شىنجاڭنىڭ داچەن پۇللىرى
شىنجاڭنىڭ داچەن پۇللىرى
مۇھەممەد تۇراپ
شىنجاڭنىڭ داچەن پۇللىرى ئېلىمىزنىڭ پۇل تۈرلىرى ئىچىدىكى بىر مۇستەقىل پۇل بولۇپ، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە يەرلىك پۇلى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ قۇيۇلۇش ئۇسلۇبى ئۆزگىچە، ساقلىنىش مىقدارى ئاز بولغاچقا، بۈگۈنكى كۈندە پۇل يىغىپ ساقلاش ساھەسىدە ئەتىۋارلىق پۇل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
شىنجاڭنىڭ داچەن پۇللىرىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى چىڭ سۇلالىسىنىڭ كاڭشى خان دەۋرىگە سۈرۈشكە بولىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرىدىن غالدان قاتارلىقلار چاررۇسىيە بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، چىڭخەي ۋە شىزاڭ قاتارلىق جايلارغا تاجاۋۇز قىلغان. كاڭشى خان بىلەن جۇڭغارلار ئوتتۇرسىدىكى ئۇرۇش چىڭ سۇلالىسىنىڭ خانى كاڭشىنىڭ شىنجاڭنى بىرلىككە كەلتۈرگىچە داۋاملاشقان. ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئەينى ۋاقىتتا چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى جەنۇبىي شىنجاڭدا ئوبوروت قىلىنىۋاتقان كونا پۇللارنى يىغىۋېلىپ، يېڭى پۇل قۇيۇپ تارقاتقان، بۇ خىل پۇل ساپ كۈمۈشنى خام ئەشيا قىلىپ قۇيۇلغانلىقتىن ‹‹داچەن پۇل›› دەپ ئاتالغان. چىڭ سۇلالىسى چيەنلوڭنىڭ 24-يىلى (1759-يىل) شىنجاڭ بىرلىككە كېلىشتىن بۇرۇن جۇڭغار خانلىقى قۇيغان ئېلىپىس شەكىللىك تۆشۈكسىز قىزىل مىس پۇل كونا پۇل ياكى يېڭى داچەن پۇل دەپ ئاتالغان. بىرلىككە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن قۇيۇلغان چاسا تۆشۈكلۈك يۇمىلاق پۇل يېڭى پۇل ياكى داچەن دەپ ئاتالغان. يېڭى ۋە كونا ئىككى خىل پۇل ئۇزۇن مۇددەت ئوبوروت قىلىنىش داۋامىدا يەرلىكتىكى خەنزۇلار تەرىپىدىن ‹‹خۇڭچەن›› دەپ ئاتالغان بولسا، ئاز سانلىق مىللەتلەر تەرىپىدىن داچەن پۇل دەپ ئاتالغان. يەكەن پۇل قۇيۇش ئىدارىسى قۇيغان ‹‹چيەنلۇڭ توڭباۋ›› دېگەن خەنزۇچە خەتلىك پۇلنىڭ تەتۈر يۈزىگە مانجۇ ۋە ئۇيغۇر يېزىقلىرى چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى داچەن پۇللىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. چىڭ سۇلالىسى داۋگۇاڭنىڭ 8-يىلى (1828-يىلى) ئون مىسقال دېگەن مىس پۇل قۇيۇلغان بولۇپ، بۇ پۇل ئىككى داچەنگە باراۋەر كەلگەن. چىڭ سۇلالىسى شەنپېڭنىڭ 3-يىلى (1853-يىلى) پۈتۈن مەملىكەت بويىچە مالىيەدە قىيىنچىلىق كۆرۈلگەچكە، شىنجاڭدا ئىچكىرىگە ئوخشاش داچەن پۇل قۇيۇلغان، ئۇزاق ئۆتمەي بۇ خىل داچەن پۇلنى قۇيۇش ئىشى توختاپ قېلىپ، پەقەت ئىككى داچەنگە سۇندۇرۇلغان ئون مىسقاللىق پۇل ساقلاپ قېلىنغان. گۇاڭشۈنىڭ تۇنجى يىلى ئىككى داچەنگە سۇندۇرۇلغان ئون مىسقاللىق پۇلنىڭ كۇرسى چۈشۈپ، بىر مىسقاللىق داچەن پۇل قاتارىدا ئوبوروت قىلىنغان. داچەن پۇل ئۇزۇن يىلغىچە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى سەككىز شەھەردە ئوبوروت قىلىنىش بىلەن چەكلەنگەن. ‹‹شىنجاڭنىڭ خەرىتىلىك تەزكىرىسى . ئوزۇق-تۈلۈكلەر 3-مىس پۇللار 2-سى››دە خاتىرىلىنىشىچە، شەرقتە قاراشەھەردىن سۇبېشى بۇددا ئىبادەتخانىسىغىچە بولغان جايلاردا، جۈملىدىن، توقسۇندىن ئۆتكەندە داچەن پۇلنىڭ ئوبوروت قىلىنىشىنى نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولمايدۇ، دېيىلگەن. بۇنىڭدىن داچەن پۇلنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدا ئوبوروت قىلىنغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. شىمالىي شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرى ئىچكىرىدە ئوبوروت قىلىنغان داچەن پۇلغا ئوخشايدىغان داچەن پۇل ئوبوروت قىلغان. جەنۇبىي شىنجاڭىڭ داچەن پۇللىرى بىلەن شىمالىي شىنجاڭنىڭ داچەن پۇللىرى رايون ئايرىپ ئوبوروت قىلىنغان. بۇ چىڭ سۇلالىسىنىڭ كۈمۈش پۇل بىرلىك تۈزۈمىگە ئاساسەن، چوڭ پۇللارغا كۈمۈش، كىچىك پۇللارغا مىس ئىشلەتكەنلىكى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭ داچەن پۇللىرىنىڭ ئوبوروتىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن، داچەن پۇللارنى سىرتقا ئاقتۇرماسلىقنى بەلگىلىگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.
گۇاڭشۈنىڭ 4-يىلى (1878-يىل)نىڭ بېشىدا چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى ياقۇپبەگ باندىتلىرىنىڭ مالىمانچىلىقلىرىنى ئۈزۈل-كېسىل تازىلاپ، تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدىكى ئىككى يولنى پۈتۈنلەي ئەسلىگە كەلتۈرگەن. بۇ مەزگىلدە پۇل ئىگىلىكى جەھەتتە ئۇزۇن مۇددەتكىچە جەنۇبىي شىنجاڭدا داچەن، شىمالىي شىنجاڭدا ئىچكىرىنىڭكىگە ئوخشايدىغان داچەن پۇل ئوبوروت قىلىنغاندىن باشقا، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدا بىرلا ۋاقىتتا يەنە كونا پۇل، يېڭى پۇل ۋە ياقۇپبەگنىڭ پۇللىرىدىن ئىبارەت ئۈچ خىل پۇل ئوبوروت قىلىنغان. ئىلى رايۇنىنى پۈتۈنلەي چاررۇسىيە پۇللىرى كونترۇل قىلىۋالغان. ئۈرۈمچى ئەتراپلىرىدا داچەن پۇل كەمچىل بولغاچقا، ياقۇپبەگنىڭ كۈمۈش تەڭگىلىرى ئوبوروت قىلىنغان. بۇنىڭ بىلەن پۇل ئوبوروتى زور دەرىجىدە قالايمىقانلىشپ، تاۋار ئوبوروتى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئېغىر دەرىجىدە چەكلىمىگە ئۇچرىغان. نەتىجىدە دۆلەنىڭ باج خىراجىتىنى يىغىشى ۋە ئاۋام-پۇقرالارنىڭ پۇل ئىشلىتىشىدە ئېغىر قولايسىزلىقلار كېلىپ چىققان.
