ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش بايلىقى > تارىخى بىلىملەر > تولۇق مەزمۇنى

ئېھرامنىڭ سىرى

ۋاقىت : 2013-06-26 03:06 | مەنبەسى : تور دۇنياسى | ئاپتۇر : admin | تەھرىر : admin | كۆرۇلىشى : قېتىم

 

ئېھرامنىڭ سىرى

ئېھرامنىڭ سىرى
 
بۈگۈن كىتاپ ئىشكاۋىمنى ئاختۇرىۋېتىپ توساتتىن قولۇمغا «دۇنيادىكى قىسما-قىسما ئىشلارنى بىلىۋېلىڭ» دېگەن، مىللەتلەر نەشىرياتى تەرىپىدىن 1995-يىلى 11-ئايدا نەشىر قىلىنغان بىر كىتاپ چىقىپ قالدى. كىتاپنى ئېچىشىمغا مۇشۇ بەت(ئېھرامنىڭ سىرى) كۆرۈندى، بۇرۇنمۇ ئېھرامنىڭ كۆپلىگەن سىرلىرىنى ئاڭلىغان، شۇنداقتىمۇ قىزىقىپ ۋاراقلىسام تۆۋەندىكى مەزمۇنلار مېنى بەكلا قىززىقتۇرىۋالدى.بەلكىم بۇ گەپلەرنى ئاڭلىمىغانلار بولسا تەڭ پايدىلىنامىز دەپ كۇنۇپكا تاختىسىنى چېكىپ ئولتۇرۇپتىمەن. تۆۋەندىكىسى شۇ كىتاپتىكى مېنى بەكرەك قىززىقتۇرىۋالغان بىر قىسىم مەزمۇنلار:
1.مۇتەخەسىسلەر ئېھرامنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمىگە ئاساسەن، چوڭ ئېھرام ياسىلىۋاتقان دەۋردە مىسىردا ئاز دېگەندىمۇ 50 مىلىيون ئادەم بولماي مۇمكىن ئەمەس، دەپ مۆلچەرلىگەن. لېكىن تارىخىي ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا شۇ دەۋردە يەر شارىنىڭ ئومومىي نوپوسى ئاران 20 مىلىيون ئىكەن؛
2.ئېھرامنى ياساشقا لازىملىق تاشلار ناھايتى يىراق جايدى گىزا چۆلىگە يۆتكەپ كېلىنگەن. بۇ تاشلانىڭ چوڭى 50 توننا، كىچىكى 2.5 توننا كېلىدىغان بولۇپ، كۇف ئېھرامىغىلا مۇشۇنداق تاشتىن 2مىلىيون 300مىڭى ئىشلىتىلگەن، شۇڭا بەزىلەر ئېھرامغا ئىشلىتىلگەن تاشلار قۇرۇقلۇق ياكى سۇ قاتنىشى ئارقىلىق ئەمەس بەلكى ھاۋا قاتنىشى ئارقىلىق يۆتكەپ كېلىنگەن، دەرۋەقە يۆتكەپ كەلگۈچىلەر ئىنسانلار ئەمەس تاشقى پىلانىتا ئادەملىرى دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان. تۆۋەندىكى بەزى مىساللار بۇ قاراشنى ئاساس بىلەن تەمىنلىگەن، يەنى:
3.كۇف ئېھرامىنىڭ تەرەپ ئۇزۇنلۇقلىرى ئارىسىدىكى خاتالىق پەرقى 20 سانتېمىتىرغىمۇ يەتمەيدىكەن،  ئۇنىڭ شەرقى شىمال بۇرجىكى بىلەن غەربىي شىمال بۇرجىكى ئوتتۇرىسىدىكى خاتالىق پەرقى 1.27 سانتېمىتىر بولۇپ، خاتالىق نىسبىتىنىڭ بۇنداق تۆۋەن بولۇشى نۇرغۇنلىغان زامانىۋى قۇرۇلۇشلاردىمۇ تېخى كۆرۈلۈپ باققىنى يوقكەن؛
4.كۇف ئېھرامىنىڭ ئېگىزلىكى 146.5 مېتىر بولۇپ، بۇنى 1مىلىياتقا كۆپەيىتكەندە يەرشارى بىلەن قۇياشنىڭ ئارىلىقى يەنى 146مىلىيون 500مىڭ كىلومېتىر بولىدىكەن؛
5.ئېھرامنىڭ ئىككى ھەسسە ئېگىزلىكىنى ئۇلىنىڭ كۆلىمىگە بۆلگەندە چەمبەر تۇراقلىقى 3.14159 چىقىدىكەن، ھالبۇكى ئېھرام ياسىلىپ 3000 يىلچە ۋاقىتتىن كېيىن ئىنسانلار چەمبەر تۇراقلىقىنى ئاندىن مۇشۇنچىلىك توغرا ھېساپلاپ چىقالىغان؛
6. كۇف ئېھرامىنىڭ مېردىئانىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتكەندە يەر شارىدىكى قۇرۇقلۇق بىلەن دېڭىز ئوكيانلار تەپمۇ تەڭ ئىككىگە بۆلۈنىدىكەن؛
7.ئېھرامنىڭ تۆت تەرىپى دەل شەرق، غەرپ، جەنۇپ ۋە شىمال تەرەپلەرگە توغرا كېلىدىكەن؛
8.ئېھرامنىڭ ئايلانما ئۇزۇنلۇقى دەل بىر يىلنىڭ كۈن سانىغا توغرا كېلىدىكەن، يەنى 365.24 مېتىر بولىدىكەن؛ئايلانما ئۇزۇنلۇقىنى ئىككىگە كۆپەيىتكەندە دەل ئېكۋاتورنىڭ دىۋىسونى(بۇ گەپنىڭ مەنىسىنى مەنمۇ بىلمىدىم) چىقىدىكەن؛
9.ئېھرامنىڭ ماسسىسىنى 10نىڭ 15-دەرىجىسىگە كۆپەيىتكەندە توپتوغرا يەرشارىنىڭ ماسسىسى چىقىدىكەن؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېھرامنىڭ ئېغىرلىق مەركىزى توپتوغرا يەرشارىدىكى ھەرقايسى چوڭ قۇرۇقلۇقلارنىڭ تارتىش كۈچى مەركىزىگە توغرا كېلىدىكەن؛
10.يەرشارىنىڭ ئىككى قۇتۇپىدىكى ئوق مەركىزىنىڭ ئورنى ھەركۈنى دېگۈدەك ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان بولۇپ، ھەر 2200يىلدا يېڭى بىر ئېكىلىپتىك بەلباغ يۇلتۇز تۈركۈمى پەيدا بولىدىكەن، ھەر 25مىڭ 877يىلدا بۇ يۇلتۇز تۈركۈمى بۇرۇنقى ئورنىغا بېرىپ قىلىدىكەن، بىراق كۇف ئېھرامىنىڭ ئوق مەركەزلىرىنى تۇتاشتۇرغۇچى سىزىقلىرىنىڭ يىغىندىسىمۇ 25مىڭ 826 ئىكەن ، بۇ نېمىدىگەن ئوخشاشلىق ھە!
11.ئالىملار ئېھرامنىڭ ئىچىدىكى بىر چېلەكتىن ئىت مۈشۈك قاتارلىقلارنىڭ جەسىتىنى بايقىغان، بىراق قىزىقارلىقى شۇكى چىلەكنىڭ ئىچى شۇنچە نەم بولسىمۇ بۇ جەسەتلەر چىرىپ كەتمەي  قۇرۇپ مۇميا بولۇپ قالغان، ئەسلىدە ئېھرامنىڭ قۇرۇلمىسى بىر قەدەر ياخشى مىكرو دولقۇنلۇق رىزونانىسلىق كاۋاك قۇرۇلما بولۇپ، مىكرو دولقۇنلۇق ئېنىرگىينىڭ تەسىرىدە باكتىرىيلەر ئۆلگەن ھەم جەسەت قۇرۇپ مۇمياغا ئايلىنىپ قالغان. ئەجەپلىنەرلىكى شۇكى ئۇ ۋاقىتتىكى كىشىلەر مىكرو دولقۇندىن پايدىلىنىشنى قانداق بىلگەندۇ؟
ئەمدى گەپ بۇ ئېھرامنىڭ ئورنىنى كىم تاللىغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇ چوقۇم يەرشارىنىڭ قۇرۇلمىسىنى پىششىق بىلىدىغان بىرسى، بىراق بۇنىڭدىن 4-5مىڭ يىل بۇرۇنقى ئىنسانلاردا بۇنداق ئىقتىدارنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس.
ئۇنداق بولسا ئېھرام راسىتتىنلا ئىنسانلارنىڭ ئىجادىيتىمۇ؟ ياكى بۇ قۇرۇلۇشنى ياساپ قويۇپ سىرلىق ھالدا يوقالغان تاشقى پىلانىتلىقلار مەۋجۇتمۇ ؟ كۆپچىلىكنىڭ بۇ ھەقتە  بىلىدىغانلىرى بولسا ئورتاقلاشساق.......

(تەھرىر : admin)

ئېسىلكەن
(4)
80%
ناچاركەن
(1)
20%

«ئېھرامنىڭ سىرى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