مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2076 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى باشقۇرغۇچىلار تېما يوللاشتا ھەر ۋاقىت سىزگە يول كۆرسىتىدۇ، تارتىنماڭ!

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى ئەزالار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى كەلگەن دوستلار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى كەلگەن دوستلار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • چىركىن 2 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن ماتىرىيال يوللىماقچى ئىدىم

  • شىرنە تۈنۈگۈن 20:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بىلمەسلىك ئەيىپ ئەمەس، تىرىشماسلىق ئەيىپ!

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللىغاندا تېما ھەققىدە قىسقىچە ئىزاھات بېرىپ يوللايلى!

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • ئەلەم تۈنۈگۈن 19:38 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك!

  • شاشتېكىن تۈنۈگۈن 18:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    «2-،3-،4-ۋە 5-يىللىقلارنىڭ خەنزۇتىلى دەرس تەييارلىقى»نىڭ چۈشۈرۈش ئادىرېسى يېڭلاندى.

كۆرۈش: 65|ئىنكاس: 0

بىز قانداق ئۇقۇتقۇچىلارغا مۇھتاج

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

99

تېما

42

دوست

5431

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1376 سەر
تىللا
373 دانە
تۆھپە
887 سەر
شۆھرەت
907 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزاتۆھپىكار باشقۇرغۇچىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-23 09:08:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹بۇ زىمىندا يىڭى توغرا ئىدىيە تۇغۇلمىدى،يىڭى ئىدىيە تۇغۇلغاندىن كىيىن،يىڭى پائالىيەت يىڭى نەتىجە مەيدانغا كەلمىدى.مەن يىڭى ئىدىيەنىڭ تۇغۇلماسلىقىنى ئوقۇتقۇچىلاردىن كۆرىمەن .چۈنكى ئوقۇتقۇچىلارمىللەت سەۋيىسىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدۇر›«شىنجاڭ مەدىنىيىتى 1993-4سانى».

دىگەن بۇ سۆزلەرنى ئوقۇغاندىن كىيىن مەن بىر مىللەت بىر جەميئەت ئۇچۈن ئوقۇتقۇچىنىڭ نەقەدەر موھىم ئىكەنلىكىنى ئۇلارنىڭ  مەجبۇرىيتى ۋە ۋەزىپىسىنىڭ مىللەت ئالدىدىكى مەسئۇلىيتىنىڭ ھەقىقەتەن ئېغىرئىكەنلىكىنى تۇنۇپ يەتتىم.

تارىخنى ئاختۇرۇپ باقىدىغان  بولساق بىز بۇرۇندىن تارتىپ ئۇقۇتقۇچى ئۇ ئىنسان روھنىڭ ئىنجىنىرى،قاراڭغۇدىللارنى يورۇتقۇچى نۇرلۇق مەشئەل ،ئۇقۇتقۇچى ئۇ،بۇ ،،...دەيدىغان نۇرغۇنلىغان ماختاشلارنى ۋەئۇلارنىڭ شەرپىگە ئاتاپ يىزىلغان غەزەل،قەسىدە،كىتاپلارمەتبۇئات باسمىلىرىمۇ ئازئەمەسكەن.راست ،ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئەجىر-مېھنىتىگە تارتىدىغان جاپاسىغا ،تۆھپىسىگە قانچە يازسىمۇ ئازلىق قىلدۇ.ئۇلارھەقىقەتەن بىر مىللەتنىڭ ،بىر جەميئەتنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان ھەركەتلەندۇرگۇچ كۈچىدۇر.

ئەمدى بىز كۆپ يىللاردىن بىرى دەرس مۇنبەرلىرىگە چىقىپ دەرس ئۆتكەن،ۋە ئۆتۇپ كىلىۋاتقان ۋە ياكى ئابدۇقادىرداموللام،مەمتىلى تەۋپىقلەردەك ئۆزخەلقىنىڭ نادان ياشلىرىنى تىخى ئويغانمىغان ئانا ئۇيقۇدىكى بالىلىرىنى بىلم ئىلىشقا دەۋەت قىلىپ،مۇرىسىنى-مۇرىسىگە تىرەپ مەكتەپ ئىچىپ ،زۇلمەتلەرگە پەنەر بولغان، خەلقىمىزنى روھىي جەھەتتە نادانلىقتىن ئويغۇتۇپ ،ئاق-قارىنى تونۇتقانلارنى ئوقۇتقۇچى دىدۇق.ئۇنداقتا ھازىرىقى ئوقۇتقۇچىلىرىمىز قانداق ئوقۇتقۇچىلا؟زادى  ئوقۇتقۇچى دىگەن بۇشەرەپلىك نامغا لايىقمۇ؟

