باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
باش بەت شېئىر ئوبزور ۋە مۇلاھىزە ھىكايە تەرمىلەر ئەسەرلەر يۇمۇرلار تېپىشماقلار پوۋسىت

يىغلاپ تۇغۇلغان، كۈلۈپ ياشايمىز ! (8)

مەنبە :       يوللىغۇچى : admin       يوللانغان ۋاقىت : 2015-02-12 13:51:56


1. يېقىندا ئەتراپىمدا غەلىتە ئىشلار بەك كۆپ يۈز بېرىدىغان بولۇپ كەتتى، مەسىلەن بۈگۈن ئۆيدىكى ئۈستەلدە تۇيۇقسىزلا بىر قۇتا ئۇنتۇغاقلىقنىڭ دورىسى پەيدا بولۇپ قاپتۇ...


2. ئابلىكېم ساقچى جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئۆيىگە يېتىپ كەلگەندە بولسا ئۆيدە ھېچكم يوق بولۇپ، جىنايەت گۇماندارى قېچىپ كەتكەنىدى، بۇ چاغدا مول تەجرىبىلىك ئابلېكىم ساقچى شۇ ھامان جىنايەت گۇماندارىنى قوغلىماستىن بەلكى كارىۋاتنىڭ يېنىغا كېلىپ يوتقاننى تۇتۇپ بېقىپ تېخى ئىسسىقلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن خاتىرجەم يوتقانغا كىرىپ شېرىن ئۇيقۇغا كىرىپ كەتتى...


3. مەن :
-تۈنۈگۈن ئاخشام چۈشۈمدە بەك چارچاپ كېتىپتىمە، ئاندىن كارىۋاتتا يېتىپلا ئۇخلاپ قاپتىمە، ئارقىدىنلا چۈشۈمدە يەنە بىر چۈش كۆرۈپ چارچاپ كېتىپ يەنە ئۇخلاپ قاپتىمە.
رەھبەر :
-بۇ سېنىڭ كېچىكىپ قېلىشىڭدىكى سەۋەبىڭما؟
-شۇنداق، رەھبەر ! شۇنداق قىلىپ ئەتىگەن قوڭغۇراق سايرىشى بىلەن بىرىنچى چۈشۈمدىن ئويغىنىپ كەتتىم، بىراق ئىككىنچى چۈشۈمدىن ئويغىنالماپتىمە ئەمەسمۇ...


4. ئۆزۈم توك ئىدارىسىدا ئىشلەيمەن، بىر كۈنى بىر تېلىفون تاپشۇرۇپ ئالدىم :
-توك ئىدارىسىمۇ؟
-شۇنداق، سىزگە قانداق ياردەم كېرەك؟
-مەن ساقچىخانىدىن، بىزنىڭ توك سائىتىمىزنى ئوغرىلاپ كېتىپتۇ، ھېلىقى ئالدىن توك پۇلى قاچىلاش كارتىسىدا ئون مىڭ يۈەندەك پۇل باتى، قانداق قىلىمىز؟
-بۇ...ھېلىقى...ئەمىسە تېزدىن ساقچىخانىغا مەلۇم قىلىڭلا...


5. بۈگۈن باغچىدا ئايلىنىپ كېتىۋېتىپ قارىسام بىرەيلەن ئوغلىنى يېتىلەپ يايمىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە بالىسى يايمىدىكى ئويۇنچۇق تاپانچىنى ئېلىپلا :
-دادا، ماڭا بۇنى ئەپ بېرە-دېدى، بۇ چاغدا دادىسى ئۆرۈلۈپلا يايمىچىغا سىناب باقساق بولامدۇ؟
-بولىدۇ، مانا ئوق.
دادىسى ئوقنى قولىغا ئېلىپ تاپانچىغا سالغاندىن كېيىنلا ئوغلىنىڭ پۇتىغا چەنلەپ بىر پاي ئېتىۋېتىپ :
-ئاغرىدىمۇ؟
-ھۈ ھۈ ھۈ...ئاغرىپ كەتتى! دادا، بولدى بۇنى ئالمايلىچۇ بەك ئاغرىتىۋېتىدىكە، ھۈ ھۈ ھۈ..

بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备13000980号-2