1. تۈنۈگۈن كەچ دادام مەست بولۇپ قېلىپ بىر قانچە ئاغىنىسى ئۇنى كۆتۈرۈپ ئۆيگە ئەپكېلىپ سافاغا ياتقۇزۇپ قويدى، مەن ئۇلارنى ئۇزۇتۇپ قويۇپ قايتىپ كىرىپ ئىشىكنى يېپىشىمغا توساتتىن تەستىكىمگە بىر كاچات تەگدى-دە قارىسام دادام كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ ۋارقىراپ :
-بۈگۈن ئۆيگە نېمانداق كەچ قالدىڭ !-دەيدۇ...
2. يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا قاتناشقىلى بارسام ئىمتىھان ئالىدىغان رەھبەر مەندىن سورىدى :
-سىز ئىقتىساد كەسپىدىن ئىكەنسىز، ئەمىسە سوراپ باقسام سىز «دۆلەت بايلىقى نەزەرىيەسى» دېگەن كىتابنى كۆرۈپ باققانمۇ؟
-30 يېشىمدىلا كۆرۈپ بولغان
-لېكىن تونۇشتۇرۇشىڭىزدا ئارانلا 25 ياشقا كىرىپسىزغۇ؟
-مەنمۇ شۇ بەش يىلدىن كېيىن كۆرەي دېگەن...
3. ئاممىۋىي ئاپتوبۇسقا بىر ساھىبجامال چىققانتى، ھەممەيلەن ئۇنىڭغا قارىشىپ كەتتى، ئەلۋەتتە مەنمۇ قاراپ قويىمەندە، بىراق ئۇ قىز ماڭىلا قارىدى-دە تېخى ماڭا گەپ قىلدى :
-تولا قارىماي ماشىنىنى ھەيدىمەمسىز...
4. تاغ ئاستىغا 500 يىل باستۇرۇلغان سۈن ۋۇكۇڭ كېلىشىنى كۈتكەن تاڭسىڭ ئاخرى تاغ ئالدىغا يېتىپ كەلدى-دە بىر مايمۇننىڭ تاغ ئاستىدا ياتقىنىنى كۆردى، بۇ چاغدا سۈن مايمۇن يۇقىرى ئاۋازدا ۋارقىراپ :
-ئۇستاز، ئاخىرى يېتىپ كەلدىڭىز، تېز مېنى قۇتۇلدۇرىۋېلىڭ ئۇستاز !
بۇ چاغدا بولسا تاڭسىڭ تەمكىنلىك بىلەن يېنىدىن ئايفون ئالتىنى چىقاردى-دە «چاك» كىدە قىلىپ بىر پارچە سۈرەت تارتىپ دوستلار چەمبىرىكىگە مۇنۇ خەتلەرنى قوشۇپ چىقىرىپ قويدى :
-بۈگۈن خۇاگوشەن تېغىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ بىر كەپسىز مايمۇننىڭ تاغ ئاستىغا بېسىلىپ قالغانلىقىنى كۆردۈم، ناۋادا 500 زەنگە ئېرىشسەم قۇتقۇزىمەن، بولمىسا بولدى...ئەمىسە توردا ساقلايمەن سىلەرنى.
5. گۈلمىرەنىڭ يولدىشى :
-دوختۇر، مەن ئايالىمنىڭ ئېغىر دەرىجىدە مەجبۇرلۇق كېسىلى بارمىكىن دەپ گۇمان قىلىمەن.
-مەسىلەن قانداق ئالامەتلەر بار؟
-ئادەتتە قاراڭ، ئۇنىڭ كىيىملىرىدە كىچىككىنە داغ بولۇپ قالسىلا ھازىرلا ئالماشتۇرۇپ يۇيۇپ كىيمەكچى بولىدۇ
-تازىلىققا ئامراق قىزكەن ئۆزى، ياخشى ئىشغۇ بۇ
-لېكىن ئۇ زورمۇزور مېنى يۇيغىلى سالىدۇ ئەمەسمۇ...