مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2076 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • ئامان 1 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان 2 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى باشقۇرغۇچىلار تېما يوللاشتا ھەر ۋاقىت سىزگە يول كۆرسىتىدۇ، تارتىنماڭ!

  • ئامان 8 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان 11 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان 14 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى ئەزالار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • ئامان 1 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان 4 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان 8 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى كەلگەن دوستلار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • ئامان 11 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى كەلگەن دوستلار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • چىركىن يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن ماتىرىيال يوللىماقچى ئىدىم

  • شىرنە تۈنۈگۈن 20:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

  • ئامان 2 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بىلمەسلىك ئەيىپ ئەمەس، تىرىشماسلىق ئەيىپ!

  • ئامان 7 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللىغاندا تېما ھەققىدە قىسقىچە ئىزاھات بېرىپ يوللايلى!

  • ئامان 9 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان 12 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • ئەلەم تۈنۈگۈن 19:38 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك!

  • شاشتېكىن تۈنۈگۈن 18:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    «2-،3-،4-ۋە 5-يىللىقلارنىڭ خەنزۇتىلى دەرس تەييارلىقى»نىڭ چۈشۈرۈش ئادىرېسى يېڭلاندى.

كۆرۈش: 148|ئىنكاس: 5

مانا بۇ ھەقىقى قەشقەرلىق

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

99

تېما

42

دوست

5431

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1376 سەر
تىللا
373 دانە
تۆھپە
887 سەر
شۆھرەت
907 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزاتۆھپىكار باشقۇرغۇچىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-23 09:11:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز نەچچە ۋاقىتتىن بېرى<< قەشقەر چاقچاقلىرى>>، <<قەشقەر پاراڭلىرى،>> بەزىلەر << قەشقەرلىكنىڭ سېسىق گەپلىرى>> دەپ ماۋزۇ قويغان تېمىلارنى ئوقۇپ ئۇنىڭدىكى كىنايە سۆزلەرنىڭ جايىغا چۈشكەنلىرىگە مەمنۇنىيەت ئىلكىدە كۈلۈشكەن بولساق، بەزى تېمىلارنى ئوقۇپ قەشقەرنى ھەقىقى چۈشەنمەيدىغانلىقىمىزنى ھىس قىلدىم .
  ئەمما بىر مىللەت ،ياكى بىر قەۋم توپىدا قىسمەن كۆرۈلۈپ قالىدىغان يېتەرسىزلىكلەرنى شۇ توپنىڭ خاس تىپ سۈپىتىدە كۆرۈش خاتاغا يول قويغانلىق بولىدۇ.
بىر مىللەت ياكى بىر قەۋمنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە شۇ قەۋمنىڭ ئىلغار كىشىلىرىنى ئاساس قىلىپ تونۇش  ،چۈشۈنۈش تەكىتلىنىدۇ.