مىنىڭچە بىز يىڭى ئەسىر كىرگەندىن كىيىن نۇرغۇنلىغان كىشىلىرىمىز بىر ئادەمنىڭ مەلۇم ئۇنۋېرسىتىتنى پۇتۈرۇپ ئالغان ئوقۇش پۇتۈرۇش گۇۋاھنامىسى ،ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ،ھازىرئشلەۋاتقان مەكتىپىگە قاراپ ئۇ ئادەمنى يۇزەكى جەھەتتىن ئوقۇتقۇچى ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز.لىكىن ئۇزاتنىڭ قانداق ئوقۇتقۇچى ،يىزائىگىلىك مەكتىپىنى پۇتتۇرۇپ كىلىپ ئوقۇتقۇچى بۇلغانمۇ، ياكى يالغان ئۇنۋېرسىتىلارنى ئويىدە پۇتۈرۇپ مۇناسىۋەتكە تاينىپ ئوقۇتقۇچى بولغانمۇ،ۋە ياكى مەخسۇس پىداگوگكا مائارىپ ئۇنۋېرسىتىتلىرىنى پۇتۈرۇپ ئوقۇتقۇچى بولغانمۇ،ھەتتاكى ئەپلەپ-سەپلەپ كۈن ئۆتكۈزۇپ ،كۈن ئۇياققا ،پۇل بۇياققا تاغار باينىڭ ئېشەك باينىڭ دەپ جان باقتى ئوقۇتقۇچىمۇ ياكى ئۆز ۋىجدانغا خەلقىگە يۇزكىلەلەيدىغان پۇتۈن مېھرى بىلەن ئەدەپ-ئەخلاق ،ئۆرۇپ-ئادەت ،دىنىي -ئيتىقاد،ۋەتۇرلۈك پەننىي بىلىملەرنى ھەر جەھەتتىن چۇشۈنۇشلىك قىلىپ سۆزلەپ ئوقۇغۇچىىلىرىغا نىمىنى ئۆگۈنۇشنىڭ موھىم ئىكەنلىكىنى ،مىللىتىمىز ۋە جەميىئتىمىزنىڭ قانداق زىيالىيلارغا مۇھتاج ئىكەنلىكنى تونۇتۇپ ئۇلارنىڭ ئىرادىسىنى چىڭىتىپ روھيتىنى كۈچلەندۇردىغان ۋۇجۇدىدىن مېھرى-مۇھەببەت تامچىلاپ تۇرىدىغان ئوقۇتقۇچى ئىكەنلىكىنى بىلمەك خېلى تەسكە توختايدۇ.

بەلكىم بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ئۈنۋان،ھوقۇق تاماسىدائۆزىنى ئۇنتىغان ھالدا يىل بويى شۇ ئۇلۈغ نىشانلارنى قوغلاپ ئېشلەۋاتقاندۇ لىكىن ئېرشىدىغىنىغا ئېرشىپ بولۇپلا ھاڭگا‹ئېشەك بالىسىغا ئىگە بولمىغانغا ›ئوخشاش مائارىپقا كۆڭۈل بۆلمەي.ئۆزلىرى ئوتۇۋاتقان دەرىسلىرى زادى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇر يولىنى ئاچالامدۇ يوق،ئۆگەنگەنلىرىنى ئەمىلىيەتكە تەبىقلاپ ئشلىتىپ جەمىيئەتتە جان باققىلى مۇئەييەن بىر ئىقسادي قىممەت ياراتقىلى بولامدۇ يوق ؟دەپ پىكىر يۇرگۈزۇپ چۇڭقۇر تەكشۈرۇپ باقىدىغانلار،يۈركىنى تۇتۇپ بىقىپ مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيتىنى ئويلاپ باقىدىغانلار يوق دىيەرلىك.

