قانۇن ئىجرا قىلىش سالاھىيەت ئىمتىھان سوئالى
ئاپتونوم رايون بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىدىكى خەلق ساقچىلىرىدىن قانۇن ئىجرا قىلىش سالاھىيەت دەرىجىسى ئىمتىھان سۇئالى (ئامانلىق باشقۇرۇش ئىمتىھان سۇئالى (ئا)
1. ھۆكۈم قىلىش سۇئالى (ھەر بىرسى 1 نومۇردىن جەمئىي 20 نومۇر)
1. قانۇننى چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىدا بولىدۇ. ×
2. «قانۇن چىقىرىش قانۇنى» دىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلانغاندا، پۇقرالارنى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش، جىسمانىي ئەركىنلىكىنى چەكلەشتەك مەجبۇرلاش تەدبىرلىرى ۋە جازا بېرىلىدىغان ئىشلارغا چېتىلىدىغانلىرى قانۇندىلا بەلگىلىنىدۇ. ×
3. سۈن x (ئۇنىڭ ئايالى يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ داۋالاتقان مەزگىلدە، كېسەللىك ئەھۋالى يامانلىشىپ تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كەتكەن) ئايالىنىڭ ئۆلۈمىنى دوختۇرخانىنىڭ داۋالاشتىكى خاتالىقىدىن كېلىپ چىققان دەپ قاراپ دوختۇرخانىدا جىدەل چىقىرىپ، خىزمەتچى خادىملارنىڭ نەسھىتىنىمۇ ئاڭلىماي ئەڭ ئاخىرىدا دوختۇرخانىنىڭ داۋالاش ئىشلىرىنى مەلۇم دەرىجىدە تەسىرگە ئۇچراتقان، لېكىن ئېغىر زىيان سالمىغان. «ئامانلىق باشقۇرۇش جازا جازا قانۇنى»نىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە سۈن xنىڭ قىلمىشى ئورۇنلارنىڭ تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش قىلمىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. √
4. خەلق ساقچىلىرى خىزمەتتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا، ساقچى كىيىمى كىيمىگەندە، ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسىگە ياتىدىغان جىددىي ئەھۋالغا يولۇققاندا، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىسا بولىدۇ.×
5. «ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى» نىڭ 76-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن «قايتا-قايتا تەربىيە بېرىلسىمۇ تۈزەتمىگەنلەر» باشقىلارنى ئىپپەت-نۇمۇسىنى سېتىشقا قىزىقتۇرغان، سولاپ بەرگەن، تونۇشتۇرغانلار، شەھۋانىي بۇيۇملارنى ئىشلىگەن، توشۇغان، كۆچۈرگەن، ساتقان، ئىجارىگە بەرگەنلەر، شەھۋانىي ئۇچۇر تارقاتقانلار، قىمار ئوينىغانلار، قىمار ئويناشقا شارائىت يارىتىپ بەرگەنلەر قاتارلىق قىلمىش سادىر قىلغانلار قانۇن بويىچە جىنايى جازاغا ھۆكۈم قىلىنىپ ئىجرا مۇددىتى توشقاندىن كېيىنكى 5 يىل ئىچىدە يەنە ئالدىنقى تارماقتىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغان ياكى قانۇن بويىچە جەرىمانە قويۇش، مەمۇرىي توختىتىپ قويۇش، يىغىۋېلىپ تەربىيىلەش، ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەش جازاسى بېرىلىپ ئىجرا مۇددىتى توشقاندىن كېيىنكى 3 يىل ئىچىدە يەنە ئالدىنقى تارماقتىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغان، ئەھۋالى ئېغىر بولغان لېكىن جىنايى جازا بېرىشكە توشمايدىغان ئەھۋاللارنى كۆرسىتىدۇ. √
6. كەنت كومىتېتىنىڭ سايلىمىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش قىلمىشى «ئامانلىق باشقۇرۇش جازا جازا قانۇنى»نىڭ تەڭشەش دائىرىسىگە كىرمەيدۇ. .×
7. خەتەرلىك خىمىيىۋى بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان، ساقلايدىغان كارخانىلارنى قۇرۇش، ئۆزگەرتىش ۋە كېڭەيتىش قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى بىخەتەرلىك شەرتى بويىچە تەكشۈرۈش جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنىڭ بىرى. √
8. چوڭ ئاممىۋىي پائالىيەت پەرەز قىلىنغان بىر قېتىمدا قاتنىشىدىغان ئادەم 1000 كىشىدىن ئارتۇق بولغان بارلىق پائالىيەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. √
9. چوڭ تىپتىكى ماددىي ئەشيالارنى زاپاس ساقلاش ئورۇنلىرى ۋە چوڭ تىپتىكى سودا مەركەزلىرى ئامانلىق قوغداشتىكى نوقتىلىق ئورۇنلار دائىرىسىگە كىرىدۇ. ×
10. كېچىدە بىر ئۇزۇن يوللۇق يولۇچىلار ئاپتوبۇسىدا يولۇچىلار غەرق ئۇيقۇغا كەتكەن. تۇيۇقسىز بىر قارا نىيەت ئاپتوبۇسنىڭ ئۈستىگە قارىتىپ بىر پاي ئوق ئاتقان ھەم قورالنى يولۇچىلارغا تەڭلەپ، كىم پۇلى ۋە زىبۇ-زىننەتلىرىنى چىقارمىسا ئېتىۋېتىمەن دەپ جار سالغان. خەلق ساقچىسى سۈن×× بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ، قاراڭغۇدا تاپانچىسىنى چىقىرىپ پايدىلىق پۇرسەتنى تاللاپ قارا نىيەتنى ئېتىپ يارىلاندۇرغان. سۈن×× نىڭ ھەرىكىتى قانۇنلۇق بولغان.√.
11. ئوغرىلىق دېلولىرىدا زىيانغا ئۇچرىغۇچى كۆرسەتكەن ئوغرىلانغان بۇيۇمنىڭ تالونى يازما ئىسپاتقا كىرىدۇ.√
12. كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىنىڭ ئايرىمخانىلىرىنى ئىچىدىن بۆلۈپ قويۇشقا بولمايدۇ.√
13. مەمۇرىي تۆلەم تەلەپ قىلغۇچى تۆلەم تەلىپىنى مەمۇرىي قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلغان ياكى مەمۇرىي دەۋا قىلغان ئورۇنغا قويۇشى كېرەك. .×
14. ئاھالە بىناسى، موزىي، كۈتۈپخانا ۋە قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى قىلىپ بېكىتىلگەن ئىمارەت ئىچىدە مەدەنىيەت مەسئۇل تارمىقى تەستىقلىغاندىن كېيىن، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى ئېچىشقا بولىدۇ.×
15. چوڭ ئاممىۋىي پائالىيەت ئويۇشتۇرغۇچى پائالىيەت ئۆتكۈزىدىغان كۈندىن 15 كۈن ئىلگىرى بىخەتەرلىك ئىجازىتى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.×
16. ئامانلىق قوغداشتىكى نوقتىلىق ئورۇنلار ئامانلىق قوغداش خىزمىتى ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئامانلىق قوغداش ئاپپاراتى تەسىس قىلىشى ھەمدە شۇ جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ساقچىخانىسى مەخسۇس ۋەزىپىدىكى ئامانلىق قوغدىغۇچىلارنى سەپلەپ بېرىشى كېرەك.×
17. ئىپپەت-نۇمۇسىنى سېتىش، پاھىشىۋازلىق قىلمىشى يات جىنىسلىقلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بېرىدۇ، ئوخشاش جىنسلىقلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرسىمۇ بۈلىدۇ.√
18. لى ×× 2007-يىلى 10-ئايدىن 11-ئايغىچە جەمئىي 3 قېتىم ئۆيگە كىرىپ ئوغرىلىق قىلغان، ئوغرىلىق سوممىسى جەمئىي 300 يۈەن بولغان، لى×× كە «ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى» بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلسە بولىدۇ.√
19. A پايدا ئېلىش ئۈچۈن مەلۇم بىر كۈنى كەچتە B نىڭ قوتىنى (جەمئىي 29 تۇياق قوي بار) غا زەھەر سېلىۋېتىپ قويلار زەھەرلەنگەندىن كېيىن قويلارنى ئېلىپ كەتكەن ھەمدە قوي گۆشىنى باشقىلارغا ساتقان. A نىڭ قىلمىشىدىن زەھەرلىك، زىيانلىق يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. .×
20. چەتئەللىكلەرگە قانۇن بويىچە سۈرۈك ئىچىدە چېگرىدىن چىقىپ كېتىش، چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىش جازاسى بېرىشكە توغرا كەلسە، دېلو بېجىرگەن جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى دەرىجىمۇ-دەرىجە جامائەت خەۋپسىزلىكى مېنستىرلىكى ياكى جامائەت خەۋپسىزلىكى مېنستىرلىكى ھوقۇق بەرگەن ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قارار قىلىشىغا يوللايدۇ، دېلو بېجىرگۈچى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئىجرا قىلىدۇ.√
2. تاقنى تاللاش سۇئاللىرى (ھەر بىر سۇئال 1 نومۇردىن جەمئىي 30 نومۇر)
1. تۆۋەندىكىلەردىن جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىدىكى خەلق ساقچىلىرىنىڭ قانۇن بويىچە ئادا قىلىدىغان مەسئۇلىيىتىگە كىرمەيدىغانلىرى ( C ).
A. بىر يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلگەن جىنايەتچىلەرنىڭ جازاسىنى ئىجرا قىلىش
B. تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلگەن جىنايەتچىلەرنىڭ جازاسىنى ئىجرا قىلىش
C. مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش جازاسى بېرىلگەن جىنايەتچىلەرنىڭ جازاسىنى ئىجرا قىلىش
D. سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلگەن جىنايەتچىلەرنىڭ جازاسىنى ئىجرا قىلىش
2. خەلق ساقچىلىرى ئېھتىيات سايمانلىرى ۋە قورال-ياراغ ئىشلىتىشتە ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك پىرىنسىپ ( B ).
A. قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەت يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش
B. قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرنى توسۇش، كىشىلەرنىڭ ئۆلۈش، يارىلىنىشى، مال-مۈلك زىيىنىنى ئازايتىش
C. ئاگاھلاندۇرۇش ئالدىدا، ئىشلىتىش كەينىدە بولۇش
D. ئېھتىيات سايمانلىرىنى ئىشلىتىشتىن ئىلگىرى، يەنە قورال-ياراغ ئىشلەتمەسلىك
3. «ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى» دا بەلگىلەنگەن جازانىڭ تۈرى ( D ).
A. مۇسادىرە قىلىش
B. يىغىۋېلىش
C. تىجارەتنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇش
D. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى بەرگەن ئىجازەتنامىنى بىكار قىلىش
4. رۇڭ x بىر ئالا ئىت باققان، بۇ ئىت دائىم كېچىدە قاۋىغاچقا قوشنىسى ئەن x كۆپ قېتىم روڭ xنى ئىزدەپ تەدبىر قوللىنىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ نەتىجىسى بولمىغان، رۇڭ x مۇشۇ سەۋەبتىن كۆڭلىدە ئاداۋەت ساقلاپ كەلگەن، مەلۇم بىر كۈنى كەچتە رۇڭ x ئولتۇراق رايون ئىچىدە ئىتىنى ئوينىتىۋاتقاندا، ئەن xنىڭ قىزىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، رۇڭ x ئالا ئىتىنى ئەن xنىڭ قىزىنى چىشلەشكە كۈشكۈرتكەن، شۇنىڭ بىلەن ئىت ەن xنىڭ قىزىنى چىشلەپ زەخىملەندۈرگەن. روڭ xنىڭ قىلمىشىغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ( C ).
A. قانۇنغا خىلاپ قىلمىشقا كىرمەيدۇ، ھىچقانداق جازا بېرىلمەيدۇ
B. ئەگەر ئەن x نىڭ قىزىنىڭ زەخمىسى يەڭگىل زەخمە بولسا، «ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى»نىڭ 75-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدىكى ھايۋانلارنى قويۇپ بېرىپ باشقىلارنى قورقۇتقانلار بويىچە ئامانلىق جازاسى بېرىلىدۇ
C. ئەگەر ئەن x نىڭ قىزىنىڭ زەخمىسى يەڭگىل زەخمە بولسا، «ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى»نىڭ 43-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدىكى باشقىلارنى قەستەن زەخىملەندۈرگەنلەر بويىچە ئامانلىق جازاسى بېرىلىدۇ
D. ئەگەر ئەن x نىڭ قىزىنىڭ زەخمىسى يەڭگىل زەخمە بولسا، «ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى»نىڭ 75-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدىكى ئەرمەك ھايۋانلار باشقىلارنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكۈزگەنلەر بويىچە ئامانلىق جازاسى بېرىلىدۇ
5. A×× بۇ يىل 71 ياش بولۇپ، پاھىشىۋازلىق قىلىپ تەكشۈرۈپ تۇتۇلغان A×× گە ( C ) كېرەك.
A. جازا بەرمەسلىك
B. توختىتىپ قويۇش جازاسى بەرمەسلىك
C. مەمۇرىي توختىتىپ قويۇشقا كېسىم قىلىش، لېكىن ئىجرا قىلماسلىق
D. يېنىكلىتىپ جازا بېرىلسە بولىدۇ
6. دۆلەت ئورگىنى، خەلق تەشكىلاتلىرى، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ راست ھۆججەت ئالاقىسى، گۇۋاھنامىسى، ئىسپات ھۆججىتىنى ئۆزگەرتىش، كىرىشتۈرۈش قاتارلىق ۋاستىلار بىلەن ئۇنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى ئۆزگەرتىش دۆلەت ئورگىنى، خەلق تەشكىلاتلىرى، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ھۆججەت ئالاقىسى، گۇۋاھنامىسى، ئىسپات ھۆججىتىنى ( D ) قىلمىشىغا كىرىدۇ.
A. ياسىۋېلىش
B. ياساش
C. ئۆزگەرتىش
D. ئۆزگەرتىۋېلىش
7. ئىجازەت ئالماي تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئىجازەت بېرىدىغان كەسىپ بىلەن ئۆز مەيلىچە شۇغۇللانغانلارنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ( A ).
A. بىكار قىلىدۇ
B. ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ
C. ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ
D. ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلىدۇ
8. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ( D) ۋە ( D ) ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قارارى چىقىرىشتىن بۇرۇن، ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغۇچىغا ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئېچىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك. ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغۇچى ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىنى ۋاقتىدا قانۇن بويىچە ئېچىشى كېرەك
A. ئىجازەتنامىنى بىكار قىلىدىغان، 500 يۈەندىن يۇقىرى جەرىمانە قويىدىغان
B. 5 كۈندىن يۇقىرى مەمۇرىي توختىتىپ قويىدىغان؛ 2000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدىغان
C. 10 كۈندىن يۇقىرى مەمۇرىي توختىتىپ قويىدىغان؛ 500 يۈەندىن يۇقىرى جەرىمانە قويىدىغان. ئىجازەتنامىنى بىكار قىلىدىغان؛ 2000 يۈەندىن يۇقىرى جەرىمانە قويىدىغان
9. «ئاساسىي قانۇن» دىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلانغاندا، تۆۋەندىكى ئاساسلاردىن توغرا بولمىغانلىرى ( B ).
A. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرالىرى دىنغا ئېتىقاد قىلىش ئەركىنلىكىگە ئىگە
B. ھەرخىل دىنىي پائالىيەتلەر دۆلەت تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ
C. ھەرقانداق دۆلەت ئورگىنى، ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنىمۇ، دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان پۇقرالارنىمۇ كەمسىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ
D. ھەرقانداق دۆلەت ئورگىنى، ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ پۇقرالارنى دىنغا ئېتىقاد قىلىشقا ياكى قىلماسلىققا زورلىشىغا يول قويۇلمايدۇ
10. جاۋ x (ئايال) توردا پاراڭلىشىش ئارقىلىق ئەر ۋۇ x بىلەن تونۇشۇپ قالغان، جاۋ x ۋو x كە ئۆزىنىڭ يالىڭاچ سۈرىتىنى كۆپ قېتىم ئەۋەتىپ، ۋۇ x نى ئۆزى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشكە قىزىقتۇرغان، مەلۇم بىر كۈنى جاۋ x، ۋو x لەر باغچىدا كۆرۈشۈشكە كېلىشىپ باھانى سۆزلەشكەندىن كېيىن مەلۇم مېھمانخانىغا كىرىپ جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىنىۋاتقاندا چارلاش ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغان، جاۋ x نىڭ قىلمىشىغا ( D ).
A. شەھۋانىي ئۇچۇر تارقىتىشقا ئائىت بەلگىلىمە بويىچە ئامانلىق جازاسى بېرىش
B. زىناغا چاقىرىشقا ئائىت بەلگىلىمە بويىچە ئامانلىق جازاسى بېرىش
C. ئىپپەت-نۇمۇسىنى ساتقان، پاھىشىۋازلىق قىلغانلار ھەققىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئامانلىق جازاسى بېرىش
D. شەھۋانىي ئۇچۇر تارقىتىپ باشقىلارنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا كاشىلا قىلىش ھەققىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئامانلىق جازاسى بېرىش
11. ئامانلىق قوغداشتىكى نوقتىلىق ئورۇنلار ئامانلىق قوغداش خىزمىتى ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئامانلىق قوغداش ئاپپاراتى تەسىس قىلىشى ياكى ( C ) ئامانلىق قوغدىغۇچىلارنى سەپلىشى كېرەك.
A. مەخسۇس ۋەزىپىدىكى
B. قوشۇمچە ۋەزىپىدىكى
C. مەخسۇس ۋەزىپە ياكى قوشۇمچە ۋەزىپىدىكى
D. قوشۇمچە ۋەزىپە ياكى مەخسۇس ۋەزىپىدىكى
12. «خەتەرلىك خىمىيىۋى بۇيۇم بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش نىزامى»نىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى خەتەرلىك خىمىيىۋى بۇيۇملارنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشتا، تۆۋەندىكى ( B ) مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
① ئۆتكۈر زەھەرلىك خىمىيىۋى بۇيۇملارنى سېتىۋېلىش ئىسپاتى ۋە رۇخسەتنامىسى بېرىشكە مەسئۇل بولۇش ② ئۆتكۈر زەھەرلىك خىمىيىۋى بۇيۇملارنى تاشيول ئارقىلىق توشۇش يول خېتىنى بېرىشكە مەسئۇل بولۇش ③ خەتەرلىك خىمىيىۋى تاشلاندۇقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولۇش ④ خەتەرلىك خىمىيىۋى بۇيۇملار ۋە ئۇلارنىڭ ئوروسى، قاچىسىنى ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى بېرىشكە مەسئۇل بولۇش ⑤ خەتەرلىك خىمىيىۋى بۇيۇملارنى تاشيول ئارقىلىق توشۇش بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىشقا مەسئۇل بولۇش
A. ①②③ B. ①②⑤ C. ②③④⑤ D. ①③④⑤
13. «خەلق ساقچىلىرىنىڭ ئېھتىيات سايمانلىرى ۋە قورال-ياراغلارنى ئىشلىتىش نىزامى»نىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، تۆۋەندىكى تاللاشلاردىن خەلق ساقچىلىرىنىڭ قورال-ياراغلىرىغا كىرىدىغانلىرى ( D A ).
A. ياش ئاققۇزۇش بومبىسى
B. ئالاھىدە خىلدىكى زوراۋانلىقتىن ساقلىنىش مىلتىقى
C. ئوق-دورا . ساقچى كالتىكى
14. تۆۋەندىكىلەردىن «كۆڭۈل ئېچىش سورۇنىنى باشقۇرۇش نىزامى»نىڭ بەزمىخانىلارنىڭ ئايرىمخانىلىرىغا قويۇلغان تەلەپكە كىرمەيدىغىنى ( C ).
A. ئىچىدىن بۆلۈپ قويۇشقا بولمايدۇ
B. ئىچىدىن تاقىۋالغىلى بولىدىغان قىلىشقا بولمايدۇ
C. يېپىق يوللۇق تېلېۋىزىيە كۆزىتىش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىش كېرەك
D. ئىچىنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدىغان ئىشك-دېرىزە ئورنىتىش
15. باشقۇرغۇچى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى رۇخسەت قىلىش توغرىسىدا قارار چىقارغاندىن كېيىن تۆۋەندىكى ( A ) ئەھۋال كۆرۈلسە، باشقۇرغۇچى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىش ۋاقتى، ئورنى، لىنىيىسىنى ئۆزگەرتسە بولىدۇ
A. يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىش ئىلتىماسىدا تەلەپ قىلىنغان ئورۇن ۋە ئۆتۈش يولىدا تەبىئىي ئاپەت، جەمئىيەت ئامانلىقى جەھەتتە ئاپەت، ھادىسە يۈز بېرىپ قېلىپ، خەتەردىن، ئاپەتتىن جىددىي قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن پائالىيەت ئۆتكۈزۈش كۈنىگىچە نورمال تەرتىپنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىمكانىيىتى بولمىسا
B. پائالىيەت ئۆتكۈزۈلىدىغان ۋاقىت قاتناشنىڭ قاتناش قستاڭچىلىقى ۋاقتىغا توغرا كېلىپ قالغانلىقتىن قاتناشنىڭ ئۇزۇن ۋاقىت توسۇلۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بولسا
C. يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش ئىلتىماس قىلىنغان ئوخشاش بىر ۋاقىت، ئورۇن، لىنىيىدە باشقىلارنىڭ يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشكە ئىجازەت بېرىلىپ بولۇنغان بولسا
D. يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش ئىلتىماس قىلىنغان ئوخشاش بىر ۋاقىت، ئورۇندا چوڭ دۆلەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدىغان بولسا
16. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى پۇقرالار «كىملىك ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلارنى تىزىملاش جەدىۋىلى»نى تاپشۇرغان كۈندىن باشلاپ ( 60 ) كۈن ئىچىدە كىملىك بېرىشى كېرەك؛ قاتناش قولايسىز جايلاردا بېجىرىش ۋاقتى مۇۋاپىق ئۇزارتىلسا بولىدۇ، ئەمما ئۇزارتىلغان ۋاقتى ( 30 ) كۈندىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ. C
A. 30 30
B. 30 60
C. 60 30
D. 60 60
17. تۆۋەندىكى تاللاشلاردىن نازارەت قىلىش ئاپپاراتى نەق مەيداندا نازارەت قىلسا بولىدىغانلىرىغا كىرىدىغىنى ( D ).