گۇاڭشۈنىڭ 10-يىلى (1884-يىل) شىنجاڭ ئۆلكە بولۇپ قۇرۇلغاندىن كېيىن، پۇل قۇيۇش ئۇسۇلى بىرلىككە كەلتۈرۈلۈپ پۇل تۈزۈمى ئىسلاھ قىلىنغان. باش مۇپەتتىش ليۇجىنتاڭ داچەن پۇلنى شىنجاڭدا پۇل قۇيۇش ئۇسۇلىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنىڭ ئاساسى قىلىپ، داچەن پۇلنىڭ قىممىتىنى بىر مىسقال تۆت سىنت قىلىپ بەلگىلىگەن بولۇپ، 500 مىسقال داچەن پۇل ئىچكىرىنىڭكىگە ئوخشايدىغان 2000 مىسقال داچەنگە توغرا كەلگەن. تەننەرخ خىراجىتىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچىدە دىخۇا پۇل قۇيۇش ئىدارىسى تەسىس قىلىنىپ داچەن پۇل قۇيۇپ تارقىتىلغان، نەنسەندىكى مىس كاننى قازغان ۋە كۇچا قاتارلىق جايلارغا بېرىپ داچەن پۇل يۆتكەپ كەلگەن. گۇاڭشۈنىڭ 15-يىلى(1889-يىل)، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ چوڭ ئەجدىھا سۈرەتلىك قەغەز پۇلدىن بىر مىليون مىسقال تارقىتىلغان بولۇپ، ھەر بىر ۋارىقىنى 400 مىسقالغا ئۆتىدۇ، بىر سەرگە ئالماشتۇرسا بولىدۇ، دەپ بەلگىلىگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئىچكىرىنىڭكىگە ئوخشايدىغان داچەن پۇللارنىڭ شىمالىي شىنجاڭدا ئوبوروت قىلىنىشى توختىتىلىپ، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدا پۇل بىرلىككە كېلىپ، داچەن پۇل پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسىدە ئوبوروت قىلىنغان.
يۇقىرىقىلاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، شىنجاڭنىڭ داچەن پۇللىرى جۇڭغار خانلىقى دەۋرىدە قۇيۇلۇشقا باشلىنىپ، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدە راۋاجلىنىپ، چىڭ سۇلالىسىنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرىدە گۈللەنگەن، ئۇ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت-سەنئەت قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەرگە چېتىلغان. شىنجاڭنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىش شىنجاڭنىڭ پۇل تەرەققىيات تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىن ئايرىلالمايدۇ، شىنجاڭنىڭ پۇل تارىخىنى تەتقىق قىلىش يەنە شىنجاڭنىڭ داچەن پۇللىرىنى تەتقىق قىلىشتىن ئايرىلالمايدۇ.
چىڭ سۇلالىسى چيەنلۇڭ خان دەۋرىدىن باشلاپ، شىنجاڭدا ئوبوروت قىلىنىدىغان پۇللارنىڭ شەكلى ھەققىدە ئېنىق بەلگىلىمە چىقارغان. شىنجاڭدا قۇيۇلغان پۇللار قىزىل مىسنى خام ئەشيا قىلغاچقا، قىزىل رەڭدە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ قىزىل پۇلى داچەن پۇل( چاقا) دەپ ئاتالغان. پۇلنىڭ تەتۈر يۈزىگە مانجۇ يېزىقلىرى چۈشۈرۈلگەنلىرىمۇ، ئۇيغۇر يېزىقلىرى چۈشۈرۈلگەنلىرىمۇ بار. چيەنلۇڭ دەۋرىدىن باشلاپ جياچىڭ، داۋگۇاڭ، تۇڭجى، گۇاڭشۈ ۋە شۈەنتۇڭ خانلار يىلنامىسى چۈشۈرۈلگەن داچەن پۇللارنى قۇيدۇرغان. بۇ خىل پۇللار 150 يىللىق تارىخنى بېسىپ ئۆتكەن بولۇپ، قۇيۇلغان ۋاقتى ئۇزۇن بولسىمۇ قۇيۇلۇش مىقدارى ئاز. شىنجاڭنىڭ بۇ خىل داچەن پۇللىرى ئىچىدە قىممەتلىك دەپ ھېسابلانغان داچەن پۇللارمۇ بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە يەكەن پۇل قۇيۇش ئىدارىسى قۇيغان خەنزۇچە ‹‹چيەنلۇڭ تۇڭباۋ›› خەتلىك پۇللار كونا پۇل بولغان داچەن پۇلغا نىسبەتەن شىنجاڭنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى قىزىل داچەن پۇللىرى ھېسابلىنىدۇ.