مەسىلەن:ھازىر نۇرغۇنلىغان ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ بەزى ئوقۇتقۇچىلىرىغا قارايدىغان بولساق ،ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئالدىدا تاماكا چىكىدىغان ،دەرسخانىغا تار-قىسقا كىيىم-كىچەك كىيىپ ،قېنىق گىرىم قىلىپ كىرىپ دەرس ئوتىدىغان .كۆڭلى يىرىم ۋەياكى ئائىلىسىدىكىلەر ،دوست-بۇرادەرلىرى بىلەن ئازارلىشىپ قىلىپ روھى كەيپىياتى ياخشى بولمىسا ئاچچىقىنى بالىلاردىن ئالىدىغان ،قەيداپ دەرس ئۆتمەيدىغان ،كىچە-كېچە سورۇن ،چايلارغا بىرىپ ،ئەتتىگەندە چالا-پۇلا يۇزىنى يۇيۇپلا دەرىسلىرگە تەييارلىق قىلماي خامۇش ھالدا دەرس ئۆتىدىغان ،دوستلىرى ياكى مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ بالىلىرغا ئالاھدە كۆڭۈل بولىدىغان باشقائوقۇغۇچىلىرىنى كەمسىتىپ ئوخشاش مۇئامىلە قىلمايدىغان نۇمۇسىزلارچە ئاناتىلىغىمۇ سەل قارايدىغان ئوقۇتقۇچىلار،ئالىي مەكتەپلەردە بولسا؛ئوپ-ئوچۇق ھايانكەشلىك،چىرىكلىك قىلىش،ھوقۇق ئۇرۇشى ،خىزمەت قۇلايلىقىدىن پايدىلىنىپ مۇناسىۋەت سودىسى قىلىش ،دەرجىدىن تاشقىرى مەسئۇلىيەتسىزلىك قاتارلىقلا تىپىك مىسالىدۇر.
شۇڭلاشقا كۈنسايىن مائارىپىمىز زەئىپلىشىپ بىزدەك ئوقۇغۇچىلار‹ تەجىربە بويۇمى ›،مەكتەپلىرىمىز ‹تەجىربە ئىېتىزى› بولۇپ ‹مايسىنى تارتىپ ئۆستۇرۇش ›دىگەندەك يىڭى تىخنىكىلار ئۆز كارامەتلىرىنى كۆرسەتمەكتە.بەزى سۆيۈملۈك ،قەدىرلىك ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ياخشى بىر «باغۋەننىڭ »رولنى ئىلىش ئۇچۈن بىرئۆمۈرمەكتەپ،تەشكىل ئورۇنلاشتۇرغان خىزمەتنى قىلىپ بولالماي ئۆلۈپ كىتىشمەكتە.ئەمما ئۆزلىرى تەربىيلەۋاتقان ئاشۇ گۆدەك سەبئىي بالىلىرىمىز،ئۇچۇرۇم بولمىغان قىز-يىگىتلىرىمىزگاچا بولۇۋاتامدۇ ياكى«پارازىت»قۇرۇت بولۇپ يىتىلىۋاتامدۇ،ۋەياكى ياخشى بىر تالانتلىق ئىختىساس ئىگىسى بولۇپ يىتىلىۋاتامدۇ،قانداق دىگەنلەرنى ئويلايدىغانغا ۋاقىتى يوق.

شۇنىڭ ئۇچۈن مىللىتىمىزئارىسىدا كۈندىن-كۈنىگە «كۆلگە سېيدىغان»زىيالىلارئاۋۇپ كىتىپ بارماقتا.بۇنىڭ سەۋەبى زادى نىمە؟