A. چوڭ–چوڭ ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنىڭ تەرتىپىنى ساقلاش ۋە نۇقتىلىق جايلار، نۇقتىلىق سورۇنلارنىڭ ئامانلىقىنى باشقۇرۇشنى تەشكىللەش ۋە ئېلىپ بېرىش ئەھۋالى
B. مۇھىم ساقچى ئىشلىرى ئورۇنلاشتۇرۇشى، تەدبىرى، پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەش ۋە ئېلىپ بېرىش ئەھۋالى
C. جىنايى ئىشلار دېلولىرى بىلەن ئامانلىق دېلولىرىنى ئېچىش، تەھقىقلەش، تەكشۈرۈش ۋە ئۇنىڭغا جازا بېرىش، شۇنداقلا مەجبۇرلاش تەدبىرىنى يولغا قويۇش ئەھۋالى
D. ساقچىلارنىڭ كۈندىلىك كىرىم-چىقىم ئەھۋالى
18. كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى گوۋۇيۈەننىڭ مەدەنىيەت مەمۇرىي تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، تىجارەت سورۇنىنىڭ ( D ) گە يېپىق يوللۇق تېلېۋىيە كۆزىتىش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىشى ھەمدە يېپىق يوللۇق تېلېۋىيە كۆزىتىش ئۈسكۈنىسىنىڭ تىجارەت ۋاقتىدا توختاپ قالماي نورمال ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
A. تىجارەت سورۇننىڭ چىقىش ئېغىزى
B. تىجارەت سورۇننىڭ كىرىش ئېغىزى
C. ئاساسلىق كارىدورى
D. يۇقىرىقى ئۈچىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
19. ماركسىزملىق قانۇنشۇناسلىق ئاساسىي قاراشقا ئاساسلانغاندا، تۆۋەندىكى ئىپادىلىنىشنىڭ قايسىسى توغرا؟ ( B ).
A. قانۇن ماھىيەتتە جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ ئاممىۋى ئىرادىسىنىڭ ئىپادىسى
B. قانۇن ھەم سىياسىي فۇنكسىيەنى ئىجرا قىلىدۇ ھەم ئىجتىمائىي جامائەت فۇنكسىيەسىنى ئىجرا قىلىدۇ
C. قانۇن ئەڭ ئاخىرىدا تارىخىي ئەنئەنە، ئۆرپ–ئادەت، دۆلەت قۇرۇلمىسى، خەلقئارا مۇھىت قاتارلىق شارائىتلارنى بەلگىلەيدۇ
D. قانۇن ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ
20. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى جەمئىيەتنىڭ ئامانلىق تەرتىپىگە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزۈش قىلمىشلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى توسۇش ئۈچۈن، مەلۇم رايون ۋە مەلۇم ۋاقىت ئىچىدە، ئادەم ۋە قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ قاتنىشىنى چەكلىسە ياكى توختاتسا، زۆرۈر تېپىلغاندا ( C ) بولىدۇ.
A. ھەربىي ھالەت يۈرگۈزسە
B. قىسمەن جايلاردا ھەربىي ھالەت يۈرگۈزسە
C. قاتناشنى ئىدارە قىلسا
D. نەق مەيداننى ئىدارە قىلسا
21. خەلق ساقچىلىرى خىزمەتتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ( B ) جىددىي ئەھۋالغا يولۇقسا، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك.
A. ھەر قانداق
B. ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسىگە كىرىدىغان
C. زۆرۈر
D. ئىقتىسادىي ماجىرالار
22. خەلق ساقچىلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىش ھەرىكىتىگە زورلۇق ئۇسۇلى بىلەن توسقۇنلۇق قىلغان، خەلق ساقچىلىرىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەن- يەتكۈزمىگەنلىكىنى بېكىتكىلى بولمىغان بولسا، ( A).
. A ئاگاھلاندۇرۇش بەرسىمۇ ئۈنۈمى بولمىسا، ئېھتىيات سايمانلىرىنى ئىشلەتسە بولىدۇ
B. قورال-ياراغ ئىشلەتسە بولىدۇ
C. بىر دەرىجە يۇقىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا تەستىقلىتىپ ئىشلەتسە بولىدۇ
D. شۇ دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ مەسئۇلىغا تەستىقلىتىپ قورال-ياراغ ئىشلەتسە بولىدۇ
23. تۆۋەندىكى دېلولاردىن دەۋا قىلغاندىلا بىر تەرەپ قىلىنىدىغىنى ( C).
A. قوش نىكاھلىنىش
B . تۇرالغۇ جايغا قانۇنسىز بېسىپ كىرىش
C. تاشلىۋېتىش
D. ھاقارەتلەش
24. A بىر كەسپىي ئوغرى بولۇپ بىر كۈنى ئاھالىلەر زىچ ئولتۇراقلاشقان بىر چوڭ ئولتۇراق رايونىغا كىرىپ بىر دانە بىخەتەرلىك ساندۇقىنى ئوغۇرلىغان، ئۆيىگە ئاپىرىپ ئېچىپ قارىسا، ئىچىدىن پۇلدىن باشقا يەنە ئىككى دانە تاپانچا چىققان. A تاپانچىنى ئۆيىدە ساقلاپ بىر ئايدىن كېيىن دېلو پاش بولغان. Aنىڭ قىلمىشىدىن ( D ) شەكىللىنىدۇ.
A. ئوغرىلىق جىنايىتى
B . ئوغرىلىق جىنايىتى ۋە قورال-ياراق ئوغۇرلاش جىنايىتى
C. ئوغرىلىق جىنايىتى ۋە قورال-ياراق ئوغۇرلاش جىنايىتىدىكى بىرىكمە جىنايەت بولۇپ، ئېغىر جىنايەت تاللىۋېلىنىپ جازا بېرىلىدۇ
D. ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن قورال-ياراقنى قانۇنسىز ئىلكىدە تۇتۇش جىنايىتى
25. ئالاقىدار ئەدلىيىلىك ئىزاھاتلارغا ئاساسلانغاندا ئومۇمەن قىيىن-قىستاققا ئېلىپ ئىقرار قىلدۇرۇش ياكى تەھدېت سېلىش، ئازدۇرۇش، ئالداش قاتارلىق قانۇنسىز ئۇسۇل بىلەن ئېرىشكەنلىكى تەكشۈرۈپ ئىسپاتلانغان ( C ) نى دېلو بېكىتىشنىڭ ئاساسى قىلىشقا بولمايدۇ.
A. يازما ئىسپات
B . ئۈن-سىن ماتېرىياللىرى
C. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ بايانى
D. باھالاش يەكۈنى
26. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋاسىدىكى ۋەزىپىسى (C).
A. قولغا ئېلىشنى قارار قىلىش
B. ئەيىبلەشنى تەكشۈرۈش
C. جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى تەھقىقلەش، توختىتىپ قويۇش، قولغا ئېلىش، تەييارلىق سوراق قىلىشنى ئىجرا قىلىش
D. مەمۇرىي جەھەتتىن بىر تەرەپ قىلىش
27. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى دېلولارنى قوبۇل قىلغاندا (B ) تەييارلاپ دېلو ماتېرىيالى بىلەن بىللە رەھبەرلىككە يوللاپ تەستىقلىتىشى كېرەك.
A. «سوئال سوراش خاتىرىسى»
B . «دېلو ئېچىشقا يوللاش دوكلاتى»
C. «قوبۇل قىلىنغان جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى تىزىملاش جەدىۋلى»
D. «سوراق خاتىرىسى»
28. تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىش، تۇرار جايىنى نازارەت ئاستىغا ئېلىشنى ئىجرا قىلدىغان ئورگان ( B ).
A. خەلق ھۆكۈمىتى
B . جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى
C. تەپتىش ئورگىنى
D. سوت ئورگىنى
29. تۆۋەندىكى قايسى تۈر دېلو پاش قىلىشتا ھازىرلاشقا تېگىشلىك شەرت ئەمەس ( D ).
