قانۇن ئىجرا سالاھىيەت ئىمتىھان سوئالى2
ئاپتونوم رايون بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىدىكى خەلق ساقچىلىرىدىن قانۇن ئىجرا قىلىش سالاھىيەت دەرىجىسى ئىمتىھان سۇئالى (ئامانلىق باشقۇرۇش C ئىمتىھان سۇئالى)
1. ھۆكۈم قىلىش سۇئالى (ھەر بىرسى 1 نومۇردىن جەمئىي 20 نومۇر)
1. پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش بىلەن قانۇن يۈرگۈزۈش ئورگانلىرىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە مۇستەقىل يۈرگۈزۈشى دۆلىتىمىز «ئاساسىي قانۇنى» دا بەلگىلەنگەن پىرىنسىپ بولۇپ، ئىككىسىنىڭ ئورتاق مەقسىتى دۆلەت قانۇنىنىڭ توغرا يولغا قويۇلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت. √
2. A×× ××B نى رېستۇرانغا تاماققا تەكلىپ قىلغان، B×× يولدا كېتىۋېتىپ قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچراپ ئۆلۈپ كەتكەن، B×× نىڭ ئۆلۈپ كېتىشى A×× نىڭ مۇناسىپ قانۇن جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن. ×
3. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى يېپىق مەزگىلدە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ رۇخسىتىسىز قولغا ئېلىنمايدۇ ياكى جىنايى ئىشلار بويىچە سوتلانمايدۇ. ×
4. خەلق ساقچىلىرى پۇقرالارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى، مال-مۈلك بىخەتەرلىكى دەخلى-تەرۈزگە ئۇچرىغاندا ياكى پۇقرالار باشقا خەتەرلىك ئەھۋالدا قالغاندا دەرھال قۇتقۇزۇشى كېرەك. √
5. جىنايەتچى جىنايەت ئۆتكۈزۈشنى توختىتىپ، خەلق ساقچىلىرىنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنسا، خەلق ساقچىلىرى قورال-ياراغ ئىشلىتىشنى دەرھال توختىتىشى كېرەك. √
6. تەكشۈرۈش ئارقىلىق قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىق پاكىتى يوقلۇقى بايقالغان مەمۇرىي دېلونى جامائەت خەۋپسىزلىكى ساقچىخانىسى ياكى ناھىيە دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى مەسئۇلىنىڭ تەستىقى بىلەن تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇرۇش كېرەك. √
7. پۇقراغا توختىتىپ قويۇش تەدبىرى قوللىنىپ، مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە دۆلەت تۆلىمى بېرىلىدىغان بولسا، توختىتىپ قويۇش قارارى چىقارغان ئورگان تۆلەم مەجبۇرىيەت ئورگىنى بولىدۇ. √
8. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىدىكى ساقچى ئىشلىرىنى ئىجرا قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان خەلق ساقچىلىرىغا ساقچى ۋەزىپە تۈرى يولغا قويۇلىدۇ. √
9. نازارەت قىلىش ئاپپاراتى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىدىكى خەلق ساقچىلىرىغا مەمۇرىي چارە كۆرۈش ياكى ئۇلارنىڭ ساقچى ئۇنۋانىنى تۆۋەنلىتىش، ساقچى ئۇنۋانىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا تېگىشلىك دەپ قارىسا، نازارەت قىلىش ئاپپاراتى قارار چىقىرىپ، شۇ دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ مەمۇرىي باشلىقىغا تەستىقلاتقاندىن كېيىن ئىجرا قىلىدۇ. ×
10. ئۇرۇش ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن باشقىلارنى قەستەن زەخىملەندۈرۈش قىلمىشىدىن چېقىلىشقا ئۇچرىغۇچىنىڭ زەخىملەنگەن-زەخىملەنمىگەنلىكىدىن قەتئىينەزەر ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ. √
11. خەلق ساقچىلىرى ساقچى سايمانلىرى ۋە قورال-ياراغلارنى ئىشلەتكەندە قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارنى توسۇپ، كىشىلەرنىڭ ئۆلۈشى، زەخىملىنىشى، مال-مۆلۈك زىيىنىنى ئازايتىشنى پرىنسىپ قىلىشى لازىم. √
12. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغۇچى تاپشۇرغان چوڭ ئاممىۋىي پائالىيەت ھەققىدىكى ئىلتىماس ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ، بىخەتەرلىك ئىجازىتى بېرىشى كېرەك. √
13. پۈتۈن مەملىكەت ياكى تۇرۇشلۇق جايدىكى دۆلەت پىلانى ۋە خەلق تۇرمۇشى، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئاممىۋىي بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ئامانلىق قوغداشتىكى نوقتىلىق ئورۇنلاردۇر. √
14. خەلق ساقچىلىرىدىن پۇقرالارنىڭ كىملىك نومۇرىنى قانۇنسىز ئۆزگەرتكەن ياكى كىملىككە يالغان ئۇچۇرنى قەستەن كىرگۈزگەنلەردىن جىنايەت شەكىللەنمىسە، قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىلىدۇ. √
15. باشقۇرغۇچى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىش پائالىتىدە سىزغان ۋاقىتلىق ئېھتىيات سىزىقنىڭ بەلگىسى روشەن بولۇشى كېرەك، لېكىن توساق قويۇپ قويۇشقا بولمايدۇ. √
16. چەتئەللىكلەرنى مەمۇرىي توختىتىپ قويۇشنى قانۇن بويىچە قارار قىلىشتا، دېلو بېجىرگەن ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى (ناھىيە دەرىجىلىكنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قارار قىلىدۇ، بىر دەرىجە يۇقىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ تەستىقلىشىغا يوللانمايدۇ . ×
17. شەھۋانىي بۇيۇم ئىشلەپ، كۆپەيتىپ، نەشىر قىلىپ، ئېلىپ-سېتىپ، تارقىتىپ پايدا ئېلىش جىنايىتىدە قىلمىشچىنىڭ پايدا ئېلىش مەقسىتىنىڭ ئىشقا ئاشقان-ئاشمىغانلىقى، بۇ جىنايەتنىڭ شەكىللىنىشىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. √
18. ئۆزىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولمىغان يەنە كېلىپ جىددىي تەدبىر قوللىنىشقا تېگىشلىك بولسا ئالدى بىلەن جىددىي تەدبىر قوللىنىپ ئاندىن رەسمىيەت بېجىرىش، مەسئۇل ئورگانغا يۆتكەپ بېرىش كېرەك. √
19. خەلق ساقچىلىرىنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىش ئېغىر جازا بېرىلىدىغان ئامانلىق باشقۇرۇش قىلمىشىدىن ئىبارەت. √
20. «ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى» نىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن شەھۋانىي بۇيۇملارنى توشۇش قىلمىشى سادىر قىلىپ، قايتا-قايتا تەربىيە بېرىلسىمۇ تۈزەتمىگەنلەرگە، دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مەجبۇرىي تەربىيە بېرىش تەدبىرى قوللىنىلسا بولىدۇ. √
2. تاقنى تاللاش سۇئاللىرى (ھەر بىرسى 1 نومۇردىن جەمئىي 30 نومۇر)
1. «ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى»نىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ تۆۋەندىكى قىلمىشلار ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇشنى تەدبىقلاشقا بولىدىغانلىرى ( C ).
A. دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، پارتىلايدىغان، زەھەرلىك، رادىئوئاكتىپلىق، چىرىتكۈچى ماددا ياكى يۇقۇملۇق كېسەل ۋىروسى قاتارلىق خەتەرلىك ماددىلارنى ياساش، ئېلىپ-سېتىش، ساقلاش، توشۇش، پوچتىدىن ئەۋەتىش، ئېلىپ يۈرۈش
B. نېفىت –گاز تۇرۇبىسى ئەسلىھەلىرىنى ئوغرىلاش بۇزىۋېتىش
C. قورال-ياراغ، ئوق-دورا ياكى قونداقلىق ئوقيا، خەنجەر قاتارلىق دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە تىزگىنلىنىدىغان سايمانلارنى قانۇنسىز ئېلىپ يۈرۈش
D. ئىغۋا تارقىتىش، خەتەر ئەھۋالى، كېسەللىك ئەھۋالى، ساقچى ئەھۋالى قاتارلىقلارنى يالغان مەلۇم قىلىش
2. «ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى» دا ئېيتىلغان «مەدەنىيەت، تەنتەربىيە پائالىيتى قاتارلىق چوڭ ئاممىۋى پائالىيەت» ( B )نى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.
A. ناخشا كېچىلىكى
B. تاۋار كۆرگەزمىسى
C. ئەل ئارىسىدىكى ماھارەت مۇسابىقىسى
D. پانۇس كېچىلىكى
3. چىيەنxx تىجارەت قىلىۋاتقان قاۋاقخانا كاساتلىشىپ قالغانلىقتىن، خېرىدار يىغىش ئۈچۈن خۇاڭxx، خۇاxx قاتارلىقلارنى تەشكىللەپ بىر قېتىم كىيىمى سېلىۋېتىلگەن شەھۋانىي ئويۇن قويغان، لېكىن پەقەت بىر نەچچە ئادەملا كۆرگەن، تىجارىتى يەنىلا سوسلىشىپ قالغان، بىر نەچچە كۈن ئۆتمەي باشقىلارنىڭ پاش قىلىشى بىلەن چىيەنxx قاتارلىقلار جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى تەرىپىدىن تۇتۇلغان. چىيەنxx، خۇاڭxx، خۇاxx لەرگە ( B ) جازا بېرىلىدۇ.
A. شەھۋانىي ئويۇن قويۇشقا تەشكىللىگەنلەر بويىچە چىيەنxx نىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ، خۇاڭxx، خۇاxx لەرگە «ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى»نىڭ شەھۋانىي ئويۇن قويغانلار توغرىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئامانلىق جازاسى بېرىلىدۇ
B. چىيەنxx، خۇاڭxx، خۇاxx لەرگە «ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى»نىڭ شەھۋانىي ئويۇن قويۇشقا تەشكىللىگەنلەر، شەھۋانىي ئويۇن قويغانلار توغرىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئامانلىق جازاسى بېرىلىدۇ
C. چىيەنxx كە «ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى»نىڭ شەھۋانىي ئويۇن قويۇشقا تەشكىللىگەنلەر توغرىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئامانلىق جازاسى بېرىلىدۇ، خۇاڭxx، خۇاxx لەرنىڭ جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ
D. چىيەنxx، خۇاڭxx، خۇاxx لەر بىردەك جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ
4. دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، رويخەتكە ئالدۇرماي تۇرۇپ، ئىجتىمائىي تەشكىلات نامىدا پائالىيەت قىلغان، ( A ) گە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ.
A. بىكار قىلىنغاندىن كېيىنمۇ پائالىيتىنى داۋاملاشتۇرىۋەرگەنلەر
B. ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەندىن كېيىنمۇ تۈزەتمىگەنلەر
C. جازالانغاندىن كېيىنمۇ پائالىيتىنى داۋاملاشتۇرىۋەرگەنلەر
D. قىلمىشى ئېغىرراق بولغانلار
5. مېھمانخانا خادىمى جاۋxx مېھمان جاڭxx نىڭ سومكا ئىچىدىكى خەتەرلىك بۇيۇمنى مېھمانخانىغا ئېلىپ كىرگەنلىكىنى كۆرۈپ نەسىھەت قىلغان، لېكىن جاڭxx جاۋxx نىڭ نەسھىتىگە قۇلاق سالمىغان، مېھمانخانا خادىمى جاۋxx كە ( B ).
A. ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ
B. ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلمەيدۇ
C. ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ، لېكىن يېنىك جازا بېرىلىدۇ
D. ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلسە بولىدۇ
6. گۇۋاھچى ۋە ئۇنىڭ يېقىن توغقانلىرىغا زەربە بېرىپ ئۆچ ئېلىش قىلمىشىدىكى گۇۋاھچى ( C ) دىكى گۇۋاھچىدىن ئىبارەت.
A. پەقەت جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى كۆرسىتىدۇ
B. پەقەت ھەق تەلەپ دېلولىرىنى كۆرسىتىدۇ
C. جىنايى ئىشلار، ھەق تەلەپ، مەمۇرىي دېلولار
D. پەقەت مەمۇرىي دېلولارنى كۆرسىتىدۇ.
7. تۆۋەندىكى تاللاشلار ئىچىدىكى بايانلاردىن خاتاسى ( A ).
A. خەلق ساقچىلىرى ئېھتىيات سايمىنى ۋە قورال ئىشلىتىشتە، جىنايەتنى چۆچۈتۈپ پرولتارىيات دېكتاتورىسىنى قوغداشنى پىرىنسىپ قىلىشى كېرەك
B. خەلق ساقچىلىرى ئېھتىيات سايمىنى ۋە قورال ئىشلىتىشتە، ئاددىي يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇش، تەننەرخ ئۈنۈمىدە چىڭ تۇرۇشنى پىرىنسىپ قىلىش كېرەك
C. خەلق ساقچىلىرى ئېھتىيات سايمىنى ۋە قورال ئىشلىتىشتە، قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا ئۈنۈملۈك زەربە بېرىش، ئادەم، مال-مۆلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى پىرىنسىپ قىلىش كېرەك
D. خەلق ساقچىلىرى ئېھتىيات سايمىنى ۋە قورال ئىشلىتىشتە، قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارنى توسۇش، ئادەملەرنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىشىشى، مال-مۆلۈك زىيىنىنى ئىمكانقەدەر ئازايتىشنى پىرىنسىپ قىلىش كېرەك
8. مەخسۇس قوغدىغۇچى، يالاپ توشۇغۇچى خادىملارنىڭ قورال ئىشلەتكەندىن كېيىنكى ھەرىكىتى توغرىسىدا تۆۋەندىكى بايانلاردىن خاتاسى ( C ).
