Excel , Word دا كۇب بىرلىك بەلگىسىنى چىقىرىش
بىر قىسىم بىرلىكلەرنى ئىشلىتىش جەريانىدا كونۇپكا تاختىسىدىن بىۋاستە كىرگۈزگىلى بولسىمۇ ، لېكىن بىر قىسىم بىرلىكلەرنى كىرگۈزمەك قىيىن ، مەن ئالدى بىلەن Word تا كۇب مېتىر بەلگىسىنى چىقىرىش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن ، جەريانى تۆۋەندىكىچە : كونۇپكا تاختىسىدىن m ھەرىپىنى كىرگۈزۈپ ئاندىن كونۇپكا تاختىسىدىكى Alt+Shift كونۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ قوشۇش بەلگىسى كونۇپكىسى ( ┿ ) نى باسىمىز ، بۇ چاغدا نۇر بەلگىسى m ھەرىپىنىڭ ئۈستى بۇلۇڭ تەرىپىگە توغىرىلىنىدۇ ئاندىن 3 رەقىمىنى باسساقلا بولىدۇ . نۇر بەلگىسىنى ئەسلىگە قايتۇرۇش ئۈچۈن كونۇپكا تاختىسىدىكى Alt+Shift كونۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ قوشۇش بەلگىسى كونۇپكىسى ( ┿ ) نى بىر قېتىم باسساق بولىدۇ . ئەسكەرتىش : نۇر بەلگىسىنى ھەرىپنىڭ ئاستى بۇلۇڭ تەرىپىگە توغرىلاش ئۈچۈن كونۇپكا تاختىسىدىكى Alt كونۇپكىسىغا قوشۇش بەلگىسى كونۇپكىسى ( ┿ ) نى قوشۇپ باسساق بولىدۇ ، يەنە بىر قېتىم باسساق نۇر بەلگىسى ئەسلىگە قايتىدۇ .
|