ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : بالىلاردىكى ۋىتامىن بالىڭىزنى بەك كۆپ يۇ بوۋاقلارنىڭ تىرنىقى بالىلار قىزىپ قالغان

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > ئالىم بالام > 0-6ياشقىچە > ساغلاملىق > تولۇق مەزمۇنى

بوۋاقلارغا چىش چىققاندا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

ۋاقىت : 2013-04-01 01:07 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم
بوۋاقلارغا چىش چىققاندا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

بوۋاقلارغا چىش چىققاندا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

  بوۋاقلارغا چىش چىقىش مەزگىلىدە ئوزۇقلۇق تولۇقلاش، يېمەكلىكلەرنىڭ ئۆزگىرىشى بوۋاقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بوۋاقلارغا قاچاندىن باشلاپ چىش چىقىشقا باشلايدۇ؟بۇ مەزگىلدە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟ بوۋاقنىڭ چىش ئۆسۈشىنىڭ ئاستا بولۇشى نېمە سەۋەبتىن؟ ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر تېبابىتى دوختۇرخانىسى ئېغىز بوشلۇقى بۆلۈمىنىڭ ۋېراچى گۈلپىيە مۇنداق دېدى:

   -بوۋاق تۇغۇلۇپ تۆت ئايدىن ئالتە ئايغىچە بولغان مەزگىلدە چىش چىقىشقا باشلايدىغان بولۇپ، بۇنى سۈت چىش دەيمىز. سۈت چىش ئادەتتە 20 تال بولۇپ، سۈت چىش چۈشكەندىن كېيىن تۇراقلىق چىش (ئۆمۈرلۈك چىش)تىن 32 سى چىقىدۇ. بەزى بوۋاقلار 10 ئايلىق بولغاندا ئاندىن سۈت چىش چىقىشقا باشلايدىغان بولۇپ، بۇ نورمال ئەھۋال ھېسابلىنىدۇ. ئەمما بەزى بوۋاقلار 12 ئايلىق بولغاندىمۇ چىش چىقمايدۇ، ئەگەر بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلسە، چوقۇم دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ سەۋەبىنى تېپىش ۋە ۋاقتىدا داۋاسىنى قىلىش كېرەك. بوۋاقلار ئىككى ياشقا كىرگەندە چىش چىقىپ بولىدۇ. بوۋاقلارغا يېڭىدىن چىش چىقىشقا باشلىغاندا قىزىش، يىغلاڭغۇ، تېرىككەك بولۇپ قېلىش، شۆلگىيى ئېقىپ قېلىشتەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

   - بوۋاقلار يېڭى چىش چىقىشقا باشلىغاندا قولىغا چىققانلىكى نەرسىنى ئاغزىغا سېلىۋالىدۇ، بۇ مەزگىلدە ئاتا-ئانىلار ئىلگىرىكى يۇمشاق بۇلماق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەردىن يېرىم قاتتىق يېمەكلىكلەرنى بېرىشكە ئۆزگەرتسە بولىدۇ، ئەمما ئوزۇقلۇق قىممىتى ھەم ئاسان ھەزىم بولۇشىغا دىققەت قىلىشى كېرەك. بوۋاقلارغا چىش چىقىشنىڭ ئاستا بولۇپ قېلىشنىڭ تۆت خىل سەۋەبى بار: ئېرسىيەت، كېيىنكى مۇھىت ئامىلى، كېسەللىك، سىرتقى زەخمە ياكى ياللۇغلىنىشتۇر. بوۋاقلارنىڭ ئۇخلاش ھالىتىنىڭ توغرا بولماسلىقى، ئېغىزىدا نەپەسلىنىشى، ئۇخلاشتىن بۇرۇن كەمپۈت يېيىش ۋە چىش چوتكىلىغاندا كۈچەپ چوتكىلاش، شۇنداقلا قالايمىغان چىش كولاش قاتارلىق مەسىلىلەر بوۋاقلار چىشىنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.

ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار