ئىشقى مۇھەببەتكە بولساڭ سادىق،
قىز-يىگىتلەر ئۇنىڭدىن قاچار.
ئامىتىڭ كېلىپ پۇلنى كۆپ تاپساڭ،
قىزلار ئۇنىڭغا كەڭ قۇچاق ئاچار.
داستانلاردىكى يەتتە ئاشىق-مەشۇقنى،
بەزى قىزلار ئۇنى، بىر توپ ساراڭلار دەيدۇ.
ئەقلى ھۇشۇڭ بىلەن پۇلنى كۆپ تاپساڭ،
قىزلار ئۇنى ئەقىللىق، چىچەنكەن دەيدۇ.
گەر ئىشقى مۇھەببەتكە بولساڭ سادىق،
قۇرۇق مۇھەببەتتىن ساڭا نېمە پايدا؟
پۇلنى كۆپ تاپقان ھەر قانداق ئادەمگە،
قېرى-ياش دېمەي قىز دېگەن سايدا.
ئىشقى-مۇھەببەتكە بولساڭ سادىق،
قىزلار تەرىپىدىن ھاقارەتكە قالىسەن.
ئەقلى-ھۇشۇڭ بىلەن پۇلنى كۆپ تاپساڭ،
كۈلۈپ كۆڭۈللۈك خوشال ياشايسەن.
ئەر كىشى كۆرۈمسىز سەت بولسىمۇ،
پۇلدار بولسا ئۇز قىزلار كەڭ قۇچاق ئاچار.
ئەر كىشى ئەقىللىق كېلىشكەن بولسىمۇ،
پۇلى بولمىسا، بەخت ئۇنىڭدىن يىراق قاچار.
ئاھ مۇھەببەت قايدا سەن دەپ زارلانساڭمۇ
گۈزەل قىزلار چىھرىنى ئېچىپ قاراپمۇ قويماس.
ئەگەر سەن كۆرۈمسىز - مىيىپ پۇلدار بولساڭمۇ،
گۈزەل قىزلار ھەيدىسەڭمۇ قېشىڭدىن نېرى كەتمەس.
2015-يىلى 17.ماي قەشقەر
شىئېرنى يازغۇچى-ئابدۇقادىر تۇردى