شىنجاڭ ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، تارىختىكى مەركىزىي ھۆكۈمەتلەر بۇ رايونغا بولغان باشقۇرۇشنى تەدرىجىي كۈچەيتكەن. چىڭ سۇلالىسىنىڭ كاڭشى خان يىللىرىدا جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرىدىن غالدان قاتارلىقلار چاررۇسىيە بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلغانلىقتىن، كاڭشى خان كۆپ قېتىم لەشكەر تارتىپ قالايمىقانچىلىقلارنى بېسىقتۇرغان. 17-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدە جۇڭغار قەبىلىسى يەنە بىر قېتىم ئىسيان كۆتەرگەندە چيەنلۇڭ خان لەشكەر تارتىپ شىنجاڭنىڭ ئىلى رايونىدا ئىلى گېنىرال مەھكىمىسى قۇرغان، چيەنلۇڭنىڭ 24-يىلى چىڭ ئوردىسى يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن يەكەندە پۇل قۇيۇش ئىدارىسى قۇرۇپ، كۆيدۈرۈلگەن كونا داچەن پۇللارغا تايىنىپ خەنزۇچە ‹‹چيەنلۇڭ تۇڭباۋ›› خەتلىك يېڭى داچەن قۇيۇپ ئوبوروتقا قاتناشتۇرغان. بۇ خىل پۇلنىڭ ئوڭ تەرىپىگە خەنزۇچە ‹‹چيەنلۇڭ تۇڭباۋ›› دېگەن خەت، تەتۈر يۈزىگە ئۇيغۇرچە ‹‹يەكەن›› دېگەن خەت ۋە مانجۇ يېزىقى چۈشۈرۈلگەن. ئەينى ۋاقىتتا ‹‹يەكەن›› دېگەن مانجۇچە خەت توغرا تەرجىمە قىلىنمىغاچقا، ‹‹يەرچىم›› دەپ يېزىلىپ قېلىپ، ئىككى يىلدىن كېيىن ‹‹يەكەن›› دەپ ئۆزگەرتىلگەن. ‹‹يەرچىم›› دېگەن مانجۇچە خەت ناھايىتى ئۇچۇق بولۇپ، پۇل قېلىن ھەم ئېغىر، مىسنىڭ ساپلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغاچقا، بۇ خىل پۇل كەمدىن-كەم تېپىلىدىغان ئەتىۋارلىق پۇل دەپ قارالغان. چيەنلۇڭنىڭ 26-يىلى ئاقسۇدا پۇل قۇيۇش ئىدارىسى قۇرۇلۇپ، چيەنلۇڭنىڭ 30-يىلى ئاقسۇ پۇل قۇيۇش ئىدارىسى ئۇچتۇرپانغا كۈچۈرۈلۈپ، ئۇچتۇرپان پۇل قۇيۇش ئىدارىسى قۇرۇلغان. چيەنلۇڭنىڭ 40-يىلى ئىلى غۇلجا پۇل قۇيۇش ئىدارىسى قۇرۇلۇپ، خەنزۇچە ‹‹چيەنلۇڭ توڭباۋ›› دېگەن خەت چۈشۈرۈلگەن داچەن قۇيۇلغان. ئاقسۇ پۇل قۇيۇش ئىدارىسى ۋە ئۇچتۇرپان پۇل قۇيۇش ئىدارىسى تەتۈر يۈزىگە مانجۇچە، ئوڭ يۈزىگە ئۇيغۇرچە ئىدارە نامى چۈشۈرۈلگەن داچەن پۇل تارقاتقان. ئىلى غۇلجا پۇل قۇيۇش ئىدارىسى قۇيۇپ تارقاتقان داچەن پۇلنىڭ تەتۈر يۈزىگە ئۇيغۇرچە خەت چۈشۈرۈلمەي، بەلكى مانجۇچە خەت چۈشۈرۈلگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن جياچىڭ، داۋگۇاڭ، شيەنفېڭ، گۇاڭشۈ يىللىرىدا خەنزۇچە ‹‹چيەنلۇڭ تۇڭباۋ›› خەتلىك داچەنلەر قەرەللىك تۈردە قۇيۇپ تارقىتىلغان. ئۇيغۇرچە ئاقسۇ، كۇچا، قەشقەر دېگەندەك خەتلەر چۈشۈرۈلگەن داچەن پۇللارمۇ قۇيۇپ تارقىتىلىپ، بازارنىڭ پۇلغا بولغان ئېھتىياجىغا ماسلاشتۇرۇلغان.
