جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تارىختىكى رەئىسلىرى
![]() |
12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا قەدەر ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدە جەمئىي يەتتە كىشى دۆلەت رەئىسى بولدى ، بۇلار ئايرىم-ئايرىم ماۋ زېدۇڭ ، ليۇ شاۋچى ، لى شيەننيەن ، ياڭ شاڭكۈن ، جياڭ زېمىن ، خۇ جىنتاۋ ، شى جىنپىڭ قاتارلىقلاردىن ئىبارەت . بۇنىڭدىن باشقا ، سۇڭ چىڭلىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پەخرىي رەئىسى بولغان .

بىرىنچى نۆۋەتلىك دۆلەت رەئىسى ماۋ زېدۇڭ ، 1893-يىلى خۇنەننىڭ شياڭتەندە تۇغۇلۇپ ، 1976-يىلى ۋاپات بولغان . 1949-يىلى 9-ئايدىن 1954-يىلى 9-ئايغىچە، 1954-يىلى 9-ئايدىن 1959-يىلى 4-ئايغىچە ئۇدا ئىككى نۆۋەت دۆلەت رەئىسى بولغان.
ماۋ زېدۇڭ ئۇلۇغ ماركىسزمچى ، پىرولتارىيات ئىنقىلابچىسى ، ئىستراتېگىيەچى ۋە نەزەرىيەچى ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسلىق قۇرغۇچىسى ۋە رەھبىرى . 1949-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندا ، ئۇ مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان. 1954-يىلى ، 1-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا، ئۇ رىياسەتچىلىك قىلىپ تەييارلىغان ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى ›› ماقۇللانغان ، ئۇ، بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ 1-نۆۋەتلىك رەئىسلىكىگە سايلانغان ، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 1959-يىلىغىچە بولغان .

ليۇ شاۋچى — 1959-يىلى 4-ئايدىن 1965-يىلى 1-ئايغىچە ، 1965-يىلى 1-ئايدىن 1966-يىلىغىچە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى بولغان .
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىنىڭ بىرى ، جۇڭگونىڭ داڭلىق ئىنقىلابچىسى ، سىياسىيونى ۋە نەزەرىيەچىسى . ئۇ 1898-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى خۇنەندە تۇغۇلغان . 1954-يىلى 4-ئايدا، 2-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە ، دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان .

سۇڭ چىڭلىڭ — 1981-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى 5-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مەزگىلىدە ، سۇڭ چىڭلىڭغا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پەخرىي رەئىسى دېگەن شەرەپلىك نام بېرىلگەن . ئۇ 1893-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى شاڭخەيدە تۇغۇلغان . ئۇنىڭ دادىسى سۈن جۇڭشەننىڭ دوستى بولۇپ ، سۇڭ چىڭلىڭنىڭ تۇنجى ئۇستازى ئىدى . 1981-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى سۇڭ چىڭلىڭنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەسمىي ئەزالىقىغا قوبۇل قىلغانلىقىنى جاكارلىغان . 5-ئاينىڭ 16-كۈنى ، مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى سۇڭ چىڭلىڭغا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پەخرىي رەئىسى دېگەن شەرەپلىك نامنى بەرگەن . ئۇ 1981-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى بېيجىڭدا كېسەل بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن.

لى شيەننيەن — 1983-يىلى 6-ئايدىن 1988-يىلى 4-ئايغىچە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى بولغان . 1909-يىلى خۇبېينىڭ خۇاڭئەن (بۈگۈنكى خۇڭئەن) دە تۇغۇلغان . 1927-يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن . 1983-يىلى 6-ئايدا ، 6-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان . 1992-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى 83 يېشىدا بېيجىڭدا ئالەمدىن ئۆتكەن .

ياڭ شاڭكۈن — 1988-يىلى 4-ئايدىن 1993-يىلى 3-ئايغىچە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى بولغان . ئۇ 1907-يىلى سچۈەننىڭ تۇڭنەندە تۇغۇلغان . 1925-يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىغا كىرگەن ھەمدە شاڭخەي ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان . 1988-يىلى 4-ئايدا 7-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان . 1998-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى بېيجىڭدا 92 يېشىدا ۋاپات بولغان.

