بىر قانچە خىزمەت جەدىۋىلى ئىچىدىك
يوللانغان ۋاقتى: 2011-05-19 13:00 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: بەشتاش كۆرۈلۈشى: قېتىم
بىر قانچە خىزمەت جەدىۋىلى ئىچىدىكى سانلارنى قوشۇش ئەگەر بىر خىزمەت دەپتىرىدە 30 دانە ئوخشاش جەدىۋەل بار دىسەك، بۇ جەدىۋەللەردىكى سا
بىر قانچە خىزمەت جەدىۋىلى ئىچىدىكى سانلارنى قوشۇش
ئەگەر بىر خىزمەت دەپتىرىدە 30 دانە ئوخشاش جەدىۋەل بار دىسەك، بۇ جەدىۋەللەردىكى سانلارنى ئومۇملاشتۇرۇپ جەملەپ،31- جەدىۋەلگە چىقارماقچى بولساق،بىز بۇنىڭ ئۈچۈن بىرمۇ بىر قوشۇش فورمىلاسى يىزىپ كەلسەك فورمىلا بەك ئۇزۇراپ كېتىدۇ شۇنداقلا ئاسان خاتالىق كېلىپ چىقىدۇ.بۇنىڭ ئۈچۈن پەقەت تۆۋەندىكىدەك فورمىلا تۈزسەكلا بولىدۇ. مەسىلەن: مۇشۇ خىزمەت دەپتىرىدىكى 31- جەدىۋەلنىڭ 7A دىگەن كاتەكچىسىگە بارلىق جەدىۋەللەرنىڭ 7A كاتەكچىسىدىكى سانلارنى قوشقاندىكى نەتىجىنى يازماقچى بولساق ، 31- جەدىۋەلدىكى 7A – نومۇرلۇق كاتەكچىگە =sum(sheet1:sheet30!A7)دىگەن فورمىلانى كىرگۈزسەك بارلىق 7A -نومۇرلۇق كاتەكلەردىكى سانلارنىڭ جەمئىسىنى چىقىرىپ بىرىدۇ. ئاندىن بىز بۇ فورمىلانى كاتەكچە تولدۇرغۇچ (填充柄) ئارقىلىق ئاستى،سولغا سىرىش ئارقىلىق بارلىق فورمىلا تولدۇرۇشقا تىگىشلىك جايلارغا فورمىلا تولدۇرساقلا ئىش پۈتىدۇ.
تەھىرلىگۇچى:بەشتاش
|
------分隔线----------------------------