چىڭ سۇلالىسىنىڭ جياچىڭ يىللىرىدا، شىنجاڭدا پەقەت ئاقسۇ پۇل قۇيۇش ئىدارىسى ۋە ئىلى غۇلجا پۇل قۇيۇش ئىدارىسىلا پۇل قۇيۇپ تارقاتقان. ئاقسۇ پۇل قۇيۇش ئىدارىسىنىڭ ‹‹جياچىڭ تۇڭباۋ›› دېگەن خەنزۇچە خەتلىك داچەن پۇللىرىنىڭ تەتۈر يۈزىنىڭ سول تەرىپىگە مانجۇچە، ئوڭ تەرىپىگە ئۇيغۇرچە ‹‹ئاقسۇ›› دېگەن خەت چۈشۈرۈلگەن. ئىلى غۇلجا پۇل قۇيۇش ئىدارىسى قۇيۇپ تارقاتقان خەنزۇچە ‹‹جياچىڭ تۇڭباۋ›› دېگەن خەت چۈشۈرۈلگەن داچەن پۇللارنىڭ ئوڭ يۈزىگە ‹‹جياچىڭ تۇڭباۋ›› دېگەن خەت، تەتۈر يۈزىگە مانجۇچە ‹‹ئىلى›› دېگەن خەت چۈشۈرۈلگەن.
ئاقسۇ پۇل قۇيۇش ئىدارىسى ۋە ئىلى غۇلجا پۇل قۇيۇش ئىدارىسى خەنزۇچە ‹‹داۋگۇاڭ تۇڭباۋ›› خەتلىك داچەن پۇل قۇيۇپ تارقاتقان. پۇلنىڭ تەتۈر يۈزىدىكى ئۆزگىرىش ‹‹جياچىڭ تۇڭباۋ›› خەتلىك داچەن پۇللاردىن مۇرەككەپ بولغان. ئاقسۇ پۇل قۇيۇش ئىدارىسى قۇيغان داچەن پۇللارنىڭ تەتۈر يۈزىدىكى خەتلەر بىر قانچە تۈرلۈك بولۇپ، مانجۇچە ۋە ئۇيغۇرچە ‹‹ئاقسۇ›› دەپ خەت چۈشۈرۈلگەنلىرى، بەزىلىرىدە مانجۇ ۋە ئۇيغۇر يېزىقىدا ‹‹ئىدارە ئىسمى›› دېگەن خەت، ھەمدە ‹‹8-يىلى›› دېگەن رەقەم چۈشۈرۈلگەن، ئايرىملىرىدا ‹‹بەش›› ياكى ‹‹ئون›› دېگەن رەقەملەرمۇ بار. ئىلى غۇلجا پۇل قۇيۇش ئىدارىسى قۇيغان داچەن پۇللاردا مانجۇچە ‹‹ئىلى›› دېگەن خەت چۈشۈرۈلگەن. كۇچا پۇل قۇيۇش ئىدارىسى گۇاڭشۈ يىللىرىدا ‹‹گۇاڭشۈ تۇڭباۋ›› خەتلىك داچەنلەرنى قۇيۇپ تارقىتىپ ئوبوروت قىلغان.
شيەنفېڭنىڭ تۇنجى يىلى يەكەن، ئاقسۇ، كۇچا، ئىلى غۇلجا قاتارلىق پۇل قۇيۇش ئىدارىلىرى خەنزۇچە ‹‹شيەنفېڭ تۇڭباۋ›› خەتلىك داچەن پۇل قۇيۇپ تارقاتقان بولۇپ، ئىلگىرى قۇيۇلغان چيەنلۇڭ، جياچىڭ، داۋگۇاڭ قاتارلىق خانلارنىڭ پۇل تۈزۈمىنى قوللىنىپ، ئوڭ يۈزىگە خەنزۇچە خەت، تەتۈر يۈزىگە ئىدارە ئىسمى چۈشۈرۈلگەن. يەكەن پۇل قۇيۇش ئىدارىسى چيەنلوڭنىڭ 33-يىلى پۇل قۇيۇشنى توختاتقاندىن كېيىن، يېڭىۋاشتىن شيەنفېڭ يىلنامىسىدىكى داچەن پۇللارنى قۇيۇپ تارقاتقان بولۇپ، ئوڭ يۈزىگە ئۇيغۇرچە ‹‹يەكەن›› دېگەن خەت ۋە ‹‹ئون›› دېگەن خەت، تەتۈر يۈزىگە مانجۇچە خەت چۈشۈرۈلگەن. ئاقسۇ پۇل قۇيۇش ئىدارىسى قۇيغان داچەن پۇللارنىڭ تەتۈر يۈزىگە مانجۇچە، ئوڭ يۈزىگە ئۇيغۇرچە ‹‹ئاقسۇ بەش داچەن››، ‹‹ئون داچەن›› دېگەن خەتلەر چۈشۈرۈلگەن. يەكەن پۇل قۇيۇش ئىدارىسى قۇيغان شيەنفېڭنىڭ تۇنجى يىلىدىكى ئون داچەنلىك ‹‹شيەنفېڭ تۇڭباۋ›› داچەن پۇللىرىدىن باشقا يەنە 50 داچەن ۋە 100 داچەنلىك ئىككى خىل پۇل قۇيۇپ تارقاتقان. 50 داچەنلىك پۇلغا خەنزۇچە ‹‹شيەنفېڭ جۇڭباۋ›› دېگەن خەت، 100 داچەنلىك پۇلغا ‹‹شيەنفېڭ يۈەنباۋ›› دېگەن خەت چۈشۈرۈلگەن. ئاقسۇ پۇل قۇيۇش ئىدارىسى ۋە كۇچا پۇل قۇيۇش ئىدارىسى قۇيغان داچەنلەر يەكەن پۇل قۇيۇش ئىدارىسىنىڭ داچەن پۇللىرىغا ئوخشاش بولۇپ، 10 داچەنلىك ‹‹شەنفېڭ جۇڭباۋ›› داچەن پۇلى ۋە 100 داچەنلىك ‹‹شيەنفېڭ جۇڭباۋ›› داچەن پۇلى تارقاتقان. ئىلى غۇلجا پۇل قۇيۇش ئىدارىسى تۆت داچەنلىك، 50 داچەنلىك، 500 داچەنلىك، 1000 داچەنلىك پۇل قۇيۇپ تارقاتقان. دىخۇا (ئۈرۈمچى) پۇل قۇيۇش ئىدارىسى شيەنفېڭنىڭ 5-يىلى داچەن پۇل قۇيۇپ تارقاتقان بولۇپ، بۇ پۇللار سەككىز داچەنلىك ‹‹شيەنفېڭ جۇڭباۋ››، 10 داچەنلىك ‹‹شيەنفېڭ جۇڭباۋ›› ۋە 80 داچەنلىك ‹‹شيەنفېڭ يۈەنباۋ››دىن ئىبارەت ئۈچ خىل داچەن پۇل تارقاتقان.
تۇڭجى يىللىرىغا كەلگەندە يەكەن، ئاقسۇ، كۇچا ۋە ئىلى غۇلجا پۇل قۇيۇش ئىدارىسى بەش داچەنلىك ۋە ئون داچەنلىك ‹‹تۇڭجى تۇڭباۋ›› خەتلىك داچەن پۇل قۇيغان بولۇپ، ئىلى غۇلجا پۇل قۇيۇش ئىدارىسى يەنە تۆت مىسقاللىق ‹‹تۇڭجى تۇڭباۋ›› خەتلىك پۇل قۇيغان. گۇاڭشۈ خان زامانىسىدا كۇچا پۇل قۇيۇش ئىدارىسى ‹‹تۇڭجى تۇڭباۋ›› خەتلىك داچەن پۇل قۇيۇپ تارقاتقان. پۇللارنىڭ تەتۈر يۈزىدىكى ئۆزگىرىشلەر بىرقەدەر كۆپ بولۇپ، يۇلتۇز ۋە ئاينىڭ شەكلى چۈشۈرۈلگەن.
گۇاڭشۈ يىللىرىدا شىنجاڭدا ئاقسۇ ۋە كۇچا پۇل قۇيۇش ئىدارىسى ‹‹گۇاڭشۈ تۇڭباۋ›› خەتلىك داچەن پۇل قۇيۇپ تارقاتقان ۋە ئوبوروتقا قاتناشتۇرغان.
