ تاشلاشقا جۇرئەت قىلالماي يۇرۇيمىز....!

4

تېما

7

دوست

392

جۇغلانما

رەسمى ئەزا

Rank: 2

قىزغىنلىق
103 سەر
تىللا
22 دانە
تۆھپە
85 سەر
شۆھرەت
65 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-11 22:15:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنىڭدىن ئىنتايىن سۆيۈندۈم، ئاللادىن ئىشلىرىڭىزغا بەرىكەت تىلەيمەن

23

تېما

7

دوست

1399

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

قىزغىنلىق
284 سەر
تىللا
88 دانە
تۆھپە
307 سەر
شۆھرەت
291 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-6 22:32:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ تېلىۋىزوردىن يېرىمىنى كۆرگەن ئىدىم لېكىن ئادىرىسىنى ئاڭلىيالمىغان .ئەمدى بىلىۋالدىم چۇقۇم كۆرگىلى بارىمەن

0

تېما

0

دوست

61

جۇغلانما

رەسمى ئەزا

Rank: 2

قىزغىنلىق
14 سەر
تىللا
3 دانە
تۆھپە
11 سەر
شۆھرەت
12 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-8 22:29:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىشىلەرگە مەنىۋى ۋە ماددىي جەھەتتىن ئۇزۇقلۇق بەرگەن ساخاۋەت ئىگىسىگە كۆپتىن -كۆپ رەھمەت - تەسەننالار،ھۆرمەت - ئىززەتلىنىشلەر ياغسۇن.
قەدرلىكلەر قەدرلىنىشكە ئىرىشكەي.
تەدبىرىڭ قانداق بولسا،تەقدىرىڭ شۇنداق بۇلىدۇ.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-5-11 04:12, Processed in 0.206870 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش