باشلانغۇچ ئېمتىھان سۇئاللىرى تارىخى بىلىملەر تىخنىكا ۋە كەشپىياتكومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش تولۇقسىز ئېمتىھان سۇئاللىرى كومپىيۇتىر سۇئاللىرى HSKئىمتىھان سۇئاللىرى مەشھۇر شەخىسلەر
باش بەت

تور بەتكە مۇزىكا ياكى كىنو قوشۇش ئۇسۇلى

يوللانغان ۋاقتى: 2011-09-20 23:23 مەنبەسى: ئاپتورى: نازنىن كۆرۈلۈشى: قېتىم
نۇرغۇن تورداشلار ئۆزى ياقتۇرغان كىنو ياكى ناخشىلارنى يەنە ئۆزى ياقتۇرىدىغان مۇنبەر ياكى تور بەتلەرگە قانداق يوللاشنى بىلەلمەي قىي

تور بەتكە مۇزىكا ياكى كىنو قوشۇش ئۇسۇلى

نۇرغۇن تورداشلار ئۆزى ياقتۇرغان كىنو ياكى ناخشىلارنى يەنە ئۆزى ياقتۇرىدىغان مۇنبەر ياكى تور بەتلەرگە قانداق يوللاشنى بىلەلمەي قىينىلىپ قالىدۇ، مەنمۇ بۇنى باشقىلاردىن سوراپ ئۆگەنگەن، شۇڭا كىچىك بىر ھۈنەرنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە بۇ تېمىنى يوللىدىم.
ئاۋۋال چۈشەندۈرۈشكە تېگىشلىك مەسىلە شۇكى، مۇزىكىنىڭ ھۈججەت فورماتى MP3، wma، كىنو ياكى mtv نىڭ ھۈججەت فورماتى swf، fla، mpeg، MP4 ھالىتىدە بولىدۇ. تۆۋەندە مۇزىكا قوشۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق كىنو ۋە كۆرۈنمە چاستوتىلىق فىلىملەرنى يوللاش ئۇسۇلىنى قىسقىچە چۈشەندۈرىمەن. ئۇسۇلى ئوخشاش.
مۇزىكا قوشۇش ئۇسۇلى مۇنداق: ئاۋۋال ياقتۇرغان ناخشىنى قويسىز ياكى ئاچىسىز، ئاندىن 查看-查找 ، كېيىنكى قەدەمدە بۇ يەرگە MP3 دەپ كىرگۈزسىڭىز، ناخشىنىڭ تور بوشلۇقىدىكى قويۇلۇش ئادرسىنى تاپالايسىز. ئەگەر MP3 ھالىتىدە ئىزدەپ، مۇزىكىنىڭ قويۇلۇش ئادرېسىنى تاپالمىسىڭىز، كېيىنكى ھۈججەت شەكلىنى كىرگۈزۈڭ. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، مۇزىكىنىڭ قويۇلۇش ئادرېسىنىڭ ئالدىدا value ياكى href دېگەن خەت بار، شۇ خەتنى تاپقاندىن كېيىن، http دىن باشلاپ، MP3 دېگەن يەرگىچە كۆچۈرۈۋېلىڭ، مۇشۇ ئادرېسنىڭ ئالدى ۋە كەينىدىكى پەشنى كۆچۈرمەڭ، بولمىسا يوللىسىڭىزمۇ چىقمايدۇ .
كىنو قوشۇش ئۇسۇلى ئوخشىمايدىغان يېرى بار، مەسىلەن. كەپسىز ئىنەك دېگەن فىلىمنىڭ قويۇلۇش ئادرېسى مۇنداق: http://player.56.com/v_31700818.swf
بۇنى تېپىش ئۇسۇلى: سىز مەزكۇر كىنونى ئاچقاندىن كېيىن، بۇ فىلىمنىڭ 56 كىنو تورىدا قويۇلىدىغانلىقىنى بىلەلەيسىز. بۇ يەردىن سىزگە مەلۇم بولىدۇكى، مەزكۇر كىنونىڭ قويۇلۇش ئادرېسى 56 تورىغا مەنسۇپ، شۇڭا سىز بىۋاستە 源文件 دېگەن يەرگە 56.com دەپ يازىسىڭىز سىزگە 56 تورىدىكى قويۇلۇش ئادرېسىنى چىقىرىپ بېرىدۇ. ئەگەر بۇ فىلىم باشقا بەتكە مەنسۇپ بولسا، شۇ بەتنىڭ ئىسمىنى يازىسىز. قالغان جەريان بايا مۇزىكا قوشۇش دېگەن بىلەن ئوخشاش!

تەھىرلىگۇچى:ئىزدەن

نازنىننىڭ باشقا تېمىلىرى:


[كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش] ھۈججەت ۋە ھۈججەت قىسقۇچنىڭ رەڭگىنى ئۆزگەرتىش [ 2011-09-20 23:27:17 ]
[كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش] كومپىيۇتېر كۇنۇپكىلىرىنىڭ ئالاھىدە روللىرى [ 2011-09-20 23:25:52 ]
[كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش] تور بەتكە مۇزىكا ياكى كىنو قوشۇش ئۇسۇلى [ 2011-09-20 23:23:21 ]
[كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش] كومپىيۇتىر ئالاقە تورىنى بىخەتەر ئىشلىتىڭ [ 2011-09-20 23:21:16 ]
[پەرزەنىت ساغلاملىقى] كۈلكىنىڭ شىپالىق رولى [ 2011-09-20 23:12:31 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
نازنىن تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: 注册会员 تىزىملاتقان ۋاقتى: 2011-09-20 22:09 ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2011-09-21 11:09
تەۋسىيەلەر