شۈەنتۇڭ يىللىرىدا مەملىكەتنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدىىكى پۇل قۇيۇش ئىدارىلىرى پۇل قۇيۇشنى توختاتقان بولۇپ، پەقەت كۇچا پۇل قۇيۇش ئىدارىسىلا ‹‹شۈەنتوڭ تۇڭباۋ›› خەتلىك داچەن پۇلنى قۇيۇپ تارقاتقان. پۇلنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ۋە ئېغىرلىقى بىلەن ئادەتتىكى ‹‹باۋ›› خېتى بار داچەن پۇللار ئوخشىشىپ كېتىدۇ، بۇ داچەن پۇل شىنجاڭ داچەن پۇللىرىنىڭ بىر تۈرى، ئەمما بۇنداق داچەن پۇللارنىڭ سانى ناھايىتى ئاز.
(تەھرىر : admin)
«شىنجاڭنىڭ داچەن پۇللىرى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: شىنجاڭ يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان پۇل تارىخىنىڭ دەۋ
- ئۇيغۇرلاردا قۇش پەيلىرىنىڭ تارىخ ۋە مەد
- «ئوغۇزنامە» ئېپوسىدىن قەدىمكى ئەجدادلى
- ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئوسما، يىلىم قويۇش ئا
- ئۇيغۇر ئۆرۈپ ئادەتلىرىدىكى 62 خىل تەربىي
- ئۇيغۇرلارنىڭ نان مەدەنىيىتى
- ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ كىيمى
- ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارن
- 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىكى ئوتتۇرا ئ
- سوۋىت -گېرمان ئۇرۇشىنىڭ بىرىنچى جېڭىدىك
- پەرغانە ۋادىسىدىكى يوقىلىپ كەتكەن خەلق
- قاغىلىق جامەسىنىڭ بىنا قىلىنىشى توغرىس
- بابۇر قانداق كېسەل بىلەن ۋاپات بولغان؟
- جەنۇبىي شىنجاڭ ئۇيغۇر خرىستىيان ئۇيۇشم
- قەشقەر ئەسكىسار قەلئەسى ۋە قەشقەر يېڭى
- ماۋجۇشى بىلەن شىنجاڭ مەسلىسى ئۈستىدە سۆ
- ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ قۇرۇلۇ
- ئۇيغۇرلاردا قۇش پەيلىرىنىڭ تارىخ ۋە مەدەنىيە
- «ئوغۇزنامە» ئېپوسىدىن قەدىمكى ئەجدادلىرىمىز
- ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئوسما، يىلىم قويۇش ئادىتى
- ئۇيغۇر ئۆرۈپ ئادەتلىرىدىكى 62 خىل تەربىيە
- ئۇيغۇرلارنىڭ نان مەدەنىيىتى
- ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ كىيمى
- ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مە
- 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا
- سوۋىت -گېرمان ئۇرۇشىنىڭ بىرىنچى جېڭىدىكى 22 ئۇ
- پەرغانە ۋادىسىدىكى يوقىلىپ كەتكەن خەلق -ئۇي
- سوۋىت -گېرمان ئۇرۇشىنىڭ بىرىنچى جېڭىدىكى 22 ئۇ
- پەرغانە ۋادىسىدىكى يوقىلىپ كەتكەن خەلق -ئۇي
- 5-ئاينىڭ 5-كۈنى «ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىم
- تارىختا ئەڭ كۆپ زېمىن ئىگىلىگەن مەشھۇر ئىمپې
- ئۇيغۇرلاردا لۇغەتچىلىك-لۇغەتچىلىك تارىخىمىز
- ئاق تاغلىق غوجىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ھايا
- ئۇيغۇرلارنىڭ سالاملىشىش، كۆرۈشۈش ۋە ھال– ئە
- خوتەن قەغەزچىلىكى ۋە ئۇنىڭ باش – ئاخىرى
- «مۇقام» ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە
- ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكل
- ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مە
- ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى ھەققىدە مۇپ
- بارىن ۋەقەسىدىن ھەقىقىي خاتىرە
- ئامېرىكا ئاتوم بومبىسى ئارقىلىق سوۋېت ئىتتىپ
- «ش ت تارىخى» غا رەددىيە
- 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا
- ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى كىشى ئىسىملىرى ۋە نۆۋەتتىكى
- چىڭگىزخاننىڭ ئوغۇللىرى قانداق ھۆكۈمرانلىق ق
- قەشقەر ئەسكىسار قەلئەسى ۋە قەشقەر يېڭى شەھەر
- ماۋجۇشى بىلەن شىنجاڭ مەسلىسى ئۈستىدە سۆزلىشى