مىڭ قۇياش تەپتى بار مېھرىڭدە سىنىڭ،
ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسانسەن دۇنيادا ئانا.
بىر جەننەت يارىتار ھەربىر قەدىمىڭ،
ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسانسەن دۇنيادا ئانا.
قۇلۇڭدا تەۋرەيدۇ پۈتكۈل كائىنات،
پەرزەنتلەر ئالىدۇ سەندىن جۈپ قانات،
سەن بىلەن گۈزەلدۇر بىلسەڭ بۇ ھايات،
ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسانسەن دۇنيادا ئانا.
سىنىڭسىز ئائىلە بەخىتلىك بولماس،
سىنىڭسىز باشلارغا بەخىتمۇ قونماس،
دۇنيادا سىنىڭدەك مېھرىبان بولماس،
ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسانسەن دۇنيادا ئانا.
سىنىڭسىز بىزلەرگە نەدە خۇشاللىق،
سىنىڭسىز نەدىكەن بىزگە ئىنسانلىق،
يار بولسۇن مەڭگۈگە قۇت بەختىيارلىق،
ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسانسەن دۇنيادا ئانا.
مىھرىڭ بار ھەربىر جان، ھەربىر گىيادا،
ئىزىڭ بار ھەربىر تاش، ھەربىر قىيادا،
سىنىڭدەك پىداكار يوقتۇر دۇنيادا،
ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسانسەن دۇنيادا ئانا.
سەن بولغاچ ياشايمىز يۈرىكىمىز توق،
كار قىلماس سەن بولغاچ بىزلەرگە سوغ جۇت،
سەن ياشا مەڭگۈگە قۇياشتەك نۇرلۇق،
ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسانسەن دۇنيادا ئانا.
ئەسلى مەنبە: تەڭرىتاغ مۇنبىرى