A. مەخسۇس قوغدىغۇچى، يالاپ توشۇغۇچى خادىملارنىڭ قورال ئىشلەتكەندىن كېيىن، ئۆزى تۇرۇشلۇق ئورۇن ۋە دېلو سادىر بولغان جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا دەرھال مەلۇم قىلىشى كېرەك
B. تۇرۇشلۇق ئورۇن ۋە دېلو سادىر بولغان جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېين نەق مەيدانغا بېرىشقا دەرھال ئادەم ئەۋەتىشى كېرەك
C. مەخسۇس قوغدىغۇچى، يالاپ توشۇغۇچى خادىملار تۇرۇشلۇق ئورۇن مەخسۇس قوغدىغۇچى، يالاپ توشۇغۇچى خادىملارنىڭ مەلۇماتىنى تاپشۇرىۋالغاندىن كېيىن، تۇرۇشلۇق جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا دەرھال مەلۇم قىلىشى كېرەك
D. تۇرۇشلۇق جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېين نەق مەيدانغا بېرىشقا دەرھال ئادەم ئەۋەتىشى كېرەك
9. تۆۋەندىكىلەردىن پۇقرالار پارتلاتقۇچ بۇيۇمىنى ئىشلەپچىقىر ىش، سېتىش، سېتىۋېلىش، توشۇش ۋە پارتىلىتىش مەشغۇلاتى بىلەن شۇغۇللانسا بولمايدىغانلار (D ).
A. ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسىغا ئۇچرىغانلار
B. ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەنگەنلەر
C. يىغىۋېلىنىپ تەربىيىلەنگەنلەر
D. جىنايەت ئۆتكۈزۈپ جىنايى جازا بېرىلگەنلەر
10. بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى بىخەتەرلىك ئىجازىتى بېرىدىغان چوڭ ئاممىۋىي پائالىيەت ( B ).
A. ئۆلكە، ئاپتونۇم رايون، بىۋاستە قاراشلىق شەھەردىن ھالقىپ ئۆتكۈزۈلىدىغانلىرى
B. پەرەز قىلىنغان قاتنىشىدىغان ئادەم سانى 5000دىن ئارتۇق بولغانلىرى
C. پەرەز قىلىنغان قاتنىشىدىغان ئادەم سانى 1000 كىشىدىن ئارتۇق، 5000 كىشىدىن ئاز بولغانلىرى
11. مېھمانخانىلار مەسئۇللىرى قانۇنغا خلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرگە قاتناشقان، ئۇلارنىڭ باشقۇرۇشىدىكى مېھمانخانا جىنايى ھەرىكەت سورۇنىغا ئايلىنىپ قالغان بولسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئۇلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرگەندىن باشقا، شۇ مېھمانخانىنى ( ) بىلەن بىرلىشىپ، قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى لازىم.
A. مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلغۇچى تارماق
B. نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ئورگىنى
C. باج ئورگىنى
D. سودا سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى
12. كىملىكنى ياسىۋالغان، ئۆزگەرتىۋالغانلارغا ( D ).
A. ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ
B. مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ
C. ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ
D. قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ
13. «يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىش قانۇنى»دىكى «ئۈستى ئوچۇق جامائەت سورۇنلىرى» نى چۈشنىش توغرىسىدا تۆۋەندىكى تاللاشلاردىن خاتاسى ( B ).
A. جامائەت ئەركىن كىرىپ-چىقىدىغان ئۆينىڭ سىرتىدىكى جامائەت سورۇنى
B. بېلەت بىلەن كىرىپ-چىقىدىغان ئۆينىڭ سىرتىدىكى جامائەت سورۇنى
C. ئورگان باشقۇرىۋاتقان تالادىكى ئىچكى سورۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ
D. كارخانا باشقۇرىۋاتقان تالادىكى ئىچكى سورۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ
14. ( C ) ئەتراپىدىكى 10 مېتردىن 300 مېترغىچە بولغان ئارىلىقتا يىغىلىش ئۆتكۈزۈشكە، نامايىش قىلىشقا، كۈچ كۆرسىتىشكە يول قويۇلمايدۇ. گوۋۇيۈەن ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونۇم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەستىقلىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
A. چەتئەللەرنىڭ جۇڭگۇدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا، كونسۇلخانىلىرى تۇرۇشلۇق جاي
B. تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى
C. ئاۋىئاتسىيە پورتى
D. دۆلەت ئورگانلىرى
15. مەلۇم چەتئەلگە چېتىشلىق رېستۇران دېرىكتۇرى A باشقا جايدىن 10 نەپەر كېلىشكەن يىگىتلەرنى تەكلىپ قىلىپ، مەخسۇس چەتئەللىك ئاياللارنىڭ ئىچىپ،چېكىپ، ئوينىشىغا ھەمدە جىنسىي مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىشىگە سالغان. A بۇ 10 نەپەر كىشىنى قاتتىق باشقۇرغان بولۇپ، ھەر قېتىم جىنسىي مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىگەندە ھەر بىرىدىن 200 يۈەن تونۇشتۇرۇش ھەققى ئالغان. Aنىڭ قىلمىشىدن ( B ).
A. جىنايەت شەكىللەنمەيدۇ
B . ئىپپەت-نۇمۇسىنى سېتىشقا ئويۇشتۇرۇش جىنايتى شەكىللىنىدۇ
C. ئىپپەت-نۇمۇسىنى سېتىشقا سولاپ بېرىش جىنايتى شەكىللىنىدۇ
D. ئىپپەت-نۇمۇسىنى سېتىشقا تونۇشتۇرۇش جىنايتى شەكىللىنىدۇ
16. دۇxx قىمارغا ئادەتلىنىپ قىلىپ ئۆي-بىساتلىرىنى ئۇتتۇرىۋەتكەندىن كېيىن قىمار مەبلىغىنى بۇلاش جەريانىدا باشقىلارنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. دۇxx نىڭ قىلمىشىغا ( D ) كېرەك.
A. قىمارۋازلىق، قەستەن قاتىللىق، بۇلاڭچىلىقتىن ئىبارەت ئۈچ جىنايەتنى قوشۇپ جازاالاش
B . بۇلاڭچىلىق جىنايىتى بويىچە ئېغىر جازا بېرىش
C. قىمارۋازلىق جىنايىتى بىلەن قەستەن قاتىللىق جىنايىتىنى قوشۇپ جازالاش
D. دۇxx نىڭ قىلمشىدىن قانداق جىنايەت شەكىللىنىشتە، ئۇنىڭ قىمارۋازلىقتىكى كونكرېت قىلمشى ۋە قىمار مەبلىغىنى بۇلاشنىڭ خاراكتېرىگە ئاساسەن جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىش كېرەك
17. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قوبۇل قىلغان دېلولارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق جىنايەت پاكىتى بار دەپ قارىغان، لېكىن ئۆزىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىگە كىرمەيدىغان دېلولاردا (B ) سائەت ئىچىدە ناھىيە دەرىجىلكىتىن يۇقىرى جامائەت خەۋپسزلىكى ئورگىنى مەسئۇلىنىڭ تەستىقى بىلەن «دېلو ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئۇقتۇرۇشى» چىقىرىپ باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقى بولغان ئورگاننىڭ بىر تەرەپ قىلشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.
A. 12
B . 24
C. 36
D. 48
18. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ۋە خەلق ساقچىلىرى قانۇن ئىجرا قىلىش جەريانىدا قىسمەنلىك بىلەن ئومۇمىيلىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلغاندا ( C ) نى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى كېرەك.