   گەپنىڭ ئاساسىغا كەلسەم، مەن مانا شۇ چاقچاقلارنى كۆرۈپ مەلۇم جەھەتتە ''راستلا ئەجەپ خەخ ئىكەن '''دەپ قالغانلارنىڭ بىرسى دۇرمەن. ئەمما يېقىندا مەن بىر دوستۇم بىلەن قەشقەرگە باردىم؛ قەشقەرنىڭ مىللى خاسلىققا تولغان مەنزىرلىرىنى تاماششا قىلىپ ئايلىنىپ يۈرۈپ ھېيتگاھ جامەسىگە ئۇدۇل كېلىدىغان بىر بازارغا كېلىپ قالدۇق، ۋە قەشقەرنىڭ شىمىسكىسى (گازىر) بەك تەملىك دەپ شىمىشكە ئېلىپ چاقتۇق، راستلا بەك تەملىك ئىكەن... قايتايلى دەپ تۇرىشىمىزغا دوستۇم- توختا مېنىڭ يېزا تەۋەسىدىكى ئۆيۈمدە بىرنەچچە مو يېرىم بار ئەمەسمۇ، مۇشۇ گازىرنىڭ خېمىدىن بولسا ئېلىپ كېتىپ تېرىۋالاي دەپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن بىز قايتىپ كېلىپ ئۇ كىشىدىن سورىدۇق:
_ تاغا مۇشۇ گازىرنىڭ خېمىدىن بارمۇ سىلىدە؟
_ بار ئۇكىلىرىم ،ئەلۋەتتە بار.- دىدى ئۇ كىشى ناھايىتى ئىللىقلىق بىلەن_ ئەمما يېنىمدا يوق ،ئۆيدە ئىدى، قانچىلىك لازىمتى؟
_ ماڭا يۈز گىرامچە بولسا بولاتتى ،بىر تېرىپ باقاي دىگەنتىم -دىدى دوستۇم.
ئۇ كىشى شۇھامان ئورنىدىن تۇرۇپ _ ھەقايسىىلىرى مۇشۇ غالتىكىمگە قارىغاچ بىردەم تۇرۇپ تۇرۇشسىلا مەن بېرىپ ئەكىلەي-دىدىدە، بىز - بولدىلا كېيىن كېلەيلى دىمەكچى بولساقمۇ ئۈلگۈرەلمىدۇق ،پەرەڭدەك كېتىپ قالدى. بىز ئاھلاھىزەل يىرىم سائەتچە تۇرۇپ قالدۇق ،ئۇنىڭغىچە 6-7 خېرىدار غالتەكنىڭ ئىگىسىنى سوراپ بىز ساتالمىغاندىكىن كېتىپ قېلىشتى...بىز بىكار تۇرغاچ گۇمانلىنىشقا باشلىدۇق؛
_ ھەي ئەدەش- دىدىممەن - بۇ ئەدەم بىزنى ھىچ بولمىغاندا بىرەر ئىككى يۈز يۈەنگە قويىدىغان بولدى ، شۇنچىلا ۋاقىت سەرىپ قىلىپ بىزدىن شۇنىڭغا لايىق نەپ ئالماي قالمايدۇ بۇ خەق ...
- مەيلى چاتاق يوق ئەمدى قانداق قىلىاتتۇق ( بۇ ئەلۋەتتە ھېلىقى بىز كۆرگەن چاقچاقلارنىڭ تەسىرى ئىدى) بېشىمىزغا كەلگەننى كۆرەرمىز-دىدى
...شۇنداق قىلىپ ئۇ كىشى بىر يېرىم سائەتلەردە ھاسىراپ ھۆمىدەپ يېتىپ كەلدى، بىز بىر پاتمان گۇمانلارنىڭ ئىلكىدە بىر-بىرىمىزگە قارىشىپ -نىمە دەر بۇ ئادەم ئەمدى- دىگەن مەنانى بېرىشتۇق.
دوستۇم يانچۇقىدىن پۇل چىقارغاچ -- تاغا سىلنى  ئاۋارى قىلىۋەتتۇق-ھە قانچە پۇل بىرىمەن؟ -دىدى.
ئۇكىشى تولىمۇ خاتىرجەم ھالدا - 3 كوي بەسلە بولىدۇ ئۇكام...-دىدى، بىز بۇگەپنى ئاڭلاپ بېشىمىزدىن بىر تۈگمەن تېشنى ئېلىۋەتكەندەك، يەڭگىللەپ قالدۇق، شۇنداقلا كۆزلىىمىزدىن بۇ كىشىگە بولغان ھۆرمىتىمىزنىڭ قۇياش نۇرىدەك بالقىپ كېتىۋاتقانلىقىمىزنىمۇ سېزىپ يەتتۇق، ئالدىمىزدا خۇددى بىر ئاپتاپ بىزگە نۇر چېچىۋاتقاندەك تۇيۇلدى...چۈنكى  بۇ بىزگە ئىشىنىپ غەلە ساندۇقىدىكى پۇللارنىمۇ يىغۇشتۇرماي يىرىم سائەتتىن ئارتۇق يوق بولۇپ كېتىشكە كۆزى قىيغان كىشى ئىدى.
  مانا ئادەم مۇشۇنداق بولسىمۇ بولىدىكەنغۇ دىگەنلەرنى ئويلۇدۇم مەن ؛ بىر-بىرىگە ئىشىنىش ئادەمدە مېھرى-مۇھەببەت ئېقىنى ھاسىل قىلىدىكەن ئەمەسمۇ!
  شۇنىڭ بىلەن ئۇ دوستۇم -بولدى تاغا 50يۈەنلا تۇتۇپ قالسىلا بەك چاپتۇتىۋەتتۇق....
--ياقاياق بولمايدۇ ئۇكام، ساتقان نەرسەمگە لايىق ئالمىسام ھارام بولىدۇ...
    شۇنداق قىلىپ بىز ناھايىتى ھۆرمەت ئىھتىرام بىلەن ئۇرۇق تۇققانلار بىر-بىرىگە قىيالماي ئايرىلىشقاندەك ،خوشلۇشۇپ كېتىپ قالدۇق ، ياتاققا كىرىپمۇ بىر ھازاغىچە شۇ ئىشنى دىيىشتۇق، يۇرتقا قايتىپمۇ سورۇنلا بولسا بۇ گەپنى باللارغا دەپ بەردۇق ، ئاڭلىغان دوسلارمۇ ئالەمچە سۆيۈنىشلىرىنى بىلدۈرۈشتى. ...
مانا بۇ ھەقىقى ئەجدادىمىز، مانا بۇ ھەقىقى قەشقەرلىك ، مانا بۇ نەسلىدە ئۆزگۈرۈش ھاسىل قىلمىغان، دەۋرنىڭ  ئىللەتلىرىنى يۇقتۇرىۋالمىغان ھەقىقى قەشقەرلىك  ئۇيغۇر  ئىدى...