جياڭ زېمىن — 1993-يىلى 3-ئايدىن 1998-يىلى 3-ئايغىچە ، 1998-يىلى 3-ئايدىن 2003-يىلى 3-ئايغىچە ئۇدا ئىككى نۆۋەت جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى بولغان .
جياڭ زېمىن 1926-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى جياڭسۇنىڭ ياڭجۇ شەھىرىدە تۇغۇلغان . 1943-يىلىدىن باشلاپ يەر ئاستى پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە قاتناشقان ، 1946-يىلى 4-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن ، 1947-يىلى شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتكۈزگەن . 1993-يىلى 3-ئايدا، 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان . 1998-يىلى 3-ئايدا، 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان .

خۇ جىنتاۋ — 2003-يىىل 3-ئايدىن 2008-يىلى 3-ئايغىچە ، 2008-يىلى 3-ئايدىن 2013-يىلى 3-ئايغىچە ئۇدا ئىككى نۆۋەت جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى بولغان .
ئۇ 1942-يىلى 12-ئايدا ئەنخۇيدا تۇغۇلغان . 1964-يىلى 4-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن ، 1965-يىلى 7-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان ، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشى فاكۇلتېتىنى پۈتكۈزگەن ، ئىنژېنېر. 2003-يىلى 3-ئايدا 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان ، 2008-يىلى 3-ئايدا 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسىلىكىگە ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان.

شى جىنپىڭ — 2013-يىلى 3-ئايدا 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان .
ئۇ 1953-يىلى 6-ئايدا شەنشىنىڭ فۇپىڭدا تۇغۇلغان ، 1969-يىلى خىزمەتكە قاتناشقان ، 1974-يىلى 1-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن ، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئادىمىيەت ۋە ئىجتىمائىي پەنلەر ئىنىستىتۇتى ماركىسزم نەزەرىيەسى ۋە ئىدىيە-سىياسىي كەسپىنى پۈتكۈزگەن ، قانۇنشۇناسلىق دوكتۇرى .
(تەھرىر : ئىزدەن)
« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تارىختىكى رەئىسلىرى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: جۇڭگونىڭ 1-خانىمى پېڭ لىيۈەن تارىختىكى خانىملارنىڭ زىيارەتكە چىقىش ئەنئەنىسىدە ئۆز
- جۇڭگونىڭ 1-خانىمى پېڭ لىيۈەن تارىختىكى خ
- جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تارىختىكى ر
- پەخىرلىك ئالىمىمىز مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ت
- ئەڭ ئۇلۇغ ئالىملار
- ھاجى ئەخمەت
- شائىر، رېژىسسور تاھىر ھامۇتنىڭ قىسقىچە
- پاكىستاننىڭ تىنچلىق ئەلچىسى- مارارا
- كىشىلىك ھەققىدە
- يىڭى يىللىق رەسىم
- نەسىردىن ئەپەندى راستىلا يەكەنلىكمۇ ؟
- جامائەت ئەربابى - تۆمۈر داۋامەت
- ئالما شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى جوبىسنىڭ ئۆ
- ئاۋىستىرالىيە ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى
- تۇرپاندىكى خېزىر خوجا مازىرى
- قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەشھۇر قەھرىمانى
- مەھمۇت مۇھىتى
- جۇڭگونىڭ 1-خانىمى پېڭ لىيۈەن تارىختىكى خانىمل
- جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تارىختىكى رەئىسل
- پەخىرلىك ئالىمىمىز مەھمۇد قەشقەرىنىڭ تۇغۇم،
- ئەڭ ئۇلۇغ ئالىملار
- ھاجى ئەخمەت
- شائىر، رېژىسسور تاھىر ھامۇتنىڭ قىسقىچە تەرجى
- پاكىستاننىڭ تىنچلىق ئەلچىسى- مارارا
- كىشىلىك ھەققىدە
- يىڭى يىللىق رەسىم
- نەسىردىن ئەپەندى راستىلا يەكەنلىكمۇ ؟
- لۇتپۇللا مۇتەللىپ خاتىرە سۆرەتلىر
- قايغۇلۇق خەۋەر
- ئىپارخاننىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى
- نەسىردىن ئەپەندى راستىلا يەكەنلىكمۇ ؟
- يۇسۇپ خاس ھاجىپ توغرىسىدىكى تارىخ
- ئاپاق خوجىنىڭ ئەپتى بەشىرىسى
- زامانىمىزدىكى ئۇيغۇر ئايال زىيالىيلىرى ۋە ئۇ
- XJTVدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر
- سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان
- ئۇرۇش قەھرىمانى زىخىرىللا نادىروف