A. پارتىيە ۋە دۆلەت بىلەن يەرلىك، تارماق، ئورۇنلار ئوتتۇرىسىدىكى مەنپەئەت زىددىيىتىنى ياخشى ماسلاشتۇرۇش
B. پارتىيە ۋە دۆلەت بىلەن يەرلىك، تارماق، ئورۇنلار ئوتتۇرىسىدىكى مەنپەئەت مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش
C. ئومۇمىيلىقنى ئاساس قىلىپ، يەرلىك، تارماق، ئورۇنلارنىڭ قىسمەن مەنپەئەتنى ئومۇمىي مەنپەئەتكە بويسۇندۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش
D. يەرلىك ياكى تارماق، ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىنى ئالدىن قوغداش
19. قانۇنىي ئاقىۋەت، قانۇن جاۋابكارلىقى، قانۇنىي جازا ۋە قانۇن ماددىسى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدىكى تۆۋەندىكى ئىپادىلەشلەردىن قايسىسى پۇت تىرەپ تۇرسا بولىدۇ؟ ( A ).
A. ھەرقانداق قانۇن جاۋابكارلىقىنى بەلگىلەشتە جەزمەن ئادىللىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك
B. قانۇنىي ئاقىۋەتنىڭ قانۇنىي جازا بولۇشى ناتايىن
C. قانۇن جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىش قانۇنىي جازانى قوبۇل قىلىشتىن دېرەك بېرىدۇ
D. ھەربىر قانۇن ماددىسىدا قانۇن جاۋابكارلىقى بەلگىلەنمەيدۇ
20. خەلق ساقچىسى رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغانلارنىڭ (C ) بىلىمى بولۇشى كېرەك.
A. ئىقتىسادىي كەسپى
B. تەھقىقلەش كەسپى
C. قانۇن كەسپى
D. مەمۇرىيەت باشقۇرۇش كەسپى
21. ( B ) ھەرىكەتلىرى بولغان خەلق ساقچىلىرى مەمۇرىي چارە كۆرۈش كېرەك.
A. ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن ئاغىنىلىرى بىلەن كېچىلىك كۇلۇبقا بېرىپ ناخشا ئېيتىش
B. ئالاقىدارلارنىڭ زىياپىتىگە قاتنىشىش، سوۋغىسىنى قوبۇل قىلىش
C. باھار بايرىمى مەزگىلىدە ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىللىرى بىلەن ماجاڭ ئويناش
D. ساقچى كىيىمى كىيگەندە، بەلگىلىمە بويىچە قارا رەڭلىك ئاياغ كىيمەسلىك
22. ( A ) ئەھۋالدا ئاگاھلاندۇرۇش بەرسىمۇ ئۈنۈمى بولمىسا، قورال-ياراغ ئىشلەتمىسە بولىدۇ.
A. شې×× قىڭراق بىلەن دۇ×× نى چېپىۋاتقان
B. ليۇ×× يولدا كېتىۋاتقان بىر ئادەمنى قوراللىق بۇلىغان
C. دۇ×× ئاھالىلەرنىڭ تۇرالغۇسىغا كىرىپ، ئۆي ئىگىسى سىزىپ قالغاندىن كېيىن، پىچاق بىلەن ئۆي ئىگىسىنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ ئىزىنى يوقاتقان
D. جاڭ سەن ئىسىملىك ياش قاتارلىق 3 ئادەم شياۋ ۋۇ قاتارلىق 5 ئادەم بىلەن گەپ تالىشىپ سوقۇشۇپ قېلىپ، كۆپ ئادەمنىڭ باش قىسمى قانىغان، 110 قوماندانلىق مەركىزىنىڭ خەلق ساقچىلىرى نەق مەيدانغا كېلىپ ئاغزاكى توسالمىغان
23. تۆۋەندىكى ئاساسلاردىن توغرىسى (B ).
A. خەلق ساقچىلىرى جىنايەت سادىر قىلغۇچىنىڭ ھامىلىدار ئايال، ئۆسمۈر بالا ئىكەنلىكىنى سەزسە، بىردەك قورال-ياراغ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ
B. ھامىلىدار ئايال ياكى ئۆسمۈر بالا قورال-ياراغ، پارتلاتقۇچ، ئۆتكۈر زەھەرلىك قاتارلىق خەتەرلىك بۇيۇملار بىلەن جىنايەت سادىر قىلسا، قورال-ياراغ ئىشلەتسە بولىدۇ
C. ھامىلىدار ئايال ياكى ئۆسمۈر بالا قورال-ياراغ، پارتلاتقۇچ، ئۆتكۈر زەھەرلىك قاتارلىق خەتەرلىك بۇيۇملار بىلەن جىنايەت سادىر قىلسا، قورال-ياراغ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ
D. ھامىلىدار ئاياللار تۈرمىدىن قاچقاندا، قورال-ياراغ ئىشلەتسە بولىدۇ
24. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى چاقىرتىلغان قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان گۇمانداردىن ئادەتتىكى ئەھۋالدا گەپ سوراپ ئېنىقلاش ۋاقتىنى 8 سائەتتىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىكى كېرەك. بۇ يەردە ئېيتىلغان «8 سائەت» نى چۈشىنىشنىڭ توغرىسى ( B ).
A. بۇ يەردە ئېيتىلغان «8 سائەت» قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان گۇماندار چاقىرتىش گۇۋاھنامىسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن تارتىپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان گۇماندار گەپ سوراش ئورنىدىن ئەڭ ئاخىرقى ئەركىن ئايرىلغانغا قەدەر بولغان ۋاقتىنى كۆرسىتىدۇ
B. بۇ يەردە ئېيتىلغان «8 سائەت» قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان گۇماندار گەپ سوراش ئورنىغا كەلگەندىن تارتىپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان گۇماندار گەپ سوراش ئەڭ ئاخىرقى ئەركىن ئايرىلغانغا قەدەر بولغان ۋاقتىنى كۆرسىتىدۇ
C. بۇ يەردە ئېيتىلغان «8 سائەت» بىر پارچە دېلودىكى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان گۇمانداردىن بارلىق گەپ سوراش ۋاقتىنىڭ ئومۇمىي يىغىندىسىنى كۆرسىتىدۇ
D. بۇ يەردە ئېيتىلغان «8 سائەت» قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان گۇمانداردىن گەپ سوراش باشلانغاندىن تارتىپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان گۇماندار گەپ سوراش ئورنىدىن ئەڭ ئاخىرقى ئەركىن ئايرىلغانغا قەدەر بولغان ۋاقتىنى كۆرسىتىدۇ
25. گەپ سورالغۇچى خاتىرىدە خاتالىق يوقلۇقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەندىن كېيىن، گەپ سوراش خاتىرىسىگە ( A ) كېرەك.
A. بەتمۇ بەت ئىمزاسىنى قويدۇرۇش ۋە بارمىقىنى باستۇرۇش
B. ئاخىرقى بېتىگە ئىمزاسىنى قويدۇرۇش ياكى بارمىقىنى باستۇرۇش
C. بەتمۇ بەت ئىمزاسىنى قويدۇرۇش ياكى بارمىقىنى باستۇرۇش
D. ئاخىرقى بېتىگە ئىمزاسىنى قويدۇرۇش ۋە بارمىقىنى باستۇرۇش
26. ئاسان بۇزۇلىدىغان، ئاسان ئۆزگىرىدىغان ۋە ئاسان ساقلىغىلى بولمايدىغان بۇيۇملارنى ( D )، رەسىمگە تارتىۋالغان ياكى سىنئالغۇغا ئېلىۋالغاندىن كېيىن، سېتىۋېتىشكە ياكى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىشقا بولىدۇ، ساتقان ياكى كىمئارتۇق قىلىپ ساتقان پۇلنى ۋاقتىنچە ساقلاپ قويۇپ، دېلو ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.
A. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ مەسئۇلىغا تەستىقلىتىپ
B. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى دېلو بېجىرگۈچى تارمىقىنىڭ مەسئۇلىغا تەستىقلىتىپ
C. جامائەت خەۋپسىزلىكى ساقچىخانىسىنىڭ مەسئۇلىغا تەستىقلىتىپ
D. دېلو بېجىرگۈچى خەلق ساقچىسى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ دېلو بېجىرگۈچى تارمىقى ياكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ساقچىخانىسىنىڭ مەسئۇلىغا دوكلات يېزىپ
27. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى 2007–يىل 6–ئاينىڭ 20–كۈنى (چارشەنبە) شۈي ×× كە ئىسپات ئاڭلاشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بارلىقىنى ئۇقتۇرغان بولسىمۇ، شۈي ×× بۇنىڭغا قارىتا ئىپادە بىلدۈرمىگەن بولسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئەڭ بالدۇر بولغاندا قايسى ۋاقىتتا بىر تەرەپ قىلىش قارارى چىقارسا بولىدۇ؟ ( D ).
A. 2007–يىل 6–ئاينىڭ 23–كۈنى
B. 2007–يىل 6–ئاينىڭ 24–كۈنى
C. 2007–يىل 6–ئاينىڭ 25–كۈنى
D. 2007–يىل 6–ئاينىڭ 26–كۈنى
28. جاڭ سەن يېشى 14 كە توشقان تۇغۇلغان كۈنى كوچىدا پىيادە كېتىۋاتقان بىرسىنىڭ پۇل قاپچۇقىنى ئوغرىلىغان، پۇل قاپچۇقىنىڭ ئىچىدە 200 يۈەن خەلق پۇلى بار، لى سەن يېشى 16 گە توشقان تۇغۇلغان كۈنى قوشنىسىنىڭ 3 مىڭ يۈەن خەلق پۇلىنى ئوغرىلىغان. تۆۋەندىكى ئاساسنىڭ توغرىسى (D ).
A. جاڭ سەنگە «ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى» بويىچە جازا بېرىلىدۇ، لى سەنگە «جىنايى ئىشلار قانۇنى» بويىچە جازا بېرىلىدۇ
B. جاڭ سەنگە جازا بېرىلمەيدۇ، لى سەنگە «جىنايى ئىشلار قانۇنى» بويىچە جازا بېرىلىدۇ
C. جاڭ سەن ۋە لى سەن ھەر ئىككىسىگە «ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى» بويىچە جازا بېرىلىدۇ
D. جاڭ سەنگە جازا بېرىلمەيدۇ، لى سەنگە «ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى» بويىچە جازا بېرىلىدۇ
29. «دۆلەت تۆلىمى قانۇنى» دىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلانغاندا، پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىگە چېقىلىنغان بولسا، ھەر كۈنلۈك تۆلەم پۇلى ( A ) بويىچە ھېسابلىنىدۇ.
A. ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ دۆلەت بەلگىلىگەن شۇ يىللىق كۈندىلىك ئوتتۇرىچە مائاشى
B. ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ دۆلەت بەلگىلىگەن يىللىق كۈندىلىك ئوتتۇرىچە مائاشىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن خىزمەت كۈن سانىدىن باشقىلىرى
C. ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ دۆلەت بەلگىلىگەن ئالدىنقى يىللىق كۈندىلىك ئوتتۇرىچە مائاشىدىن باشقا يىللىق كۈن سانى
D. ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ دۆلەت بەلگىلىگەن ئالدىنقى يىللىق كۈندىلىك ئوتتۇرىچە مائاشى
30. نازارەت قىلىش ئاپپاراتى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىدىكى خەلق ساقچىلىرىنى ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلىقتىن، ئۇلارغا ۋەزىپە ئىجرا قىلىشنى توختىتىش، بەند قىلىش تەدبىرىنى قوللىنىشقا تېگىشلىك دەپ قارىسا، نازارەت قىلىش ئاپپاراتى قارار چىقىرىپ، ( B ) غا تەستىقلاتقاندىن كېيىن ئىجرا قىلسا بولىدۇ.
A. شۇ دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى
B. شۇ دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ مەمۇرىي باشلىقى
C. يۇقىرى دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى
D. يۇقىرى دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ مەمۇرىي باشلىقى
3. كۆپنى تاللاش سۇئاللىرى (ھەر بىر سۇئال 1 نومۇردىن جەمئىي 20 نومۇر)
1. «ئاساسىي قانۇن» دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قايسى قانۇنلارنى چىقارسا ۋە ئۆزگەرتسە بولىدۇ؟ ( D C ).
A. جىنايى ئىشلار تۈپ قانۇنى
B. ھەق تەلەپ تۈپ قانۇنى
C. دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ تۈپ قانۇنى
D. باشقا تۈپ قانۇنلار
2. تۆۋەندىكىلەردىن «جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ مەمۇرىي دېلولارنى بېجىرىش تەرتىپى توغرىسىدىكى بەلگىلىمە» دە بەلگىلەنگەن پرىنسىپقا كىرىدىغانلىرى (D C B A ).
A. پاكىتنى ئاساس، قانۇننى ئۆلچەم قىلىش
B. قانۇنلۇق بولۇش، ئادىل بولۇش، ئاشكارا بولۇش، ۋاقتىدا بولۇش. جامائەت خەۋپسىزلىكى، تەپتىش، سوت ئورگانلىرى ئىش تەقسىم قىلىۋېلىپ مەسئۇل بولۇش، ئۆزئارا ماسلىشىش، ئۆزئارا چەكلەش
D. تەربىيە بېرىش بىلەن جازالاشنى بىرلەشتۈرۈش
3. خەلق ساقچىلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا زوراۋانلىق بىلەن قارشىلىق قىلغان ياكى توسقۇنلۇق قىلغانلاردىن خەلق ساقچىلىرىنىڭ ھاياتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزمىگەنلىرىگە ( D C ) ئىشلەتسە بولىدۇ.
A. بويسۇندۇرۇش خاراكتېرلىك ئېھتىيات سايمانلىرى
B. قوغلاش خاراكتېرلىك ئېھتىيات قوراللىرى
C. قورال-ياراغ
D. ئېھتىيات سايمانلىرى ياكى قورال-ياراغلار
4. «جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ تەشكىللەش - باشقۇرۇش نىزامى» دىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلانغاندا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىدىكى خەلق ساقچىلىرىنىڭ ۋەزىپىسى توغرىسىدىكى تۆۋەندىكى ئاساسلاردىن توغرىسى ( C B A ).
A. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىدىكى ساقچى ئىشلىرىغا قوماندانلىق قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان خەلق ساقچىلىرىغا ساقچى ئوفىتسېرى ۋەزىپە تۈرى يولغا قويۇلىدۇ
B. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىدىكى ساقچى ئىشلىرىنى ئىجرا قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان خەلق ساقچىلىرىغا ساقچى ۋەزىپە تۈرى يولغا قويۇلىدۇ
C. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىدىكى ساقچى ئىشلىرى تېخنىكا خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خەلق ساقچىلىرىغا ساقچى ئىشلىرى تېخنىكا ۋەزىپە تۈرى يولغا قويۇلىدۇ
D. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىدىكى ساقچى ئىشلىرى مەخسۇس خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خەلق ساقچىلىرىغا ساقچى ئىشلىرى مەخسۇس ۋەزىپە تۈرى يولغا قويۇلىدۇ
5. «جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ مەمۇرىي دېلولارنى بېجىرىش تەرتىپى توغرىسىدىكى بەلگىلىمە» دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا، تۆۋەندىكى ئۇسۇللاردىن توغرىسى ( D C B A ).
