باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
باش بەت شېئىر ئوبزور ۋە مۇلاھىزە ھىكايە تەرمىلەر ئەسەرلەر يۇمۇرلار تېپىشماقلار پوۋسىت

يىغلاپ تۇغۇلغان، كۈلۈپ ياشايمىز ! (9)

مەنبە :       يوللىغۇچى : admin       يوللانغان ۋاقىت : 2015-03-28 13:45:14

/

1. تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا جۇڭگودا %60 ئايالنىڭ ئىستىمال سەۋىيىسى (خەجلىگەن پۇلى) يولدىشىن يۇقىرى بولىدىكەن، قالغان %40 ئاياللار بولسا يولدىشىنىڭ بۇ ھەقىقەتنى ئاشكارىلىشىغا يول قويمايدىكەن.

/

2.كىچىك ۋاقتىمدا مەن ئىچىمدە «ناۋادا كۈندە ئون كوي پۇلۇم بولسا نەقەدەر ياخشى بولاتتى-ھە» دەپ ئويلايتتىم، ھاىر توي قىلغاندىن كېيىن بۇ ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئاشتى، بۇ يەردە ئاۋۋال ئايالىمغا رەھمەت ئېيتىمەن...

/

3. بىر قېتىملىق دوستلار يىغىلىشىدا كۆپچىلىك ھەممەيلەن مۇئاشىنىڭ قانچىلىك يۇقىرىلىقىدا سۆزلىشىپ كەتتى، ماڭا كەلگەندە مەن قورۇنغان ھالدا «ئارانلا 3000 كوي شۇ» دېدىم، شۇ ھامان كۆپچىلىك ئازلىقىدىن مېنى مەسخىرە قىلىشتى، بۇ چاغدا مەن تولۇقلاپ «بۇ 3000 ئايالىمنىڭ ماڭا بېرىدىغىنىتى» دېگىنىمدە ئۇلار باشلىرىنى چايقىغان ھالدا باش بارماقلىرىنى چىقىرىشىپ : «سەن زەرداركەنسەن » دېيىشتى.

/

4. قەيسەر :

-ئاداش تۈنۈگۈن سورۇندىن كەچ قايتىپ ئايالىڭغا قانداق چۈشەندۈردىڭ؟

مەمەتجان :

-مەن شۇ بۈگۈن...

-ئارانلا بىر گەپ ئېغىز گەپ بىلەن چۈشەندۈرىۋەتتىڭما؟

-شۇ بىر ئېغىزدىن كېيىنلا چۈشەندۈرۈشكە پۇرسەت بولمىدى، ئۇرۇپ كەتتى...

 

/

5. مەن :

-ئەمەلىيەتتە مۇھەببەتنى ھېس قىلىش بەزىدە شۇنداق ئاددىي، كىچىككىنە بىر ھەرىكەت ئارقىلىقلا قارشى تەرەپنىڭ ئۆزىڭىزگە تېخىمۇ ئامراقلىقىنى كەلتۈرۈۋېتەلەيسىز.

ئايالىم :

-ئادەمدەك گەپ قىلىڭە !

مەن :

-خوتۇن، ئون كوي بېرىڭە، تاماكا سېتىۋالماقچىتىم...

 

بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备13000980号-2