كۆپ يىللاردىن بىرى تاھازىرغىچە بىزنىڭ مائارىپىمىزغا ئۆسمۇرلەر ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقلىي،جىسمانىي،ئىتىقادىي،جەھەتلەردە يىتىلىشىگە«لاتىلارچە»مۇئامىلە قىلنىۋاتىدۇ.بەزى ۋىجدانسىزلار خىزمەت قۇلايلىقىدىن پايدىلىنىپ ،شۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىنىنى شوراپ،گۆشىنى سېتىپ،تىرىسىدىن تۇماق ئىتىپ بەھىزۇر ياشىماقتا.دەپ بۇنى ياش ئوبزۇرچى ئابدۇرىھم دۆلەت ئاكا ‹مەدىنىيەت ۋەمەۋجۇتلىقىمىز›دىگەن كىتابىداناھايىتى ياخشى دەلىللەپ بەرگەن..
راسىت،،.بۇ مەسىللەرگە ھىچكىم مەردانىلىك بىلەن ۋىجدان،ئادىمىيلىك نوقتىسىدىن چىقىپ مەسئۇلىيەتنى ئۇستىگە ئېلىشنى ئويلاپمۇ باقمايدۇ،ئويلىغان بولسىمۇ يۈرىكى لەختە-لەختە بولۇپ ئۆز ئۆيىگىمۇ خۇدۈكسىرەپ كىرىپ كىتىپ بارغاچقا بىزنىڭ مائارىپىمىز زەئىپلىشىپ كىتىپ بارماقتا.
گەپنىڭ ئوچۇقىنى ئىيتقاندا ھازىرقى مائارىپىمىزدا ئۆگەنگەن بىلىملەربىلەن مەكتەپ،ئىدارىلەردە خىزمەت قىىلغىلى ،كىتاپ ئوقۇغۇلى،ئانكىتلارنى توشقۇزغىلى ،سودا-سېتىق قىلىپ قالساق پۇل سانىغىلى بولىدۇ. ئەمما بىز ئۇ ئىدارىدىن ،مەكتەپتىن،ۋەياكى...لاردەك ئورۇنلاردىن ئايرىلىپ قالساق ئۇ ئۆگەنگەنلىرىڭىز بىلەن جان باقىلى دىسەك بىز چوقۈم كوچىدىكى گازىرچى باققاللاردىنمۇ ئىقدىدارسىز بولۇپ قالىمىز.ھەي ،قېرىنداشلىرىم ،سۆيۇملۈك ئوقۇتقۇچى ئۇستازلىرىم ،ئويلىنىڭلار،ئويغىنىڭلار پات-پات ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ «ئويغان»،لوتپۇلامۇتەللىپنىڭ «ئوقۇدى،ئاشتى »دىگەن شېئرلىرىنى ئوقۇپ تۇرۇشىڭلارنى  ئۇمۇت قىلىمەن .چۈنكى بىرمىللەتىڭ مائارىپىغا ئاسىيلىق قىلىش شۇمىللەتنى تىرىك تۇرغۇزۇپلا زالالەت تۇرمىسىگە باشلاپ بارغانغا،زۇكام بولۇپ قالغان خەلقنىڭ ئېچىشى  ئۇچۈن قايناتقان بىرقازان چايغا ئويقۇدۇرىسىنى بىلندۇرمەي ئارلاشتۇرۋەتكەنگە ئوخشايدۇ خالاس.

ئۇنداقتابىز زادى قانداق ئوقۇتقۇچىلارغامۇھتاج؟
‹جالالىدىىن رۇمىي›دىگەن كىتابتامۇنداق بىر قىسقا ئابزاس بار؛«تېنىڭ بىر ئات سەن شۇ ئاتقا مىنگۈچى ،ئى ئاتقامىنگۈچى ،ئاتنىڭ ئوقۇرداياتمىغىن ئات ئوزۇقى سىنىڭ ئوزۇقىڭ بولالماس ئات سېنى ئەمەس،سەن ئاتنى ئۆز يولۇڭغا سال.»دىيىلگەن .بىز ئاتىنى ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشاتساق ،ئات مىنگۈچىنى ئوقۇتقۇچى ماھىر چەۋەندازلارغا ئوخشىتىمىز.ئەگەر ئات مىنگۈچى چەۋەنداز ياخشى تەربىيلەنمىگەن بولسا بەلكىم ئات ئۇزاققا بارماي ئىگىسىنى ئۇستىدىن تاشلىۋىتىشى ،ئات مىنگۇچى بولسا ئەپلەپ -سەپلەپ ئاتنى سىلاپ سىپاپ مىنىپ يۇرۇپ ئۆز كۆڭلىنى خوش ئىتىپ يۇرۇشى تۇرغانلاگەپ .بىزنىڭ خەلقىمىز ئۇزۇندىن بىرى ئات يىتۇشتۇرۇپ كەلدى .لىكىن شۇئاتلار دۇنياۋىي سەھنىلەردە تاقىلداپ مەغرۇر ماڭالمىدى،پەقەت يەرتىرىش ،ئېتىز-ئىرىق ئىشلىرىدىلا ئىشلىتىلىپ كىم ئۇدۇل كەلسە شۇ مىنىدىغان خالىغانچە شالغۇتلاشتۇردىغان تاۋار بولۇپ ئۆز نەسلى ،خاسلىقى ،ئالاھىدىلىكىنى يوقۇتۇپ قويماقتا.بۇنىڭ سەۋەبى دەل ئاتنى قانداق تەربىيلەشنى بىلمەيدىغان ،ياكى كۆندۈرۇش ئۇسۇلى ياخشى بولمىغان ماھىر چەۋەندازلارنىڭ يوقلىقىدىندۇر.شۇڭلاشقا بىزگە ئۆزىمۇ ياخشى تەربىيلەنگەن ئاتنىمۇ ھاردۇرۇپ قويمايدىغان كۆزلىگەن نىشانلارغا ساق -سالامەت باشلاپ بارالايدىغان ئۇزۇن سەپەر قار-بوران شىۋىرغانغا بەرداشلىق بىرەلەيدىغان ساغلام ئات ماھىر چەۋەندازلار لازىمدۇر.شۇنداق چەۋەندازلار كۆپەيگەنسىرى ئاتنىڭ نەسىلىنى ياخشىلاپ ئۆز قەۋىمى ئۇچۈن جان دىلى بىلەن خىزمەت قىلدۇرالايدۇ ،ھەمدە نۇرغۇنلىغان چەبدەس چەۋەندازلار ،سەرخەل ئاتلارنى مەيدانغا كەلتۇرەلەيدۇ .دۇنياسەھنىلىرىدە چاقناپ  ئۆزلىرنىڭ بىركىشلىك ئورنىنى ساقلاپ قالالايدۇ  
بىز دەل ئاشۇنداق ئاتلارنى تەربىيلەپ چىقالايدىغان مىللەت ئالدىدىكى مەجبۇرىيتى ۋە مەسئۇلىيتىنى ئۇنتۇپ قالمايدىغان  ماھىر ،ئويغاق چەۋەندازلارغا مۇھتاج.
                                                          خاتىمە
ئىمان-ئىيتىقاد سۇسلاشسا،ئىنسانىڭ روھى زەئىپلىشىدۇ،روھ زەئىپلەشسە، ۋىجدان-غۇرۇر،ئەخلاق ،بۇرۇچ ،ئىشەنچ دىگەنلەر مەنپەت ،ھىسىياتقا بىلىپ بىلمەيلا باش ئىگىدۇ دە ئۇ ئادەم ئادىمىيلىكىنى ئىنسانىي خاسلىقنى يوقۇتۇپ تاماق يىيىش ئۇچۈنلا ياشايدىغان «ئەدەم»بولۇپ ئىنسانىيەتكە يۇك بولۇپ قالىدۇ.