A. مەلۇم جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى بىر پارچە ئوغرىلىق دېلوسىنى قوبۇل قىلغاندا، ئوغرىلانغان پۇل–مال قىممىتىنىڭ جىنايى ئىشلارغا توشىدىغان–توشمايدىغانلىقىنى بىر مەھەل بېكىتەلمىگەنلىكتىن، بۇ ئىدارە مەمۇرىي دېلو قاتارىدا ئاۋۋال بېجىرگەن
B. مەلۇم جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى بىر پارچە باشقىلارنى ئۇرۇش دېلوسىنى بېجىرگەندە، باھالاش ئارقىلىق زىيانغا ئۇچرىغۇچىنىڭ زەخىمسى ئېغىر زەخمە دەرىجىسىگە يەتكەن، بۇ ئىدارە ئەسلىدىكى مەمۇرىي دېلونى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، «جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى بېجىرىش تەرتىپى توغرىسىدىكى بەلگىلىمە» بويىچە بېجىرگەن
C. مەلۇم جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى بىر پارچە مەمۇرىي دېلونى بېجىرىش جەريانىدا، بۇ دېلو جىنايى ئىشلار دېلوسى ئېچىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ دەپ قاراپ «جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى بېجىرىش تەرتىپى توغرىسىدىكى بەلگىلىمە» گە ئاساسەن جىنايى ئىشلار دېلوسى قىلىپ ئاچقان
D. مەلۇم جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى بىر پارچە جىنايى ئىشلار دېلوسىنى بېجىرىش جەريانىدا، بېجىرگەن دېلونىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە توشمايدىغانلىقىنى بايقاپ، قوبۇل قىلغان دېلولارنى تىزىملاش جەدۋىلى ئىشلىمەيلا دېلونى مەمۇرىي دېلو قاتارىدا بېجىرگەن
6. تۆۋەندىكى قىلمىشلاردىن قانۇندا بەلگىلەنگەندىلا جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىرى ( D C B ).
A. روھىي كېسەللەر جىنايەت ئۆتكۈزۈش
B. ئورۇن جىنايەت ئۆتكۈزۈش
C. مەستلەر جىنايەت ئۆتكۈزۈش
D. سەۋەنلىك بىلەن جىنايەت ئۆتكۈزۈش
7. «ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى»نىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئۆي ئىجارە بەرگۈچىلەرگە ئامانلىق جازاسى بېرىلىدىغان قىلمىشلار ( C B A ).
A. ئۆيىنى سالاھىيەت ئىسپاتى بولمىغانلارنىڭ ئولتۇرۇشىغا بەرگەنلىرى
B. ئىجارە ئالغۇچىنىڭ سالاھىيەت ئىسپات تۈرى ۋە نومۇرىنى بەلگىلىمە بويىچە تىزىملىمىغانلىرى
C. ئىجارە ئالغۇچىنىڭ شۇ ئۆيدە جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا مەلۇم قىلمىغانلىرى
D. ئىجارە ئالغۇچى ئۆيىنى قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ يەنە ئىجارىگە بەرگەنلىرى
8. ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلىدىغان قىلمىشلاردىن ( C B A ) بار.
A. باشقىلارنىڭ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتلىرىنى ئوغرىلىقچە ھەيدەش
B. موتورلۇق كېمىنى كىنىشكىسىز ھەيدەش
C. باشقىلارنىڭ ئاۋىئاتسىيە ۋاستىسىنى، ماتورلۇق كېمىسىنى ئوغرىلىقچە ھەيدەش
D. باشقىلارنىڭ ۋېلىسپتىنى ئوغرىلىقچە مىنىش
9. خەلق ساقچىلىرى تۆۋەندىكى ( D C B A ) قاتارلىق زوراۋانلىق جىنايى قىلمىشلارنى سادىر قىلدى دەپ يەكۈن چىقارغان جىددىي ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ ئاگاھلاندۇرۇش بەرسىمۇ، ئۈنۈمى بولمىغانلاردا قورال ئىشلەتسە بولىدۇ.
A. جامائەتنىڭ ۋە خۇسۇسىيلارنىڭ مال-مۆلكىنى شايكا توپلاپ ياكى قوراللىق بۇلىغان بولسا
B. توپلىشىپ ئۇرۇشۇش، توپىلاڭ كۆتۈرۈشتەك جەمئىيەت ئامانلىق تەرتىپىگە ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ھەرىكەتلىرىنى باشقا ئۇسۇللار بىلەن توسۇۋالغىلى بولمىسا
C. خەلق ساقچىلىرىنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئۆتۈشىگە زورلۇق ئىشلىتىپ قارشىلىق كۆرسەتكەن ياكى توسقۇنلۇق قىلغان ۋەياكى خەلق ساقچىلىرىغا زورلۇق بىلەن ھۇجۇم قىلغان ئۇلارنىڭ ھاياتى ۋە بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەن بولسا
D. قاماقتىكى ئەيىبكارلار، جىنايەتچىلەر توپلىشىپ مالىمان چىقارغان، توپىلاڭ كۆتۈرگەن، قاتىللىق قىلغان ياكى قاچقان بولسا
10. پۇقرالار پارتلاتقۇچ بۇيۇمىنى قانۇنسىز ( D C B A ) جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەن بولسىمۇ، ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغانلارغا قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ.
A. ياساپ
B. ئېلىپ-سېتپ
C. توشۇپ
D. ساقلاپ
11. «كۆڭۈل ئېچىش سورۇنىنى باشقۇرۇش نىزامى»نىڭ بەلگىلىمىسىگە خلاپلىق قىلىپ كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى تىجارەت پائالىيتى بىلەن ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن شۇغۇللانسا، ( C B A ) قانۇن بويىچە ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ.
A. مەدەنىيەت مەسئۇل تارمىقى
B. سودا سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى
C. جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى
D. ئەمگەك كاپالەت تارمىقى
12. تۆۋەندىكى قاراشلاردىن توغرىسى ( C B A ).
A. ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغۇچىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى چوڭ ئاممىۋىي پائالىيەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل كىشى بولىدۇ
B. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغۇچى تاپشۇرغان چوڭ ئاممىۋىي پائالىيەت ئۆتكۈزۈش ئىلتىماس ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ بىخەتەرلىك ئىجازىتى بېرىدۇ
C. چوڭ ئاممىۋىي پائالىيەتكە قاتناشقانلارنىڭ ھاقارەت تۈسىنى ئالغان پلاكات، لوزۇنكا ئېسىپ قويۇشىغا يول قويۇلمايدۇ
13. تۆۋەندىكى ( D C B A ) ئورۇنلار ئامانلىق قوغداش ۋەزىپىسىگە ماس كېلىدىغان ئامانلىق قوغداش ئاپپاراتى تەسىس قىلىشى، مەخسۇس ۋەزىپىدىكى ئامانلىق قوغدىغۇچىلارنى سەپلىشى ھەمدە ئامانلىق قوغداش ئاپپاراتىنى تەسىس قىلىش ۋە خادىملارنى سەپلەش ئەھۋالىنى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا يوللاپ، ئەنگە ئالدۇرۇشى لازىم.