A. جىنايەت پاكىتىنى دەلىل-ئىسپات ئارقىلىق ئىسپاتلاش
B . دەلىل-ئىسپاتى راست ھەم تولۇق بولۇش
C. جىنايەت پاكىتىنى جىنايەت گۇماندارىنىڭ سادىر قىلغانلىقىنى .ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپات بولۇش
D. جىنايەت گۇماندارى ياكى مۇھىم جىنايەت گۇماندارى تۇتۇلغان بولۇش
30. 1999-يىلى 3-، 4-ئاي ئارىلىقىدا ۋىن xx، ۋاڭ xx، چىيا xx ئۈچەيلەن جىڭجۇ سودا ئۇچۇرى تورىدىكى BBS ئېلان سەھىپىسىدە كۆپ قېتىم قاتناش بانكىسى جىڭجۇ شۆبە بانكىسى باشلىقىنىڭ نۇرغۇن پۇلنى ئېلىپ قېچىپ كەتكەنلىكىدەك يالغان خەۋەر ۋە قۇترىتىش خاراكتېرىدىكى مۇنازىرە تارقىتىپ 99-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 22-كۈنىگىچە قاتناش بانكىسى جىڭجۇ تارماق بانكىسىدا پۇلنى نەقلەشتۈرۈش ھادىسىسى پەيدا قىلىپ غايەت زور زىياننىڭ كېلىپ چىقىشغا سەۋەب بولغان. بۇ ئۈچ ئادەمنىڭ قىلمىشىدىن ( D ).
A.جىنايەت شەكىللەنمەيدۇ
B. سودا ئىناۋىتىگە زىيان يەتكۈزۈش جىنايىتى
C. ئىشلەپچىقىرىشقا، تىجارەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ
D. سودا ئىناۋىتىگە زىيان يەتكۈزۈش جىنايىتى بىلەن ئىشلەپچىقىرىشقا، تىجارەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايىتىنىڭ تەسەۋۋۇردىكى بىرىكى شەكىللىنىدۇ، ئېغىر جىنايەت بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
3. كۆپنى تاللاش سۇئاللىرى (ھەر بىر سۇئال 1 نومۇردىن جەمئىي 20 نومۇر)
1. خەلق ساقچىلىرى قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەن گۇماندارنى نەق مەيداندا سۈرۈشتۈرگەن، تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى گۇماندىن ساقىت قىلالمىسا، شۇنداقلا ( D C B A )، ئۇنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ئېلىپ بېرىپ داۋاملىق سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ.
A. زىيانغا ئۇچرىغۇچى، گۇۋاھچى ئۇنى جىنايى قىلمىش سادىر قىلدى دەپ شىكايەت قىلغان ياكى كۆرسەتكەن بولسا
B. ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقى ياكى جىنايەت ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقى توغرۇلۇق گۇمان قىلىنغان بولسا
C. ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلىش ياكى جىنايەت ئۆتكۈزۈش گۇمانى بولغان، يەنە كېلىپ–چىقىش سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان بولسا
D. ئېلىپ ماڭغان نەرسىلىرى ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلىپ ياكى جىنايەت ئۆتكۈزۈپ ئېرىشكەن ھارام مال بولۇش ئېھتىمالى بولغان بولسا
2. تۆۋەندىكى قىلمىشلارغا «ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى»نىڭ 51-ماددىسىدىكى «دۆلەت ئورگىنى خادىملىرى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ ياكى باشقا يالغان سالاھىيەت بىلەن ئالدامچىلىق قىلغانلار» ھەققىدىكى بەلگىلىمىنى تەدبىقلاشقا بولىدىغانلىرى (C B A )
A. سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش خادىمى جاڭ x تاموژنا خادىمى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ ئالدامچىلىق قىلمىشى بىلەن شۇغۇللانغان
B. مەلۇم كارخانا خىزمەتچىسى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش كادىرى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ ئالدامچىلىق قىلمىشى بىلەن شۇغۇللانغان
C. باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى خەن x مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ موخبىرى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، ئالدامچىلىق قىلمىشى بىلەن شۇغۇللانغان
D. سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئادەتتىكى كادىرى گەن x ساۋاقداشلار يىغىلغان ھاراق زىياپىتىدە ئۆزىنى باشقارما باشلىقى دەپ ئاتىۋالغان. يوللۇق قوغدىنىش ( D B). 3
A. قانۇنسىز زىيان يەتكۈزگۈچىنىڭ ئۆزىگىلا قارىتىلىدۇ
B. يەتكۈزۈلۈۋاتقان قانۇنسىز زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشىغىلا قارىتىلىدۇ
C. زورلۇق جىنايەتلىرىگىلا قارىتىلىدۇ
D. زىيانغا ئۇچرىغۇچىدىن باشقا كىشىلەر ئېلىپ بارسا بولىدۇ
4. A شىنياڭ شەھرىدىكى بىر يۈرۈش قۇرۇق ئۆيىنى دوستى B نىڭ ھەقسىز ئولتۇرۇشىغا بەرگەن، B فاكىس، كومپيۇتېر قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋېلىپ، بۇ ئۆيدىن پايدىلىنىپ لاتارىيە بېلىتى ساتقان ھەمدە بۇ ئەھۋالنى A غا ئېيتقان. A مۇ دائىم B نىڭ لاتارىيە بېلىتى سېتىش ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈپ تورغان. كېيىن B نىڭ لاتارىيە بېلىتى سېتىش قىلمىشى مەلۇم ساقچىخانا تەرىپىدىن پاش قىلىنغان، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ تۆۋەندىكى جازالىرى ئىچىدە خاتا بولغىنى (D B A ).
A. قىمار ئويناشقا شارائىت يارىتىپ بەرگەن دەپ قاراپ، A غا 5 كۈن مەمۇرىي توختىتىپ قويۇش جازاسى بەرگەن
B. قىمار ئويناشقا قاتناشقان دەپ قاراپ، B گە 10 كۈن مەمۇرىي توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىپ، 3000 يۈەن جەرىمانە قويغان
C. A نىڭ پايدا تېپىش مەقسىتى يوق ئۇنىڭ قىلمىشىدىن ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش شەكىللەنمەيدۇ
D. A نىڭ قىلمىشىدىن ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش شەكىللىنىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ پايدا تېپىش مەقسىتى يوق بولمىغاچقا يېنىكلىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
5. تۆۋەندىكى قىلمىشلاردىن «ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى» نىڭ تەڭشەش دائىرىسىگە كىرمەيدىغىنى ( D C ).
A. ئۆي ئىجارە بەرگۈچىلەردىن ئۆي سالاھىيەت ئىسپاتى يوقلارنىڭ ئولتۇرۇشىغا بەرگەنلىرى ياكى ئىجارە ئالغۇچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، سالاھىيەت ئىسپات تۈرى ۋە نومۇرىنى بەلگىلىمە بويىچە تىزىملاتمىغانلار
B. باشقىلارنىڭ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ئوغرىلىقچە ھەيدەش
C. توختامنى ئادا قىلىش تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان ھەق تەلەپ تالاش-تارتىشلىرى
D. مەكتەپ قورۇسىدا تاسادىپىي زەخىملەندۈرۈش تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان زىياننى تۆلەش تالاش-تارتىشلىرى
6. قىمار ئويناشقا شارائىت يارىتىپ بېرىش تۆۋەندىكى ( C B A) قىلمىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
A. قىمار سايمىنى بىلەن تەمىنلەش
B. قىمار سورۇنى بىلەن تەمىنلەش
C. قىمار مەبلىغى بىلەن تەمىنلەش
D. باشقىلارنىڭ قىمار ئوينىشى ئۈچۈن قاتناش قورالى بىلەن تەمىنلەش، قىمارۋازلارنى مەخسۇس توشۇش
7. ( D C B A ) نىڭ ھۆججەت-ئالاقىسى، گۇۋاھنامىسى، ئىسپات ھۆججىتى ۋە تامغىسىنى ياسىۋالغان، ئۆزگەرتىۋالغان ياكى ئېلىپ-ساتقانلارغا ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ.
