باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
باش بەت شېئىر ئوبزور ۋە مۇلاھىزە ھىكايە تەرمىلەر ئەسەرلەر يۇمۇرلار تېپىشماقلار پوۋسىت

يىغلاپ تۇغۇلغان، كۈلۈپ ياشايمىز ! (10)

مەنبە :       يوللىغۇچى : admin       يوللانغان ۋاقىت : 2015-03-28 13:45:36

/

1. -پارتىدىشىمغا شۇنداق ھەۋىسىم كېلىدۇ جۇمۇ !

-قانداق دەيسە؟

-چۈنكى پارتىدىشىمنىڭ پارتىدىشى مېنىڭ پارتىدىشىمدىن خېلىلا چىرايلىق...

/

 

2. -ئاڭلىسام سىزنى ئۆگىنىشتە بەك ياخشى دەيدۇ، بىر سوئال سوراپ باقايمۇ؟

-چاتاق يوق، قېنى سوراڭ.

-بۈگۈن تېمپراتۇرا دەل 0 گرادۇس، ئاڭلىسام ئەتە بۈگۈنكىدىن ئىككى ھەسسە سوغۇق بولىدۇ دەيدۇ، ئەمىسە ئەتە قانچە گرادۇس بولىدۇ دەپ بېقىڭە؟

-ئاپ...

/

3. پۈتكۈل ئولتۇراق رايوندا توساتتىن توك توختاپ ئۆي ئىگىلىرى بەس-بەستە خوجىلىق بۆلۈمىنىڭ ئالدىغا كېلىشىپ داۋراڭ سېلىشقا باشلىدى. ئۆي ئىگىلىرى ئارىسىدا بەزىلىرى ئاچچىقىنى باسالماي ئاغزىنى بۇزۇشۇپ تىللاپلا چۈشكەنىدى، بۇ چاغدا خوجىلىق بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى كىشىلەرگە مەمەتجاننى كۆرسىتىپ :

-قاراڭلار بۇ يىگىتنى، مۇشۇنداق سالماق مەدەنىي تۇرمامسىلەر، ئاغزىڭلارنى بۇزغانغا ھېچ ئىش ھەل بولمايدۇ-دېيىشىگە ھېلىقى مەمەتجان :

-مەن 30-قەۋەتتىن يۈگۈرۈپ چۈشكەن، نەپىسىم يېتىشمەيۋاتىدۇ...بىردەم ئېسىمگە كېلىۋاپ سېنى ئاندىن تىللاي قېنى !

/

4. مۇتەللىپ نورۇز ئۆتكۈزىدىغانغا پۇل تاپالماي ئىلاجىسىز بانكا بۇلىماقچى بوپتۇ-دە، دەل نورۇز كۈنى بىر بانكىنى تېپىپ بۆسۈپلا كىرىپتۇ-دە :

-ھەممىڭلار...-دەپلا توختاپ قېلىپ مۇنداق قاراپ باقسا شۇ كۈنى ساقچى خادىملارغا مۇئاش تارقىتىدىغان كۈن بولغاچ بانكىدا ئون-يىگىرمىچە ساقچى خادىملار ئۆچرەتتە تۇرغان ئىكەن، بۇ چاغدا مۇتەللىپ قورققىنىدىن دەررۇلا :

-ھەم...ھەم...ھەممىڭ..لارنىڭ نورۇز بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن-دېگۈدەك.

/

 

5. ئوسماننىڭ ئۆيىدىكىلىرى سېستىرا قىز دوستى بىلەن ئەينى ۋاقىتتا قانداق تونۇشقانلىقىنى سورىسا ئوسمان :

-بىر كۈنى كوچىدا ئايلىنىپ كېتىۋاتسام بىر توپ لۈكچەكلەر بىر ساھىبجامالنى بوزەك قىلىۋېتىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئىپلاسلىق قىلمىشىغا چىدىماي ساھىبجامالغا ياردەم قىلماقچى بولغانتىم

-شۇنىڭ بىلەن بۇ ساھىبجامال بىلەن تونۇشۇپ ئەپلىشىپ قالغان گەپما؟-دېسە ئوسمان بېشىنى قاشىلىغاچ :

-ئۇنداق ئەمەس، ئارقىدىن شۇ لۈكچەكلەردىن تاياق يەپ كېتىپ دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغاندا تونۇشۇپ قالغانتىم...

 

بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备13000980号-2