A. تېلېۋىزىيە ئستانسىسى
B. ئايرودروم
C. تېلگراف ئورۇنلىرى
D. داۋالاش ئورۇنلىرى
14. «كىملىك قانۇنى»نىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، تۆۋەندىكى ( D B ) ئەھۋاللاردا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى كىملىك تەكشۈرسە بولىدۇ.
A. گۇۋاھچىدىن گەپ سوراپ ئەھۋال ئىگىلىگەندە
B. نەق مەيداننى قانۇن بويىچە قامال قىلغاندا
C. ھەق تەلەپ ماجراسىنى مۇرەسسە قىلغاندا
D. جەمئىيەت ئامانلىقىغا ئېغىر خەۋپ يەتكۈزىدىغان تاساددىپىي ۋەقە يۈز بەرگەندە
15. باشقۇرغۇچى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، رۇخسەت قىلىشنى قارار قىلغاندا، تۆۋەندىكى ( D C B A ) ئەھۋال كۆرۈلسە، يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىش ۋاقتى، ئورنى، لىنىيىسىنى ئۆزگەرتسە بولىدۇ ھەمدە ئۇنى پائالىيەت مەسئۇلىغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرسا بولىدۇ.
A. پائالىيەت ئۆتكۈزۈش ۋاقتى قاتناشنىڭ قاتناشنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە توغرا كېلىپ قېلىپ، قاتناشقا ئېغىر دەرىجىدە ئۇزاقراق توسقۇنلۇق قىلىش ئېھتىمالى بولسا
B. پائالىيەت ئۆتكۈزۈش جايىدا ياكى لىنىيىسىدە قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان بولۇپ، ئۆتۈش ئىمكانىيىتى بولمىسا
C. ئۆتكۈزۈلىۋاتقان جاي كىچىك، تۆمۈر يولنى كېسىپ ئۆتىدىغان جاي ياكى دۆلەت چېگرىسىغا يېقىن جاي بولسا
D. يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىش پائالىيىتى ئىلتىماسىدا تەلەپ قىلىنغان بىر ۋاقىت، بىر جاي، بىر لىنىيىنىڭ ئۆزىدە باشقىلارنىڭ يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىشىغا رۇخسەت قىلىنغان بولسا
16. پۇقرالاردىن ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىن باشقا شەھەردىكى پۇقرالارنى يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىشكە قوزغىغان، تەشكىللىگەنلەرنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ( C A ) ھوقۇقلۇق
A. توختىتىپ قويۇش
B. قولغا ئېلىش
C. ئەسلى تۇرۇشلۇق جايىغا مەجبۇرى قايتۇرىۋېتىش
D. يۇقىرىقى ئۈچىنىڭ ھەممىسى بولىدۇ
17. ئامانلىق باشقۇرۇشقا خلاپلىق قىلغان چەتئەللىكلەرگە تەدبىقلاشقا بولىدىغان جازا تۈرلىرىدىن (D C B A ) بار.
A. ئاگاھلاندۇرۇش
B. جەرىمانە
C. مەمۇرىي توختىتىپ قويۇش
D. چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىش
18. مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش جىنايىتىنىڭ سوبيېكتى ( D C B A ) ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
A. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگرىسى ئىچىدىكى كارخانىلار
B. يەككە ئىگىلىك تەشكىلاتى
C. دۆلەت ئورگانلىرى، كەسپىي تەشكىلاتلار
D. ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار
19.
65. تەھقىقلەش جەريانىدا جىنايەت گۇماندارىنىڭ جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشكە بولمايدىغان ئەھۋاللار بايقالغاندا، تەھقىقلىگۈچى ئورگان ( D C A ) كېرەك.
A. دېلونى بىكار قىلىش
B . دەۋانى توختىتىش
C. قولغان ئېلىنغان جىنايەت گۇماندارىنى قويۇپ بېرىش ھەمدە قويۇپ بېرىش گۇۋاھنامىسى بېرىش
D. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قولغا ئېلىنغان جىنايەت گۇماندارىنى قويۇپ بەرگەندە، ئەسلىدە قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك
20. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ياكى خەلق سوت مەھكىمىسى ( D C B A ) نىڭ ھەممىسىنىڭ قوبۇل قىلىشى كېرەك.
A. دېلو مەلۇم قىلىش
B . شىكايەت قىلىش
C. پاش قىلىش
D. ئۆزىنى مەلۇم قىلىش
4. قىسقىچە جاۋاب بېرىش سۇئالى (ھەر بىرسى 5 نومۇردىن جەمئىي 10 نومۇر)
(1) جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىشلارغا جازا بېرىشتە قايسى پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىشى كېرەك؟
جاۋاپ:پاكىتنى ئاساس قىلىش ،بىرلدىغان جازا ئامانىلق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىشنىڭ خارەكتىرى ،ئىغىر يىنكلىكى ۋە ئىجدمايى خەۋىپنىڭ دەرىجىسىگە لايىق بولۇش شەرتىت.ئاشكارە ئادىل بولۇش، ئىنسانى ھوقۇقنى ھورمەت قىلىش ۋە كاپالەتلەندۇرۇش پۇقرانىڭ ئىسانى ئىزىتىنى قوغداش كىرەك.ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنغا جازا بىرىشتە تەربىيە بىلەن جازانى بىرلەشتۇرۇش پىرىسىپىدا چىڭ تۇرۇش كىرەك.
(2) خەلق ساقچىلىرىنىڭ ۋەزىپىسى قايسى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟
جاۋاپ:.خەلىق ساقچىلىرنىڭ ۋەزىپىسى بولسا-دولەتنىڭ بىخەترلىكىنى ،جەمىيەتنىڭ ئامانلىق تەرتىبىنى ساقلاش،پۇقرالارنىڭ جىسمانى بىخەتەرلىكىنى ،جسمانى ئەركىنلىكىنى ۋە قانۇنى مال مۇلىكىنى قوغداش،جامائەتنىڭ مال مۇلىكىنى قوغداش ،قانۇنغا خىلاپ جىنايى ئشلار ھەركەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۇنى توسۇش ۋە جازالشتىن ئىبارەت.
5. دېلو تەھلىلى ھەر بىرسى 10 نومۇردىن جەمئىي 20 نومۇر)
(1) مېي×× (2004– يىل زەھەر چەككەنلىكتىن 6 ئاي مەجبۇرىي زەھەر تاشلىتىلغان) 2006–يىل 3–ئاينىڭ 6–كۈنى ئۆيىدە خىروئىن چېكىۋاتقاندا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى تەرىپىدىن تۇتۇلغان. مېي ×× 2005–يىل 8–ئاينىڭ 5–كۈنى پاھىشە ئايال لۇ ×× نى قوندۇرۇپ پاھىشە قىلىپ، 150 يۈەن بەرگەنلىكىنى تاپشۇرغان ھەم شەخسىي مېھمانخانىنىڭ خوجايىنى شې ×× نىڭ 13 ياشلىق قىزى لى ×× نى پاھىشە قىلىشقا قىزىقتۇرۇپ، قوندۇرۇپ ئىپپەت - نوپۇسىنى ساتقۇزغانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئەھۋال راست بولۇپ چىققان، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ يۇقىرىقى دېلوغا چېتىشلىق كىشىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا توغرىسى ( ).