A. دۆلەت ئورگىنى
B. خەلق تەشىلاتلىرى
C. كارخانا
D. كەسپىي ئورۇنلار
8. پۇقرالار پارتلاتقۇچ بۇيۇمىنى يولدا توشۇيدىغانلار ( D C B A) كېرەك.
A. بەلگىلەنگەن لىنىيىدە مېڭىش،
B. يولدا توختاشقا بولمايدۇ
C. ئىجازەت بېرىلگەن جايدىن باشقا جايدا توختاتماسلىق
D. توختىغاندا قارايدىغان ئادەم بولۇش ھەمدە قۇرۇلۇش ئەسلىھەسى ۋە ئادەم كۆپ جايدىن يىراق جايدا توختىتىش
9. «مېھمانخان-سارايلارنىڭ ئامانلىقىنى باشقۇرۇش چارىسى» نىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن يولۇچىلارنىڭ ( B A) بولمايدۇ.
A. ئۆز مەيلىچە مېھمان قوندۇرۇش
B. كارىۋىتىنى ئۆز مەيلىچە ئۆتۈنۈپ بېرىش
C. ئۆز مەيلىچە سىرتقا چىقىش
D. ئۆز مەيلىچە ياتاق قايتۇرۇش
10. ئويۇنخانا ( B A ) نى مۇكاپات قىلىشقا، مۇكاپات بۇيۇمىنى سېتىۋېلىشقا بولمايدۇ.
A. نەق پۇل B . ئاكسىيە C. تاۋار D. پول بېلىتى
11. ( D C B A) ئامانلىق قوغداش ۋەزىپىسىگە ماس كېلىدىغان ئامانلىق قوغداش ئاپپاراتى تەسىس قىلىشى، مەخسۇس ۋەزىپىدىكى ئامانلىق قوغدىغۇچىلارنى سەپلىشى ھەمدە ئامانلىق قوغداش ئاپپاراتىنى تەسىس قىلىش ۋە خادىملارنى سەپلەش ئەھۋالىنى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا يوللاپ، ئەنگە ئالدۇرۇشى لازىم.
A. پۇل مۇئامىلە ئورۇنلىرى
B. موزىي
C. ئارخىپخانا
D. چوڭ تىپتىكى سودا مەركەزلىرى
12. «كىملىك قانۇنى»نىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، تۆۋەندىكى ( B D ) ئەھۋاللاردا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى كىملىك تەكشۈرسە بولىدۇ.
A. گۇۋاھچىدىن گەپ سوراپ ئەھۋال ئىگىلىگەن
B. نەق مەيداننى قانۇن بويىچە قامال قىلغاندا
C. ھەق تەلەپ ماجراسىنى مۇرەسسە قىلغان.
D جەمئىيەت ئامانلىقىغا ئېغىر خەۋپ يەتكۈزىدىغان تاساددىپىي ۋەقە يۈز بەرگەن
13. 14 ياشقا توشۇپ، 16 ياشقا توشمىغانلار تۆۋەندىكى قايسى جىنايەتنى سادىر قىلسا، جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؟ ( C B).
A. تۇتۇپ كېتىش جىنايىتى
B. زەھەر ئېلىپ-سېتىش جىنايىتى
C. خەتەرلىك ماددا سېلىش جىنايىتى
D. تارتىۋېلىش جىنايىتى
14. قىمارۋازلىق جىنايىتىدە ( D C B A) قىمار دەسمايىسىگە كىرىدۇ.
A. دوغا تىكىدىغان پۇل-مال
B. فىشكىغا ئالماشتۇرۇلغان پۇل-مال
C. قىماردا ئۇتقان پۇل-مال
D. قىمارۋاز يېنىغا سېلىپ كىرگەن پۇل-مال
15. ئېھتىيات سايمانلىرىنىڭ تۈرلىرىدىن ( D B A) لار بار.
A. قوغلاش خاراكتېرلىك
B. چەكلەش خاراكتېرلىك
C. جان ئېلىش خاراكتېرلىك
D. بويسۇندۇرۇش خاراكتېرلىك
16. دۆلىتىمىز «جىنايى ئىشلار قانۇنى»غا ئاساسلانغاندا، تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن تەكرار جىنايەت شەكىللىنىدىغانلىرى ( D B ).
A. A ×× سەۋەنلىك بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويۇش جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، جىنايى جازا ئىجرا قىلىنىپ بولغاندىن كېيىنكى تۆتىنچى يىلى يەنە باسقۇنچىلىق جىنايىتى ئۆتكۈزگەن
B. B ×× جاسۇسلۇق جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، جىنايى جازا ئىجرا قىلىنىپ بولغاندىن كېيىنكى ئىككىنچى يىلى يەنە بۇلاڭچىلىق جىنايىتى ئۆتكۈزگەن
C. C ×× يۇقۇملۇق كېسەل باكتېرىيىسى، ۋېرۇسىنى تارقىتىش جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، جىنايى جازا ئىجرا قىلىنىپ بولغاندىن كېيىنكى ئۈچىنچى يىلى يەنە قەستەن قاتىللىق جىنايىتى ئۆتكۈزگەن
D. D ×× قەستەن زەخىملەندۈرۈش جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، جىنايى جازا 6 يىل ئىجرا قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن شەرتلىك قويۇپ بېرىلىپ، شەرتلىك قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىنكى يەتتىنچى يىلى يەنە تۇتۇپ كېتىش جىنايىتى ئۆتكۈزگەن
17. تۆۋەندىكىلەردىن جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋاسىدىكى ئاساسىي خىزمەت ھوقۇقىغا كىرىدىغانلىرى (A B C D).
A. رېجىم جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش، چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىش، جازاسىنى ۋاقتىنچە تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىشنى ئىجرا قىلىش
B. جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى قانۇن بويىچە ئېچىش، تەھقىقلەش، تەييارلىق سوراق قىلىش
. تەھقىقلەپ ئاخىرلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك دەپ قارالغان دېلولارنى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىش
D. شەرتلىك قويۇپ بېرىلگەن ۋە جازانى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشقا ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىلەرنىڭ جازاسىنى ئىجرا قىلىشىنى نازارەت قىلىش ۋە كۆزىتىش
18. تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگۈچىنىڭ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن مەزگىلىدىكى تۆۋەندىكى قايسى قىلمىشلىرى ئۈستىدە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئۇنى كاپالەت پۇلىنى يېڭىباشتىن تاپشۇرۇشقا بۇيرۇسا بولىدۇ ( D A).
A. بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ئۆز مەيلىچە سىرتقا چىققانلىقتىن كاپالەت پۇلى قانۇن بويىچە مۇسادىرە قىلىنغان بولسا
B. يەنە يېڭى جىنايەت ئۆتكۈزۈپ تەھقىقلىنىۋاتقان بولسا
C. تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەندىن كېيىن تەپتىش ئورگىنى تەرىپىدىن يېڭىباشتىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىش قارار قىلىنغان بولسا
D. بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ كاپالەت پۇلىنىڭ بىر قىسمى قانۇن بويىچە مۇسادىرە قىلىنغان بولسا
19. تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن دېلو ئېچىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىپ جىنايى ئىشلار دېلوسى قىلىپ دېلو ئېچىشقا بولىدىغانلىرى ( C B ).
A. ئېرى ۋاڭ x نىڭ ئايالى لى x نى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىشى
B. ئېرى ۋاڭ x نىڭ ئايالى لى x نى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن قېچىپ كېتىشى
C. يەر ئاستى ئۆتۈشمە يولىدا بىر ئايال جەسەت بايقىلىپ، باھالاش ئارقىلىق باشقىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن بولسا
D. مەلۇم كىشىنىڭ يول بويىغا بىر ساختا ئېلاننى چاپلىشى
20. تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلمەيدىغانلىرى (C B A).
A. جىنايەتنى سۈرۈشتۈرۈش سۈرۈكى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا.
B جىنايى جازا ئالاھىدە كەچۈرۈم بۇيرۇقى بىلەن كەچۈرۈم قىلىنغان بولسا
C. جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى بويىچە دەۋا قىلىنغاندىلا سورىلىدىغان جىنايەت ئۈستىدىن دەۋا قىلىنمىغان ياكى دەۋادىن يېنىۋېلىنغان بولسا
D. قوغدىنىش چەكتىن ئېشىپ كەتكەن بولسا
4. قىسقىچە جاۋاب بېرىش سۇئالى (ھەر بىرسى 5 نومۇردىن جەمئىي 10 نومۇر)
(1) دۆلەتنى قانۇن ئىدارە قىلىش ئىدىيەسىنى تىرىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا سىياسىي قانۇن خىزمىتىگە قانداق تەلەپ قويۇلغان
جاۋاپ:1.قانۇن ساپاسىنى ئوستۇرۇش 2.قانۇنى قاتتىق ئىجرا قىلىشتا چىڭ تۇرۇش 3. قانۇنىغا ھورمەت قىلشتا ئۇلگە بۇلۇش 4. ئاكتىپ ھالدا نازارەتچىلكنى قوبۇل قىلىش كىرەك.
(2) نەق مەيداندا سۈرۈشتۈرۈش، تەكشۈرۈش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشنىڭ شەرتى نېمە؟
جاۋاپ؛1.تەكشۇرۇشنى ج خ ئورگنى خەلىق ساقچىلىرى ئىلىپ بىرىشى كىرەك 2.جەمىيەت ئامانلىق تەرتىۋىنى قوغداش ئالدىنقى شەرت بۇلۇش كىرەك 3.تەكشۇرۇشنى جىنايەت گۇماندارىغا قارتا ئىلىپ بىرىش كىرەك 4.تەكشۇرۇشتىن بۇرۇن مۇناسىۋەتلىك خىزمەت گۇۋانامىسى كورسىتش كىرەك 5.ج خ ئورگىنى خەلىق ساقچىلىرى ۋەزىپە ئىجرا قىلىش جەريانىدىكى قوغلاپ تۇتۇش، دىلو تەھققلەش ،چارلاش ئىلىپ بىرىش ،ئامىۋى سورۇنلارنىڭ تەرتىبىنى قوغداش ،نەق مەيدان ئىنىقلاش قاتارلىق ھەركەتلەردە قانۇن بويىچە سۇرۇشتۇرۇش ،تەكشۇرۇشكە بولىدۇ.تەكشۇرۇش ئاساسلىق سوئال سوراش ،يىنىنى ئاختۇرۇش ،يىنىدا ئىلپ يۇرگەن خەتەرلىك بۇيۇملارنى تەكشۇرۇشنى كورسىتىدۇ
5. دېلو تەھلىلى (ھەربىرسى 10 نومۇردىن جەمئىي 20 نومۇر)
(1) دۇڭ ×× ئوغرىلىق قىلغانلىقتىن جامائەت خەۋپسىزلىكى شۆبە ئىدارىسى تەرىپىدىن 5 كۈن توختىتىپ قويۇش قوشۇمچە دۇڭ ×× يۇقىرى دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىگە قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە مەمۇرىي توختىتىپ قويۇشنى ۋاقتىنچە كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشنى ئىلتىماس قىلغان قويۇش جازاسى بېرىلگەن. جازا قارارى چىقىرىلغاندىن كېيىن، دۇڭ ×× نەق مەيداندا بولمىغاچقا، جامائەت خەۋپسىزلىكى شۆبە ئىدارىسى جازا قارارىنى چىقىرىپ 5 كۈندىن كېيىن ئالاقىدار دۇڭ ×× كە يەتكۈزگەن. دۇڭ ×× سىرتتىن كەلگەن بولۇپ، شۇ جايدا مۇقىم تۇرالغۇسى بولمىغاچقا جەرىمانە پۇلنى نەق مەيداندا يىغىۋالغان، مەلۇم ساقچىخانىنىڭ دېلو بېجىرگۈچى ساقچىسى دۇڭ ×× كە ساقچىخانا بىر تۇتاش تەييارلاپ باسقان جەرىمانە ئېلىش ئىسپاتىنى چىقىرىپ بەرگەن. دۇڭ ×× يۇقىرى دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىگە قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە مەمۇرىي توختىتىپ قويۇشنى ۋاقتىنچە كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشنى ئىلتىماس قىلغان. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قوشۇلغاندىن كېيىن 2500 يۈەن كاپالەت پۇلى تاپشۇرغان ھەم ئايالى كېپىل بولغان. كېيىن يۇقىرى دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئەسلىدىكى جازا قارارىنى ساقلاپ قالغان. دۇڭ ×× كە بېرىلگەن مەمۇرىي توختىتىپ قويۇش جازاسى ئىجرا قىلىشقا باشلىغان، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى دۇڭ ×× كە ئىجرا قىلىش بېكىتىلگەن توختىتىپ قويۇش ئورنىغا بېرىپ جازانى قوبۇل قىلىشنى ئۇقتۇرغان. دۇڭ ×× نىڭ ئايالى كۆپ قېتىم جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا بېرىپ كاپالەت پۇلىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى دۇڭ×× كە بېرىلگەن جازادا خاتالىق يوق دېگەننى سەۋەب قىلىپ قايتۇرۇپ بېرىشنى رەت قىلغان.
سوئال: «ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى» دىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، بۇ دېلودا ساقلانغان قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان جايلارنى كۆرسىتىپ بېرىڭ ھەم سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈڭ؟
ج.1.جازا قارارىنى ۋاختىدا ئۇخۇتمىغان.ئەسلى 2كۇن ئىچىدە ئۇختۇرلۇپ بولۇشى كېرەك.
2.دىلو بېجىرگۇچى ساقچىخانا خىزمەتچىسى دۇڭ ××نىڭ جازا قارارىنى ئۇختۇرغان چاغدا، دۇڭ ×× ئۆزىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىگە قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلىدىغانلىغىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە مەمۇرىي توختىتىپ قويۇشنى ۋاقتىنچە كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشنى ئىلتىماس قىلغان بولسىمۇ، دىلو بېجىرگۇچى ساقچىخانا خىزمەتچىسىنىڭ دۇڭ ××جەرىمانە پۇلنى نەق مەيداندا يىغىۋالغانلىغى، ھەمدە دېلو بېجىرگۈچى ساقچىى دۇڭ ×× كە ساقچىخانا بىر تۇتاش تەييارلاپ باسقان جەرىمانە ئېلىش ئىسپاتىنى چىقىرىپ بەرگەنلىگى خاتا.توغرىسى، دۇڭ ××قارارنامىغا قايىل بولماي، يۇقىرى دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىگە قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلىدىغانلىغىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە مەمۇرىي توختىتىپ قويۇشنى ۋاقتىنچە كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشنى ئىلتىماس قىلغاچقا،جازانى كېچىكتۇرۇپ ئىجرا قىلىىشى كېرەك.
3..2500يۇەن كاپالەت پۇلى تاپشۇراتقانلىغىمۇۋە ئايالىغا كېپىللىككە بەرگىنى قانۇنغا ئۇيغۇن بولمىغان،يەنە جازانى ئىجىراقىلىپ قىلىنىپ بولغان بولسىمۇ،كىپىللىك پۇلىنى يوق بانىلار بىلەن قايتۇرماسلىغى خاتا.توغۇرسى،كىپىللىك پۇلى ئېلىش توغرا كەلسىمى كۇنىگە 200يۇەنلىك ئۆلچەم بويىچە ئېلىشى كېرەك.كېپىللىك پۇلى بىلەن ئادەم كىپىللىك ئېلىشنى بىرلا ۋاقىتتا قوللۇنۇشقا بولمايدۇ.
(2) جاۋ ×× جاڭ ×× ۋە گاۋ ×× نىڭ 6000 يۈەن ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇپ بەرمىگەن. جاڭ ×× ۋە گاۋ ×× لەر مەسلىھەتلىشىپ، جاۋ ×× نىڭ 15 ياشلىق قىزى A ×× نى سىرتقا ئېلىپ بېرىپ تۇتۇپ قېلىپ، جاۋ ×× نى پۇلنى بېرىشكە قىستىغان. بۇ مەزگىلدە (جەمئىي 21 كۈن) جاڭ ××، گاۋ ×× لەر كۆپ قېتىم جاۋ ×× كە تېلېفون بېرىپ پۇلنى بېرىشنى تەلەپ قىلغان. جاۋ ×× خىلمۇ–خىل باھانە سەۋەب كۆرسىتىپ پۇلنى بەرمىگەن. جاڭ ××، گاۋ ×× لەر، A ×× نى باشقىلارغا سېتىۋېتىشنى قارار قىلغان. جاڭ ×× ساتىدىغان ئادەم ئىزدەۋاتقان چاغدا گاۋ ××A ×× نىڭ ئىپپىتىەە تەگكەن. جاڭ ×× سېتىۋالغۇچى چېڭ ×× نى تېپىپ كەلگەندىن كېيىن، جاڭ ××، گاۋ ×× لەر A ×× نى 6000 يۈەنگە چېڭ ×× كە سېتىۋەتكەن. چېڭ ×× A ×× بىلەن ئەر–خوتۇن بولۇپ ئۆتمەكچى بولغاندا A ×× نىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان. چېڭ ×× A ×× نىڭ قېچىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، A ×× نى ئۆيىگە بىر ئاي سولاپ قويغان. چېڭ ××A ×× نىڭ يېشى كىچىك، بەك بىچارە ئىكەنلىكىنى ئويلاپ A ×× نى يۇرتىغا يولغا سېلىپ قويغان. چېڭ×× جاڭ ×× نى ئىزدەپ تېپىپ جاڭ ×× تىن 6000 يۈەن پۇلنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. جاڭ ×× قايتۇرۇپ بېرىشنى رەت قىلغان، چېڭ ×× يېرىم كېچىدە كېلىپ جاڭ ×× نىڭ 4000 يۈەنلىك موتوسىكلىتىنى مىنىپ كەتكەن.
سوئال: يۇقىرقى دېلو ئەھۋالىغا ئاساسلانغاندا، جاڭ ××، گاۋ ××، چېڭ ×× قانداق جىنايى ئىشلار مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؟
جاۋاب: جاڭ ×× بىلەن گاۋ×× نىڭ قىلمىشىدىن ئورتاق بىرلىشىپ ئۆتكۇزگەن جىنايەت شەكىللىپ، گاۋ ×× قىلمىشىدىن يەنە تۇتقۇن قىلىش،ئاياللارنى ئېلىپ- سېتىش ۋە باسقۇنچىلىق قىلىش جىنايەتلىرىمۇ شىكىللىنىدۇ. گاۋ ××گە بىر قانچە قىلمىشنى بىرلەشتۇرۇپ ئېغىرلىتىپ جازا بېرىش كېرەك. جاڭ ××نىڭ قىلمىشىدىن تۇتقۇن قىلىش،ئاياللارنى ئېلىپ- سېتىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ.چېڭ××نىڭ قىلمىشىدىن ئاياللارنى ئېلىپ- سېتىش، تۇتقۇن قىلىش،ئوغرىلىق قىلىش جىنايەتلىرى شەكىلىنىدۇ.
(تەھرىر : يانتاق)
«قانۇن ئىجرا قىلىش سالاھىيەت ئىمتىھان سوئالى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: قانۇن ئىجرا سالاھىيەت ئىمتىھان سوئالى2
- تولۇق ئوتتۇرا ئۇچۇر تېخنىكا ئىمتىھان سۇ
- ئىچكىرى تولۇق تەقلىدى ئىمتىھان سۇئالى ئ
- ئىچكىرى تولۇق تەقلىدى ئىمتىھان سۇئالى م
- ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بەل
- ساۋاتلىق بولغانلاردىن ئېلىنغان مۇستەھك
- ئىچكىرى تولۇق تەقلىدى ئىمتىھان سۇئالى س
- ئىچكىرى تولۇق تەقلىدى ئىمتىھان سۇئالى خ
- ئىچكىرى تولۇق تەقلىدى ئىمتىھان سۇئالى خ
- قانۇن ئىجرا قىلىش سالاھىيەت ئىمتىھان سو
- قانۇن ئىجرا سالاھىيەت ئىمتىھان سوئالى2
- قانۇن ئىجرا قىلىش سالاھىيەت ئىمتىھان سو
- تىل-ئەدەبىيات باسقۇچلۇق ئىمتىھان سۇئال
- تولۇقⅢ يىللىقلاردىن ئېلىنىدىغان تەقلى
- شىنجاڭ تولۇقسىز سىنىپلىرىغا ئىمت
- شىنجاڭ تولۇقسىزخەنزۇتىلى سۇئالى
- شىنجاڭ تولۇقسىز ماتىماتىكا سۇئالى
- ئاپتورنىڭ ئارخىپى
-
نىھان9 تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-29 11:02 ئاخىرقى كەلگىنى:2012-02-29 16:02
- تولۇق ئوتتۇرا ئۇچۇر تېخنىكا ئىمتىھان سۇئالى
- ئىچكىرى تولۇق تەقلىدى ئىمتىھان سۇئالى ئەدەبى
- ئىچكىرى تولۇق تەقلىدى ئىمتىھان سۇئالى ماتىما
- ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بەلگىلىم
- ساۋاتلىق بولغانلاردىن ئېلىنغان مۇستەھكەملەش
- ئىچكىرى تولۇق تەقلىدى ئىمتىھان سۇئالى سىياسى
- ئىچكىرى تولۇق تەقلىدى ئىمتىھان سۇئالى خېمىيە
- ئىچكىرى تولۇق تەقلىدى ئىمتىھان سۇئالى خەنزۇت
- قانۇن ئىجرا قىلىش سالاھىيەت ئىمتىھان سوئالى
- قانۇن ئىجرا سالاھىيەت ئىمتىھان سوئالى2
- قانۇن ئىجرا سالاھىيەت ئىمتىھان سوئالى2
- قانۇن ئىجرا قىلىش سالاھىيەت ئىمتىھان سوئالى
- قانۇن ئىجرا قىلىش سالاھىيەت ئىمتىھان سوئالى
- تولۇقⅢ يىللىقلاردىن ئېلىنىدىغان تەقلىدى ئىم
- تولۇق ئوتتۇرا ئۇچۇر تېخنىكا ئىمتىھان سۇئالى
- شىنجاڭ ئىچى تولۇقسىز سىنىپىىغا ئى
- ئىچكىرى تولۇق تەقلىدى ئىمتىھان سۇئالى ئەدەبى
- ئىچكىرى تولۇق تەقلىدى ئىمتىھان سۇئالى ماتىما
- شىنجاڭ تولۇقسىز ماتىماتىكا سۇئالى
- شىنجاڭ تولۇقسىزخەنزۇتىلى سۇئالى