باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
باش بەت شېئىر ئوبزور ۋە مۇلاھىزە ھىكايە تەرمىلەر ئەسەرلەر يۇمۇرلار تېپىشماقلار پوۋسىت

يىغلاپ تۇغۇلغان كۈلۈپ ياشايمىز ! (6)

مەنبە :       يوللىغۇچى : admin       يوللانغان ۋاقىت : 2015-02-12 13:48:14


1. ئاممىۋىي ئاپتوبۇس بېكىتىدە بىر يىگىت يېنىدىكى قىزغا :
-سىزنىڭ ئوغۇل دوستىڭىز بارمۇ؟
قىز :
-يوق.
-نېمىشقا بىرەر ئوغۇل دوست تاپمىدىڭىز؟
-يولدىشىم قوشۇلمىسا...


2. ئۇكىسى ئاكىسىغا :
-ئاكا، ئۆيىمىزنىڭ ئالدىدا نەچچەيلەن ئۇرۇشۇپ كەتتى قانداق قىلىمىز؟
-110 غا تېلىفۇن قىلمامسە تېز.
-ئاكا 110 نىڭ نومۇرى قانچىتى؟
دېسە ئاكىسى ئاچچىقلىنىپ ۋارقىراپ :
-ۋۇ ئەقلى يوق، 110 نىڭ نومۇرىنى بىلمىسەڭ 114 گە تېلىفۇن قىلىپ سۈرۈشتۈرۈشنى بىلمەمتىڭ !


3. سايىماخۇن دەپ نام ئالغان مەمەتجان ئاغىنەم :
-ئايالىم بىلەن ئاجرىشىپ كەتتىم.
-نېمىشقا ئەمدى؟
-مەن بىر يۇمۇر دېسەم ئۇ كۈلمىدى.
-نېمە؟ مۇشۇنىڭغىمۇ ئاجرىشىش كېتەمدۇ ئەمدى؟
-ئانناڭنى، ئۇ كۈلمىگەن بىلەن كىيىم ئىشكاپىغا يوشۇرۇپ قويغان ئادىمى كۈلۈپ كەتتى...


4. رىسالەت گۈلمىرەدىن سوراپتۇ :
-نېمىشقا قۇلۇلە قارىماققا ئوماق كۆرۈنىدۇ، بىراق ئېتىز قۇلۇلىسى (ئېتىز قۇلۇلىسىنىڭ ئۆيى يوق) كىشىنىڭ كۆڭلىنى ئىلەشتۈرىدۇ؟
-ئەمەلىيەتتىچۇ بۇ ئەرلەرگە ئوخشاشلا بىر ئىش، ئۆي سېتىۋالغاندىن كېيىن ھەر قانچە سەت ئەرلەرمۇ كۆزىمىزگە ئوماق كۆرۈنۈپ كېتىدۇ...


5. قىز دوستى قارشى تەرەپتىن بۇ كىيىم ياراشتىمۇ ؟ چىرايلىقمىكەن؟ دەپ سورىغاندا ئاقىللار ھەمىشە گەپ-سۆز قىلماي كىيىمنىڭ پۇلىنى تۆلىۋېتىدۇ.

بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备13000980号-2