ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش > ئىمتىھان سۇئاللىرى > باشقا سۇئاللار > تولۇق مەزمۇنى

ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بەلگىلىمىسىگە

ۋاقىت : 2012-04-23 13:10 | مەنبەسى : شىنجاڭ گېزىتى | ئاپتۇر : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم

ش ئۇ ئا ر بۇ يىل ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بەلگىلىمىسىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزدى

 

مۇخبىرنىڭ ش ئۇ ئا ر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئۇقۇشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى يېقىندا «ئاپتونوم رايوننىڭ 2012-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى»(«بەلگىلىمە»)نى مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللاپ، جەمئىيەتكە ئېلان قىلغان.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى سۈن خۇڭشىن تونۇشتۇرۇپ: بۇ يىل ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بەلگىلىمىسى ئۆزگەرتىلدى، دېدى.

ئۆزى ئىمتىھان ئېلىپ، ئۆزى قوبۇل قىلىشنى سىناق قىلىدىغان مەكتەپتىن تۆتى كۆپەيدى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بۇ يىل ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى، قاراماي كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى، شىنجاڭ يېنىك سانائەت كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى، شىخەنزە كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتىدىن ئىبارەت تۆت ئۈلگىلىك ئالىي كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىدە ئۆزى ئىمتىھان ئېلىپ، ئۆزى قوبۇل قىلىشنى سىناق قىلىش ئاساسىدا، شىنجاڭ كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتى، ئۈرۈمچى كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتى، سانجى كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى، ئاقسۇ كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتىنى سىناق نۇقتىسى دائىرىسىگە كىرگۈزدى.

سەنئەت تۈرىدىكى تولۇق كۇرسقا ئۈچ ئارزۇ تولدۇرۇشقا بولىدۇ

مۇمكىنچىلىكىنى دەلىللەش ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى بۇ يىل سەنئەت تۈرىدىكى تولۇق كۇرسنىڭ 0 - تۈركۈمىگە ئارزۇ تولدۇرۇشنى تەڭشىدى، ئىلگىرىكى يىللاردىكى بىرلا مەكتەپنى تاللاپ ئارزۇ تولدۇرۇشنى ئۈچ مەكتەپنى تاللاپ ئارزۇ تولدۇرۇشقا تەڭشەپ، سەنئەت كەسىپلىرىگە ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاللاش پۇرسىتىنى كۆپەيتتى.

تولۇق كۇرسنىڭ 1 - تۈركۈمىگە ئالتە كەسىپنى تاللاپ ئارزۇ تولدۇرۇشقا بولىدۇ.

بۇ يىل ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى كەسىپلەرنى تەڭشەپ، تولۇق كۇرسنىڭ 1-تۈركۈمىگە ئىلگىرىكى ھەر بىر مەكتەپتىن ئۈچ كەسىپنى تاللاشنى ئالتە كەسىپنى تاللاشقا تەڭشەپ، ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەسىپ تاللاش پۇرسىتىنى كۆپەيتتى، بۇ، مەكتەپلەرنىڭ ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارزۇسى بويىچە قوبۇل قىلىشىغا پايدىلىق.

توردا ئارزۇ تولدۇرۇش ۋاقتى تەڭشەلدى

بۇلتۇر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارزۇ تولدۇرۇش ۋاقتى 12-ئىيۇن سائەت سەككىزدىن 17-ئىيۇن سائەت 20گىچە بولغانىدى. بۇ يىل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ توردا ئارزۇ تولدۇرۇش ۋاقتىنى 10-ئىيۇن سائەت سەككىزدىن 15-ئىيۇن سائەت 20گىچە قىلىپ تەڭشىدى.

سۈن خۇڭشىن مۇنداق دېدى: بۇ يىل ج خ رەسمىي مەكتەپلىرى سىياسىي تەكشۈرۈش، يۈزتۇرا ئىمتىھان ئېلىش ۋە سالامەتلىكنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئۆز ئالدىغا ئىشلەيدۇ، ھەربىي مەكتەپ ۋە ج خ مەكتەپلىرىنىڭ بەدەن ئىقتىدارىنى ئۆلچەش، ھەربىي ئىشلار خاراكتېرىدىكى بەدەن تەكشۈرۈش خىزمىتىنى تەڭ ئىشلىمەيدۇ. ئارزۇ تولدۇرۇش ۋاقتى تەڭشەلگەندىن كېيىن، ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار 0 - تۈركۈمدىكى بىرنەچچە تۈرلۈك مەكتەپكە قوشۇمچە ئارزۇ تولدۇرسا، ۋاقتى بولسا ھەر قايسى تەكشۈرۈش نۇقتىلىرى ئارىلىقىدا بېرىپ - كېلىپ يۈرسە بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ۋاقتىدا قانات يايدۇرۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. 

«قوش تىل»لىق سىنىپتا ئوقۇغانلارنىڭ ئىنگلىز تىلى نومۇرى 150كە تەڭشىلىدۇ

بۇ يىلدىن باشلاپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى تولۇق ئوتتۇرىنىڭ «قوش تىل»لىق ئىجتىمائىي پەن سىنىپلىرىنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىشقا باشلايدۇ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە «قوش تىل»لىق ئىجتىمائىي پەن سىنىپلىرىغا ئائىت مەزمۇنلار قوشۇلدى. ئۇنىڭدىن سىرت، باشقا پەنلەرنىڭ نومۇرى بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈشكە قولايلىق بولۇشى، شۇنداقلا قوبۇل قىلغاندا مەكتەپلەرنىڭ پايدىلىنىشىغا پايدىلىق بولۇشى ئۈچۈن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى «قوش تىل»لىق سىنىپتا ئوقۇغانلارنىڭ ئىنگلىز تىلى نومۇرىنى 100دىن 150كە تەڭشىدى، بۇ، ئاڭلاش ئىقتىدارى سىنىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ، نەتىجىسى ئالىي مەكتەپ بىر تۇتاش ئىمتىھان نەتىجىسىگە قوشۇلمايدۇ، ئالىي مەكتەپلەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا پايدىلىنىدۇ.

«ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى»، «مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار كادىرى»لىرىغا نومۇر قوشۇپ بېرىش ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى

ئىتتىپاق مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار ھۆججەتلىرىدىكى تەلەپكە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى 2010-يىلىدىن باشلاپ ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك «ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى»، «ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچىلار كادىرى»نى باھالاش، تەقدىرلەشنى ئەمەلدىن قالدۇردى. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا نومۇر قوشۇپ بېرىش سىياسىتىنىڭ مۇقىملىقى ۋە سىجىللىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، 2009-يىلى ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى يىللاردا «ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى»، «ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچىلار كادىرى» بولۇپ باھالانغانلار 2010-، 2011-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇپ بېرىش ئېتىبار سىياسىتىدىن داۋاملىق بەھرىمەن بولدى. 2012-يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى «ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى»، «ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچىلار كادىرى»غا نومۇر قوشۇپ بېرىشنى ئەمەلدىن قالدۇردى.

سۈن خۇڭشىن مۇنداق دېدى: ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرى شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى (www.xjzs.edu.cn)غا چىقىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بۇ يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سىياسىتىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ۋە بەلگىلىمىلەرنىڭ ئەسلىي نۇسخىسىنى تەپسىلىي كۆرۈۋالسا بولىدۇ.

(تەھرىر : ئىزدەن)

ئېسىلكەن
(4)
66.7%
ناچاركەن
(2)
33.3%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