گېتلىر نەچچە ئون يىل ئۇرۇش قىلىپ نۇرغۇنلىغان تەجىربىلەرنى يەكۈنلەپ ئاخىردا «تارىخنى كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنىڭ دۇمبىسىگە يازىدۇ»دىگەن مەشھۇر سۆزنى دەپتىكەن.ئەمىلىيەتتە ئۆز قەۋىمى تەرپىدىن يىزىلغان تارىخ ھەققىي بولىدۇ،باشقىلارتەرپىدىن مەخسۇس ياكى ئامالسىز يىزىلغان تارىخ ھۆكۈمران قەۋىمنىڭ مەنپەتىنى چىقىش قىلىپ ئۇلارنىڭ  بۇيرىقى، ئۆزگەرتىشى ئاساسىدا بۇرمىلاپ يىزىلغان بولىدۇ،بەلكىم شۇ تارىخنى بىرقەۋىم يەنە بىر قەۋىمنى بىسىۋالغاندىن كىيىن يازدىغاندۇ.بەك ئەپسۇس ..!نەچچە يۇز يىللاردىن بۇيان ھۆكۇمران خەقلەرنىڭ بىزلەرنى تەتۈر دوڭغايتىپ قويۇپ قانغاچىلاپ يازغان تارىخلىرى ئۇياقتا تۇرسۇن ،ھازىر بىزنىڭ قەۋممىزدىكى كۈچلۈك،ئىقدىدارلىق دەپ قارايدىغان بىر قىسىم  ئوقۇتقۇچى زىيالىلىرىمىز تۈنۈگۈن ۋە بۈگۈندىن باشلاپ  خەقلەر يىزىپ بولالمىغان رىئال تارىخنى ئۆزقوللىرى بىلەن ئاق -قارىنى پەرىق ئەتمىگەن نارسىدە باللىرىمىزنىڭ ،زەي سۇنى ئىچىۋىرىپ كاللىسى قۇرۇتلاپ روھى ئۆلگەن بەرنا يىگىت قىزلىرمىزنىڭ قەلبىگە ئۆزلىرىمۇ ھىس قىلالمىغان ئاساستا يىزىۋاتىدۇ.
بۇھەممىدىن قورقۇنۇشلۇق بىر ئىشتۇر. چۈنكى كىچىكلەر چوڭ بولۇپ ،يىگىتلىرىمىز بوۋاي بولۇپ ئويغۇنۇپ ،ئىمان -ئيتىقاد ئۆزكارامىتىنى كۆرستىپ قالىدىغان بولسا ئاشۇ يىزىلغان تارىخلار ھەر ۋاقىت ئۇلارنىڭ يۇركىدە قان زەرداپ،بولۇپ ئازاپلىشى،ياكى ئويغانماي «ئىېتتەك »باشقىلارنىڭ كونا يالاقنى يالاپ يۇرۇۋىردىغان مۇناپىقلار بۇ تارىخنى يەنە بىرقىتىم ئۆز قوللىرىمىز بىلەن يىلىكىمىزنى رەڭ  ، ئىدىيىمىزنى رەڭ قۇتىسى ، پۇل -ھوقۇقلارنى باسما تاۋقى ،خەلقىمىزنى دەسمايە قىلىپ يىزىپ چىقىلىشى تۇرغانلا گەپ.
ئاخىردا بىرتاياقتا ھەممىنى تەڭ ھەيدىگەنلىك تۆھمەت ،قىلغانلىق قۇرۇق پىتنە -ئغۋا تارتقانلىق ،ئۆز قېرىندىشنىڭ گۆشىنى يىگەنلىك بىلەن باراۋەردۇر.شۇڭا مەن بۇ يازمامدا پەقەت ۋە پەقەت خەلقىمىز ئىچىدىكى بىرقىسىم بوينى باغلانغان ،ئۆز مەجبۇرىيتى ۋە مەسئۇلىيتىنى ئۇنتۇپ ئىمانىنى ،ۋىجدانىنى بىرقاچا زەرداپ بىلەن ئىتىپ بەرگەن ئوماچىقا سېتىۋەتكەنلەرنى ئويغۇنۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دەپ يازدىم . ھەمدە ئۆزمىزنىڭ ئانا تېمىلىرىنىمۇ موھىم كۈنتەرتىپكە كىرگۇزمىگەن ،ھىلىھەممۇ كىرگۇزمەيۋاتقان ئوقۇتقۇچى ،زىيالىلىرىمىزنىڭ ئۆزى مىنگەن  ئاتنى  كۈچىنىڭ يىتىشىچە باشتىن ئىگەرلەپ ئات ئۇلارنى ئەمەس ئۇلارنىڭ ئاتنى ئۆز يولىغا،مەنزىلىگە باشلاپ مىڭىشىنى ئۇمۈت قىلىمەن.چۈنكى «ئىنسانى كەپسىز ئاتقا مىدۇرگەن زات ،مىنىشكە قادىر قىلىۋاتقان ئاشۇ ئۇلۈغ زات شۇ ئاتلارنىڭ چۇلۋۇرىنى تۇتۈش قابىلىيىتىمۇ ئورۇ نلاشتۇرغان.».

ۋاقىت-ئەڭ چوڭ يېڭلىغۇچى.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-11 03:48, Processed in 0.166612 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش