يېڭى قىزىق نۇقتا :
بالىلاردىكى ۋىتامىن
بالىڭىزنى بەك كۆپ يۇ
بوۋاقلارنىڭ تىرنىقى
بالىلار قىزىپ قالغان
بالىلارنىڭ چىشىنى قۇرت يېيىش ئاتا – ئانىلارنىڭ بېشىنى قاتۇرىدىغان مەسىلە. بالىلارنىڭ چىشىنى قۇرت يېيىشنى تۆۋەندىكىدەك ناچار ئادەتلەر كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
1. تاماق تاللاش
تاماق تاللاش ئادىتى بالىلارنىڭ پۈتۈن بەدەن ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماستىن، يەنە چىشىغىمۇ زور زىيان يەتكۈزىدۇ. بالىلار ئادەتتە بولكا، پېچىنە – پىرەنىك، كەمپۈت قاتارلىق تاتلىق، ئاسان ئۇۋىلىدىغان، ئۇششاق- چۈششەك يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئاسان ئۇۋىلىدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ ئېغىز ئىچىدىكى چاينىلىش ۋاقتى قىسقا، سۈركىلىش ئاز بولغانلىقتىن، چىش سۈركىلىش ئارقىلىق تازىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالمايدۇ؛ يېمەكلىكنى چايناش شۆلگەي بېزىنىڭ شۆلگەي ئاجرىتىپ چىقىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىغا ئىگە، چايناش قېتىم سانى ئاز ۋە چايناش ۋاقتى قىسقا بولغاندا ئېغىزدىكى شۆلگەينىڭ ئاجرىتىلىش مىقدارىمۇ ئاز بولىدۇ. شۆلگەي چىشنىڭ تاشقى قەۋىتىنى يۇيۇش ۋە پاكىزلاش رولىغا ئىگە. تاماق تاللايدىغان بالىلار ئادەتتە تاتلىق، ئۇششاق – چۈششەك ۋە قەنت تەركىبلىك يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىدۇ، بەزى بالىلار كەچتە قەنت تەركىبى يۇقىرى بولغان سۈت مەھسۇلاتلىرى ياكى يېپىشقاق يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ياخشى كۆرگەنلىكتىن ۋە بۇ نەرسىلەرنى يېگەندىن كېيىن چىشىنى چوتكىلىمىغانلىقتىن يېمەكلىك قالدۇقلىرى ئاسانلا چىشقا توپلىنىپ قالىدۇ. ئۇخلىغاندا نۇرغۇن شۆلگەي بەزلىرى شۆلگەي ئاجرىتىپ چىقىرىشتىن توختىغانلىقى ئۈچۈن شۆلگەي سۇيۇقلۇقىنىڭ چىشنى يۇيۇش ئىقتىدارىمۇ تۆۋەنلەيدۇ – دە، چىشنى ئاسان قۇرت يەيدۇ.
2. تاماقنى بىر تەرەپتىلا چايناش
نورمال ئەھۋالدا يېمەكلىك چاينىغاندا ئىككى تەرەپتىكى چىش نۆۋەتلىشىپ ئىشلىتىلىدۇ. بەزى بالىلار كىچىكىدىن يېمەكلىكنى بىر تەرەپتىلا چايناشتەك ناچار ئادەتنى يېتىلدۈرگەن بولۇپ بۇنداق بالىلارنىڭ چىشى رەتلىك ئۆسمەيدۇ. يەنى ئىشلىتىلمىگەن تەرەپتىكى چىش يېمەكلىك چاينىمىغانلىقى ئۈچۈن بۇ چىشنىڭ ئۆزىنى ئۆزى تازىلاش رولى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدۇ، سىرتقى يۈزىگىمۇ نۇرغۇن يېمەكلىك قالدۇقلىرى توپلىنىۋېلىپ، بۇ يەردە باكتېرىيەلەر ئۆسۈپ يېتىلىدۇ، نەتىجىدە چىشنى قۇرت يەيدۇ.
3. تۇراقلىق چىش يېڭىلا چىققان چاغدىكى ناچار ئادەت
سۈت چىش بوشاپ، تۇراقلىق چىش چىقىش ئالدىدا بەزى بالىلار تىلى بىلەن يېڭى چىققان تۇراقلىق چىشنى يالايدۇ؛ دائىم زۇكام بولۇش سەۋەبىدىن بەزى بالىلارنىڭ بۇرنىدا نەپەس ئېلىشى قىيىنلىشىپ، ئۇزۇن ۋاقىت ئېغىزىنى ئېچىپ نەپەس ئالىدۇ؛ بەزى كىچىك بالىلار دائىم بارمىقىنى شورايدۇ؛ بەزى قىزلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلىدە لېۋىنى چىشلەيدىغان ئادىتى بولىدۇ؛ يەنە بەزى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قېرىنداشنىڭ ئۇچىنى چىشلەش، تىرنىقىنى غاجاشتەك ناچار ئادەتلىرى بولىدۇ.يۇقىرىقى ئادەتلەرنىڭ ھەممىسى بالىلاردا چىش قىڭغىر ئۆسۈش، چىش ئارىلىقى كەڭ بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن تاماق يېگەندە يېمەكلىك قالدۇقلىرى ئاسانلا چىشقا كىرىۋېلىپ، باكتېرىيەلەر پەيدا بولىدۇ–دە، چىشنى قۇرت يەيدۇ.
چىشنى قۇرت يېيىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل
كامارنى ئېتىش بالىلارنىڭ چىشىنى قۇرت يېيىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئۈنۈملۈك ئۇسۇل. بالىلارنىڭ چىشىغا بىر قەۋەت ئاسرىغۇچى كىيىم كىيگۈزۈلگەندە چىشنى قۇرت يېيىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. كامارنى ئېتىش دېگەن ئۇقۇمنى نۇرغۇن كىشىلەر بىلمەسلىكى مۇمكىن،ئۇنداقتا كامارنى ئېتىش دېگەن زادى قانداق ئىش؟ كامارنى ئېتىشنىڭ بالىلارنىڭ چىشىغا نىسبەتەن قانداق رولى بار؟
ئۈستى – ئاستى ئېزىق چىش (چوڭ چىش) لارنى چىشلەپ جىپسىلاشتۇرغاندا شەكىللەنگەن ئويمان – دۆڭنىڭ ئىچىدىكى ئويمان ئورۇن كامار، دەپ ئاتىلىدۇ، كامارنى ئاسانلىقچە تازىلىغىلى بولمىغانلىقتىن ئۇنىڭغا باكتېرىيەلەر يىغىلىۋالىدۇ، نەتىجىدە كامارنى قۇرت يەيدۇ.
كامارنى ئېتىش دېگەندە كامارغا دورا سۈرۈش، ئېزىق چىشلارنى جىپسىلاشتۇرغاندىن كېيىن پەيدا بولغان كامارنىڭ چوڭقۇرلۇقىغا ئاساسەن دورىنىڭ قېلىنلىقىنى بەلگىلەشنى كۆرسىتىدۇ. دورا سۈرۈلۈپ بولغىنى كامارنىڭ تولۇق ئېتىلگىنى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. كامارنى تولۇق ئېتىۋەتكەندە يېمەكلىك قالدۇقلىرى ۋە باكتېرىيەلەر چىشنى چىرىتالمايدۇ، كاماردا قېپ قالغان باكتېرىيەلەرمۇ تاشقىي دۇنيادىن ئايرىۋېتىلگەنلىكى ئۈچۈن ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىنەلمەي ئۆزلۈكىدىن ئۆلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن كامارنى قۇرت يېيىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
كامارنى ئېتىش ئۇقۇمى چەت ئەللەردە 100 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە. جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە كىشىلەرنىڭ شەيئىلەرگە بولغان تونۇشىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن ئاتا - ئانىلار چىش ئاسراش ئۇقۇمىنى ئاستا - ئاستا قوبۇل قىلىپ، كامارنى ئېتىشنىڭ چىشنى قۇرت يېيىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ياخشى ئۇسۇل ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى.
كامارنى ئۈچ قېتىم ئېتىش كېرەك
كامارنى ئېتىش تېخنىكىسى دېگەنلىك ماتېرىيالنى بالىلار چىشىنىڭ كامىرىغا سۈرۈشتىن ئىبارەت، نۆۋەتتە نۇرغۇن ئاتا – ئانىلاردا بۇ تېخنىكىدا ئىشلىتىلىدىغان ماتېرىيالنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەت خاتىرجەم بولالمايدىغان ئەھۋال مەۋجۇت.
كامارنى ئېتىشكە ئىشلىتىلىدىغان ماتېرىيال ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ. بىر خىلى، ئەينەك ئىئون تۈرىدىكى ئېتىش ماتېرىيالى، بۇ خىل ماتېرىيال ئۆسۈشى ئىنتايىن ناچار، نىسبەتەن نەم بولغان چىشلارغا ۋە ماسلىشىش ئىقتىدارى تۆۋەن بولغان بالىلارنىڭ چىشىغا ئىشلىتىلىدۇ. يەنە بىر خىلى، يۇقىرى مولېكۇلىلىق دېۋىرقاي تىپىدىكى ئېتىش ماتېرىيالى، بۇ ماتېرىيال چىشنىڭ سىرتقىي يۈزىدە سۇ بولسا ئاسان چاپلاشمايدۇ، شۇڭا چىشنىڭ قۇرۇق بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ. يۇقىرىقى ئىككى خىل ماتېرىيالنىڭ ھەممىسى بىخەتەر، ئادەم بەدىنىگە زىيانسىز بولۇپ، ئاتا – ئانىلار خاتىرجەم ئىشلەتسە بولىدۇ.
بالىلارنىڭ چىشى كۆڭۈلدىكىدەك بولۇشى ئۈچۈن كامارنى ئېتىش مەشغۇلاتىنى ئۈچ قېتىم ئېلىپ بېرىش كېرەك. 3- 4 ياش ۋاقتىدا سۈت چىشنى بىر قېتىم ئېتىش، 6 – 7 ياش ۋاقتىدا تۇراقلىق چىشنى 1 – قېتىم ئېتىش، قالغان تۇراقلىق چىشنى 11 – 12 ياشتا ئېتىش كېرەك. سۈت چىشنى ئېتىشتىكى مەقسەت تۇراقلىق چىشنىڭ سۈت چىش بىلەن نورمال ئالمىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش بولۇپ، بىرىنچى قېتىملىق تۇراقلىق ئېزىق چىشلار تولۇق چىقىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن ئىككىنچى قېتىملىق كامارنى ئېتىش مەشغۇلاتىنى قىلىش كېرەك.
ئاينۇر ھادى تەرجىمىسى