1. مېي ××، لۇ ×× نىڭ ئىپپەت-نوپۇسىنى سېتىش، پاھىشىۋازلىق قىلىش قىلمىشىغا جازا بېرىلەمدۇ
جاۋاب:جازا بېرىلىدۇ.
2. شې ×× نىڭ قىلمىشىغا قانداق جازا بېرىش كېرەك
جاۋاب:جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 358-ماددا2-تارماقتىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن 10يىلدىن يوقۇرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ،قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال-مۇلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.
3. مېي ×× نىڭ قىلمىشىغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانداق جازا بېرىدۇ
جاۋاب:ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنىنىڭ66-ماددا،72-ماددا2-تارماقتىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن،ئايرىم-ئايرىم جازا بېرىلىپ،بېرلەشتۇرۇپ ئىجرا قىلسا بولىدۇ.لىكىن توختۇتۇپ قويۇش ۋاختى20كۇندىن ئېشىپ كەتمەسلىگى كېرەك.
(2) فاڭ×× كەسپىي باقمىچى ئائىلە بولۇپ، بېلىق كۆلچىكىدىكى بېلىقلىرىنى كېچىسى دائىم باشقىلار تەرىپىدىن ئوغرىلىنىپ كېتىپ، بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيىنى 5000 يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن، بۇنىڭ بىلەن فاڭ×× كەنىتنىڭ توكچىسى ۋاڭ×× نى تەكلىپ قىلىپ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن بېلىق كۆلىنىڭ ئەتراپىغا توك تورى ئورنىتىپ، ھەر كۈنى كېچىدە توك ئۆتكۈزگەن. مەلۇم بىر كۈنى فاڭ×× بىلەن ۋاڭ×× بېلىق كۆلچىكىدە ھاراق ئىچىۋېتىپ ئىڭرىغان ئاۋازنى ئاڭلىغان، فاڭ×× ئالدىراپ تېنەپ توكنى ئۈزىۋەتكەن. ئىككىسى سىرىتقا چىقىپ تەكشۈرۈپ بىر ئادەمنى توك سوقىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن فاڭ×× دېھقانچىلىق ماشىنىسىدىن بىرنى تېپىپ كېلىپ ئۇ ئادەمنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغان. ۋاقتىدا قۇتقۇزۇلغانلىقتىن توك سوقىۋەتكۈچى ۋاقىتلىق شۈك بولۇپ قېلىپ كېيىن ھۇشىغا كەلگەن، بىر ئايدەك ۋاقىتتىن كېيىن نورمال ئەسلىگە كەلگەن. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى فاڭ×× بىلەن ۋاڭ×× لارنى تۇتقان.
1. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ۋاڭ×× نى تۇتۇشى توغرىمۇ؟ نىمە ئۈچۈن؟
جاۋاب: جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ۋاڭ×× نى تۇتۇشى توغرا،چۇنكى ۋاڭ×× يۇقۇرقىدەك ئاقىۋەتنىڭ كىلىدىغانلىغىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۆز بېشىمچىلىق قىلىىپ،توك ئۇلىغانلىغى ئۈچۈن،يوقىرقىدەك ئاقىۋەتنىڭ كېلىشىگە سەۋەپچى بولغان.
2. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى فاڭ×× نى قانداق بىر تەرەپ قىلىدۇ؟
جاۋاب: :ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنىنىڭ 37-ماددا1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن 5كۇندىن توۋەن توختۇتۇپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇياكى500يۇەندىن توۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ.
(تەھرىر : يانتاق)
«قانۇن ئىجرا سالاھىيەت ئىمتىھان سوئالى2»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: قانۇن ئىجرا قىلىش سالاھىيەت ئىمتىھان سوئالى2
- تولۇق ئوتتۇرا ئۇچۇر تېخنىكا ئىمتىھان سۇ
- ئىچكىرى تولۇق تەقلىدى ئىمتىھان سۇئالى ئ
- ئىچكىرى تولۇق تەقلىدى ئىمتىھان سۇئالى م
- ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بەل
- ساۋاتلىق بولغانلاردىن ئېلىنغان مۇستەھك
- ئىچكىرى تولۇق تەقلىدى ئىمتىھان سۇئالى س
- ئىچكىرى تولۇق تەقلىدى ئىمتىھان سۇئالى خ
- ئىچكىرى تولۇق تەقلىدى ئىمتىھان سۇئالى خ
- قانۇن ئىجرا قىلىش سالاھىيەت ئىمتىھان سو
- قانۇن ئىجرا سالاھىيەت ئىمتىھان سوئالى2
- قانۇن ئىجرا قىلىش سالاھىيەت ئىمتىھان سو
- تىل-ئەدەبىيات باسقۇچلۇق ئىمتىھان سۇئال
- تولۇقⅢ يىللىقلاردىن ئېلىنىدىغان تەقلى
- شىنجاڭ تولۇقسىز سىنىپلىرىغا ئىمت
- شىنجاڭ تولۇقسىزخەنزۇتىلى سۇئالى
- شىنجاڭ تولۇقسىز ماتىماتىكا سۇئالى
- ئاپتورنىڭ ئارخىپى
-
نىھان9 تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-29 11:02 ئاخىرقى كەلگىنى:2012-02-29 16:02
- تولۇق ئوتتۇرا ئۇچۇر تېخنىكا ئىمتىھان سۇئالى
- ئىچكىرى تولۇق تەقلىدى ئىمتىھان سۇئالى ئەدەبى
- ئىچكىرى تولۇق تەقلىدى ئىمتىھان سۇئالى ماتىما
- ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بەلگىلىم
- ساۋاتلىق بولغانلاردىن ئېلىنغان مۇستەھكەملەش
- ئىچكىرى تولۇق تەقلىدى ئىمتىھان سۇئالى سىياسى
- ئىچكىرى تولۇق تەقلىدى ئىمتىھان سۇئالى خېمىيە
- ئىچكىرى تولۇق تەقلىدى ئىمتىھان سۇئالى خەنزۇت
- قانۇن ئىجرا قىلىش سالاھىيەت ئىمتىھان سوئالى
- قانۇن ئىجرا سالاھىيەت ئىمتىھان سوئالى2
- قانۇن ئىجرا سالاھىيەت ئىمتىھان سوئالى2
- قانۇن ئىجرا قىلىش سالاھىيەت ئىمتىھان سوئالى
- قانۇن ئىجرا قىلىش سالاھىيەت ئىمتىھان سوئالى
- تولۇقⅢ يىللىقلاردىن ئېلىنىدىغان تەقلىدى ئىم
- تولۇق ئوتتۇرا ئۇچۇر تېخنىكا ئىمتىھان سۇئالى
- شىنجاڭ ئىچى تولۇقسىز سىنىپىىغا ئى
- ئىچكىرى تولۇق تەقلىدى ئىمتىھان سۇئالى ئەدەبى
- ئىچكىرى تولۇق تەقلىدى ئىمتىھان سۇئالى ماتىما
- شىنجاڭ تولۇقسىز ماتىماتىكا سۇئالى
- شىنجاڭ تولۇقسىزخەنزۇتىلى سۇئالى