مەنبە .http://bbs.bagdax.cn/read.php?tid=12180

بۇ دوستىمىز باشقا جايدىن ئەزىزانە يۇرت قەشقەر دىيارىغا كىلىپ ئۇچرىغان كىچىككىنە بۇئىش ئارقىلىق قەشقەر دىيارىدىكى كىشلەرنىڭ ئۆزى ئويلىغاندەك ئەمەس بەلكىم ناھايىتى ئاقكۆڭۈل ئىكەنلىگىنى ھىس قىلىپ يەتكەن .
ئەملىيەتتە قەشقەر خەلىقى ئەزەلدىن ئاقكۆڭۈل ، مىھماندوسىت ، ئەزەلدىن ئۆز رىسقىنى ھالال تىپىپ يەيدىغان خەلق . بۇرۇنمۇ شۇنداقتى . ھازىرمۇ ھەم شۇنداق .


مەنبە: تور
ۋاقىت-ئەڭ چوڭ يېڭلىغۇچى.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

111

تېما

18

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

تەستىقسىز ئەزا

قىزغىنلىق
2278 سەر
تىللا
774 دانە
تۆھپە
2475 سەر
شۆھرەت
2112 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىبايقاش قىزىقچىسىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-23 13:24:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا بىزمۇ  قەشقەردىن
كىم دەيدۇ ‹‹ ياۋرۇپالىق مەدەني››؟      
نە ئەدەپ بار،نە ھايا، قىپيالىڭاچ بەدەنى           
گەر مەدەنىيەت ، ئىچىش بولسا بەدەننى،
ئىيتىڭلارچۇ ،ھايۋانلار بىزدىن بەكرەك مەدەني.

15

تېما

5

دوست

1268

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

قىزغىنلىق
295 سەر
تىللا
29 دانە
تۆھپە
283 سەر
شۆھرەت
242 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-23 22:51:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا مەنمۇ قەشقەرلىك ،ئاتا بوۋلىرىمىزدىن تارتىپ مۇشۇ ئەزىزانە قەشقەردە ياشاپ ئۆتتۇق،دادام دائىم بىزگە ھارامدىن يىراق تۇرۇڭلار،ئۆز نىسىۋەڭلەرگە شۇكىرى قىلىڭلار،سودىدا ھەرگىز ساختا پەزلىك بىلەن باشقىلارنى ئالدىماڭلار دەيدۇ،مانا بۇ ئالدنقى ئەۋلاتلاردىكى ئىسىل پەزىلەتتتۇر.
تامچە يىغىلسا كۆل تولۇر،دانچە يىغىلسا باداڭ تولۇر.

0

تېما

3

دوست

61

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

قىزغىنلىق
13 سەر
تىللا
5 دانە
تۆھپە
11 سەر
شۆھرەت
11 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-30 12:36:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەش بارماق تەڭ ئەمەس ،مانا مۇشۇنداق ئىسىللىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس.

14

تېما

4

دوست

1870

جۇغلانما

مائارىپ ئاۋاڭگارتى

Rank: 5Rank: 5

قىزغىنلىق
327 سەر
تىللا
363 دانە
تۆھپە
307 سەر
شۆھرەت
312 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-1 10:23:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولىمۇ ياخشى تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز ... بۇ ئەتراپىمىزدىكى بولىۋاتقان ئەمەلىي رىئاللىق ... مۇنبەرگە ھۈسۈن قوشۇپ تۇرۇپتۇ ... مۇمكىن بولسا مۇشۇ ئىملاغا دىققەت قىلىپ قويغان بولسىڭىز ... كۆڭلىڭىزگە ئالماسسىز ، ھە ...

1

تېما

0

دوست

99

جۇغلانما

رەسمى ئەزا

Rank: 2

قىزغىنلىق
20 سەر
تىللا
1 دانە
تۆھپە
23 سەر
شۆھرەت
27 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-8 16:32:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاداش...   بۇنىڭغا بىر ئىنكاس يازسام ..ئۇيغۇرمىز ئەسلى ساپ بىز، كەلسە كەلمەس يىگىنىمىز بىزنى بۇلغىغان ،
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-11 02:04, Processed in 0.188297 second(s), 37 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش