توردىكى پىتنە-ئېغىۋالار تور مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا تەسىر كۆرسەتمەكتە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، توردا پىتنە-ئېغىۋا ئەۋج ئېلىپ، تور ۋاستىسىنىڭ ئىشەنچىلىكىگە تەسىر يەتكۈزۈپ، تور مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا سەلبىي تەسىر كۆرسەتمەكتە. بۇ يىل 8-ئايدا بىر تور بېكىتىدە «چۇڭچىڭدىكى بىر پارىخور ئەمەلدار كانادا»غا قېچىپ كەتتى، ماۋزۇلۇق يازما پەيدا بولدى، يازمىدا چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ مەلۇم تارمىقىدىكى بىر كادىر 10دەك تۇققىنى باشلاپ، 300مىليۇن يۈەن پۇلنى ئېلىپ، چەتئەلگە ساياھەتكە چىقىمىز، دېگەن باھانە بىلەن قېچىپ كەتتى، دېيىلگەنىدى. يازما تېزدىن تارقالدى، بۇ تورداشلارنىڭ يۈكسەك دىققەت ئېتىۋارىنى قوزغىدى. چۇڭچىڭ شەھىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار ۋاقتىدا بۇ يىپ ئۇچىنى بايقاپ، دەرھال تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى باشلىدى، كۆپ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق كادىرنىڭ ئۆزى بىلەن ئالاقىلاشتى، ئۇنىڭ چەتئەلگە چىققان ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن تېزلىكتە نوپوزلۇق تور بېكىتىدە ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېلان قىلدى، بۇ ئارقىلىق پىتنە –ئېغىۋانىڭ يامراش ۋەزىيىتى تېزگىنللەندى. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پىتنە –ئېغىۋا گەرچە بىر قەدەر ياخشى بىر تەرەپ قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ سەلبىي تەسىرىنى يۇقاتماق تەس، بۇ نۇرغۇن تورداشلار قەلبىدە تولدۇرغۇسىز جاراھەت پەيدا قىلدى. توردىكى پېتنە-ئېغىۋانىڭ ئازدۇرۇشىغا ئۇچراش، كۈچلۈك غەزەپلىنىش ۋە رەددىيەدىن كېيىنكى غايەت زور پىسخىكا پەرق، ئۇچۇرنىڭ راست-يالغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىدىكى تەۋرىنىش، تور ۋە رىئاللىقتىكى سەمىمىيىلىككە بولغان گۈمان قاتارلىقلار سەل قارىغىلى بولمايدىغان غايەت زور زىيان يەتكۈزەلەيدۇ. توردا پىتنە-ئېغىۋانىڭ يامرىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش، تورداشلارنىڭ ھەقىقىي مەدەنىيەت ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداش- تور مەدەنىيىتىنى ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئىېھتىياجى. نۇرغۇن پتىنە-ئېغىۋالارنى بايقىلى بولىدۇ: 1- كادىرلارنىڭ پاكلىقى، ۋەزىپىسىنىڭ ئۆسۈشى توغرىسىدا ساختا پاكىت ئويدۇرۇش. مەسىلەن يۇقىرىدا ئېيتقاندەك، چۇڭچىڭلىق ئەمەلدار چەتئەلگە قېچىپ كەتتى، دېگەندەك. 2- قىسمەن كىشىلەر يەرلىك كادىر بىلەن ئامما مۇناسىۋىتىنىڭ بەك يېقىن بولماسلىقىدىن پايدىلىنىپ، تاسادىپىي جەمئىيەت ئامانلىقى ۋەقەسىنى «كادىر ئامما زىددىيىتى»گە سۆرەپ كېرىدۇ، ئالايلۇق، چيەن يۈنخۇي دېلوسىدەك. 3-ئادەتتىكى ئاممىغا قارىتىلغان پاكىتنى ئويدۇرۇپ، ئامما ئىچىدىكى ئىتتىپاقلىققا بۆلگۈنچىلىك سېلىش، ئالايلوق، شىنجىندىكى مەلۇم ئىشچىنىڭ ساختا سۈرەت ئارقىلىق، بېيجىڭدىكى تۇرمۇشى قىيىنچىلىقتا قالغان، كاپالەتلىك تۇرالغۇ ئىلتىماس قىلغان ئانا-بالىنى « مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ساياھەت قىلىدۇ» دەپ زاڭلىق قىلغانغا ئوخشاش. 4-كونا ئىشلار بىلەن يېڭى ئىشلارنى ئارىلاشتۇرۋېتىش، ئالايلوق بۇ يىل بېيجىڭدا قاتتىق يامغۇر ياغدى، توردا بەزى كىشىلەر كونا سۈرەتلەرنى تارقىتىش ئارقىلىق، بۇ يىل بەزى يەر ئاستى پويىز بىكەتلىرى سوغا تولۇپ كەتتى، دېدى، بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن تورداشلار قاتناش تىرانسىپورت ۋە باشقۇرۇش تارماقلىرىنى ئەيبىلىدى. توردا پىتنە-ئېغىۋالار ئاساسلىقى تورداشلار كۆپ يىغىلىدىغان مۇنبەر، مىكروبىلوگ، بىلوگ ۋە پاراڭلىشىش قۇرالى توپىغا مەركەزلەشكەن، يالغان سۈرەت، يالغان ماقالىلەرنى تارقىتىش ئارقىلىق، تورداشلارنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن تورداشلار تارقىتىدۇ ۋە ئۇنىڭغا باھا بېرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بۇ پىتنە-ئېغىۋالارنىڭ تارقىلىش دائىرىسى كېڭيىدۇ. توردىكى پىتنە-ئېغىۋالارنىڭ كۆپىنچىسى جەمئىيەت يۈكسەك دىققەت قىلىۋاتقان، ئامما بىلەن مۇناسىۋىتى قويۇق، ئاسانلا كىشىگە تەسىر قىلىدىغان تىمىغا مەركەزلەشكەن. مۇنداق تېمىلار تورداشلارنىڭ كەيپىياتىغا ئاسانلا تەسىر قىلىدۇ، تارقىلىش، بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىرى بەك كۈچلۈك. بارغانسىرى كېڭيىۋاتقان تورداشلار، ھەر خىل شەكلىدىكى تارقىتىش شەكلى، تېخىمۇ كۆپ مىقداردىكى تور ئۈچۈرىنى كۆزدە تۈتۈپ، پىتنە-ئېغىۋادىن ھۇشيار تۇرۇش ئىقتىدارى، پىتنە ئىغىۋانى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۇشى كېرەك، شۇنداق قىلغاندا پىتنە-ئېغىۋادىن ئىزىپ كەتمەيدۇ. پىتنە ئىغىۋانى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش تەس ئەمەس، تەپسىلاتلار مەسىلىنى چۈشەندۇرۇپ بېرىدۇ. ئالايلوق «پارىخۇر ئەمەلدار ئون نەچچە توققىنى ئېلىپ چەتئەلگە قېچىپ كەتتى»، «300مىليۇن يۈەن پۇلنى ئىلىپ كەتتى»، مۇشۇنداق زور سانلىق مەلۇماتنى يازما ئىگىسى قانداق بىلىدۇ؟ نۇرغۇن تەپسىلاتلارنى بىر يەرگە يىغساقلا، پىتنە-ئېغىۋا ئۆزلىكىدىنلا پاش بولىدۇ. پىتنە ئېغىۋالار نوپۇزلۇق تور بېكەتلىرىدە ئۆزلىكىدىن ئاشكارا بولىدۇ. ئېلىمىزدە ئىنتىرنت تورى تەرەققىي قىلغان ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، بىر تۈركۈم تور بىكەتلىرى راست، توغرا، نوپۇزلۇق بازار ئوبرازىغا ئىگە بولۇپ، ياخشى باھاغا ئېرىشتى. نوپوزلۇق تور بېكىتىگە ، ئاممىغا، بازارنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئىشىنىش كېرەك. توردا ساختا يالغان-ياۋداق سۆز ۋە ئۇچۇر تارقالغاندا، نوپوزلۇق تور بېكەتلىرى خەۋەر قىلدىمۇ-يوق دېگەنگە قاراش كېرەك. پىتنە-ئېغىۋا ئۇچۇرلىرىنىڭ ئاخبارات قانۇنىيىتى بار-يوقلىقىغا قاراش كېرەك. نۇرمال ئاخبارات خەۋەرلىرى بولۇپمۇ نوپوزلۇق تاراتقۇلارنىڭ ئاخبارات خەۋەرلىرى ئوبىيىكتىپ بولىدۇ. مۇبالىغىۋەتلەشتۈرۈلگەن ئۇچۇرلارنى سوغاققانلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىش زۆرۈر. «توردا ساختىلىق يوق ئەمەس». نۇرغۇن مىساللار يەنە شۇنى ئىسپاتلىدىكى، يالغان ياۋداق سۆزلەر بىلەن كىشىلەر قەلبىنى يارىلاندۇرۇش توردا دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدۇ، پىتنە-ئېغۋاغا ئىشىنىدىغانمۇ، ئۇنى تارقىتىدىغانمۇ ئادەم. دۆلەت قانۇنىنىڭ مۇكەممەللىشىگە ئەگىشىپ، تورنى باشقۇرۇش تېخىمۇ مۇكەممەللىشىدۇ، تورداشلارنىڭ پىتنە-ئېغىۋالارنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى يەنىمۇ ئۆسىدۇ، توردا ئۇنىڭ مەۋجۈت بولۇش بوشلۇقى بارغانسېرى تارىيىدۇ، قانۇن ئىنتىزامغا سەل قاراپ پىتنە-ئېغۋا تارقاتقۇچىلار تېگىشلىك جازاغا تارتىلىدۇ. تېخىمۇ كۆپ تورداشلارنىڭ ئاقىلانىلىك بىلەن پىكىر قىلىپ، توردىكى ئۇچۇرنىڭ قىممىتىگە ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ ، ئۇنىڭ ئەھمىيىتى، رولىغا توغرا قاراپ، پىتنە-ئېغىۋا تارقاتماي، قالايمىقان سۆز قالدۇرماي، توردىكى پىتنە-ئېغىۋالارغا قۇتراقۇلىق قىلماي، تور مەدەنىيىتىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئورتاق روھى ئائىلىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تېگىشلىك تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك.
|